يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 5

غېنىجان: چىش تازىلىتىش (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 12:21 AM  

                                           چىش تازىلىتىش


                                               (ھېكايە)


                                       غېنىجان خۇدابەردى

   يېقىندا ئالما ماركىلىق قول تېلېفونۇمغا بىر ساغلاملىق تور بىتى چۈشۈرۈۋالدىم.نەتىجىد,نۇرغۇن ساغلاملىق بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇپ قالدىم.بەلكىم ئۇ تور بەتنى سىلەرمۇ كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن،بۇ توربەتتە نەچچە يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە رېتسېپلىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.ھازىر مەن كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنى ئاشۇ تور بەتتىكى ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىلىپ بېرىۋاتىمەن.ئادەم بەدىنىگە ئەڭ پايدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن،ئالقات،قارا پۇرچاق،مور...ۋاي-ۋۇي، بۇنداق سىز-بىز بىلمەيدىغان ئۆزى ئەرزان ھەم خىسلەتلىك نەرسىلەر كۆپكەن.مەن دېسەم،ئالقات دېگەننى بوش كۆرمەڭ،كۈندە چايغا دەملەپ سۈيىنى ئىچىپ،ئۆزنى يەپ بەرسىڭىز،ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ياشايدىكەنسىز، ئىشەنمەمسىز؟ دەرھال قول تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ، تورغا قاراڭ!
   مەن ئىلگىرى بىر توردىن بىرەيلەننىڭ يېمەي-ئىچمەي ئاتمىش يىل ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇغان.بىراق ما مەن چۈشۈرۈۋالغان تور بەتتە يېزىلىشىچە،لى چىڭ يۇن دېگەن بىرەيلەن پەقەت ئالقات يەپ ئىككى يۈز  ئەللىك ئالتە يىل ياشاپتۇ.كاتتا خەۋەرمىكىن؟ئۈزۈن ئۆمۈر كۆرۈشتە ئەۋلىيالىق مەقەمىغا يەتكەنلىك-تە بۇ!جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ ئىزدەپ سوراپ بېرىپ،پىر ئۇستاز تۇتۇپ قۇيساق بولاتتىكەن،مىڭ ئەپسۇس،بۇ سەل بۇرۇنقى  ئىشكەن،ئۆلۈپ كەتكىنى سەكسەن ئۇچ يىل بولۇپتۇ.كېچىكىپ بىلىپ قېلىپتۇق.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چەتئەللىكلەر ھازىر مەخسۇس ئالقات خەلىقئەرا تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە ئالقات كەسپى مەكتەپلىرىنى ئېچىپتىمىش. مەكتەپلىرىنىڭ ھويلىسىغا ساپلا ئالقات تېرىغانمىش.سىنىپ ئىچىدىمۇ ئالقات مېۋىلىرى ساڭگىلاپ تۇرارمىش.ئوقۇتقۇچىلار ساڭگىلاپ تۇرغان قىزىل ياقۇتتەك ئالقاتلارنى قۇلنى مۇنداقلا ئۇزىتىپ ئۈزۈپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يېيىشىش ئۇسۇلىنى سۆزلەرمىش. ئوقۇغۇچىلار كۆك ياقۇتتەك ئالقات يوپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ماراپ ئولتۇرۇپ،ئۆگەتكىنى بويىچە،ئالقات يېگەچ ئۇزۇن ئۆمۈر كورۇش دەرىسى ئاڭلارمىش...
   گەرچە ئۇ پىر ئۇستازنىڭ روھى ھازىر ئىرۋىنىغا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەنمۇ مۇشۇ توربەتتىن ئىگىلىگەن بىلىمىم بويىچە،چەتنەپ كەتمەي ئىش تۇتسام،ئۆزۈممۇ ئوقۇغان،سەۋىيىلىك ئادەم بولغاندىكىن،ھەم يەنە ئېرىنچەكلىك قىلماي ئازراق قېتىرقىنىپ، ھۇرۇنلۇق قىلماي تىرىشىپ قويسام،بەلكىم ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ قىياسىمچە،ئىككى يۈز يەتمىش يىلدىن (ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئەۋلىياسى بىلەن بەسلىشىپ) ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈش نىشانىغا يىتىشىمدە چاتاق يوق. قايسى بىرىمىزنىڭ ئۇزۇنراق ياشىغۇسى يوق؟يەنە بەش يۈز يىل ياشاپمۇ قالامدىم تېخى!
   مەن يەنە بۇ توردىن،كېسەل بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.بۇندىن كىيىن كېسەل بولۇپ قالسام، ئىللا-بىللا دوختۇرخانىغىمۇ بارمايمەن.كېسەل بولغاندا دوختۇرخانىغا بارغاننىڭ پايدىسى يوق،بىر كېسەل بىلەن بارسىڭىز،ئاغرىغان يېرىڭىزنى بىلمەيدۇ-يۇ،باشقا نۇرغۇن سىز بىلمىگەن كېسەلىرىڭىزنى موللا تاپقاقتەك تېپىشىدۇ.بۇ كېسەلگە يېگەن دورىڭىز،باشقا كېسەللەرنى سۆرەپ چىقىپ،جىنىڭىزغا ئېكەك سالىدۇ...     
   دوختۇرخانىلاردىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئىش ـــ بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك!
   مەن ھازىرقول تېلېفونۇمنى قولۇمدىن چۈشۈرمەيمەن.قول تېلېفون دېگەن قولدا تۇرسا ياخشى!قولدىن ئايرىلىپ قالسا ئىشلىرىمىز يۈرۈشمەيدۇ.چۈنكى ھازىر سالام سائەتنىمۇ قول تېلېفوندا قىلىشمىز. توينىمۇ توردىن خوتۇن تېپىپ ئالىمىز؛توي خەۋىرىنىمۇ توردىن ئەۋەتىمىز.تورغابولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇرۇق-تۇغقان،خوتۇن بالا-چاقا بىر چەتتە قالدى.ئارقا ئىشىك قىلىدىغان قىزىل بولاقنىمۇ تور ئارقىلىق بىرمىز.توردا دېيىلگەننىڭ ھەممىسى راست،باشقىسى يالغان!بۇرۇن توردا بېلىق تۇتاتتۇق، ھازىرچۇ؟ كەلگۈسىدىكى نىشان ـــ ئىمام ئاخۇنۇمغا ئالما تېلېفوندىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ،نامازنى يوتقاندىن قوپماي توردا ئوقۇپ،روزا تۇتىمىز!.ئوقۇيمەن،ئوقۇيمەن،يەنە ئالامەت ئىشتىياقتا ئوقۇيمەن. كۆزلىرىم تورلىشىپ،ئېچىشىپ ئاغرىپ كېتىدۇ.شۈندىمۇ باشقىلاردا  كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىققا قارشى باتۇرانە ئىلگىرىلىيەلەيدىغان قەتئىي چىڭ ئىرادە بىلەن  ئالىيجاناب روھتا تا ئۇخلاپ قالغۇچە ئوقۇيمەن.چالىسىنى تېخى چۈشلىرىمدە ئوقۇيمەن، ئىشەنمەمسىز؟ياشىسۇن قوماچ يېگەندەك كاراسلاۋاتقان چىش، گۈلدۈرمامىدەك خورەك!
   خوش،ئوز گېپىمگە كەلسەم،بۈگۈن ئەتىگەن توخۇ پوق يېمەستە ئورنىمدا يېتىپ،مەزىن ئەرزان قويماستا ئاشۇ سۆيۈملۈك (قەدىردانىم) تور بەتتىن چىش ساغلاملىقىغا دائىر ئاجايىپ بىر پايدىلىنىش ساۋاتىنى ئوقۇپ قالدىم.قول تېلېفونىڭىزنىڭ ئېقىمى بولسا ئاڭلاپ تۇرۇڭ:چىشنى ھەر كۈنى  چوتكىلايدىغانلار بىر يىلدا بىر قېتىم، چىشنى(مەنغۇ ئالدىراش بولمىسام ئۇچ ۋاق، بولمىسا سۇ ئىچسەممۇ كەينىدىن چوتكىلايمەن)چوتكىلىمايدىغانلار بىر يىلدىن ئۇچ يىلغىچە، بىر قېتىم چىشنى تازىلىتىپ تۇرۇش كېرەككەن. بولمىسا، چىشنىڭ ئەتراپىغا يىغلىۋالغان قالدۇقلا چىش تېشىغا ئايلىنىپ، چىش مىلىكىنى قاچۇرۇپ،چىشنىڭ بۇرۇنلا چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈردىكىن،نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق؟مەن ياش تۇرۇپلا چىش ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بەرمەي،موك-موك بولۇپ قېلىپ، ساختا چىش سالدۇرۇۋالغانلارنى كۆرگەن.ساختا چىش دېگەننىمۇ سالدۇرامدۇ كىشى! يۆتەلسىڭىزمۇ،كۈلسىڭىزمۇ چۈشۈپ قالىدىكەن. قول تېلېفوندا چىڭراق ۋەي دېسىڭىزغۇ ئاۋازىڭىز يىتىپ بارماستىن، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغان ئۇچۇپ بېرىپ پوككىدا چۈشىدىكەن. تاماقنى كالىدەك يالماپ يۇتقاننىڭ تاشايىندا،بەزىلىرى تامىقىغا قوشۇپ يەۋېتىپ،يالغان چىشنى ئىزدەپ  يۈرۈشىدىكەن.تېخى ھاراق ئىچىپ قۇسۇۋېتىپ،قۇسۇقىدىن ماتلاپ تېپىپ ئېغزىغا يۇماستىنلا سېلىۋالغانلارنىمۇ كۆرگەنتىم،نېمە دېگەن مەينەتچىلىك، ھۆ...!
   مەن ئاز دېگەندە ئۇچ يۈز يىل ياشايدىغان تۇرسام،(بەش يۈز يىل  ياشاشنى ئىككىنچى بەش يىللىق پىلانىمغا كىرگۈزمەكچى!) چىش باشقىلارغا قارىغاندا ماڭا بەك مويۇم ھەم  لازىم.بۇندىن كىيىن نازۇنېمەتلەرنى تالقان قىلىپ كاپ ئەتمەسلىكىم ئۈچۈن، چىش ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال چىشىمنى تازىلىتىش قارارىغا كەلدىم.بۇ قارارىغا كېلىشىم بىلەن چۈشلۈك شېرىن ئۇيقۇمدىن كېچىپ، مەھەلىمىزگە يېڭىدىن ئېچىلغان بىر چىش داۋالاش ئورنىغا قاراپ چاپتىم.مەن يا كۈن ئۇياقتىن چىقىپ، بوياققا كىرىپ كەتكەنگە خۇش بولۇپ يۈرىدىغان بىكار تەلەپ بولمىغاندىكىن، بۇ قارارىغا كەلگەنىكەنمەن ۋاقتىنى چىڭ تۇتمىسام بولمايدۇ، ئەلۋەتتە!.
    بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ھەم سالقىن ئىدى.قۇياش نۇرى تومۇز ئايلىرىنىڭ كۆيدۈرگۈچى تەپتىنى ئەمەس،ئاز كورۇلدىغان ئىللىق ئالتۇن رەڭ نۇرنى سېپىپ،مۇئەللەقتە  كۇلۇب تۇراتتى.بەلكىم قۇياش ئالتىنچى ئاي تومۇزدا ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ،توردا ئايغا ئۇچۇر يوللاۋاتقاندۇ.سەلكىن شامال گۈزەل نازىنىن پىچىرلىغاندەك،دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەلپۈتۈپ شىۋىرلايتتى.مېنى چىش داۋالاش ئورنىدا مۈگدەپ ئولتۇرغان (ئاق پوسما،ئاق خالات،ئا پەلەي كىيىپ،ئاق ماسكا تاقىغان)بەئەينى قار ئادەم سىياقىدىكى چىش دوختۇرى پوسمىسى بىلەن ماسكىسىنىڭ ئارىسىدىن  پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزىدە خۇددى  ۋادەك قىسلىچىدىن قارىغاندەك،قارىشى بىلەن كۈتۈۋالدى.
   ـــ چىشىمنى تازىلىتاي دېگەن،ـــ دېدىم مەن،ئۇنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پونكىتىدا ئىشلەيدىغان خادىمدەك كىيىنىشلىرىگە ئەجەبلەنگىنىمچە.ئۇ گەپمۇ قىلماستىن مېنى  كۆك رەختتە بولانغان چىش داۋالايدىغان ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ،يېتىشقا ئىما قىلدى. مەنمۇ ئادەم يوق پۇرسەتتە كىرگىنىمدىن زىيادە خۇرسەن بولۇپ، كۈتمىگەن بىرەرىنىڭ كىرىپ نۆۋىتىمنى تالىشىشىدىن ئەنسىرىگەن بىر تۇيغۇدا،دەرھال ئۇ كۆرسەتكەن جايغا چىقىپ ياتتىم. دېمىسىمۇ، ئۆتمۈشتە تۈگەپ كەتكەن ئۆچىرەت، يېقىندىن بىرى يەنە پەيدا بولۇپ قالغانىدى.قەيەرگە قارىماڭ ئۆچىرەت،ھەتتا مالاچۈەر ساتىدىغان جايدىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ،قان يالىغان ئىتتەك تۇمشۇقنى قىزارتىپ، مالاچۈەر يەۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۆچىرەتتە تۇرۇش ـــ مەدەنىيلىكىمىزنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ قالغانىدى.دېگەن بىلەن مەدەنىيەتنى ھەممىز ئۆزمىزدىن باشلاپ تۇتساق،ئۈنۈمى تېخىمۇ ئوبدان بولىدۇ.ئەمدى كىم كىرسىمۇ (توردا دېيىشىۋالمىغانلا بولسا) ئۆچىرەتنى تالىشالمايتتى. كۆڭلۈم بىرخىل خاتىرجەملىكتە ئەمىن تاپتى.ئۇ ياندىكى ئىشكاپتىن بىر سۇلياۋنى ئېلىپ يىرتىپ، بىر تۆت چاسا سۇلياۋ تەخسىنى ئالدى. ئىچىدىن كۆك شالدۇرقتىن بىرنى ئېلىپ،بوينۇمغا تاقىدى. ھەرىكىتى ئالىي ئاشپۇزۇللاردىكى ئالىي دەرىجىلىك كۈتكۈچىدەك سالماق ئىدى.ئۆزۈمنى پۇلدار بايلاردەك ھېس قىلىپ،كېرىلىپ ياتتىم.ئۇ تەخسە ئىچىدىن بىر تەرىپى ئۇچلۇق نەيزىدەك،بىر تەرىپىدە باشمالتاق چوڭلۇقىدىكى ئەينىكى بار بىر سۇلياۋ تاياقچىنى ئوڭ قۇلىغا،موچىننى سول قۇلىغا ئالدى.ئوپېراتسىيەگە تەخ بولغان ۋراچتەك دەقىقە تۇرۇۋالدى.بوش قالغان بېرە ئەزايى بار دېسە،ئىككى كۆزىلا قالغانىدى. سول قۇلنى ئۇزىتىپ،ئۈستۈمدىكى ئىككى تەرىپىدە كالىنىڭ مۈڭگۈزدەك تۇتقۇچى بار بىر چىراغنى ياندۇردى.ئوڭ قۇلىدا چىراغنى تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئەكېلىپ،ئېغزىمغا توغرىلىدى، نەچچە جەينىكى بار بۇ چىراغ بىر قارىسا ئالۋاستىدەك كىشىگە بى ھەيۋەت تۇيغۇنى بېرەتتى.مەن دەرھال ئېغىزىمنى ئاتلاڭگا قۇشقاچتەك كەردىم.ئۇ چىراغ يورۇقىدا موچىن بىلەن ئېغىزىمنى كېرىپ، سۇلياۋ تاياقچىنى كىرگۈزۈپ،قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قارىغاندەك ئېغزىمغا سىنچىلاپ خېلى ئۇزۇن قارىدى.ئېغىزىمنى بەك كۈچەپ، ئېچىلىش دائىرىسىدىن يوغان كەرىۋەتكەچكىمۇ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى زاڭىقىمغا ياغاچ تىققاندەك ئاغرىپ ،بولالماي قالدىم.لېكىن ئۇ پەرۋايى پەلەك،ھېلىھەم ئېغزىمغا مارىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.مەن چىداپ بولالماي قېتىڭشىغاندا،ئاندىن سۇلياۋ تاياقچىنى ئېغىزىمدىن تارتىۋالدى.مەن يېرىم ئورە بولۇپ، شالىمنى سول يېنىمدىكى بىر تال نەيچە ئارقىلىق سۇ سىرغىپ تۇرغان سۇلياۋ قاچىغا تۈكۈردۈم.
    ئۇ ياندىكى ئىشكاپ تارتمىسىدىن ياپقۇچى بار قەلەي قۇتا ئىچىدىن بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ،نېشە چېكىدىغان چىلىمنىڭ ئۇزۇن شىلانكىسىدەك شلانكىنىڭ ئۇچىغا ماڭا كەيننى قىلىپ تۇرۇپ،بىر نەرسىلەرنى ئورناتقاندىن كىيىن،قايتا ئېغىزىمنى كېرىپ ئىشنى باشلاپ كەتتى.يېقىنلا بىر يەردىن تۇل ئاياللار تەرىپلەيدىغان؛ئەيتاۋۇر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مۇزىكا ـــ خورەك ئاۋازى بىر كۈچىيىپ،بىر پەسىيىپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.دېمەسمۇ،بۈگۈن يالىڭاچ بولۇپ ئۇخلايدىغان سالقىن كۈن بولغانىدى،چىشىمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ساغلاملىقىنى دېمىگەن بولسام،مەنمۇ ئۆگزىنى ئېچىۋەتكۈدەك خورەكنى بوڭ تارتىپ(چۈشۈمدە تور ئوقۇپ) ئۇخلىغان بولاتتىم. بەلكىم بۇ خورەكمۇ ئوز جايىدا بوراندەك گۈركىرەپ،ئۆگزىنى ئېچىۋەتكۈدەك تارتىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.ئاياللارمۇ خورەك تارتامدىغاندۇ؟مۈشۈك جېنىدا خورەك تارتقان يەردە،ئاياللار تارتماي قالامدۇ؟شەيتاننىمۇ دەم تارتىدۇ!ئاھ خۇدا، ئالدى-كەينىنى ئوبدان ئويلاشماي چىقارغان قارارىمدىن،مانا ئەمدىلىكتە پۇشايمان قىلىپ قالدىم.پوق يەپمۇ كىرەمدىم،قۇم چاقتا پىچاق بىلگەندەك  غىچىلدىتىپ چىشىمنىڭ چۆرىسىنى قىرىشتىن پەيلىرىم سىرقىراپ، تىنىم ياپراقتەك تىترەپ،مېڭەم غوڭۇلدايتتى.ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقىنى بىلەلمىدىم؛ئەلپازىدىن چىشلىرىمنى پولات چىۋىقىنى كەسكەندەك كېسىپ ئېلىپ،ئاندىن  قىل چوتكىدا ئالدىرىماي يۇيىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق، ئېغزىمغا قان ئارىلاش سۇ تولۇپ بولالمىغاندا،كىچىككىنە توختاپ تۈكۈرۈۋېلىشىمغا يول قۇياتتى.تۈكۈرۈپ بولغان ھامان دېمىمنى ئالغىنى قۇيماي،ۋادەك ئارىسىدىن قارىغاندەك قارشى بىلەن دەرھال يېتىشقا ئۈندەپ تۇرۇۋالاتتى.بەلكىم ئۇ،چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى بۇزغىنىدىن كۆڭلىدە مەندىن ئالەمچە نارازىدۇر ۋە ياكى ئوز ئىشىغا مۇشۇنداق جىددىي پوزىتسىيە تۇتىدىغاندۇ،بىلمىدىم. ئۇ نەرسە ھەر بىر چىشىمغا يۆتكەلگەندە،تىنىم جىغىلداپ،مېڭەمگە  تۈمەن-مىڭ دەرەش سانجىلغاندەك ئاغرىپ كىرىپ كېتەتتى.ھەر قېتىم تۈكۈرگەندە ئۇششاق شېغىل تاشتەك بىر نەرسىلەر تۈكۈرەتتىم.توۋا قىلدىم، شۇنچە نۇرغۇن تاش ئۇۋاقلىرى چىشىمنىڭ قەيەرلەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بۇلغىدى؟بۆرەك،ئۆتلەرگە تاش ئۇيۇپ قېلىشمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.بەلكىم،مىنىڭ ئەزالىرىمغا ئورۇنلىشىپ بولدىمۇ تېخى، بىرنېمە دەپ بولغىنى بولمايتتى.ئەگەر ئىشنى باشلاپ بولمىغان بولسا، شۇنداقلا ھەم ئاشۇ نەچچە يۈز يىل ياشاش ئۇلۇغۋار پىلانىم بولمىغان بولسا،بوينۇمدىكى شالدۇرۇقنى چۆرۈۋېتىپ،يېنىپ چىققان بولاتتىم.خەيرىيەت،چىداي،سەۋرى تاقەتنىڭ تېگى ئالتۇن.چىشلىرىم كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرسىلا بولدىغۇ؟ساختا ئالتۇن چىشقا ھاجىتىم چۈشمەيتتى! ئۇنىڭ غىچىلدىتىپ چىشلىرىمنى بىردىن تازىلىشىغا تاقەتلىرىم تۈگكەن؛ئالاھازەل ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتكەن بىر پۇرسەتتە،ئۇ سايمانلىرىنى قۇيۇپ چىشىمغا قايتا زەن سېلىشقا باشلىدى.تازىلاش تۈگىگەنىدى،ئىش تامام-ۋەسسالام!
   ـــ چىشلىرىڭىز مەزمۇتكەن،ــ دېدى ئۇ،غىڭىلدىغاندەك بىر ئاۋازدا ئېغىزىم ئىچىگە سىنچى قاراۋېتىپ،ـــ ئادەم تۇغۇلۇپ بەش ياشقا كىرگۈچە،ئېغىزىمىزغا ئالماشمايدىغان ئون تال چىش چىقىدۇ. لېكىن ھازىرقى بالىلار چىشنى ئاسرىماي،ئون سەككىزگە كىرمەستىن، بۇ چىشلىرىنى تامام كېرەكتىن چىقىرىپ بولىدۇ.
    ئۇنۇڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،بايقا بىئارامچىلىقىم قەيەرلەرگىدۇر يوقاپ،قەلبىمنى بىرخىل مەمنۇنلۇق ئېگەلىدى.شۇ ئەمەسمۇ، ھازىرقى بالىلار ساغلاملىقىغا قەتئىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، كۈندە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يەپ،چىشلىرىنى سارغايتىپ،مۇشتەك تۇرۇپ ئاشقازىنىم ئاغرىدى دەپ ئىڭرىشىدۇ.مېنىڭ ئاشقازىنىمغا توپا يېسەممۇ سىڭىدۇ.تاش ئىزىش زاۋۇتىدەك تاش يەپ،قۇم چىقىرىۋېتەلەيمەن!
    ـــ لېكىن سىز چىش چوتكىسىنىڭ يۇمشاق قىللىقنى ئىشلەتمەپسىز.ئا ب چىشىڭىزنىڭ مىلىكى قېچىپ،چىش بويۇننى قاتتىق چوتكا بوغۇزلىۋېتىپتۇ.
    بوغۇزلىنىپتۇ؟كۆز ئالدىمدىن بوغۇزلانغاندىن كىيىن بېشى ساڭگىلاپ قالغان توخۇ،ئۆردەك،قويلار تىزىلىپ ئۆتتى.
   ـــ چىشىڭىزنىڭ نېرىپلىرى كۆرۈنۈپ قاپتا.سوغۇق ياكى قىزىق نەرسە تەگسە ئاغرىمدۇ؟ـــ ئۇ ۋادەكنىڭ ئارىسىدىكى كۆزلىرىنى كۆزۈمگە تىكتى، ـــ پات-پات قانامدۇ؟
   دوغ،ماروژنى دېگەندەك زىيادە سوغان نەرسىلەرنى يېسەم چىشىم قولىشىپ، دەرەش تىققاندەك مېڭەمگە ئاغرىق كىرگۈزۈۋېتەتتى ـــ شۇڭا شۇنداق بولغانكەن-دە! لېكىن چىشىم قانىمايتتى.مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قېتىڭشىغان بولساممۇ،ئۇ ئېغىزىمدىن سۇلياۋ تاياقچىنى تارتمىغاچقا،جاۋاب بېرىشكە ئىلاجىم بولمىدى.ئۇ داۋاملىق كۆزەتكەچ:
   ـــ بۇ چىشنى دەرھال داۋالىمىغاندا،ئۇزۇنغا قالماي قۇرۇت چۈشىدۇ- دە، بىر ئوبدان چىشنى زىيان تارتسىز،ـــ دېدى ئۇ،ئاندىن ماڭا قارىماي بىر ئىشلارنى قىلغاچ، ـــ داۋالىۋېتەيمۇ؟
بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟بايا تېخى چىشلىرىمنى مەزمۇتكەن دەۋاتقانتىغۇ؟بايا چىشلىرىمغا قارىغاندا تولۇق كۆرمەي قاپتىكەن-دە. چۈنكى كىچىككىنە بوشلۇقتا بىر بەن ئەسكەردەك  قاتار ئوتتۇز ئىككى چىش تۇرسا،كېسەل چىشىم مۇبارەك نەزىردىن ساقىت بولۇپ قالغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن.قېتىڭىشىماي ئۇنىڭ تەلىمنى ئوبدان ئاڭلاي،يەنە قانداق چاتاقلار باركىن.بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىم سەل پەسكويغا چۈشتى،چۈشتى ئەمەس بۇنچە ئەستايىدىللىقىغا قايىل بولۇپ، ئۈندىمەي ياتتىم.
    ئۇ بايىقى نەرسىنىڭ ئۇچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ،سۇلياۋ خالتا ئىچىدىن باشقا ئۇچلۇق بىر نەرسىنى ئورناتتى(دېگەن بىلەن تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىكەن)،بېشىمنى بايىقىدىنمۇ بەكرەك قىڭغايتىپ قۇيۇپ،بېتون تامنى ئۈشكىلگەندەك غىژىلدىتىپ ئېغىزىم ئىچىدە ئىش باشلاپ كەتتى.ئۇ نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ نېفىت قىدىرغاندەك تېشىپ تەكشۈرەمدىكىنا؟دېگەن بىلەن ھەر كەسىپنىڭ ئوز قائىدىسى بار.لېكىن بۇ،چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەستە. يەرنى كولاپ قايتا قاندۇرسىمۇ يەنە ئويمان قالىدىغان تۇرسا؟بەلكىم ئاددىي بىر داۋالاشتۇر. ئۈستۈمدە كۆزۈمگە غېرىچ كېلىدىغان جايدا چىراغ نۇرى بولغاچقا،كۆزۈمنى ئاچالمايتتىم.ئاچساممۇ ئەينەك بولمىسا چىشىمنى كۆرەلمەيتتىم.كىچىك ئەينەك ئۇنىڭ قۇلىدا،ئۆزى ئىشلىتىۋاتاتتى، ماڭا ئاشمايتتى.ئېغزىمغا بېتوننىڭ ئۇۋاقلىرىدەك بىر نەرسە سۇ بىلەن چۈشۈشكە باشلىدى.ھەمدە چىشىم بىر نەرسىنىڭ قاتتىق سۈركىلىشتىن تۈتەكلەپ كۆيۈۋاتقاندەك قىزىقلىقنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.بىر چاغدا ئېغزىمغا سۇ يىغلىۋېلىپ، پەقەتلا بولالماي،ئۇنى دۆشكەلەپ يورۇپ ئىشىدىن توختىتىپ، ئورە بولۇپ سۇلياۋ قاچىغا تۈكۈردۈم.
   ـــ نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ـــ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ،بىر خىل خاۋاتىرسىزلىنىش ئىچىدە سورۇدۇم.
   ـــ چىشىڭىزنى تېشىپ،يىلىكنى ئېلىۋەتتىم.ئەمدى،ئورنىغا سۈنئىي يىلىك سېلىش ئۈچۈن،تازىلاپ دورا سالمەن.
   ـــ نى...نېمە،چىشىمنىڭ يىلىكىنى ئېلىۋەتتىڭىز؟ـــ نېرۋىلىرىم دەرھال بىر چىشىمنىڭ سىزمىنى يوقاتقىننى ھېس قىلدىم. چىشىمنىڭ ئۈستىگە تاماكىنىڭ پال-پال قەغىزى چاپلىشىپ قالغاندەك،بىر تۇيغۇ سوغۇق ھەم يىرىك بىلىنىۋاتاتتى،ـــ مەندىن سوراپمۇ قۇيماي،چىشىمنى تېشىۋەتتىڭىز؟
   ئاچچىقىم غۇژژىدە تۇتتى.نېمە قىلغىنى بۇ،ھاجەتخانىنىڭ تېمىغا تۆشۈك تېشىدىغان ئىش بولسىمۇ،ئوي ئىگىسىدىن سورايدىغۇ؟ تەشتىم دەپلا تەشكەن بارمۇ؟خىيالىمدا يوغان بىر تۆشۈك ئېچىلغاندەك ھېس قىلىپ،چىشىمنىڭ ئىچىگە شۇ تۆشۈكتىن سوغۇق ھاۋا كىرگەندەك بىئارام بولۇشقا باشلىدىم.
   ـــ چىشىڭىزنى تىزدىن داۋالىمىغاندا،نەچچە كۈنگە قالماي قۇرۇت چۈشۈپ،چىشلىرىڭىز كاردىن چىقىدۇ،ـــ دېدى ئۇ بەخىرامان بىر تەلەپپۇزدا،بايقا گېپىنى قايتا تەكرارلاپ،ـــ مەن بىلگەچكە،سىزگە كۆيۈنۈپ دەۋاتىمەن.نەچچە كۈنگە قالماي،ئاللا توۋا كۆتۈرۈپ، قېشىمىزغا كېلىسىز شۇ.
    كۆز ئالدىمغا بىر قۇرۇت،ئارقىدىن يەنە بىر قۇرۇت،كىيىن نۇرغۇن قۇرۇتلار چىشلىرىمنى غاجاپ يەۋاتقان كۆرۈنۈش زاھىر بولدى. دېمىسىمۇ بىر قۇرت كىرىۋالسا،باشقا چىشلىرىمغىمۇ چۈشمەيدۇ دەپ، ھۆكۈم قىلغىنى بولمايتتى.لېكىن ئۇنىڭ ئوز بېشىمچىلىقى نېرۋامنى قوداڭشىتىۋاتاتتى.ئوز نۆۋىتىدە يەنە ئۇنىڭ گەپلىرى ۋە ئىشلارغا قاراپ گاڭگىراپمۇ قېلىۋاتاتتىم.دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى ۋە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.ئەمدى تېشىپ بولۇپتۇ،ئىشنى ياخشىغا جوراي،گەپ قىلماي ئۆزۈمنى تاشلاپ زەردىدە ياتتىم.ئۇ بىر ئەگرى سىمنى تەشكەن تۆشۈككە تىقىپ،چىشىمنى خېلى ئوبدان قوچۇدى،خىيالىمدا تۆشۈكنى يوغىنىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم.كىيىن ئاچچىق بىر نەرسىلەرنى پۈركىدى،ئاخىردا سېسىق بىر دورىنى نىقتاپ تىقتى.گەجدەك ئۇۋاق بىر نەرسىنى سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ زاماسكا تەييارلاپ،كامارنى ئەتتى.ئۇ ئىشنى مەن پەرەز قىلغاندىمۇ خېلى ئۇزۇندا تۈگەتتى.كۈچلۈك سېسىق پۇراق ئېغىز بوشلۇقۇمدىن مېڭەمگە تاراپ،مەست ئەلەستەك قىلىۋەتتى.
   ـــ ئىش تۈگدىمۇ؟ـــ ئاچچىقىمدا ھېلى يىغلىۋېتىشتىن ئۇزۇنى ئاران تۇتۇۋالغان كىچىك بالىدەك بىر ھېسسىياتتا ئۇنىڭغا قارىدىم.
   ـــ بۈگۈنچە تۈگدى.نەچچە كۈندىن كىيىن،ساختا يىلىك سېلىپ قايتا زاماسكىلايمەن،ـــ دېدى ئۇ،شۇنداق  خىرامان بىر تەلەپپۇزدا خىڭىلداپ.ئاندىن بايا ئىشلەتكەن كىچىك قاچىدىكى سايمانلارنى باشقا چوڭراق بىر سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ قۇلۇمغا تۇتتۇرۇپ، ـــ ھەپتىدىن كىيىن،مۇشۇ ۋاقىتتا كېلىڭ.
   ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلەپ تۇرغاچقا،ئاق يە كۆك دېمىدىم.بايا ئوقتەك كىرگىنىمنىڭ ئەكسىچە،ھازىر پوقتەك سارغىيىپ  سالپىيىپ قايتتىم.كېتىۋېتىپ، مىلىكلىرى شامال تارتىپ تۇرغان چىشلىرىمنى بىرمۇ بىر تۇتۇپ لىڭشىتىپ باقتىم،خىيالىمدا ئۇ چىشىمنى تازلايىمەن دەپ لىڭشىتىپ قويمىغىيدى دەپ ئەنسىرەۋاتاتتىم.خۇداغا شۈكرى،بىر تال چىشىم پور كۆتەكتەك سېزىمىنى يوقىتىپ تۇرغاندىن باشقا،قالغانلىرى ھازىرچە قاتتىق يەرگە قېقىلغان قوزۇقتەك،جايدا لىڭشىماي تۇراتتى.ئۆيدە سوققان چوت سىرتقا توغرا كەلمىگەچكە، ئۇخلىماي كىرگىنىم نېمە بولسۇن، ئىشقا ئىككى سائەت كېچىكىپ باردىم. چىش تازىلىغان ھەققىنى (ئاخىردا بىراقلا چوت سوقسا كېرەك) ھازىرچە بىلمىدىم،ئىشقا كېچىككەنگە يېرىم كۈنلۈك مائاشىمنى تۇتۇۋالدى،زىيان ئۈستىگە زىيان بولدى. پىلاندىن سىرت تۆشۈك تېشىپ داۋالىغانغا نەچچە پۇل ئالدىغاندۇ؟ھازىر تۆشۈك تېشىدىغانلار تەشكەن تۆشۈكنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ھەقنى ئاشۇرۇپ ماڭاتتى.ئۇنىڭ چىشىمنى تەشكەنگە نەچچە پۇل ئالدىغىنى خىيالىمغا كىرىۋالغانىدى. چەتئەلدىغۇ چىش دوختۇرنىڭ باھاسىغا يەتكىلى بولماسمىش،بىزنىڭ بۇ يەر چەتئەل بولمىغاندىكىن ئۇنچە بولۇپمۇ كەتمەس.
   نەچچە كۈنگىچە تۈكۈرۈپلا يۈردۈم.قاڭسىق دورا پۇرىقى بوغۇزۇمنى ئېچىشتۇرۇپ،قەۋەتلا بىئارام قىلىۋەتتى.تاماق يېگۈم كەلمىدى.  ھەممىدىن چىشچىنىڭ ساق تۇرغان بىر چىشىمنى داۋالايمەن دەپ تېشىپ،سەزمەس قىلىپ قۇيغىنىنى يادىمغا يەتسە،ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ،دەردىمنى تېشىمغاچىقىرالماي،ئىتتەك غىڭشىپ قۇياتتىم.
    ھەپتىدىن كىيىن،بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ يامانلاپ قايتىپ كەلگەن خوتۇندەك ئۇ بەرگەن   سايمانلارنى ساڭگىلىتىپ،دومسايغىنىمچە ئۇ دېگەن ۋاقىتتا قېشىغا كىردىم.كىرمەي نە ئىلاجىم؟ بوينۇم قىلدا باغلاقلىق.ئۇ ئىككى تەرىپى ئىلمەك ھەم ئۇچى ئۇچلۇق  سىمىنى يەنە چىشىمنىڭ تۆشۈكىدىن تىقىپ بىر ھازا كوچىلاشتۇردى. چىشىم ھېلى قومۇرۇلۇپ كېتىدىغاندىكىدەك تۇيۇلۇپ يۈرگۈم ئەنسىز سىقىرايتى. ئاندىن بىر سۇلياۋنىڭ ئىچىدىن ئىنچىكە  سىمدەك بىر نەرسىنى‹‹ساختا يىلىك››دەپ چىشىمغا  تىقىشتۇردى،كاراسلىتىپ كەستى.ئۇنىڭ ئەينەك ئۈستىدە ئېتىۋاتقان زاماسكىسىنىڭ ۋەزنىگە قاراپ،چىشىمدىن خېلى ئوبدانلا چوڭ كامار تەشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم.بۇ خۇنپەرمۇ باشقىلاردەك تەشكەن كامارنىڭ چوڭ كىچىكىگە قاراپ ھەق ئالدىغان بولسا،تۆشۈكنى قەستەن چوڭ تېشىۋەتمەيدۇ دېگىنى بولمايتتى.ئىش تۈگكەندىن كىيىن،بايقى قۇرۇق پور كۆتەكتەك چىشىم،ھازىر ھۆل پور كۆتەكتەك ئېغىر ساڭگىلاپ تۇرغان سېزىمدە بىلىنىشىتى.ھەقنى جىق ئالىمەن دەپ تۆشۈكنى چوڭ تېشىۋەتكەن بولسا،ئىچىگە نەرسىنى جىق قاچىلىۋېتىپ، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ،ھېلى سۇغۇرۇلۇپ چۈش قالىدىغاندەك بىر ئەنسىزلىكمۇ كاللامدا تېپىرلايتتى.ھەپتىدىن كىيىن  چىشىمنىڭ سېزىمدا باشقا غەيرىي ئالامەت ياكى ئاغرىق كۆرۈلمىسە، قايتا جىڭ زاماسكا بىرەرمىش...ئوبدان!
ھەپتىدىن كىيىن يەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم.
   ـــ يىلىكنى يەكلەش ئالامىتى كۆرەلمىگەندۇ؟ـــ سورىدى ئۇ،مېنى ئورۇندۇق ئۈستىگە ياتقۇزۇۋېتىپ.
   ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئەمەس،چىرايغا قاراشقىمۇ رايىم يوق، ئۈندىمىدىم.سۈكۈتنىڭ ئۆزمۇ ئوز نۆۋىتىدە ۋودورود بومبىسىدەك كۈچلۈك جاۋاب!يېقىندىن بىرى چىش دوختۇرى ۋە چىشىمنى ئويلىساملا سەپرايىم ئۆرلەپ،زەردەم قاينايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
   ئۇ كاۋچوك پەلەينىڭ ئىچىگە شلانكىنى تىقىپ يەل بېرىپ ئېسىلدۈرگەندىن كىيىن،ئوڭ قۇلىغا كىيدى.يەنە بىر پەلەينىمۇ يەل بېرىپ ئېسىلدۈرگەندىن كىيىن سول قۇلىغا كىيدى. ۋادەكنىڭ ئارىسىدىن قاراۋاتقاندەك قارايدىغان كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاچرىتىپ،كۆزۈمنىڭ جىيىكىدە ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ماڭا قاراپ قۇيدى. قاچانلا قارىسا ماسكا تاقىۋالغىنىغا قارىغاندا،بىز بىلمەيدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بارمىدۇ ياكى ياتسىمۇ ماسكىسىنى ئالماي ياتامدىغاندۇ؟ئۇنىڭ چىرايىغا تەقەززا بولۇۋاتاتتىم.مېنى بۇ كويىغا سېلىپ قويغان بۇ خۇنپەرنىڭ چىراينى  كۆرۈۋالمىسام،ئالىمادىس بېرە كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسىمۇ(بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ)  كىمنىڭ قۇلدا جان بەرگىنىمنى ياكى تۈگەشكىنىمنى بىلمەي قالاتتىم.مەن شۇنداق بىر تەشۋىش ئىچىدە يەنە ئۇنىڭغا قارىدىم. ئالىقاندەك ماسكا ئۇنىڭ چىرايىنى،شۇنداقلا ئەينى ماھىيىتىنى توسۇۋالغانىدى.
ـــ سىزگە بىر تەكلىپ،ـــ دېدى ئۇ،ئىشىنى باشلاشتىن بۇرۇن چىراينى توسۇپ تۇرغان ماسكىسى ئارقىسىدىن خىڭىلداپ گەپ قىلىپ، ـــ چىشنى قاپلىۋەتسەم ياخشى بۇلاتتى.بۇنداق چىشنى قاپلىۋەتمىسە، چىشىڭىزدا قان ئايلىنىش بولمىغاندىكىن، قاتتىقراق بىر نەرسە چاينىسىڭىز سۇنۇپ كېتىپ،بىر ئوبدان چىشنى زىيان تارتىسىز.
   ئورنۇمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم.بېشىم كالىنىڭ مۈڭگۈزدەك تۇتقۇچى بار چىراغقا تېگىپ، ئىنېرتسىيىنىڭ تەسىردە يەنە جايىمغا يېتىپ قالدىم.ئاغرىققا پەرۋا قىلماي،بېشىمنى سىڭاريان قىلىپ قايتا ئاۋايلاپ ئورنۇمدىن يېرىم ئورە بولغاندىن كىيىن، پەسكە چۈشەيمۇ ياكى ئولتۇرايمۇ دېگەن بىر ئويدا دېلىغۇلدا بولۇپ،ئولتۇرۇپ قالدىم. قەيەردىدۇر بىر خورەك ئاۋازى سەل بوش،ئەمما ئېنىق كېلىۋاتاتتى.ئۇ ماڭا،مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدۇق.ئوتتۇرىمىزدا بۇرۇقتۇرمىلىق لىققىدە قاپسىلىپ قالغانىدى.ئوكسىگېن يېتىشمىگەندەك تۇيغۇدا كاللام ئېسىلىۋالدى.پەسكە چۈشۈپ كىنولاردىكىلەرنى دوراپ، ئۇيېنىغا ئوننى،بوينىغا توققۇزنى ماڭغۇم باردەك قىلاتتى.ھازىر چىقىپ كەتسەم، ئىشنىڭ ئوتتۇزى تۈگەپ توققۇزى قىلغاندا،ئاخىرنى باشقا جايغا بېرىپ،باشقا چىش دوختۇرنى تېپىپ،باشقىدىن قىلدۇرمىسام بولمايتتى.مەن بىلەتتىم،چىشىمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئۇ ھەممىنى يېڭى باشتىن باشلايمەن دەپ(ھۈنەرۋەننىڭ ئادىتى) ۋاقتىممۇ (رۇخسەت سورىسام پۇل تۇتىدۇ) پولۇممۇ كېتەتتى. ھەممىدىن چىش داۋالايدىغان ئورۇندىن بۇ يەردە پەقەت بىرسىلا بار ئىدى،باشقىدىن داۋالىنىمەن دېسەم،باشقا جايغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى.باشقا جايغا بېرىش ئۈچۈن،ئىككى يۈز كىلومېتىر يول يۈرمىسەم بولمايتتى.چوڭ يەردە ئادەم كوپ، ھەم توردا دېيىشىۋالىدۇ، بارغان ھامان ئۆچىرەت تېگىشمۇ ناتايىن.يامىنى،بىر قېتىمدا پۈتمەيتتى.بۇندىن ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئىشنى كوپ كۆرگەن،ئىش پۈتەي دېگەندە قېيىداپ،ئۇنىڭدىنمۇ يامان خۇيلۇق نەچچىسىگە يولۇقۇپ موچەنگە ئۇنىماي،كۆيچەنگە ئۇنىغان چەنتۇ بولۇپ يۈرگەنتىم.قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە گەۋدەمنى گۈپپىدە ئارقامغا تاشلاپ،كۈزۈمنى يۇمۇپ يانغا قاراپ ياتتىم ۋە:
   ـــ قاپلىساق بۈگۈن پۈتەمدۇ؟ـــ ئۇنىڭغا قارىماستىن سورۇدۇم. ئاچچىقىم تېپىپ تۇرغان چىرايىمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكۈم يوق ئىدى.دېگەن بىلەن سايمان ھېلى ھەم ئۇنىڭ قۇلدا،خۇدا ساقلىسۇن!چىشىغا تېگىپ قۇيسام،دەردىنى چىشىمدىن ئالسا... ‹‹ئۆزۈمنى پايلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن،پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن››دېگەندەك ئىش بولۇپ،ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگىنى بولمايتتى.
   ـــ بۈگۈن قېلىپنى ئېلىپ،يېرىم ئايدىن كىيىن  قاپلايمىز.
   ـــ بۇ يىل پۈتە؟!،ـــ دېدىم مەن،ئەلەمدىن بۇغلۇپ.
   قىزىل كۆز ئالدامچى دېگەن نېمە؟ زەنجىرسىمان داۋالاشنىڭ ئايىغى چىقىدىغاندەك قىلمايتتى.قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ،يار لېۋىگە كېلىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ،يۈرەك تارىمنى چېكىۋاتاتتى.
   ـــ چېچىلماڭ،ھەممە يەردە ئوخشاش.قېلىپىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە ئەۋەتىمىز.ساقلىماي ئامال يوق.
   ـــ مۇشۇ بىر چىشىمنىلا قاپلايدىغانسىز؟ـــ سورۇدۇم مەن،ئىمكان بار سىلىق سىپايە بولۇشقا  تىرىشىپ.
   ـــ بولسا ئا ب چىشىڭىزنى قاپلىۋەتسەك ئوبدان...ـــ مەن ئۇنىڭغا لاپپىدە يۈز ۋاتلىق لامپۇچكىدەك قارىغانىدىم،ئۇ چۆچۈگەن سىياقتا گېپىنى ئۆزگەرتىپ، ـــ ياق،بىرنىلا، ـــ دېدى.
  ـــ تەپسىلىيرەك دېسىڭىز،قاپلاش ئۈچۈن يەنە قانداق داۋالاش ئۇسۇلنى قوللىنىسىز،ۋاقتى قانچىلىك؟مەن دېمەكچى ئىككى چىشنىڭ ئارىسىغا قاپلىسىڭىز ،ساق چىشىمغا خەتىرى بارمۇ؟
   ـــ چىشىڭىزنى چاقلاپ كىچىكلىتىمىز...
   ـــ توختاڭ چىشىمنى چاقىلسىڭىز،ئىككى تەرەپتىكى ساق چىشىمغا زەخمە يىتمەمدۇ؟ـــ مېڭەمگە يەنە زىڭڭىدە ئاغرىپ كىرىپ كەتتى.بۇ ئورۇندۇققا ئەينى چاغدا لىكىدە چىققان بىلەن ـــ ئۇچ ھەپتە ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە  ئۇنداق لىككىدە چۈشۈپ كېتىشىمنىڭ مۈشكۈللۈكى يۈرىكىمنى بېسىۋاتاتتى.
   ـــ ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئىمكان بار ئاغرىق چىشنى چاقلايمىز.ئاندىن زاماسكا بىلەن يەملىۋېتىمىز،ئىش تۈگەيدۇ.
   ـــ نەچچە ئۇزۇن تۇرا؟
   ـــ نېمە؟ھە،زاماسكىمۇ؟بەش-ئون يىل تۇرۇشىدا گەپ يوق، ئامېرىكانىڭ زاماسكىنى ئىشلىتىمەن.
   ـــ كۆرۈپ باقاي،ـــ ئۇ كىچىك بىر  بوتۇلكىنى قۇلۇمغا بەردى، ـــ بۇنىڭدىكى غىچلا خەنزۇچە خەتقۇ؟
   ـــ چۈشەندۈرۈشى خەنزۇچە،ئىچىدىكىسى ئامېرىكىچە،ـــ دېدى ئۇ چىقىشقاندەك مۈجمەللا قىلىپ. ئۇنىڭ ماسكىسى شۇم نىيىتىنى توسۇۋالغاندەك،ھېلى ھەم يەنە قۇۋلۇق-شۇملۇق  يىغىپ تۇرىدىغان چىراينىمۇ توسۇقلۇق ئىدى،ـــ خاتىرجەم بۇلۇڭ،دۆلىتىمىزنىڭ زاماسكىلىرىمۇ تۇتۇۋالسا،قەتئىي قۇيۇۋەتمەيدۇ.
   تۇتماي قالسىچۇ؟ئالتۇن ئەزالىق كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئالاتتىم.
   ئۇ يەنە ئاۋۋالقىدەك كەيننى ماڭا قىلىپ تۇرۇپ،بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى.ماڭا ئۇنىڭ ئالدى بىلەن كەينىڭ پەرقى يوق ئىدى.گەرچە ئۇنىڭ خۇنى قاچقان كۆزلىرى توسۇلمىغان بولسىمۇ،بېرە ئىپادىنى كۆرۈۋېلىش ياكى ھېس قىلىش تەس ئىدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇ،كىچىك بالىلار سېتىۋېلىپ ئوينايدىغاندەك بىر يېشىل خېمىرنى،ئاندىن راكتەك ئېگىلگەن،تاڭلاينىڭ رەڭگىدەك بىر قېلىپنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدى.بۇ زەھەرلىك  خىمىيىلىك بۇيۇم بولسا،چىشلىرىم زەھەرلىنىپ ئۈجمە تۆكۈلگەندەك تورۇكلاپ چۈشمىسىلا بولاتتىغۇ؟ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەندەك،ئۇنىڭ دورا-دەرمەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئەسلا ئىشەنچىم قالمىغانىدى.كىرىمنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ـــ ئېغىز ئۇنىڭ بولمىغاندىكىن ـــ ئۇنى ھەرقانداق نەرسە ئىشلىتىشتىن يانمايدىغان قارا نىيەت بىر سىياقتا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. يۈز كىپتىنى ماسكىسى توسۇۋالغاچقا،ئۇ ماڭا غەيرىي مەخلۇقتەك تۇيغۇ بېرەتتى.ئادەمدە يۈز بولمىسا،ئادەم ئادەم بولماي قالىدۇ! ئايرىم دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە جەريانىدا بۆرەك ئوغرىلايدىغان؛ كېسەل پۇتنى قۇيۇپ،ساق پۇتنى كېسىۋېتىدىغان...نۇرغۇن قارا نىيەت قىلمىشلىرى كۆز ئالدىمغا بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى.ئەستە، بايا كىرىشتىن بۇرۇن چىشلىرىمنى سانىۋالسام بولۇپتىكەن، ئېغىزىمدا نەچچە تال چىشىم بۇلغىدى؟تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە چىشىمنى ساناپ باقمىغىنىم يادىمغا كەلدى.ئاڭلىغىنىم راست بولسا، سېزىمىنى يوقاتقان بىر يارىدار چىشىمنى قوشقاندا،ھازىر ئوتتۇز ئىككىسى بولۇشى كېرەك،ئەلۋەتتە!
   ئۇ ئېغىزىمنى ئۆزى كېرىپ دېگۈدەك ئاچتى.ھازىر چىشىمنى مەن ئۇنىڭغا داۋالىتىشقا كەلگەن ئەمەس؛ئۇ مېنى چاقىرىپ كەلگەندەك مەن ئۇنىڭغا ماسلىشالماي قېلىۋاتاتتىم.ئۇ ئىشىنى قاچان تۈگەتسە،شۇچاغدا پۇلنى ئالدىغان بولغاچقا، روھى ھالىتىم، ماسلىشىش ياكى ماسلاشماسلىقىم بىلەن كارى يوق،خۇددى ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتنى ئۈستىگە ئالغان خادىمدەك بىر سۇس قىزغىنلىقتا،ۋاقتى كەلسە ئېغىزىمنى دۆشكەلەپ ئاچۇرۇپ،ئوز ئىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. قېلىپ ئىچىدىكى يېشىل پاقىدەك خېمىرنى چىشلەپ،خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم.تۈكۈرۈكلىرىم ئېغزىمغا ھە دېگەندە لىققىدە توشۇپ،كۆڭلۇمنى ئېلىشتۇرۇپ،بەك بىئارام قىلىۋاتاتتى.بىر كۆڭۈلنى نەچچىگە بۆلگىنى بولىدۇ؟ نۇرغۇن تەشۋىش ئارىلىشىپ كەتكەن ئوي-پىكىرىم،سۇغا چۈشكەن قۇياش نۇردەك ۋە ياكى ساناقسىز يۇلتۇزدەك ۋىلىلدايتتى.
   مەن قاپلايدىغان چىشنىڭ ۋاقىتنى سۆرىۋالغىنىمدىن كىيىن، ئۆيگە قايتتىم. تۇنجى قېتىم بۇ جايغا ماڭغاندا ،ئەتراپقا قۇياش ئالتۇن رەڭ نۇرىنى چېچىپ تۇرغان ئىللىق بىر كۈنلۈكى ھېلىمۇ ئېنىق يادىمدا. ھازىرمۇ  ئاسماندا شۇ قۇياش.ئەمما مىنىڭ ھېس قىلغىنىم ئۇنداق گۈزەل مەنزىرە ئەمەس،جۇت قاپلىغان خىيالى مەنزىرە. قاچانىكى بۇ جايغا ئاياق باستىم،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ پسىخىكىسىنىڭ تولىمۇ ناچارلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتىم.نى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ،ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئادەملەر كۇلۇب ياشاپ يۈرگىنىدە،مىنىڭ بىر تال چىشقا بۇنچە ئىچ ئۇۋىتىپ كېتىشىم  كۈلكىلىك ئىدى.لېكىن،ئۆزۈمنى ئاۋۇندۇرۇشلۇرۇم كارغا كەلمەيتتى،ئويلىماي دېسەممۇ يەنىلا كاللامغا كىرىۋېلىپ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم،تۈگىشىپ كېتىۋاتتىم.نېمىسىنى دەي،ساپساق چىشنى ئاسرايمەن دەپ،ئوغرىدىن قېچىپ،قاراقچىغا تۇتۇلغاندەك بىر ئىش بولغانىدى.
   قاق يېرىم ئاي بولغاندا،يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش چۈشلۈك ئارامدا ئۇنىڭ چىشىمنى قاپلىشىنى كۈتۈپ،چىش داۋالاش ماشىنىسىغا چىقىپ،قول تېلېفونۇمدىن ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئوقۇغاچ، سۇنايلىنىپ ياتتىم.ۋاقىت ئۇزارغاچقىمۇ كۆڭلۈم  سەل-پەل ئورنىغا چۈشۈپ قالغانىدى.بولغۇلۇق بولدى،مۇشۇ قېتىم ئىشنى پۈتتۈرۈۋالسام كېلىش تۈگۈل،ئالدىغا قاراپ...بولدىلا،بۇ ئىش،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
   ئۇ ئاۋۋال چىشلىرىمنى بىر پەس چاقىلىدى.ئاندىن قاپلايدىغان چىشنى سېلىپ سىناپ بېقىپ،يەنە غىچىلدىتىپ چاقلاشقا باشلىدى.ھېلىقى قاياقتىندۇر كېلىدىغان خورەك ئاۋازى غىچىلداشقا ماسلىشىپ تۇرۇپ كۈچىيىپ،تۇرۇپ پەسىيىپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قاچانلا قارىسا ئوز ۋاقتىدا خورەكنى بولاق تارتىپ ئۇخلايدىغان قانداق خاتىرجەم كىشىدۇر؟ۋاقىتنى تېجەيمەن دەپ،ئۇيقۇڭنى ئۇخلىماي كەلگەنگە تويە! ئۇ  قاپلايدىغان سەدەپ قاپ ئىچىگە زاماسكا سېلىپ،چىشىمغا قاپلىدى. زاماسكا كۆپرەك بېرىۋەتكەنمۇ قاپلىغان چىش قوزۇقتەك ئۆسەك چىقىۋېلىپ،ئېغىزىمنى يۇمسام چىشلىرىم كىرىشمىدى.بىئارامچىلىقتا ئېغىزىمنى توختىماي ئۇيان-بۇيان قىلىشىمدىن،ئۇمۇ بۇنى بىلگەن بولسا كېرەك،مېنى قايتا ياتقۇزۇپ قاپلىغان چىشنى ئىلمەكتە تارتقۇشلاشقا باشلىدى،ئۇنىڭ بايا چىشىمغا قاپلىغان سەدەپ قاپنى چىقارماقچى بولۇۋاتقىنىنى پەملىدىم.راست،دۆلىتىمىزنىڭ زاماسكىلىرى تۇتۇۋالسا قەتئىي قويۇۋەتمەيدىكەن،ئۇنىڭ باشتىكى يېنىك ھەرىكىتىنىڭ كۈچى ئەمدى خېلى ئېشىپ قالدى.ئاغرىقىغا چىدىماي ئىتتەك ھۇۋلاپ كەتتىم.ئۇ ھوۋلىشىمغا پەرۋا قىلماستىن ئىشنى قىلىۋەردى.بىر چاغدا بىر كۈچىشى بىلەن تەڭ،قىزىل كېكىردىكىم سۇغۇرۇلىۋاتقاندەك ئۇزۇن بىر نەرسە سۇغۇرۇلۇپ،ئېغزىمغا قويۇق ھەم تۇزلۇق بىر سۇيۇقلۇق لىققىدە توشۇپ قالدى.مەن ئېتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ،تاۋاققا تۈكۈردۈم،قاپ قارا قان چۈشتى.مەن كەينى-كەينىدىن نەچچىنى تۈكۈرۈۋېتىپ،ئۇنىڭغا قارىدىم.
   ـــ قاراڭ، مانا،راست دەپتىكەنمەنمۇ؟ چىشىڭىز پور كۆتەكتەك لىڭشىپ قاپتىكەن،ـــ دېدى ئۇ قان يۇقى ئاچىماقتەك تۇرغان چىشىمنى ماڭا سۇنۇپ،ـــ ھە،ئەمدى  بۇ چىشنى قاپلىغاندىن،قايتا چىش سالساق ئوبدان بولىدۇ.
  مەن ئۇنىڭغا قارىدىم.ماسكىسى يۈزىنىلا توسۇپ قالماي، كۆزلىرىنىمۇ توسۇۋالغاندەك،كۆرەلمەي قالدىم. مېڭەم زىڭىلداپ، تېرەمنىڭ ئاستىدىن دات بىر سىمنى تىققاندەك يۈز مۇسكۇللىرىم ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى.كۆزۈمگە ئۇنىڭ يۈز كىپتى رەندىلىۋېتىلگەندەك غەلىتە بىر سىياقتا كۆرۈنۈۋاتاتتى.يۈرىكىمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىۋاتقىنى ھېس قىلدىم،ئېغىز بوشلۇقۇمدا ھېچنېمە قالمىغاندەك،سوغۇق بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمنى قاپلىۋالغانىدى.تىلىممۇ سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەندەك،زۇۋانسىز ئولتۇرۇپ كەتتىم.
   ‹‹دەۋاتقان گېپىنى، سىم ئىلمەكتە ئېلىپ تارتسا،چىشىڭ ئەمەس كوتۇڭدىن ئاچىق ئۈچىيىڭمۇ سۇغۇرۇلۇپ چىقا!››
   مەن بوينۇمدىكى شالدۇرۇقنى تۇتۇپ بىر سىلكىپ،يىپنى ئۈزۈپ ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم.ئورنۇمدىن تۇرۇپ،پەسكە چۈشتۈم.شۇ چاغدا دۇكاننىڭ كىرىش ئۇدۇلدىكى بىر ئىشىك ئېچىلىپ(بۇرۇن ئەجەب زەن قويمىغانكەنمەن)يوغان گەۋدىلىك بىر كىشى چىقىپ كەلدى. كاللامدىن لىپ قىلىپ:‹‹بايا،خورەكنى بوڭ تارتقان مۇشۇ پور سېمىزكەن-دە!››دېگەن ئوي كەچتى.
   ـــ كىتىرلاپ  نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ـــ دېدى پور سېمىز، ئاۋۋال ماڭا،ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ،ـــ خېرىدار كىرسە،مېنى چاقىر دېدىمغۇ؟
   ـــ ئۇستام،بۇ كىشى چىشنى تازىلاتقىلى كىرىپتىكەن،شۇ سىزنىڭ شېرىن ئۇيقۇڭىزنى بۇزماي دەپ...
   ـــ كىرگىنى نەچچە ھەپتە بولماي،ئاق ساقاللىقنى بۇنىڭ،ـــ بور سېمىز  غۇدۇرىدى.
مەن گەپمۇ قىلاي يېنىپ چىقتىم.ئىككىسى كەينىمدىن قاراپ قالدى.
ئۆيگە كىرىپ ئەينىكىنى ئېلىپ چىشىمغا قاراۋاتسام،ئايالىم يېنىمغا كېلىپ:
   ـــ ھوي،نېمە بولدىڭىز ؟!ـــ دېدى يۈزۈمدىن تۇتۇپ ئەنسىزلىك بىلەن ئېغزىمغا قاراپ ،ـــ كىم ئۇردى،ئۈستۈنكى بىر تال چىشىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىپتىغۇ؟
   ـــ تولا كاپشىماي،ساناپ باقە، چىشلىرىم تولۇقمىكەن؟
   ـــ سىرتتا خەقتىن تاياق يەپ،ئۆيگە كىرىپ دەردىڭىزنى مەندىن ئالامسىز؟ئوتتۇز بىر تال چىشىڭىز باركەن،ـــ ئايالىم غۇدۇرىدى،ـــ توردا تونۇشۇپ قالغاننىڭ ئېرى ئۇرمىغاندۇ؟
   تاياق يەپ چۈشۈپ كەتسىمۇ ئارمىنىم يوق ئىدى.ئەپسۇس شاگىرتلىققا كىرگىنى نەچچە كۈن بولمىغان بىر قوڭالتاققا قاراپ تۇرۇپ،بىر تال چىشىمنى يۇلدۇرۇۋەتكىنىم يامان بولغانىدى!خۇداغا مىڭ قەترە شۈكرى!قالغان چىشىم ساقكەن! ھەممىدىن يامىنى نەچچە  يۈز يىل ياشاش ئىرادەم چىشىم بىلەن تەڭ بەربات بولغاندەك ئالقات،قارا پۇرچاق،مور دېگەندەك خىسلەتلىك نەرسىلەرگە زادى كۆڭلۈم تارتمايۋاتاتتى.ئىچىمدە بەش يۈز يىل ئەمەس، تىنچ-ئامان، ئادىمىيلىك بىلەن بىر كۈن ياشىساقمۇ شۇ ئەۋزەلكەن،دېگەن قاراشقا كېلىۋاتاتتىم.
   شۇنداق ئويلىغانىكەنمەن شۇنداق قىلاي ئەمىسە،لېكىن چىشىمنى قەيەردە سالدۇرسام بولا؟ھېلىقى ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك  خورەك تارتىپ ئۇخلايدىغان پور سېمىزنىڭ شاگىرتى،چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي چىش تارتقان ھەققىمنى،يۇلۇۋەتكەن چىشنىڭ ئورنىغا چىش سالدۇرغىنى كىرسە ئالىمەن دەپ،ئىنىكىنى چىقىرىپ ئولتۇرامدىغاندۇ؟سېنىڭ قېشىڭغا پۈتۈن چۈشۈم چۈشۈپ كېتىپ ماك-ماك بولۇپ قالساممۇ كىرمەيمەن ئەمدى.ھە راست،ما قاپاق كاللامنى،تورغا چىقىپ قاراپ باقايچۇ،قەيەردە ياخشىراق چىش دوختۇرى باركىن.توختا،ئاۋۋال كوت-كوتنى ئېچىپ ئۇچۇرغا قاراپ باقاي،ئۇ خۇنپەر داۋالاش ھەققىنى بەرمەي چىقىپ كەتكىنىمنى تورغا يوللاپ قويمىسۇن يەنە.ناۋادا تورغا چىقىرىۋەتسە،چىشىم تۆكۈلگەننى ئاز دەپ،يۈزۈم تۆكۈلۈپ تۈگەشكىنىم شۇ! ۋوي،‹‹ئالما››ماركىلىق قول تېلېفونۇم قېنى؟

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-13 00:37:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاغرىنغان ئىشلارنىڭ كۆپ جايلىرى چىش دوختۇرلىرىنىڭ چىش داۋالاشتىكى نورمال مەشغۇلاتلىرى ئىدى. سىز ھەممىنى بىراقلا تەنقىتلەپ قويۇپسىز.

باھا سۆز

مەنمۇ ئوخشاش قاراشتا  ۋاقتى: 2016-2-26 05:27 PM
ۋاقتى: 2016-2-13 11:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋېلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي.

ۋاقتى: 2016-2-13 16:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىگە ئېلاندىكى  نۇرغۇن تېتىقسىزلىقلار،توردىكى قانۇنسىز يوللانمىلار ۋە داۋالاش ساھالىرىدىكى يوچۇنلار سېغدىلىپ جەميىتىمىزدىكى بىر قاتار ناچار قېلمىشلار ئەتراپلىق قامچىغا ئېلىنغان.

ۋاقتى: 2016-2-17 00:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ ، ياقتۇردۇم  ئۇتۇق تىلەيمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش