يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 5

پەرھات ئەمەت (ئىزگۈگە): نان يېگەن ئوغۇل بالا (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ ئەسەرنى ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا بېغشلايمەن

ئىلاۋە:20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان، ئارخېئولوگلار 3000 يىل ئىلگىرىكى قۇمۇل قارادۆۋە قەبرىستانلىقى، 2800 – يىل ئىلگىرىكى چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، 2500 يىل ئىلگىرىكى پىچان سۇبېشى قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن نان  پارچىلىرىنى تېپىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
getimgdata.jpg


نان يىگەن ئوغۇل بالا

(ھېكايە)

پەرھات ئەمەت كۆۋرۇك


      نان _ ھازىرقى دەۋرىمىزدە  مىللتىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئىستمال قىلىۋاتقان ئېسل يىمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا،سۆيۈپ ئىستىمال قىلشىغا ئېرشكەن يېمەكلىككە ئايلاندى.  ئېھتىمال ئۇلار ناننى يېيشلىك بولغانلىقى ،ساقلاش مۇددىتى يۇقىرى ھەم ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىر نەرسىنىڭ ھەقىقى قىممىتنى ئۇنىڭ ھەقدارلىرى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنسە كېرەك.   كىشلەرنىڭ  قەلبىدىكى  يۈكسەك ئورنىنى بىلىش ئۈچۈن  ئۆز ئىچىمىزدىكى‹ يەرلىك خىمىتۇرۇچ›لارنى قىزىپ چىقىش ،ئۇنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا باغلانغان تەرەپلىرنى،روھى دۇنيارىمىز بىلەن بىر گەۋدىلىشپ كەتكەن تۇيغۇلىرنى چۈشنىش، ئاق قالدۇرماي يېزىشمىز كېرەك....__ ئاپتوردىن

  ئانام ئۇ 50 ياشتىن ئاشقان ئايال بولسىمۇ ئەمما ئائىلىدە ھەرقاچان سەھەر تۇرۇشتا بىرىنچلىكىنى قولدىن بەرمەي كەلدى.كىچكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ ئەھۋال زادى ئۆزگەرمىدى. ئىلگىرى مەن بىر قانچە قېتىم   سەھەر ئۇيقۇمنى ئېچىپ  ئۇنى يىڭىش ئۈچۈن  ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇمەغلۇپ بولغان ئىدىم.ھەر قېتىم ئۇ ئالدىمغا بىر ئىشلارنى ئالدىراش قىلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچراپ قالاتتى.شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئانامنى سەھەر تۇرۇشتا يىڭەلمەيدىغانلىقىمغاكۆزۇم يەتكەن ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئورنۇمىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.كۈندىكىگە ئوخشاشلا ئانام چاينى تەييار قىلىپ قويۇپ ئۆزى جەينامازدا ئولتۇرۇپ بىلگەن ئايەت سۈرىلەرنى پىىچىرلاپ تەسۋى سېرىپ ئولتۇراتتى.مەن  جوزىغا چىقىپ                                          .
——،ناننى نىمانچە جىىق چىلاپ قويغانسەن ئەمدى،ئەتىگەندە قۇرۇق چاي ئىچكەننى ئاز دەپ ھارغىچە نان چىلاپ قويۇپسەنغۇ،قانداق يەپ بولارمەن بۇنچە ناننى؟دەپ ئاغرىندىم.
—— بالام نان دېگەن قۇۋۋەت،نان يىمسەڭ قانداق ئىش قىلىسەن قانداق ئۆرە تۇرىسەن؟-
ئانامنىڭ ئادەتكە ئايلانغان سۆزلىرى مېنى ئامالسىز ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ئۇندەيتتى دە چوكا بىلەن يۇمشىغان ناننى يېيشكە مەجبۇر بولاتتىم.بەزىدە تۇرۇپلا ‹ھەممىلا ئۇيغۇر ئائىلىلىردە ئەتىگەنلىك ناشتىدا نان يىيىلىدۇ،دەستىخانىدىن قاچانلا بولسۇن نان ئۈزۈلمەيدۇ،نىمشقا خۇددى تەڭرى تەرىپىدىن بۇيرۇپ بېرلگەن قۇربانلىق قويدەك دائىم شۇنىلا يەيدىغاندىمىز؟› دەپ ئويلاپ كېتەتتىم..
مانا ئانام سەھەردىلا‹ نان تۈگەپ كەتمسۇن› دەپ يوغان تەڭلىدە خېمىر يۇغۇردى ئاندىن  ئۇنى مەخسۇس قېلىن رەختكە  مەھكەم  يۆگەپ لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان مەشنىڭ تۈۋىگىرەك ئىتتىرىپ قويدى دە    .
—‹مېھمانغا بارىمىز ،چاققان پىشىڭ›دەپ خېمىرنى مۇشتىمى بىلەن  بىرنى مۇشتلاپ قويدى.
—— ھا ھا ھا،مەن  ئانامنىڭ  قىزىقارلىق ھەرىكىتىگە قاراپ ھەتتائىچىۋاتقان چىيمنىمۇ  پۇرقىۋەتكلى تاسلا قالدىم.ئاناممۇ مېھىرىبان چىرايغا كۈلكە يۈگۈرتىپ  تەڭلا كۈلۈپ كەتتى.
——بۇ شۇنداق بىر ئۇدۇم  بالام . تولا زاڭلىق قىلما!
ئۇنى زاڭلىق قىلماي دېسەممۇ كۈلكەم مېنى قىستاپ  كېتىۋاتاتتى.< ھەي ،خۇراپاتلىق> دەيتتىم ئىچىمدە.
بەزىدە شۇنداق ئىشلار ئادەتكە ئايلىندۇ، ئانامنىڭ قىزىقارلىق ئشلىرى بۇلا ئەمەس ،مەسلەن:  تاماققا خېمىر يۇغارغاندا تۇيۇقسىز تۈگۈلگەن بارماقلار ئارىسدىن قاراس قىلىپ ئازغنە خېمىر  چاچراپ كەتسىە <بۈگۈن مېھمان كېلەمدۇ نېمە؟ جىقىراق يۇغىرايچۇ>دەپ ئۇندىن قوشۇپ يۇغۇراتتى،توۋۋا ،بەزىدە راستىنلا يىراق يېزىمزدىكى چوڭ دادام بولامدۇ ياكى قېرىپ قالسامۇ ئۆيدە ئولتۇرماي توختماستىن تۇغقان يوقلايدىغان يۇقارىقى مەھەللىدىكى چوڭ ئاپام بولامدۇ  تۇيۇقسىز كىرىپ كېلەتتى دە،،ئانام ماڭا <قانداق مېنىڭ دېگىنىم راسمكەن؟> دېگەندەك بېشنى لىڭشتىپ قوياتتى. ئېھىتىمال جاھاندا بىز چۈشەندۇرۇپ بولالمايدىغان  ئىشلار تولا بولسا كېرەك .مانا راسلانغان خېمىرمۇ خۇددى  ئۇنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلىغاندەك بالدۇرلا ئېچىپ تەييار بولدى.
ئويلاپ باقسام بالىلىق چاغلىرىمنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى مۇشۇ نان بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەن. ئىسمنى بىلسەم ئانام تونوردا نان ياقاتتى.ناننىڭ پىشقان چاغدىكى مېزىلىك ھېدى تونور بېشى تەرەپتىن تاراپ كەلگەندە ئويناۋاتقان يېرىمىزدىن  ئىختىيارسىز قوزغىلىپ تونور تەرەپكە ‹نان پىشىپتۇ!›دەپ ۋارقىرىغانچە  چاپاتتۇق.                                                      
ئاپاملار بىزگە<< ئالدىرماي تۇرۇڭلار،ھەممىڭلارغا بار،مانا توقاچ يەڭلار !>>دەپ بىزگە بىر- بىرىدىن ئوماق كىچىك توقاچلارنى يېقىپ بېرەتتى.توقاچ ناننى قولغا ئالغان ھامان يەنە ئويون ئوينىغان يېرىمزگە قاراپ چاپاتتۇق،يۈگۈرەۋىتىپ بىر ياقتىن ناننى چىشلەپ ھوزورلىنىپ يەپ كېتەتتۇق.
چوڭلار ئارقىمىزىدىن <<ناننى تاشلىماڭلار،يامان بولىدۇ! ناننى دەسسىۋەتسەڭلار كۆزۇڭلار كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ جۇمۇ! >>دەپ  قورقىتىپ ئاگاھلاندۇراتتى. نىمشقىدۇر بۇ سۆزلەرگە شۇنچە كەپسىز بالىلارمۇ رېئايە قىلاتتى. بىزيەنە ناننى چىڭ تۇتۇشقا ،ئۇنى ئۇگىتىۋەتمەي يېيشقا ئەگەر يەپ بولالمساق ئادەمنىڭ بېشىدىن ئېگىز يەرلەرگە ئۇنى قۇشقاچلارنىڭ يەپ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن  قويۇش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇچاغدا ھەپتە ئون كۈندە ئۆيىمىزدە بىر قېتىم نان يېقىلاتتى.ھەر قېتىم نان يىقىلغانداخۇددى يىڭى بىر يايرام كەلگەندەك،ئۆيمىز ئاۋاتلىشىپ،جۇشقۇن بىر كەيىپات پەيدا بولاتتى.   
ئىنساپ بىلەن ئويلاپ باقسام ،كىچىكىمىزدە ئەڭ ئېسىل يىمەكلىكىمىز يەنىلا مۇشۇ نان ئىدى.ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك پىچىنە پىرەنىكلەر،شاكىلاتلار يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى.
ئۆيىمىزدە نان يېقىلغاندا قاياقتىندۇر خۇددى باغاق يېزىپ چاقىرغاندەك چوڭ ئاپاملار پەيدا بولۇپ قالاتتى. خولۇم خوشنىلارمۇ ماگىنىت تۆمۈر ئۇۋاقلىرنى تارتقاندەك  ،ئۆزلىكىدىن كىرىپ كېلەتتى.
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم خوشنام،بۈگۈن نان ياقامسىز نىمە؟ قارىسام ھويلىڭىزدىن ئىس چىقىۋاتىدۇ؟ئۇلار شۇنداق  دەپ ئاپاملار بىلەن سۆيۈشۈپ كۆرۇشۇپ ئۆزلىكىدىن تۆرىگە چىقىشىپ نان راسلاشقا ياردەملىشەتتى.بەزىدە مەن پەگادا سۇپىغا  يېنىچە يېتىۋىلىپ ئۇلارنىڭ  خېمىر راسلىغاندىكى تېزلىكى،چەككۈش چەككەندىكى نەپس دۈگىلەك سىزىقچىلارغا  ئاندىن ناننى بىر پىرقىرتىپ دەستۇرخانغا رەتلىك تىزىپ قويۇشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ ھوزور ئالاتتىم.ئارلىقتا ئۇلارنىڭ بەزى گەپلىرنى چۈشىنەلسەم بەزى گەپلىرنى چۈشەنمەيتتىم.بىلشىمچە ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئائىلىلەردىكى ئۇششاش- چۈششەك ئىشلارغا چېتىلاتتى.كىملەردىندۇر خاپا بولۇشلار رەنجىشلەر ۋە قايسى تويدىكى غەلىتە ئىشلار،ئۆزلىرنىڭ شەخسى قاراشلىرى ۋە سودا سېتىقلىرى قاتارلىقلار بولاتتى.مۇشۇنداق قىزغىن پاراڭلارنىڭ ئۈستىگە  مومام تۇيۇقىسز ياندىكى ئۆيدىن  كىرىپ قالاتتى دە ئۇلار گەپنىڭ پەدىسىنى باشقا ياققا يۆتكەپ، بىر بىرىگە قاراپ جىمىپ قالاتتى. مومام ئۇلارنىڭ نان راسلاشلىرىغا ئانچە مۇنچە ئارلىشىپ ‹مۇنداق قىلىڭ، ئاي خېنىم› دەپ قوياتتى  ، ئۇ يەنە بىرىنلا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسكە ئېلىپ  ئۆزلىرنىڭ بۇرۇن قانداق تونورلاردا نان ياقىدىغانلىقىنى،نەچچە تونور ناننى ئۆزلىرى يالغۇز يۇغۇرۇپ ياقىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالاتتى.‹‹---ئۇ چاغلاردا مۇنداق ئەپچىل  تونورلار نىمە قىلسۇن؟>>دەيتتى مومام :<< ئۇ چاغلاردا كەڭرى باغنىڭ تاز ئوبدان يېرىنى تاللاپ تۇرۇپ يەرنى چوڭ  ئويۇپ شۇنىڭ ئىچىنى بۇۋاڭلار  سامان لايدا سۇۋاپ  نەچچە كۈندە تەييار قىلاتتى،مانا شۇنداق ياسالغان  تونورلاردا ياققان نانلارنى ئاتا -بۇۋىمىز يەپ كەپتىكەن.>>مەن مومامنىڭ ئاغزىدىن خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك ھاڭۋىقىپ قاراپ  قالاتتىم.
ــ ماڭ ،تالاغا چىقىپ ئوينا،ئوغۇل بالا دېگەن خوتون كىشلەرنىڭ گېپنى ئاڭلسا يامان بولىدۇ.
قورسقىڭ ئاچسا نان يە!                    
ئاپامنىڭ مېنى سىرتقا چىقىرىۋىتىشى بىلەن ئۇلار ئارسىدا بولغان سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم قالاتتىم.گويا نوچى بىر كىنو -فىلىمنىڭ ئاخىرنى كۆرۇلمەي ئارماندا قالغان ئادەمدەك تۇيغۇدا بولاتتىم.
ئەشۇ نانلارنى يەپ باشلانغۇچنى ۋە تولۇقسىز سىنىپلارنى تۈگىتىپ تولۇق ئوتتۇرغىمۇ چىقتىم.ئوقۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن  راست گەپنى ئېيتقاندا  ئۆي ئىشلىرنى تۈزۈك ئۆگىنەلمىگەن ئىدىم.دائىم  بىر ئىشلارنى قاملاشتۇرالمايتتىم،ئوتون يارسام بىر بولسا ياغاچنى قاڭقىتىپ يىراققا ئۇچىرۋىتەتتىم،بىر بولسا پالتىنى ياغاچقا توككىدە سانجىۋىلىپ ئىنجىقلاپ چىقىرالماي يۈرەتتىم.يىراقتىن مېنى خۇددى قاراۋۇلدەك كۈزىتىپ  تۇرغان دادام ئىتتىك كەلگەنچە قولۇمدىن پالتىنى تارتىۋىلىپ
ــ- ھەي ،نان يىگەن ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلمامسەن ؟ دەپ پالتىنى قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ئاندىن  ئەپلەپ تۇرۇپ قاتتىق ئوتۇننى ۋاككىدە قىلىپ يىرىۋىتەتتى. ئۇ ئوتانلارنى شۇنداق چىرايلىق يول يولى بىلەن ئوشتاتتى بەزى كۆتەكلەرنى تىكلەپ قويۇپ پالتا بىلەن ئۇرغاندا كۆتەك پارە –پارە بولۇپ كېتەتتى.دادام ماڭا  خۇددى چۆچەكلەردىكى پالۋانلەردەك،ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىدىكى غىنى باتۇردەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى.
شۇنداق چاغلاردا تولا خىجىل بولاتتىم. دادامنىڭ ‹نان يىگەندەك›دېگەن سۆزنى ئويلاپ قالاتتىم.
نېمشقىدۇر‹ نان ›بىلەن‹ ئوغۇل بالا› ئوتتۇرسىدا بىر باغلىنىش باردەك ھېس قىلاتتىم.بەزىدە  ئۇلارنىڭ ئارىىسدىكى بۇ  سىرلىق مۇناسىۋەتنى ھېچىكىم بىلمەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى.ئەمەلىيەتتە بۇنداق سىرلىق گەپلەر خەلق ئارىسىدا دائىم پەيدا بولۇپ تۇراتتى. مەسىلەن  بىر قېتىم مەن تويغا چوڭلار بىلەن بىللە بارغاندا چوڭلاردىن ‹پولو دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ يېمى›دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم.ئادەم يا كالا بولمسا دەيتتىم ئىچىمدە،پولونى يەۋەرسە زىيان قىلماسمۇ؟ئۇنىڭ نېمە شىپالىق رولى باركىن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پولونى ئانچە يېيەلمەيتتىم،ئازىراق يېسەملا تويۇپلاقالاتتىم.بەلكىم ھېلىقى ‹نان يىگەن ئوغۇل بالا› دېگەن سۆزمۇ چوقۇم دەپ قويغان سۆز بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. ئەجىبا مەن ناننى قانچە جىق يېسەم شۇنچە كۈچلۈك،شۇنچە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئوغۇل بالا بولامدىم؟،ياق!دۇنيادا پەقەت ۋە پەقەت  ئىلىم پەن ئىگەللەپ بىلملىك ئادەم بولغاندا ئاندىن كۈچلۈك بولغىىلى بولىدۇ! مانا بۇ مېنىڭ ئوقۇش ئارقىلىق ئېرشكەن‹پەلىسەپە› رىم ئىدى.
كيىنچە ئالى مەكتەپكىمۇ ئۆتتۈم.مەن ئوقۇشقا ماڭغاندا ئانام بىر يەشىك توقاچ ناننى يېقىپ ئۇزاتقان ئىدى.ئاشۇ نان مېنىڭ ئوقۇشمنى تاكى تۈگەتكۈچە ئۇزۇلمەي كېلىپ تۇردى.ھەر تەتىل ئاياقلاشقاندا ئانامنىڭ تونور تۈۋىدە ماڭا ئاتاپ ئالدىراش نان يېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنمىدە ئانامنىڭ قوللىرىغا سۆيگۈم كېلەتتى،لىكىن ئۇنداق قىلالمدىم. مەن ئالى مەكتەپنى ئوقۇش جەريانىدا دۇنيادا نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل رەڭگارەك  مەدەنىيىتى بولىدىغانلىقى،  شۇ قاتارىدا ئۆزىگە خاس   يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى بارلىقىنى بىلدىم.ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەكلىك تۈرلىرنىڭ  كۆپلىككى ،تائاملىرنىڭ سەر خىل ۋە قۇۋۋەت بېرىش رولى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاز تولا ئىزدەنگەن بولدۇم.بەزى تىۋىبلاردىن سوراپ يۇرۇپ ناننىڭ ئوت ئىسسىق تەبئىتى باررلىقى ئۇنىڭ بەدەنگە قۇۋۋەت بېردىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. نان ئۇزاق زامانلاردىن بىرى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىدى.بولۇپمۇ ھازىرقى زامان يىمەك ئىچمەكلەرنىڭ غەربىلىشىشى بىلەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىك مەدەنىيتى خىرسقا يولۇقىۋاتقان ئىدى.شۇنداق چاغلاردامومامنىڭ‹ ئۇنداق گەمە تونورلارنى سىلەر كۆرۇپ باقمىغان.›  دىگەن سۆزلىرنى ئەسكە ئالاتتىم. گويا نۇرغۇن نەرسىلەر بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىزمۇ ئالدىمىزغا قاراپ ماڭغانچەئۆز ئۆزىمىزدىن يىراقلىشۋاتقاندەك سېزەتتىم.
مەن توي قىلماقچى بولدۇم،ئەمما بۇ نۆۋەت كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك ئۇنچىۋالا جۇشقۇن مەنزىرە ھاسىل  بولمىدى، ئۇرۇق تۇغقانلار،خولۇم خوشنىلارنىڭ  نان يېقىشقا ۋاقتى يەتمەيتتى،ھەممە  ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇنداق ئالدىراش ئىدى.ئانام ماڭا تويغا كېرەكلىك ناننى قايسى بىر ناۋايخانا بىلەن سۆزلىشىپ قويغانلىقنى ئېيتتى.
ــ ئەتە 200 ناننى تەييار قىلىپ بېردىغان بولدى دېدى ئۇ .بازار خېمىتۇرچ سالماي ئۆي خېمىتۇرۇچ ئىشلىتىدىكەن ھازىر بۇنداق ناۋايلارنى تاپماق تەس.
ئانام گەرچە قېرىپ كەتمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ئېغىرلاشقان، ئۇ ئۆي ئىلشىرنى ئەمدى بۇرۇنقىدەك كۈچەپ قىلالمايدىغان بولغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق ئۆي ئىشلىرى بىلەن جاپا تارتىماسلىقىنى ،ھاياتىدا ئازىراق بولسىمۇ راھەت كۆرۇشنى  ئويلاپ  سۆيگۈنىمگە تېزراق توي قىلىش تەكلىپى قويدۇم.ئۇ  تېزلا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى،شۇ چاغدا نېمشقىدۇر تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن :
ــ نان ياقالامسىز؟دەپ  سورىدىم. ئۇ خۇددى مەن قىزىقارلىق يۇمۇر ئېيتىپ بەرگەن چاغدىكىدەك قاقالاپ كۈلۈپـ كەتتى
ــ جىنىم ،سىز ئۈچۈنغۇ ئوتقا كىرسەممۇ رازىىتىم،،لىكىن  لىكىن  سىزگە دېسەم، ھازىر قايسى  بىر قىز بالانان ياقىدۇ؟دەپ بېقىڭە!
مەن سىزگە ئوخشتىپ تاماق ئېيتىپ بېرەلەيمەن،،،يەنە،يەنە،،،
ــ بولدى قىلىڭە،،مەن نېمشقىدۇر  تېلفوننى رەنجىپ قويىۋەتتىم. مەن راستىنلا ئۇنىڭدىن قاملاشمىغان سۆزلىرى ئۈچۈن  رەنجىپ قالدىم.ھەتتا بىر كۈن ئالاقىلاشماي ئۇنى بېھۇدە ئازابلاپ يۈردۇم.
ئاپامغا بۇسۆزلەرنى ئېيتقىنمدا:ــ ھەي نادان بالام دېدى ئانام قىزنىڭ كۆڭلىنى بىكاردىن ئاغرىتىپسەن تېز كەچۇرۇم سورا،،،ھازىر قىزلار نان يېقىشنى نەدىن بىلسۇن !دىدى ئۇ  بىرىدىنلا مۇڭلانغاندەك ئۇھ تارتىپ
ـــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىشلەۋاتقان قىز بىلەن توي قىلىۋاتساڭ ئۇنىڭ نان يېقشى مۇمكىنمۇ؟تامىقىڭىنى ئېيتىپ بېرەلسە شۇنىڭدىن خۇش بولساڭ بولىدۇ.
ئانامنىڭ سۆزلىرى ماڭا تەسىر قىلدىمۇ ئەتسى قىز دوستۇمغا  تېلفون ئۇرۇدم.
ئۇ تىلفوننى ئالمىدى،،رەنجىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ قايتا قايتا ئۇرۇشقا باشلىدىم،ئەمما  پەقەتلا ئېلىنمدى.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۇ  ئۆزى ماڭا  تېلفون قايتۇرۇپتۇ .دەرھال ئالدىم:
ــ ياخشمۇسىز جىنىم ،بۈگۈن مەن نان ياقتىم!
ئۇنىڭ سالام سائەتمۇ قىلماي تۇيۇقسىزلا ئېيتقان  سۆزلىردىن ھەيران قالدىم،
ــ نىمە نىمە دىدىڭىز،، سىز راستىنلا،،،،
-ھەئە، ھېسابتا مەن ياقتىم دىسەممۇ بولىدۇ دېدى ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ كېتىپ ،،شۇ  ئانامغا ياردەملەشتىم،لىكىن تونورغا قولۇمنى تىقشىم بىلەنلا كۆيۇپ قالغلى تاسلا قالدى،ئاپام يەنىلا ئۆزەم قىلاي دەپ قىلغۇزمىدى.ئۇنىڭ ئاغىرقى سۆزلىرى ئۈمچىيىپ تۇرغان چىراينى ئەسلەتتى.
ــ بولدى ،نان ياقماڭ مەن ئەمدى ئۇنداق دىمەيمەن،ماڭا سىز بولسىىڭىزلا بولدى!
شۇنداق قىلىپ مۇھەببەت بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى نەگىدۇر يوقاتتى،،بىز يەنە ئەپلىشىپ قالدۇق.     مانا ھازىر مەنمۇ ئەر يەتكەن چوپچوڭلا بىر يىىگىت بولۇپ قالدىم،دادام ئېيتقاندەك ‹نان يىگەن ئوغۇل بالىدەك › بولالىدىممۇ ئۇنىسنى بىلمەيمەن.ئەمما نان بىلەن ئوغۇل بالىنىڭ  ئوتتۇرسىدىكى بىر سىرلىق باغلىنىشنى فورمىلا يەشكەندەك تىپىپ چىقالمىغان بولساممۇ ئەمما   ئۇ سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر ھېكىمىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .دادامنىڭ شۇ سۆزى ھەردائىم ماڭا مەدەت بېرىپ  مەن مەغلۇپ بولغاندا،چۈشكۈنلۈكتىن قەددىم بىۋاق ئىگىلگەندە قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ  كېتىدۇ. دە  قولۇمغا بىر پارچە ناننى ئالىمەن   ئاندىن ئۇنى بار كۈچۈم بىلەن چىشلەيمەن.
مانا مەن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارمىساممۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدى بويىچە دۆلەت ئشىتاتىدىكى  خىزمەتكىمۇ چىقتىم. ئەگەر نىسىپ قىلسا  ئاز ۋاقتتىن كىيىن ئايالىم يەڭگىشى مۇمكىن،ئۇ نان يېقىشنى بىلمەيدۇ،نان يىيشنى بىلىدۇ.
ناۋادا  پات ئارىدا تۇغۇلدىغان  بالام  ئوغۇل پەرزەنت بولۇپ قالسا،ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن  ئۆسۈپ چوڭ بولسا  مەنمۇ ئۇنىڭغا خۇددى مىجەزى ئىتتىك ئەمما كۆيۈمچان دادامدەك  ‹نان يىگەن ئوغۇل بالىدە ئىش قىلمامسەن؟› دەپ ۋارقىريالامدىم يوق ئۇنى  بىلمدىم.


2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى يېزىلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-14 00:01:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈملە قۇرۇلمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىلەرنى تەرك ئېتىپسىز.
ژۇرنالدىن ديالوگلۇق  ھېكايىدىن بىرەر پارچە ئوقۇپ، تىنىش بەلگىلەرنى قانداق قويۇدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن بۇ ھېكايىنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى جايىغا قويۇپ چىقىڭ!

ۋاقتى: 2016-2-14 00:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-2-14 00:02:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

بولىدۇ،رەھمەت،ماقالىنى ئوقىۋاتمەن  ۋاقتى: 2016-2-18 05:04 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-1 13:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:نان يىگەن ئوغۇل بالا ناملىق بۇ ئەسىرىمنى <<ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>غا  قاتناشتۇرۇشتىن  ۋاز كەچتىم،يەنى بۇ ئەسىرىمنى "ئىزگۈ تور  ئەدەبىيات مۇكاپاتى" غا قاتناشقان ئەسەرلەر تېزىملىكىگە كىرگۈزۇلمەسلكىنى ئۈمىدقىلمەن. ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن ئەپۇ سورايمەن.

مەزكۇر ئەسەر ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەندى بارلىق ھوقوق ئۇز ئاۋاز ستۇدىيسىگە تەۋە.
—پەرھات ئەمەت


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش