يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 9

زۇلتاپ: شېئىرغا ئامراق ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 09:49 PM  



قىستۇرما: ئۇزۇن بولدى ئاغىينەم بىلەن كۆرۈشەلمىدىم، ئۇ قانداقراق تۇرىۋاتقاندۇ؟ ئۇزۇن بولدى يالغۇزلا يۈردۈم، شائىر ئاغىينلىرىم بىلەن ئۆتكەن
كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەر ماڭا مەلھەم بولدى. يانچۇقىمىزدە بىر پۇلنىڭ تايىنى يوق، كوچىلاردا غەرق ماڭاتتۇق. باشقىلار بىزنى مازاق قىلىپ ئەنە ئىككى
ئۇلۇغ شائىر كەلدى دېيىشەتتى. بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ  قوياتتۇق، ۋاقىت بىز ئۈچۈن بىر ئىزدا توختاپ قالغان، بىز ئەركىن دۇنيانىڭ
خوجايىنىلىرى ئىدۇق.
تۇرمۇش ھەممىمىزنى ئالدىراش قىلىۋەتتى. گىژىلداپ تۇرغان چىۋىندەك بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ بۇ دۇنيانىڭ ئىچىگە كىردۇق. دۇنيا بەكمۇ رەھىمسىز ۋە
زۇلمەتلىك ئىدى. يۈرىكىم قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى، بىردىنلا ھەممە نەرسىدىن بىزار بولدۇم ۋە نەپرەت ۋە غەيرەتكە تولغان كۆزلىرىم بىلەن ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەرگە تىكتىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن ۋاقىرىدىم: شائىرلارمۇ باشقا ئادەملەردەك  نورمال ئادەم. ئۇلارمۇ ياخشى ياشىشى كۆپ پۇل
تېپىپ چىرايلىق يوللاردا چىرايلىق ماشىنىلارنى ھەيدىشى كېرەك، ئۇلارمۇ باشقىلاردەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن توي قىلالىشى كېرەك!
شائىر دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ياشاشقا ھۇقۇقلۇق!


ئاخىرىدا ئاغىينەم زۇلتاپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق، تېنىڭىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.


                                          سېنىڭ قوللىرىڭنى چىڭ سىقىپ:
                                                                          مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر  




زۇلتاپ


كەچلىك كۇلۇب


ئېھ بۇ يەر ھىجرانغا راسلانغان ماكان،
بىلىمەن سەن بۇرۇن سۆيگەن بىرسىنى.
رەڭگارەڭ چىراغ ۋە سېرىق چاچلىرىڭ،
ناخشىچى قىزچاق ۋە ھەممە-ھەممىسى.

مەجبۇرمەن بۇ دورەم مەجبۇرمەن شۇنچە،
ھاقارەت ئىلكىدە سۆيۈشكە سېنى.
بىز قادىر ئەمەسمۇ ئۇنتۇپ كېتىشكە،
ئازاب ۋە بارچە غەم قايغۇ~ھەسرەتنى.

سەن بۇ دەم تىكىلگەچ چوڭقۇر كۆزۈڭدە،
بۇ رەزىل دۇنياغا ئوقۇيسەن لەنەت.
مەن بەڭگە توختىماي چېكىپ تاماكا،
كۆكۈش ئىس ئىچىدە قالىمەن لەيلەپ.

ئىچ سىرار شۇ كۈيلەر ئەتمەكتە داۋام،
رايىم يوق لەرزانە ۋالىسقا شۇ تاپ.
ئاھ بەلكىم ناتونۇش يات بىر كىشلەرگە،
ئەشۇ پاك كۆڭۈلنى قويغانمىز ئاتاپ.

ئەڭ لىرىك ناخشىلار، ئىسسىق كۆز ياشلار،
مەن مەيۇس قايتارمەن كەچلىك كۇلۇبتىن.
ئەي ساددا ئوماق قىز كەچۈرگىن مېنى،
ھېچنەرسە تېپىلماس ئۆلگەن قەلبىمدىن.

قاراڭغۇ كېچىلەر رەڭ ئالغان تىمتاس،
قەيەرگە يۈتتىكىن شولىلىق شۇ ئاي.
بىز بەلكىم ئۆلمىسەك قالارمىز كۆرۈشۈپ،
كۆرۈشسەك ئۆلەرمىز چىداپ~چىدىماي.

خەيرىخوش!مەن كەتتىم، كەتتىم نىشانسىز.
سەنسىز بىر ئەتراپنى ماكان ئېتەرمەن.
شۇندىمۇ خالىساڭ ئەسلەپ قوي مېنى،
كۆزگە ياش ئالارمەن سېنى ئەسلىسەم…!



شېئىرغا ئامراق ئايال


ئۇرۇق چېكەتكىلەر شېئىردىكى قۇمۇشلۇقتىن كۆتۈرۈلدى
بەزى يەرلەرگە يىلان ئاۋازى يۇشۇرۇلغان
بەزى يەرلەردە شولىسى يۈتۈپ كەتكەن ئاي
بەزى يەرلەردە كۆپكۈك مۇخۇركىدەك ئۇۋۇلغان بىر چىراي
ھېچكىمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەس-
زۇلمەت بىزگە قالدى، ئۇ قاراڭغۇ، ئۇ تولىمۇ قاراڭغۇ...


ئىنتىزارمەن
سېنىڭ مىيقىڭدا كۈلۈشلىرىڭگە-بېشى ئېگىلگەن قۇناقلىقتەك
كۈز سارغىيشلىرىغا جىمجىت ئەگەشكەن- ئەمما، يۇشۇرۇن
ئەشۇ چۈشلەر توختىماستىن تور تارتقان
سېنىڭ ھۇجراڭغا بىر تال  ئۆمۈچۈك كەبى كىرگۈم بار
مەشۇت تېنىڭنى كۈن كۆرگەنمۇ؟
سەدەپ چىشلىرىڭغا تاماكا ئىسلىرى سۈركەشكەنمۇ؟


شېئىرلىرىمدىكى جىگدىلىكتە قاغىلار بىلەن سىرداشماقتىسەن
شۇ تاپ سۆزلىرىڭ بۇلۇپ لېۋىڭگە قايىتسام
قاغا ئۇچۇپ كەتتى، ئۇچلۇق شۇخىلار ئارىسىدىن-
قۇرۇتلاپ قالغان بىر تال جىگدە ۋە قاراڭغۇ چۈشمەكتە
جىگدىنى قۇلۇڭغا ئالدىڭ، قاراڭغۇلۇقنى كۆزۈڭگە سۈرۈتتۈڭ


ئەي شېئىرغا ئامراق ئايال
كەچ كىرمەكتە، مىسرالاردا پاناھلىنىش مۇمكىنمۇ؟
ئىككى قارا بۇلۇت بىللە بولدى
ئىككى قارا ئادەم –ئاستا-ئاستا سانسىز چېكىت
مۇزىكا –چېكىتتىكى سەرسان كارۋان كولدۇرمامىسى


شېئىردىكى ئەشۇ قۇناقلىق ئالا قالدى
ئەشۇ تولغان ئاي سېنىڭ كۆكسۈڭ ئەمەسمۇ؟
ئەشۇ زۇلمەت سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەسمۇ؟



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-14 00:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى ۋە زۇلتاپنى تونۇيمەن دىسەم لاپ ئۇرغان بولىمەن.لىكىن شئېرىيەتنىڭ 4 تېمى ئوتتۇرسىغا شورىنى بۇزۇپ سەكرەشكىنىڭ راس.ئەمما ئەينىكى يوق دېرىزىدىن قاراپ تۇرساق بىزنى پاقىرتىپ  قويۇپ بىر بىرىڭنىڭ  ئىسمىنى ئۈنلۈك چاقىرىپ يۈزلۈرۈڭگە قارا سۈركەشكىنىڭ قىززىق!

ۋاقتى: 2016-2-14 17:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ شېئىرلاردىن ھوزۇرلاندىم، سىزگە ۋە زۇلتاپقا تەشەككۇر ئىزچىللىق دائىم يار بولسۇن!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 22:21:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۇلتاپ

ئاي شولىسى ئۆچكەن تىمتاسلا،
خىرە-شىرە ئاسمان ھەمدە مەن.
تاماكامنى ئۇنتۇپ قالغاچقا،
ماي قوڭغۇزىدەك ئىسقىرتىماقتىمەن.
بۇ كېچىدە، بۇ ئەل تاماندا،
نۇمۇس قىلدىم كەيىپ-ساپادا-
مەن مەست-ئەلەس يۈرۈشتىن يەنە،
ئۇزاق بولدى يۈردۈم مۇڭ راسا.
ئەشۇ مامۇق بۇلۇتلار بەزى،
ئىس-تۈتەكنى قىلار مەھلىيا.
سولتەك شائىر بولدۇم مەن مانا-
دېيەلمىگەچ ساڭا ئەلۋىدا.
سۆز چۆچەكلەر تارقىلار بىراق،
دوستلار ئارا كوچا-كويلاردا.
شوراپ بوپتۇ شىرنەڭنى ياتلار،
سەن نازىنىن قىلغاچ تاماششا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 22:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zultap





گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ،
ئەرزىمەس قىلچىلىك كۆز-ياش تۆكۈشكە.
سەن مەغرۇر ياشاشقا ئادەتلەنگەنغۇ!؟
مەن كەيىپ-ساپادا خۇشال يۈرۈشكە.


ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، ئۇنتۇش- بىر بەخىت،
ئۇنتۇپ كەت شۇ مىسكىن ئىسمىمنى ھەتتا.
قالماسمىز ئەمدى بىز بەلكىم ئۇچرىشىپ،
ئاھ، بۇ تار، زۇلمەتلىك، بەتتام ھاياتتا.

مەيلىلا، قولۇڭنى تۇتسۇن باشقىلار،
مەيلىلا، كىم سۆيسە سۆيسۇن لېۋىڭگە.
خوشلاشتىم ئاخىرى چىداپ-چىدىماي،
مەن قالدىم بۇ يەردە يەككە-يىگانە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 22:34:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zultap





نېچۈن يۈرىكىم سوقار بۇنچە دۈپۈلدەپ!؟


ئۆگزىلەردىن كۆرۇنىدۇ زۇمرەت سۇ،
مامۇق بۇلۇت ئۈزۈپ يۈرەر ئاشىيان.
نېچۈن يۈرىكىم سوقار بۇنچە دۈپۈلدەپ،
كەل بىر ئاز ئولتۇرايلى يانمۇ-يان.

سۆسۈن گۈللەر تارقىتىدۇ خۇشپۇراق،
بۇنچە مىسكىن سۆيمىگەنتىم ھېچكىمنى.
بۇ كۈنلەردە ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلۇپ،
خالىماسمەن كوچىلاردا جىدەلنى.

كەھىرۋادەك كۆزلىرىڭنى ئەسلەرمەن،
ئۇ كۆزلەرگە ياش تولىدۇ ئېسەدەپ.
بىز شاد-خۇرام خەيرلەشكەن ئاھ، بىراق،
نېچۈن يۈرىكىم سوقار بۇنچە دۈپۈلدەپ!؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 22:41:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن


كەچكۈزدە تۇرنىلار قايتىشار نەگە؟
قاغىلار كۆتۈرۈلمەس قەلبىمدىن نېچۈن؟
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن،
بۇ سوغۇق ماكاندا تۇرارمەن مەيۇس.
سوغۇقتا جۇغۇلدار مىسكىن يۈرىكىم،
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن،
ناخشىلار ئېيتارمەن ھىجرىڭدا سېنىڭ.
سەن كەتتىڭ ياتلارنىڭ ئىسسق باغرىغا،
تىلىمدىن قان بۇلۇپ ساقىدى ئىسمىڭ.
ۋەيرانلىق ئىلكىدە ياتقان بۇ جىسمىم،
توزغاقتەك، توزاندەك ئۈنسىز-نىداسىز،
ئەمدى نە چۈش بولسۇن، ھۆرلىكىم مېنىڭ!؟
سەن كەتتىڭ ياتلارنىڭ ئىسسق باغرىغا،
سەن كەتتىڭ باشقا بىر ئادەمگە تېگىپ،
نۇمۇستا يۈرەرمەن بېشىمنى ئىگىپ،
مەن سېنى ئۆلگۈدەك سۆيگىنىم ئۈچۈن...!!!

ۋاقتى: 2016-2-15 15:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوراپ بوپتۇ شىرنەڭنى ياتلار،
--------
بۇ مىسرانى يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن ئۇقۇغاندەك قىلىمەن .روس شائىرىنىڭغۇ دەيمەن .

ۋاقتى: 2016-2-15 19:03:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي شولىسى ئۆچكەن تىمتاسلا،
خىرە-شىرە ئاسمان ھەمدە مەن.  بۇ مىسرا ياقتى ..........

ۋاقتى: 2016-2-15 19:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي شولىسى ئۆچكەن تىمتاسلا،
خىرە-شىرە ئاسمان ھەمدە مەن.  بۇ مىسرا ياقتى ..........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش