بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-12 11:31 PM
ئابلاجان بوۋاقى
جۈرئەت
( ئەجداد ئىزلىق تۆھپىكار ئوغلان، ئىجتىھادلىق ئەدىب، دوستۇم جۈرئەت نۇرۇللاغا كامالى ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن)
چېچىپسەن دىل ئېراسىغا ئەجىر-مېھنەتتە زەر جۈرئەت،
قېقىپسەن روھ كۆكىدە قۇش كەبىي دەۋرانە پەر، جۈرئەت،
بولۇپتۇ ئەھلى ئەجدادنىڭ سۆيۈك تارىخىي كەر، جۈرئەت،
يورۇتماقچۈن قۇياش ياڭلىغ ئېقىپتۇ ئۈنچە-تەر، جۈرئەت،
ئۆتۈپ شۇ "دوست خېنىم" باشى ئارا مىڭ دەرد-ئېسەر،جۈرئەت.
غۇرۇرلۇق ئەر ئۈچۈن ئەجداد ئەبەد نۇر-ئىپتىخارىدۇر،
ئەقىدە- ئېتىقاد مەڭگۈ دىلى قان، پەخرى يارىدۇر،
ئېلىغا جان پىدا قىلماق بۈيۈك ۋىجدان قارارىدۇر،
مىسال پەرۋانىدەك ئوتقا ئۇرۇش تەن ئىختىيارىدۇر،
بېشىغا كەلسىمۇ ھەرنە تۈمەن مۈشكۈل-خەتەر، جۈرئەت.
توسالماس ھېچكىشى كۈننى ئېتەكتە، چىن ھەقىقەتتۇر،
مۇقامنى توۋلىغان تەتۈر، ۋەتەن-ئەلدىن ئەبەد چەتتۇر،
سېنىڭ مېھرىڭ بىلەن كۈلگەن سەبىيلەر كۆڭلى ئاق بەتتۇر،
ھالاللىق تەختىدە تۇرغان يېرىڭ ئالدىنقى تۆر-رەتتۇر،
قۇچۇپسەن ۋارىسى ئەجداد، ئۇلۇغ بىر شان-زەپەر، جۈرئەت.
يۈسۈپ، مەھمۇد، نەۋايىنىڭ ئۇدۇمى سەندە زاھىردۇر،
دىلىڭدا چاقنىغان تەۋپىق نىگاھىدا جاۋاھىردۇر،
دېگەن " شاۋقۇنسىز دەريا"دا يۇيۇنغان ئەھلى شائىردۇر،
بۈگۈن بىلدۇقكى، بۇ ئوغلان ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىردۇر،
ئىكەنسەن دوستۇما ئەلگە ۋۇجۇدتىن جان پەدەر، جۈرئەت!
" مۇبارەك ئىزلىرىڭ باردۇر مۇبارەك، ئۇز دىيارىڭدا،
گىياھسىز چۆل، يېشىل يايلاق، ھاياتبەخش لالىزارىڭدا"،
كۈيلەپسەن ئوت، گۆھەر يۇرتنى دۇتار، تەمبۇر، ساتارىڭدا،
ۋەتەن قەدرى جۇلالايدۇ، ئاغىينەم، قايغۇ-زارىڭدا،
ئەجەل لەشكەرلىرىن قىلدىڭ ئەجەپ يەكسانۇ يەر، جۈرئەت!
قۇمال تاغلارىدا يوق دەپ يۈرەتتىم گاڭ قانات بۈركۈت،
زېمىندىن كۈچ-كامال ئىزدەپ، دېدىڭمۇ ئەركىي پۇرسەت كۈت؟
بىكار كەتمەپتۇ ئەل-يۇرتنىڭ ساڭا بەرگەنلىكى ئاق سۈت،
تارتىپ ھەلقۇمغىچە نەرە تامام چىلبۆرىنى ھۈركۈت،
ئىزىڭ ئەتەڭگە يۈزلەنسۇن، ئۇزۇن قۇتلۇق سەپەر، جۈرئەت.
ئىجادسىزغا قۇچاق ئاچماس جاھاندا كائىنات، دوستۇم،
ھىدايەت پەرىسى بەرمەس شېرىن ئابىھايات، دوستۇم،
ئۆمۈر دەۋرانىسى بولغان ئىجادسىز قايسى زات، دوستۇم،
كىشى سەندەك ئەجىر قىلسا ياشار دىلدا ھايات، دوستۇم،
تېخى مۈشكۈل داۋان ئالدىڭدىدۇر، قەددىڭنى كەر، جۈرئەت!
خىزىر قويغان لەقەمكەن ئۇ، دىيارىمدا ئىكەنسەن تۇز،
ئۇلۇغ تۇز مېھرىدىن كۆكتە نۇرى پۈتمەس قۇياش-يۇلتۇز،
كۆيۈك باغرىڭدىكى يالقۇن بىلەن ئەگىز بولار جۇت-مۇز،
قانار دەشتۇ باياۋانلار ۋۇجۇدى، قالمىغاي ئۇسسۇز،
تۇزۇڭدىن دوست-يارەنلەرگە ئۇۋۇچلاپ پىشكە بەر، جۈرئەت.
ئىلىم-ئېرپان بىلەن تاپماق نىجاد قەلبىڭدىكى ئارمان،
ئۈمىد، غەيرەت بىلەن كەلدىڭ تېپىپ قۇۋۋەت بىلەن دەرمان،
جىمىنىڭ ئالدىدا ئالدىڭ قىلىپ چەش تاغ كەبىي خارمان،
ئىكەنسەن چارچىماس، ھارماس، داۋاندا داجىماس كارۋان،
كۆتۈرگەي ئەل بېشىدا سەن كەبىي ئالسا شەھەر، جۈرئەت!
ياشار بولساقمۇ ھاتەمچە، ھايات چەكلىك، ھايات چەكلىك،
بىراق ئوتلۇق يۈرەكلەردە ئەمەس ئار-ئېتىقاد چەكلىك،
ئەمەس ئىشقىي ئەمەل بىرلە يېشىل قۇت-ئىجتىھات چەكلىك،
نىجاد-نۇسرەتلىرى چاقنار بولۇپ " ئۆزھال"، " بايات"...چەكلىك،
قەدىر قىلماق پەرز ھەردەم، كۈلەر ئوتقاش سەھەر، جۈرئەت.
ئۆمۈر مەنزىللىرى گۈلشەن ئېرۇر سۆيگۈ-كامالەتتە،
چۈشەنمەسلەر قالار نەپرەت بىلەن قايغۇ-مالامەتتە،
چۈشەنگەنلەر، ئىشەنگەنلەر بولار كۈيزار ئالامەتتە،
تاپار سەندەك يەنە ھۆرمەت تامام ئايماق-جامائەتتە،
ئىكەنسەن جان بىلەن پۈتكەن ئاجايىپ بىر ئەسەر، جۈرئەت!
بوۋاقى، سەن بىلەن قۇرداش، دەۋرداشلىق بىلەن شادتۇر،
بولۇپ سىرداش، يەنە مۇڭداش، دېدى:" دوستۇممۇ بىر زاتتۇر"
ھەسەد قىلغان بىلەن گاھى، بىراق نامەرد خۇيى ياتتۇر،
بۇنىڭدىن ئۆزگە تەرپكە قەلەم گال ھەم ئەقىل ماتتۇر،
سادا غايىپ:" تۈمەن ئەرنىڭ ئىچىدە بىرلا ئەر، جۈرئەت!..."
2016-يىلى، 12-فېۋرال، كاشغەر
قوش تىرناققا ئېلىنغان ئىككى مىسرا مۇھەممەدئېلى زۇنۇن تەشنائىيغا خاستۇر.
بۇ شېئىر ئۇنىڭ " دوست خېنىم" رومانى نەشر قىلىنغانلىقىغا ئارمىغان قىلىندى.
|