يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 4

تۇرسۇنجان ھەسەن: ئۇنتۇلماس كېچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇنجان ھەسەن

ئۇنتۇلماس كېچە
(ھېكايە)
-«ياز بىھىش، قىش دۇزاق.»- دېگەن گەپكە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. بۈگۈن كېچە سوغۇق ئىشخانىدا تۈنەپ بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا تولۇق ئىشەندىم.
-دېمىسىمۇ مۇشۇ ياشقا كىرگەن ئادەمنى، زېمىستان قىشتا نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانداق ئادەمكىن دەيمەن.-دېدى ئايالىم مېنىڭ ۋايساشلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي.
-ھازىر ئىدىرىدا ئادەم ئاز، ياشلارنىڭ كۆپۈنچىسى تەربىيەلىنىشتە، بىزدەك 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغانلار باشلامچىلىق رول ئوينىمىساق بولمايدىكەن.
-ئوبدان رول ئويناپلا مانا، قېرى ئىتتەك يۆتىلىپ. سېلىنىڭ يوقۇرى قان بېسىمى، دېيابىت كېسەللىرى بارلىقىنى بىلمەمدىكىنە. ئالىمادىس بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، مەن بالىلار بىلەن كېيىنكى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن.
-مانا ئالدىڭلاردا ساق-سالامەت تۇرمامدىم، نەدىكى خىيالنى قىلىدىكەنسىلەر.
-ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن بۇ يىل ھامۇق ئاشپەر، گۈلقىز ياسىن، دولقۇن ئىسرايىل، ئەسقەر ھۇشۇر، مەخمۇت ئاخنىياز قاتارلىق سېلىدىن نەچچە ياش كىچىك بالىلار كېتىپ قالدى. دېيابىت كېسىلى، يوقۇرى قان بېسىمى دېگەن نىجىس كېسەللەر سوغۇقتا ئەدەيدىغان تۇرسا...
-بۇ كېچىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، چۈشكىچە ئارام ئېلىپ چۈشتىن كېيىن خىزمەتكە بارىمەن.
-مانا دورىلىرىنى تەييارلاپ قويدۇم، ھەممىسىنى ئىچىپ بولۇپ ياخشى ئارام ئالسىلا.
   مەن ئايالىم تەييارلاپ قويغان دورىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ بولۇپ، بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم. كۈندۈزى ئۇخلىماق نېمانچە تەس. ئۇيان ئۆرىلىپ، بۇيان ئۆرىلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. ئاخشامقى مۇدھىش كېچىنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. دەرۋازىۋەن بىلەن كۆڭلۈم يېقىن ئىدى، ئۇ ئادەم مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. جوڭگۇ تىبابىتى بويىچە مەسلىھەت بېرەتتى. ھەر قېتىم نۆۋەتلىك ماڭا كېلىپ قالسا، بىرەر سائەت مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، مېنى قايتىپ ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئاخشاممۇ:
-بالدۇراق ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ، يوقۇرى قان بېسىمى سوغۇقتا ئۆرلەيدۇ، قان تۇمۇرلار سوغاقتا تارىيىپ كېتىدۇ. قان تۇمۇر تارىيىپ كەتكەندىن كېيىن يۈرەك مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ. ئادەم 50 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
-كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ، دىجىرنى رەھبەرمۇ ئىشخانىسىدا بار. مۇبادا سۈرۈشتۈرۈپ قالسا سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرەرمەن.
-بۇ ئىدارىنىڭ باشلىقىلىرى ئاجايىپ ئادەملەر، كۈندۈزى بىرسىنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ، ئاخشىمى ھەممىسى ئىشخانىسىغا كېلىۋالىدۇ. نېمە قىلىدىغانلىقىنى زادى بىلگىلى بولمايدۇ، يېرىم كېچە بولغاندا ئاندىن ئىشتىن چۈشىدۇ.
-ھازىر ئالاھىدە سەزگۈر چاغ، 30 يىل خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، بەلگىلىك يۈز ئابرويغا ئىگە بوپتىمەن، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ كېلىپ قالسا، سىزمۇ جاۋاپ بېرەلمەيسىز، مەنمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمەن. ئىدارە مەسئۇللىرىمۇ تەنقىد ئاڭلايدۇ.
-ئۇنداق بولسا تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ تۇرايلى، ھازىر چاغانغا بىر نەچچە كۈنلا قالغاچقا، نۇمۇرلارمۇ سەر خىل...
بىز بىللە ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆردۇق. يېشى 70لەرگە بېرىپ قالغان بۇ قاراۋۇل ئۇيەر، بۇ يەردىندىن پاراڭ قىلىپ بېرىپ ئەسنەشكە باشلىدى. مەن داۋاملىق تېلىۋېزور كۆرۈشكە خىجىل بولۇپ قالدىم.
-ئاكا مەن ئۆيۈمگە قايتىپ كېتەي، سىزمۇ ئارام ئېلىڭ، باشلىقلىرىم ئىشتىن چۈشىدىغاندەك ئەمەس، مەن بۇ يەردە ئولتۇرۋالسام سىزنى قىيناپ قۇيىدىكەنمەن.
-سىز بۇ ئىدارىدە ئارىيەتكە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا بەزى ئىشلارنى تولۇق بىلىپ كەتمەيسىز. ئىدارە باشلىقلىرى كۈندۈزى ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئاخشىمى يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيدۇ. كىم دېجۇرنى ئۇنداق ئىشلارنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيدۇ. مەنلا دېجۇرنىخانىدا بولسام ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ.
-مەن تازا خاتىرجەم بولالماۋتىمەن جۇمۇ، ئاكا. تەكشۈرگۈچىلەر كېلىپ ، مېنىڭ يوقلۇقۇمنى بىلىپ قالسا سىزگە ئاۋارىچىلىق بولارمىكىن؟
-ھېچقىسى يوق، مەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرالايمەن. ھازىرغىچە ھېچكىمنى جەرمانىگە تۇتۇپ بەرمىدىم. سىز خاتىرجەم كېتىۋېرىڭ، چاتاق چىقمايدۇ.
مەن پىشقەدەم دەرۋازىۋەن بىلەن خۇدۇكسىرەش ئىچىدە خوشلاشتتىم. ئۆيگە قايتىشنى ئويلىغان بولساممۇ بايرام ھارپىسى بولغاچقا تازا خاتىرجەم بولالمىدىم. مېنى بىنادىن چىقىۋەتكەن دەرۋازىۋەن، ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ كارىدوردىكى چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ دېجۇرنىخانىغا كىرىپ كەتتى. مەن سىرتتا-قەھىرتان سوغۇقتا ئۆيۈمگە كېتەلمەي خىزمەت بىناسىنى ئايلىنىپ يۈردۈم. دىجۇرنىخانىنىڭ چىراغلىرىمۇ ئۆچۈرۈلۈپ پىشقەدەم دەرۋازىمەن ئۇيقۇغا كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا قاراۋاۇللۇق  قىلىشقا باشلىدىم.
كېچىنىڭ سوغۇقى ناھايىتى قاتتىق ئىدى. مەن بۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىنانى توختىماي ئايلىنىشقا باشلىدىم. ئىچ كىيىملىرىم نەمدەلگەن بولسىمۇ يانچۇققا سېلىۋالغان پەلەيسىز قوللىرىم بىلەن، بىرلا پايپاق كىيىۋالغان پۇتلىرىم توڭلاپ ماڭا زادى ئارام بەرمىدى. بىنانى تولا ئايلىنىپ پۇتلىرىم تېلىپ كەتتى...مەن بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تېلىپ كەتكەن پۇتلىرىمنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدىم. مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىممۇ سەل ئىللىدى. ئەمما، دۈمبەمدىن ئۆتكەن سوغۇق مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى. شۇنچىلىك قېقىلىپ يۆتىلىپ  كەتتىمكىن ئۆپكەم قولۇمدىن چىقىپ قالىدىغاندەك بولۇپ كەتتى. كېچە خىلى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ، باشلىقىم ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتتى.
يۆتىلىم بېسىققاندىن كېيىن يەنە بىنانى ئايلىنىشقا باشلىدىم. قار خىلى قېلىن يېغىشقا باشلىدى. ئۆيۈمگە كېتىش قارارىغا كەلدىم. ئۆيۈمگە يېقىن كەلگەندە:
-ئارقاڭغا يان، شۇنچە يىللارنى شەرەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم تۇرۇپ، بېرەر پىشكەلگە ئۇچراپ قالساڭ ياخشى بولمايدۇ. كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. ساقچى ماشىنىلىرى كوچىلارنى چارىلاۋاتسا سەن ئۆيۈڭدە قانداق خاتىرجەم ئۇخلايسەن؟
مەن بىر يېرىم كېلومېتىر يولنى بېسىپ بولۇپ ئارقامغا يېنىپ خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. پىشقەدەم دەرۋازىۋەن شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتۇ، باشلىقىم تېخىچە ئىشتىن چۈشمەپتۇ. قاتتىق توڭلاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن دەرۋازىنى قاقتىم، يەنە قاقتىم ئۈنۈمى بولمىدى.
-نېمە بولسا بولسۇن، ئۆيۈمگە بېرىپ ئۇخلاپ ئەتىگەندىلا كېلەيچۇ؟
مەن يولدا يۈگۈرگۈدەك بولۇپ ئۆيۈمگە قاراپ ماڭغان ئىدىم. بىر يەردە بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىزنىڭ مۇڭدىشىۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. مەن گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالغاچ ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. تەشۋىش، ۋەسۋەسە، ئەنسىرەش مېنى ئىلكىگە ئېلىۋالدى. قۇلاق تۈۋۈمدىلا بىر ئاۋاز:
-بىر ئاخشام ئۇخلىمىغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ، بايرام ھارپىسىدا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ، ناھىيەنىڭ، ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى چارلاۋاتىدۇ، جەرمەنە دېگەنغۇ ھېچ گەپ ئەمەس، ۋىلايەت بويىچە ئومۇمىي ئوقۇتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىسە يۈزۈڭنى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىسەن؟
مەن قاتتىق توڭلاپ كەتكىنىمگە قارىماستىن يەنە ئارقامغا ياندىم. چىشلىرىم كاسىلداپ، قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى. مەن قانداق كەلگەن بولسام، خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا شۇنداق تېز قايتىپ كەلدىم. پىشقەدەم دەرۋازىۋەننىڭ خورەك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باشلىقىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چىرىقى ئۆچمىگەن ئىدى، مەن بىنانى يەنە ئايلىنىشقا باشلىدىم. كۆزۈمدە ئۇيقۇدىن ئەسىر يوق ئىدى. مەن ئىشىكنى جېنىمنىڭ بارىچە تەپتىم، مۇشتلىدىم...ئىشىك ئېچىلمىدى.
-ئۆيۈمگە بېرىپ ئۇيقۇمنى ئۇخلاي، نېمە بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن.
مەن ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم يېرىم يولغا بېرىپ، تېلىفۇنۇمنىڭ سائىتىگە قارىسام، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بىر يېرىم بوپتۇ. ئالدىمغا قاراپ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. كېچىمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ بۇ كېچىنى ئۆتكۈزىۋېتىش قارارىغا كەلدىم ۋە ئارقامغا ياندىم. بىنانىڭ ئىشكى ئالدىدا باشلىقىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم.
-يېرىم كېچە بولغاندا سىرتتا يۈرىسىزغۇ؟ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلسىڭىزمۇ بولاتتى...
-بىنانىڭ ئارقىسىدىن بىر يېقىمسىز ئاۋاز كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا چىققان ئىدىم.
-ئۇنداق بولسا ئىدارە سىزگە قالدى. تاغام تازا شېرىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، ھۇشيار بولارسىلەر، بايرامنىڭ ھارپىسىدا چاتاق چىقىپ قالمىسۇن.
-خاتىرجەم بولۇڭ باشلىق، مەن كېچىچە ئۇخلىماي نۆۋەتچىلىك قىلىمەن.
-ماقۇل ئەمىسە، مەن قايتتىم. ئەتە كۆرۈشەيلى
-ئامان بولۇڭ باشلىق، ياخشى چۈش كۆرۈڭ باشلىق.
مەن باشلىقىم بىلەن خوشلۇشۇپ ئىشخانامغا كىردىم. ئىشخانام سىرتتىن نەچچە ھەسسە ئىللىق ئىدى. كومپىيوتېرىمنى ئېچىپ تور بەتلەرنى ئارىلاشقا باشلىدىم. قوللىرىم توڭلاشقا باشلىدى، پۇتلىرىم توڭلاشقا باشلىدى. ئىشخانامنىڭ پار يوللىرى بۇزۇلۇپ قالغىنىغا ئىككى ھەپتە بولغان بولسىمۇ ئوڭشاپ بېرىدىغان ئادەم يوق ئىدى. مەن بىنانىڭ كورىدورىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ تاڭغا ئۇلاشتتىم.
-ئۇخلىماي نېمە قىلىۋاتىسىز، كېچىدىن تارتقان ئازابلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كەتتىڭىزمۇ يا؟-ئايالىمنىڭ ئاۋازى مېنىڭ خيال يىپلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. مەن ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلاشقا باشلىدىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-15 10:22:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھىكايىنى قايتا پىششىقلىسىڭىز بولغىدەك .تىل ،ۋەقەلىك .....

ۋاقتى: 2016-2-15 12:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئىشلار تەۋەللۇت قىلغان چىن تۇيغۇلار.....

ۋاقتى: 2016-2-15 18:12:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ نەتىجىسى قېنى؟

ۋاقتى: 2016-2-15 19:39:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىچىلىققا باسقان قەدەملەرگە مۇبارەك بولسۇن .
داۋاملىق ئالغا !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش