يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 4

نۇرشات: سونېتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 12:29 PM  

سونېتلار


نۇرشاد ئەنۋەر


1
ھەر قەترە لەۋزىڭدىن ياشىرار ھايات،
شوخ كۈلكەڭ تەم بېرەر خىياللىرىمغا.
پورەكلەر يۈرەكتە مىسكىن ھېسسىيات،
قاقلىنىپ،ئېھ،ئىسسىق شاماللىرىڭغا.
ئىزىڭدىن خۇش كەيىپ ئۆرلىگەندە تاڭ،
پەسلەيدۇ ئۆزىگە تامام ھەسرىتىم.
شاخلاردا جۇش ئۇرۇپ ياپيېشىل ئاھاڭ،
غۇچچىدە باھارغا تولار قات–قېتىم.
تۆككەن نە ئاپتاپكى،ھۇزۇرى جەننەت،
چېھرىڭدە زوق بىلەن يورۇغان قۇياش.
قەلبىمدە ھېسابسىز ئۆركەشلەيدۇ دەرد،
كىرپىكىڭ بەرگىدىن تۆكۈلگەندە ياش.
بارىڭدىن دىلدىكى يېرىملىق پۈتۈن،
كەچكىنىم ھەممدىن بىرلا سەن ئۈچۈن...
2015–يىل،15–ئۆكتەبىر.


2
دەۋرىدى كەلكۈندەك چاناقلاردا ياش،
تەس كەلدى ئايرىلىش ئىككىلىمىزگە.
تاڭ قېلىپ چەكچەيدى كۆكتىمۇ قۇياش،
ئارىدا نائىلاج بولۇنغان سۆزگە.
ھەممىنى يېڭىمىز دەپ كېلىپ،مانا،
قىسمىتى پەلەككە قالدۇق يېڭىلىپ.
سۆيگۈڭنى ئۇيۇل تاش دەيتتىڭغۇ ماڭا،
كەتتىغۇ سېغىزدەك بىردىن يېرىلىپ؟!…
ۋەدىمىز خەتتىلا قالدى يېزىشقان،
كۈل بولدى كۆيۈپ بار ئارمانلىرىمىز.
شۇم قىسمەت قارچىغا،بولدۇق بىز توشقان،
كۆرمەستىن نەتىجە جەريانلىرىمىز.
ياشلىقىم دۈگدىيىپ قالدى جۇت—قىشتا،
ئەمەس ھېچ كۆنەر دىل بۇ ئايرىلىشقا...
2015–يىل،8–ئاۋغۇست.


3
قەلبىڭدىن يېشىنىپ كەتتىم ئۇزاققا،
بەس،ئەمدى ئىسمىمنى چاقىرمايلا قوي.
پۈتۈلگەن پېشانەم بەلكى ئازاپقا،
نە چارە ئۇنىڭغا بەرمەي مەندە بوي.
كۈتۈشتىن سىرلانغان بۆشۈككە سېلىپ،
تەۋرەتمە تەڭ كۆرگەن چۈشلىرىمىزنى.
رايىغا ئەركىنلىك ئۇرۇقى تېرىپ،
قويۇپ بەر قەپەزدىن قۇشلىرىمىزنى.
نىگاھىم مىخلانغان ئەينەكلەرنى چاق،
يىرتىۋەت پۈتمىگەن داستانىمىزنى.
ئاتقان ئوق ئارقىغا يانار دېمە،ياق،
يۆلىمە يىقىلغان ئاستانىمىزنى.
خاھىشىم تۇرسىمۇ قاپاقنى تۈرۈپ،
مەن كېچەي ھەممىدىن زورىغا كۈلۈپ...
2015–يىل،1–ئاۋغۇست.

4
ئۆپكەندە قىسمەتنىڭ ئاچچىق تۈتۈنى،
نەمدەلگەن كۆزۈڭنى سۈرتكەن مەن بولاي.
قۇترىسا چېھرىڭدە يالغۇزلۇق تۈنى،
كۈندۈزنى ئۇچۇملاپ تۆككەن مەن بولاي.
تۇتقۇزما ئۆزگىگە مەيلىڭنى،جانان،
قەلبىڭگە ئەڭ چوڭقۇر چۆككەن مەن بولاي.
تاڭلارنى ئۇيقۇسىز ئاتقۇزۇپ ھامان،
ئىشقىڭدا مىڭ داستان پۈتكەن مەن بولاي.
قايتىپ كەل شۇ گۈزەل ئەسلىمىمىزگە،
جۇدالىق باغرىدىن كۆچكەن مەن بولاي.
سەن يۈرگەن ھەر چوققا،ھەر دالا–تۈزدە،
مەڭگۈگە ھەمنەپەس ئۆتكەن مەن بولاي...
جۆر بولۇپ بىزگە تەڭ ۋىلىقلىسۇن ئاي،
قەلبىڭگە مەڭگۈلۈك چۆككەن مەن بولاي…
2015–يىل،30–سېنتەبىر.

5
ۋەسلىڭگە تەلمۈرۈپ كەلدىم ئۇزاقتىن،
نە لەززەت سېنىڭسىز سۈرگەن خىيالدا؟!…
كۆيۈشتى زەپمۇ دىل ئوتلۇق پىراقتىن،
تىكىلدىم پەرىشان كۆكتە ھىلالغا.
كۆزۈمچە پەرۋاسىز يۈرۈشلىرىڭدىن،
مىڭ دوزاخ دەھشىتى سانجىلدى جانغا.
تۈنلەرگە ئۈنسىز دەرد تۆكۈشلىرىمدىن،
ھەسرىتىم لىققىدە كەلدى جاھانغا.
پەريادىم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە مىسال،
شېخىمدىن سارغىيىپ تۆكۈلدى كۈتۈش.
قانچىلىك يىراقتا بىزلەرگە ۋىسال؟
نىگاھىڭ قاچانغا قەدەر ماڭا چۈش؟
يەنە شۇ سېغىنىش،يەنە شۇ يەنە شۇ كۈتۈش،
نىگاھىڭ قاچانغا قەدەر ماڭا چۈش؟...
2015–يىل،20–نويابىر.

6
ئىشكىمگە كەلدى ھىدىڭ يېقىنلاپ،
شەربىتىڭدىن لىقلاندى دىل پىيالەم.
يېتىرقاشسىز سۆيدۈم قانچە قېتىملاپ،
لاۋۇلدىغان لەۋلىرىڭگە خىيالەن.
مۇھەببەتلىك ئىسكەنجىگە چىرمىشىپ،
سۈرگۈن ئەتتۇق ئۇۋىسىغا ئۇيقۇنى.
كۈندۈز بىلەن تۈندىن چىقىپ،بىرلىشىپ،
باغاشلىدۇق تاڭدىن سۈزۈك تۇيغۇنى.
يېتىم قالغان بىر تۈپ كەچكۈز شېخىدا،
چېچەكلىدى بەرگى خازان بەختىمىز.
ئۇسسۇل ئويناپ شور ھاياتنىڭ دېپىغا،
ئايرىلمايلى،جېنىم،قايتا ئەمدى بىز...
مەڭگۈلۈككە بولسۇن شۇ بىر ئەھدىمىز:
ئايرىلمايلى،جېنىم،قايتا ئەمدى بىز!…
2015–يىل،24–نويابىر.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-14 17:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ىئېرلارنى يېزىپسىز،ئىجادىيتىڭىزگە تەشەككۇر.تەكلىپ.ئاخىردىكى شىئېرىڭىزنىڭ قاپىيەسى ماسلاشمىغان يەرلىرى بار ئىكەن ،تەھرىرلەپ قويارسىز.

ۋاقتى: 2016-2-15 13:10:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازە-ياز،بۇلدۇق-بۇلدۇق... بولۇپ كېتىپتۇققۇ ئۇكامۇي! خۇدايىم بەرسۇن ئىلھام دىگەننى.بەرگەنلەرگە بېرىدۇ مۇشۇندا تۈمەنلەپ بەرمىگەنلەر ئولتۇرار ئىڭەكلەپ.

ۋاقتى: 2016-2-15 18:45:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-2-18 13:00:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ئلھام دېگەننى ئايىماي بېرىپتىكەن سىزگە!
تەشەككۈرلەر بولسۇن!
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ئىلھامىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش