بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-12 11:35 PM
شۇنداق بولاتتى
نۇرشات ئەنۋەر
دېمىگەنمىدىم،
ئاخىر مانا شۇنداق بولاتتى.
غەملىرىڭنى سەندىن قىزغىنىپ
ئىشتىھادا يېمىگەندىم؟!
يېشىللىقتىن زارلانغىنىڭچە،
بېغىڭغا بىتۇيۇق كەچكۈز قوناتتى…
شۇنداق بولاتتى
3يىللار ئىلگىرى ئويلىغىنىمدەك.
تۈنلىرىڭدە يانار ئىدى كىم،
ئورناپ قەلبىڭگە ئورنىغىنىمدەك؟…
قىسمەتلەرنىڭ ھايالسىزلىقى!
ياۋ خەنجىرىدەك ئاياۋسىزلىقى!
ئېچىشىپ-ئېچىشىپ ئاغرىيتتى يۈرەك…
تۆكۈلەتتىڭ ئەنسىز ھاياتقا،
يالغۇزلۇقتىن قار-يامغۇر بولۇپ.
تەمتىرەيتتىڭ يوللاردا يۇچۇن،
رەڭگى-روھىڭ پەرۋىشسىز سولۇپ.
خىيالىڭدا قالايمىقانلىق
خىيالىمدا قالايمىقانلىق
كۆز ياشلىرىڭدىن
نە بىر گۈل ھۆسنىگە تولۇپ ئېچىلغان؟!
كۈنلەر بىزگە ئوخشاش تۇمانلىق…
شۇنداق بولاتتى،
پۈتۈلمىشتە كۈتكەنلىرىمىز
كۈتمىگەن قەلەمدە ئاخىرلىشاتتى!
2016-يىل،11-فېۋرال.