كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 6

ئەدىھەم: قوشاق سەۋدايىسىنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 06:21 PM  

قوشاق سەۋدايىسىنىڭ ھېكايىسى
(راست ئىشلار خاتىرىسى)
ئەدىھەم ئىبراھىم
قوشاق‹جىن›ى ئۇنىڭغا خۇددى سالجىدەك چاپلىشىۋالغان ئىدى،ئىچىدە قوشاق توقۇپ،ئۇچۇرىغانلا كىشىگە قىزىقارلىق قوشاقلارنى ئوقۇپ بېرەتتى.ھەتتا چۈشلىرىدىمۇ قوشاق ئوقۇپ جۆيلىگىنىچە ئويغۇنۇپ كېتىپ يەنە قوشاق ئوقۇغىنىچە ئوخلاپ قالاتتى،دىمەك ئۇ سېپى ئۆزىدىن قوشاق سەۋداسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
قوشنا ئىتىزدىكى ئارۇپكام ھارۋۇسىغا پاخال بېسىۋاتاتتى،ئۇ ۋېلىسپىتىنى يول ياقىسىدىكى كۆچەتلىككە يۆلەپ قويۇپ ئىلدام قەدەملەر بىلەن ئارۇپكامنىڭ يېنىغا بېرىپ دىدى:
بېسىۋاپسەن پاخالنى
قويىۋېلىپ ساقالنى.
ھارۋاڭ سۇنۇپ كەتمىسۇن
ئويلاپ قويغىن كاتاڭنى…
-ھوي-ھوي،ئىنامجانمۇ سەن،ماڭا بىرنى كەلتۇرىۋىتىپ ئىشلەي دەپسەندە،ھە قېنى يەنە بىرنى دىگىنە،-ئىنھامجان ئۇلاپلا يەنە بىر نەچچىنى توقىۋەتتى…
-ھەي ئالامەت بالا جۇمۇ سەن،بۇ يىل قوشاق دىگەن ۋاشاڭكەندە سېنىڭدە..
بىز موشۇنداق توقۇيمىز
كۈندە قوشاق ئوقۇيمىز.
ۋاشاڭ دىسەڭ دەۋەرگىن
قوشاق بىلەن سوقۇيمىز…
-ئىنامجان ئۇكام،ئەمدى مەن ماڭاي،سەنمۇ ئىشىڭنى قىلىپ تۇرغىن،قالغىنىنى بۇداقى قېتىمدا ئوقۇپ بەرگىن.
-سەن ماڭىۋەر ئاكا،مەن بىقىنىڭدا ئولتۇرۇپ ئوقىۋىرەي،-ئۇ ھارۋىغا لىككىدە سەكرەپ چىقتى-دە،ئاغزىنى  گويا ئاپتۇماتتەك سايراتتى،ئۇ ئارۇپكامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قوشاق ئوقۇپ مەھەلە دوقمۇشىغىچە يېتىپ كەلگىنىنىمۇ تۇيماي قالدى .ئۇ بىردىنلا‹ئاپلا›دىدى-دە، پىشانىسىگە بىر شاپلاق سالدى.
-ئاتنى ئۈركۈتۈپ نىمە قىلىۋاتىسەن ئۇكامۇي، ھە چىرايىڭ بىرقىسمانلا بولۇپ كېتىپتىغۇ.
-ساڭا قوشاق ئوقۇپ بېرىمەن دەپ ۋېلىسپۇتۈمنى ئېتىزدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئاكا…،-ئارۇپكام قاقاخلاپ كۈلگىنىچە‹ئايارەي›نى توۋلىغىنىچە مەھەلە ئىچىگە كىرىپ كەتتى…
مەن ھېكايىسىنى سۆزلىمەكچى بولغان سەۋدايى قوشاقچى دەل مانا موشۇ ئىنھامجان ئوسمان.
ئىنھامجاننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن بۇ يەردە قاينۇق خەلقىنىڭ قىزىقچىلىقى ھەققىدە ئازراق توختىلىمەن.قاينۇق يېزىسى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا،دېلمۇك تاغ ئېتىگىگە جايلاشقان بۇلۇپ تارىختىن بۇيان بۇ يۇرتنىڭ‹تارانچىلار پايتەختى›،‹گەپچىلەر زاۋۇتى›دىگەندەك ناملىرى بار.ئىلى تەۋەسىدە بىرەرسى گەپتانلىق قىلىپ ئەتراپىدىكىلەرنى كۆپرەك كۈلدۈرۋىتەلىسە ئاڭلىغۇچىلار‹ھوي بۇ قاينۇقلىقمۇ قانداق›دىيىشىپ كېتىدۇ.دەرھەقىقەت قاينۇقلۇق بار يەردە قىزىقچىلىق بار،يۇمۇر بار.قىزىقچىلىق بار يەردە كۈلكە بار،خوشاللىق بار.شۇنداق قاينۇق ئۆزى بىر مەكتەپ،بۇ مەكتەپ جەميەت قايناملىرىدا تاۋلانغان،ئىسسىق-سوغۇقتا پىشقان تالاي- تالايلارنى ئۇچۇرما قىلدى،ئۆتمۈشتە بايان،بايىدىن،مەينۇن،جانباي،باينىزەر قاتارلىق ئوت يۈرەك قىزىقچى،پاراڭ-لەتىپىچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولسا،پىشقەدەملەردىن شاشىدىن،ئابدوللا روزى،ئەمەت مېرا،ئىبراھىم بارات،نۇرابدول ئەيسا،ياشلاردىن شاۋكەت ئابدۇقادىر،يۈسۈپ قايغۇ،تىلۋالدى تەيگۇ،خالە روزى،ياسىن يەكشەنبە ،ئەكرەم غوپۇر قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقىپ ئولتۇرۇش سورۇنلارنى گۈل قىلماقتا.بۇ يازمىدىكى باش پۇرسۇناژ ئىنھامجانمۇ يوقارقى ياشلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىپ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن،قىزىقارلىق لەتىپە،قوشاقلىرىنى ياڭرىتىپ ئەتراپىمىزدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئاۋات قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ ئۆزى ئۆستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ‹‹مەن1975-يىلى بۇغداي پىشىغىدا قاينۇق يېزىسىنىڭ چوڭلاق كەنىتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن.تۆت ياشقا كىرگىنىمدە دادام كېسەللىك سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىپتۇ،شۇنىڭدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئاپاممۇ سىڭلىمنى ئېلىپ باشقا بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ.مەن بۇۋام ئىمەر تۈگمەنچىنىڭ قولىدا قاپتىمەن.كېچىكىمدىن باشلاپلا يېتىمچىلىقتا كىشىلەرنىڭ ئىشىگىدە ئاچ-توق يۇرۇپتىمەن،قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن باشلانغۇچنىڭ3-يىللىقىغىچىمۇ ئوقىيالماي چالا ساۋات بولۇپ جەمىيەتكە چىقىپتىمەن،جەمىيەتتە مەندەك بىر قارا يىتىمغا نەدىمۇ ئىش بولسۇن،كىشىلەر ئارىسىدا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئاخىرى پادىچى بوپتىمەن، ئاغىزىمدىن سۈت پۇراپ تۇرغان ئۆسمۈرلۈك يېشىمدىن باشلاپ ياشلىق باھارىمنىڭ گۈلدەك چاغلىرىغىچە نەق18يىل بوران-چاپقۇن،يامغۇر يېشىن دىمەي،ۋىلىلداپ تۇرغان تومۇز ئىسىقلارنى تەرلىتىپ،ۋەللەي تايىقىمنى ئوينىتىپ دەشتى باياۋانلاردا پادا بېقىپتىمەن.موشۇ پادىچىلىق ھاياتىم ماڭا ھاياتقا مەنىلىك بېقىشنى ئۈگەتتى،موشۇ ھاياتىم ماڭا شېئىر-قوشاق بەردى،مۇڭ-ناخشا بەردى،يېڭى ھايات بەردى.مەن ئاسماندىكى ئاپئاق بولۇتلارغا قاراپ،باياۋاندىكى ئېزىتقۇ ۋىل-ۋىلغا قاراپ،ئالدىمدىكى گۈپپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان شىۋاقلارغا قاراپ،بۇلۇتلاردەك يېيىلىپ ئوتلاۋاتقان قوي پادىلىرىغا قاراپ قوشاق توقۇدۇم،ناخشا ئېيتتىم،لەتىپە توقۇدۇم.شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا جەمىيەتكە قېتىلدىم،جەمىيەتمۇ مېنى ئېللىق باققىنىچە ئكز قوينىغا ئالدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ئولتۇرۇش-سورۇنلارغا بېرىپ شېئىر قوشاق ئوقۇپ،لەتىپە سۆزلەيدىغان بولدۇم.››
شۇنداق ئۇ تۇرمۇش دىشۋارچىلىقلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ھاياتقا كۈلۈپ قارىدى،تۇرمۇشقا مەنە بەردى.جۈپ-جۈپ قارا كۆزلەرگە خوشاللىق،چۈشكۈن كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بەردى.
1997-يىلى ئۇ قاينۇقتىكى بىر ئولتۇرۇشتا‹ھاراق ۋە ئۆلۈم›دىگەن بىر شېئىرنى ئوقۇپ بېرىپ سورۇن ئەھلىنى ھەيران قالدۇردىى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدا مەلۇم تالانىتنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ئويۇنخۇمار كىشىلەر ئۇنى سورۇنمۇ-سورۇن ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدۇ،ئۇ شېئىر-قوشاق ۋە لەتىپە يۇمۇرلىرى بىلەن ئاستا-ئاستا كىشىلەر ئارىسىدا يۈز تاپىدۇ.بۇ چاغدا جەمىيەت ئۇنىڭغا‹قويچى شائىر›،‹بالا شائىر›،‹سەۋايى قوشاقچى›دىگەن ناملارنى بېرىدۇ.ئۇنىڭ نامى قاينۇق ئىچىدىلا ئەمەس چاپچال تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا تارىلىپ ئۇنى تونىتىدۇ.ئۇ بىر چالا ساۋات بولغاچقا توقىغان قوشاق ۋە يۇمۇرلىرىنى يىغىپ ساقلاشقا ئامالسىز قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن چىشىنى چىشلەپ قايتىدىن ساۋادىنى چىقىرىپ يازغانلىرىنى خەتلىيەلەيدىغان بولىدۇ،ئۇ دەسلەپ يازغانلىرىنى تامنىڭ تۆشۈكلىرىگە،دىرىزە كىشەكلىرىگە ۋە تورۇسلارغا تىقىپ ساقلاپ يۈرىدۇ،بۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغاچقا كېيىنچە مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ يازغان قوشاقلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ.قىزىقارلىقى ئۇنىڭ ھەر بىر قوشىقىنىڭ بىر مەنىسى-بىر ھېكايىسى بار ئىدى،ئۇ ئۆزى دۇچار بولغان ۋەقەلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ قوشاقلىرىغا يۇغۇرىۋىتەتتى.ئۇ قوشاقلار قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنگەن بىلەن ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئاندىن ئوقىغاندا ئادەمدە ئىختىيارسىز كۈلكە قوزغاپ،كۆزلەردىن ياش چىقىرىۋىتىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ قۇشىقىغا لەتىپە،لەتىپىسىگە قوشاق ئارلىشىپ كېلىدۇ.تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ تۈرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئالغان،ئۆزى بېۋاستە ئىشتىراك قىلىنغان لەتىپىلىرىنى زوقلانغۇچىلار ھوزۇرىغا سۇنىمەن.
تازا قۇرغاقچىلىق بولغان2006-يىلى ئىنھامجان قورۇسىدا ئۆي ياساۋاتاتتى،يېزىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن 2كادىر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ‹ئۇكام بۇ يىللىق ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ پۇلىنى بەرمەپسەن،شۇنى تۆلىۋەتكەن بولساڭ›دەپتۇ،ئۆينىڭ چالىسىغا چىقىش قىلالماي بېشى قېتىپ تۇرغان ئىنھامجان‹ھازىر بەرگىدەك بىر نىمە يوق،كېيىنچە ئامالىنى قىلىپ بېرەي›دەپتۇ،بۇ گەپنى ئاڭلىغان كادىرلار‹‹ 4 جاننىڭ پۇلى80يۈئەن بولىدىكەن،ئاۋۇ توخۇلىرىڭنىڭ بىرىنى20يۈئەندىن ھېساپلاپ4نى تۇتۇپ بەرگەن بولساڭ بوپتىكەن›دىگەنكەن،لاي ئېتىۋاتقان ئىنھامجان ئويلانمايلا‹ئەمىسە ئۈزەڭلار تۇتىۋىلىڭلار مېنىڭ ۋاقتىم يوق›دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئىككى كادىر قوغلاپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە4توخۇنى تۇتۇپ ھاسىرىغىنىچە‹بىزنىڭ موشۇنداق خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىمىزنى كىم بىلىدىغاندۇ›دىگەنىكەن ئىنھامجان لاي ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلاپلا دەپتۇ:
خىزمەت قىلساڭ خەلىققە،
ئۇنچىۋالا دەپكەتمە.
ئويلاپ قويساڭ دېھقاننى،
توخۇيۇمنى ئەپكەتمە...،-شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئىككىسى خىجىل بولغىنىدىن توخۇنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ.
ئۆتكەن يىلى قوشاقچىمىز ئۇ قاتقا بېرىپ بىر باينىڭ بېغىدا يىللىقچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.ھېلىقى باي باي بولغاندىمۇ ناھايىتى چىڭ بايلارىدن بولۇپ،تولاراق قازاقئىستان تەرەپلەردە تىجارەت قىلىدىكەن،باي دائىم تېلىفۇن قىلىپ باغنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىكەن،بىر كۈنى ئوسا قىلىش ئۈچۈن باغقا سۇ قويۇپ بىر دۆڭگە سۇ چىقىرالماي قىينىلىۋاتقاندا بايدىن يەنە تېلىفۇن كەپتۇ:
-ھەي باغنىڭ ئىشى قانداق بولىۋاتىدۇ،سۇغاردىڭمۇ يوق؟
-سۇغىرىۋاتىمەن،ساڭا دەيدىغان بىر گەپ باردى،دەۋالاي.
-ئەمسە تىز دىگىن.
ئاقئۆستەڭدىن ئۆتتۇق بىز،
ئايىقىمىزدا شەر قالدى.
ئەللىك موغا ئوس قىلسام،
ئىككى مولا يەر قالدى...
تاشلىۋەت،-ئەسلى باي 2مۇ ئەتراپىدىكى بۇ دۆڭگە سۇ چىقمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، تېلىفۇن پۇلىنىڭ جىق كۆيۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ،قۇشاق تۈگىگىچە تىت-تىت بولۇپ كەتكەن باي گەپنى يەنە شاخلاتماي دەپ ئىتتىكلا‹تاشلىۋەت›دىگىنى شۇنىڭدىن ئىكەن.ئۇنىڭ باي ئاكىسى تۇغۇرسىدا يەنە مۇنداق قوشاقلىرى بار.
ئەللىك مۇغا ئىشلەيمىز،
ئاغرىيدىغان بىقىنكەن.
ئۈلۈپ قالساق شورتاڭدا،
قەبرىستانلىق يېقىنكەن.

چېپىۋىتىپ قوناقنى،
تىكەن كىردى پۇتۇمغا.
سولاپ باغقا باي ئاكام،
بارغۇزمىدى يۇرتۇمغا.

مېھمان بولۇپ باي ئاكام،
يەپ قويۇپتۇ خورمىدىن.
ئۆزى كېتىپ سايۇزغا،
قىسىپ قويدى نورمىدىن.
تۇرمۇش دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن دەپ ھېكايە قىلىدۇ ئۇ قۇلۇستايدا بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ،بىر كۈنى بىر دۇكانغا كىرسەم چوڭ-كىچىك بىرنەچچەيلەن ئولتۇرۇپتۇ،سالام قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق،ياشتا چوڭراق بىرى گەپ-سۆزسىزلا دۇكاندىن چىقىپ كەتتى،مەن ئۇلارغا‹بۇ كىشى ئېلىشىپ قالمىغاندۇ،سالام قىلسام پاڭقىيىپلا تۇرىدۇغۇ› دىسەم ئۇلتۇرغانلارنىڭ ئىچىدىن بىر كىچىك باللا ئىرغىپ قوپۇپ  ماڭا بىر شاپلاق سېلىپ‹نىمىشقا دادامنى تىللايسەن›دەپ ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى.باشقىلار بىزنى ئاجىراتتى،ئىچىمدىكى ئاچچىقنى دەرھاللا مۇنداق دەپ بوشاتتىم:
قۇلۇستاي دىگەن يەردە،
قاۋشىيدىكەن كۈچۈكلەر.
نىمە بولدى بۇ يەردە،
چوڭنى ئۇرۇپ كىچىكلەر.

قوشاق توقۇپ ھەريەدە،
قىزىقچىلىق قىپ تۇردۇق.
خاتا قىلىپ سالامنى،
كالپۇكلارغا يەپ تۇردۇق.
شۇنىڭ بىلەن قۇلۇستايلىقلار ئىنھامجاننى ئارىغا ئېلىپ سورۇن،ئولتۇرۇشلاردىن قالدۇرمايدىغان بوپتۇ.
بۇلتۇر كۈز قاينۇقتىكى بىر ئولتۇرۇشتا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىكى ياش شائىر،يازغۇچى ئابلىكىم ھەسەن ئۇنىڭ لەتىپە ۋە شېئىر قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولغىنىدىن ‹ئۇكام شېئىر-قوشاقلىرىڭنى بىرەر مەتبۇئاتقا بىرىپ باقتىڭمۇ›دىگەندە ئۇ دەرھاللا‹ياق ئاكا،مېنىڭ قوشاقلىرىم ھازىر خەلىقتىن ئېشىنمايۋاتسا مەتبۇئاتقا بېرىدىغانغا نەنىڭ قوشىقى›دەپ قىزىقارلىق قىلىپ جېنى بار گەپتىن بىرنى قىلىپ،ئولتۇرغانلارنى كۈلدۈرۈپ كۆزىدىن ياش چىقىرىۋەتكەن ئىدى.شۇنداق ئۇ يازغان شېئىر-قوشاقلىرىنى مەتبۇئاتقا بېرىپ باقمىدى،ئۇنىڭ مەتبۇئاتى ئاۋام قەلبى بولدى.قەيەردە ئادەم توپلاشسا،توي-تۆكۈن،ئولتۇرۇش،چاي سورۇنلىرى بولسا ئىنھامجان شۇ يەردە پەيدا بولۇپ سورۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇردى. ئاخىرىدا ئىنھامجاننىڭ بۇندىن كېيىنكى  ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىللە 1999-يىلى ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىم بىلەن بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
قويچى بالا يازىدۇ شېئىر

ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتار يېشىللىق،
دىماغنى يارىدۇ شىۋاقنىڭ ھىدى.
يېيىلغان قوي توپى سامان يولىدەك،
دالىغا مۇڭ بېرەر چوپان ناخشىسى.

بىر چوپان قولىدا ئوينۇتۇپ تاياق،
كېلىدۇ ئۆزىگە سۆزلەپ رىۋايەت.
زېرىكسە قويلارنى ساناپ باقىدۇ،
ھەر بارماق سېھرىدە پارلار بىر ھېكمەت.

ئۇ چەكسىز دالىدا قىلغانچە خىيال،
تەسەۋۋۇر قىپ كۆردى ئۆزىنى قويغا.
بىر بالا دالىدا بېقىۋىتىپ قوي،
بىردىنلا ئايلىنىپ قالدى شائىرغا.

يازماقتا ئۇ ئەنە شېئىرلىرىنى،
كۆڭلىگە،قويلىرى دۈمبىلىرىگە.
بولۇتتەك يېيىلغان ئاپئاق قوي توپى،
شېئىر بوپ كۆرۈندى ئۇنىڭ كۆزىگە...

ساۋاتسىز بىر بالا بېقىۋېتىپ قۇي،
بوپقالدى توساتتىن ئاجايىپ شائىر...

ئىنھامجان ئوسمان قوشاقلىرى

ئادەم دىگەن ئاجايىپ،
چىقىپ تۇرار چاتىقى.
تولا ئىكەن شەھەردە،
سەھرالىقنىڭ ياتىقى.

قىلىپ قويسام چاقچاقنى،
قالارمەنمۇ بالاغا.
سادىق بولغىن ئۆيىڭگە،
قاراپ كەتمە تالاغا.

يۈرۈپ كېتەر يوللاردا،
ئەجەپ ئېغىر ھالى بار.
كىرسەڭ ئەگەر ئۆيىگە،
دادۈي بەرگەن كالا بار

ئويۇننى دەپ بەزىلەر،
رىستۇرانغا چاپاركەن.
ئوغۇت بەرمەي بىرەر رەت،
دەركەن يېرىم ناچاركەن.

ئەجەپ ئىكەن بەزىلەر،
ماڭمايدىكەن تۇغرىغا.
قۇرۇق ياندىم شەھەردىن،
پۇلنى بېرىپ ئوغرىغا.

ئۇتتۇرىۋەتتى قىماۋاز،
شەيتىنىغا ھاي دىمەي.
ئايالىنى قىينايدۇ،
تېلىفۇن قىلسا ۋاي دىمەي.

نەپسى بالا قارىلار،
ئۈچتالاققا يول تاپتى.
شەرىئەتنى دالدا قىپ،
يانچۇقىنى توملاتتى.

سەن ئالدىراپ ماختىما،
باھا بەرگىن كۈزىتىپ.
بولغىن چوقۇم ياراملىق،
ئىللىتىڭنى تۈزىتىپ.

چاي ئوينايدۇ ئاياللار،
تاشلاپ قويۇپ ئۆيىنى.
كۆنۈپ كەتتى ئەركەكلەر،
توشۇپ بېرىپ سۈيىنى.

پۇل سورايدۇ بەزىلەر،
ئۆتنە-يېرىم ئالغىلى.
سۈيلەپ بارساڭ ئالدىغا،
تەييار ھامان تانغىلى.

يېتەي دىدىم قىرىققا،
قارشى تۇرۇپ خاتاغا.
كىچىك قالغان ئاتامدىن،
بۇۋام قۇشقان قاتاغا.
2012-4-27-كۈنى
ئەسكەرتىش: ماتىريال بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە زىيارەت قىلغۇچى سۇلتانمۇرات قۇربانجان




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-15 12:40:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ‹‹ئىنھامجان‹107-4›قاتناش رەدىئو ئىستانسىنىڭ 2015-يىلدىكى ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،تىلۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان‹چايخانا پاراڭلىرى›غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان.ئۇ ئگزىنىڭ دەل ۋاقتىدىكى شېئىرىي چاقچاقلىرى بىلەن كەڭ رەدىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مەنىۋى ھوزۇر ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان ياشلاردىندۇر.››
   مۇشۇنداق ئەل ئىچىدىكى نامسىز تۆھپىكارنى ئەلگە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازغان يازماڭغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-2-15 12:59:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرىنىڭ كىشىنى جەلىپ قېلىدىغان يېرى ئۇنىڭ كۈچلۈك يەرلىك پۇراقتا يېزىلغانلىقىدا.

ۋاقتى: 2016-2-15 13:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئىلار خاتىرىسىدىكى ئوتتەك يۇرت سۆيگۈسى مېنى تەسىرلەندۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوشاق سەۋداسى ئىنھامجاننىڭ ئاقكۆڭۈل، ساددا، باشقىلارغا خوشاللىق بېغىشلاشقىلا تۆرەلگەندەك يۇمىرىستىك ھالىتى ،ئاجايىپ تاتلىق ،قىزىقارلىق قوشاقلىرى يادىمغا يەتتى. ئۇنىڭ بىلەن مەن 2013-يىلى سۇپتايدا ئۆتكۈزىلگەن نورۇز  پالىيىتىدە تونۇشقان ئىدىم .شۇ چاغدا ئۇ يۈسۈپجان قېيىم بىلەن شېئىرى چاقچاق قىلىشىپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى. كېيىن بىز ئۈرۈمچى جەنۇبى تاغقا ئەدىبى سىمنارىيىگە قاتنىشىپ قايىتقاندا ،ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بازارنىڭ ئالدىدىكى «ئاقساراي» مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەن بولساممۇ ئۇ ئالدىمغا يۈگۈرىپ دىگۈدەك كېلىپ ،قىزغىن ئەھۋاللىشىپ كەتتى.ئۇنىڭ بىر نەرسىدىن بەكمۇ ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ،نىمە بولغانلىقىنى سورىۋىدىم. رادىئۇ ئىستانسىسىنىڭ ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇ ئۆزىدىن ئىپتىخارلانماقتا ئىدى. مەنمۇ ھاياجانغا تولدۇم.چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئادىمىلىكنىڭ نۇرى يورۇپ تۇرىدىغان ئىنسان ئىدى. شۇنداقلا ئادەمنى پەملىيەلەيدىغان ،ئۇنىڭ قەلىپ تىۋىشىنى تىڭشىيالايدىغان ئادەم ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى مەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتىنى شۇنچىلىك ئۇستۇلۇق بىلەن كىشىگە كۆرسۈتىپ قويالايدىغان مېھىرگە تولغان ئىنسان ئىدى،گەرچە ئۇ يېتىملىك كوچىسىدا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ ياشىغان بولسىمۇ ،ھاياتقا بولغان چەكسىز ئۈمىتۋارلىق ئۇنى ئادەمدەك ياشاشقا ئىگە قىلغان ،ئۇنىڭ ۋۇجىدىدىن چۈشكۈنلۈك،قاقشاشنى كۆرگىلى بولمايدۇ،ئۇ ئۆزى ئىخلاس قىلغان ئادەمنى ،ئىخلاس قىلغان ھاياتنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان چىن ئىنسان.كېيىن بىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاتالغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا ،ئۇ مېنىڭ غۇلجا سارايدىكى ياتىقىمغا ئىزدەپ كىرىپتۇ. بۇ ياتاقتا ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە بىلەن بىللە ئىدىم. ئۇ ياتاقتا مەن بىلەن يەنە بىر قېتىم قىزغىن كۆرۈشتى. نەق مەيداندا قوشاق توقۇپ ئەكبەر ئىككىمىزنى قاقاقلىتىپ كۈلدۈرۋەتتى.ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ،ئادەمنى يات كۆرمەيدىغان پەزىلىتى، ئادەمخۇمارلىقى ھەر ئىككىمىزنىڭ قايىللىقىنى ئاشۇردى.مەن ئولايمەن ئۇ بىر ئاددىي ئىنسان ،مەشھۇرلۇق ئاددىلىقتا دىيىلگىنىدەك ،ئۇنىڭ ئاشۇ ۋۇجىدىدىن بىز چوڭقۇر نەزەرىمىز بىلەن قارايدىغان بولساق ،يۈرەككە مەلھەم بولغۇدەك بىر مېھىر قىزىل ياقۇتتەك جۇلالاپ تۇرىدۇ.ئەدھەم ئاداش سېنىڭ بۇ ئەسىرىڭنى ئوقۇپ مەن ئىنھامجان بىلەن قايتا بىر قېتىم ئەسرالاشقاندەك بولدۇم. ئىنھامجان خۇدايىمنىڭ بىزگە قىلغان ئىنئامى ئۇنى قەدىرلىشىمىز ، ئەتىۋارلىشىمىز بىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىز بولىشىمىز كېرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 15:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېندىستانلىق تېرىسسا دىگەن بىر مۇناق‹‹نامراتلار تەڭرىنىڭ سوۋغىسى››دەپتىكەن،ئادىلجان سېنىڭ ‹‹ئىنھامجان خۇدانىڭ بىزگە قىلغان ئىنئامى››دىگەن گېپىڭمۇ قالتىس گەپ بولدى جۇمۇ!...

ۋاقتى: 2016-2-15 16:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىملا قوشاق توقۇسا بىنورماللىق دە تۇيۇلىدىكەن ،بۇنداق ئاقكۆڭۈل ،ساددا  ئادەملەر ئەلگە نەپ يەتكۈزۇىدۇ لىكىن بەزىدە ئەلدىن نەپ يەتمەي قالىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 17:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئىنھامجان شىنجاڭدىكى بىردىن-بىر شېئىرى چاقچاق پېشىۋاسىغا ئايلىنىپ،شەمۇ-شە،يۇرتمۇ-يۇرت كېزىپ چاقچاق قىلىپ ئائىلىسىنى گۈلدەك بېقىپ كېلىۋاتىدۇ...ئۇنىڭ قوشاق توقۇپ چاقچاق قىلىش سۈرئىتى ئالاھىدە تىز بولۇپ،بىر سورۇندا30-40ئادەم بولسىمۇ ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە نەچچە ئايلاندۇرۇپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋېتەلەيدۇ،ئۇنىڭ چاقچىقى قاپىيىلىك،يۇمۇرلۇق،دەل،ئىلىمى،ھازىر جاۋاپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ،ئاڭلىغۇچىلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋېتەلەيدۇ.مېنىڭچە بۇ ئۇنىڭدىكى بىر تۇغما ماھارەت!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش