كۆرۈش: 1213|ئىنكاس: 22

نۇرشات ئەنۋەرنىڭ پىچىرلاشلىرى (46)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 04:29 PM  



(46)

IMG_3888.JPG



نۇرشات ئەنۋەر 1995–يىلى 9–ئاينىڭ 12–كۈنى كەلپىن ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن.تۇلۇقسىز،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ 2014–يىلى ئۆز قىزىقىشى بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان.ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا شۇ يەرلىك قەلەمكەش ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي،جۈرئىتىي... قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ شۇندىن بۇيان ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە «كەلپىن»،«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى گېزىتى»،«سىتودېنت»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بىر بۆلۈك شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان.شىنجاڭ فوتو–سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «سېنىڭ ئىسمىڭ كېچە»ناملىق بىرلەشمە توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.


[ئاپتوردىن بايان] ئويلاپ باقسام بۇ ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئارمىنىنى قىلىپ كەپتىمەن–يۇ،ئېرىشكەنلىرىم ناھايىتى ئاز بوپتۇ.شۇ نۇقتىدىن قارىغاندا شېئىرلىرىم بىر مەھكۇم يۈرەكنىڭ ئۆز مۇمكىنسىزلىك، مەنسۇبىيەتسىزلىكلىرىگە نىسبەتەن ئىسيانكىرانە پىچىرلاشلىرىنىڭ يېزىقتىكى ئىپادىسى بولسا كېرەك.


نۇرشات ئەنۋەرنىڭ شېئىرلىرى يەڭگىل، ھېسسىيلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بىز بۇ ياش ئۈمىدلىك قەلەم ئاشىقىنىڭ ئىجادىيىتىگە نۇسرەت تىلەپ يېقىندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
_ مەسئۇل مۇھەررىردىن


شېئىر يازغۇم يوق





يالغۇزلۇق دەرىخى ئاچماقتا چېچەك،

يوپيورۇق چۈشلەرنىڭ ئەپسانىسىدە.

ھاياتنى ۋاراقلاپ تۇرغان نە ئۆزۈم!؟

سىغدىلىپ بىر قىزنىڭ ئازغۇن ئېسىگە.



تۇيغۇمدا قۇياشنىڭ قاراڭغۇ ھىدى،

تورۇستىن مەيۈسلۈك تامچىلاپ تۇرار.

سۆيگۈنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈم خېتىدىن،

ئەرۋاھىم جان سوراپ نەلەرگە بارار؟...



قان قىلىپ سۆزلەرنىڭ ئورمانلىقىنى،

بىقوۋۇل پەرۋازدا ۋىچىرلايدۇ زوق.

ھېسلارنىڭ بۇ قەدەر تەڭقىسلىقىدا،

بەس،ئەمدى كېچىگە شېئىر يازغۇم يوق!



خازاننامە



تۈنگە پاتتىم مەيۈسلۈككە مىلىنىپ،

كىرپىكىمدىن تامچىلايدۇ نادامەت.

قەھرى سۇنۇق ئەركەكلىكنىڭ بىسىدا،

قۇلىقىمغا ھۇۋلاپ ئۆتەر ئاھانەت.



يىراقلاردا لەپىلدەيدۇ بىقارار،

يۇلتۇزۇمدىن قېچىپ چىققان كېچىلەر.

كىمگە قەدەر ئازغۇنلۇقنىڭ ئەۋجىدىن،

تونۇش روجەك يات ئىستەكتە چېكىلەر؟!…



سۆزگە كىرمەس جىمجىتلىقتىن يۇلقۇنۇپ،

لەۋلىرىمدە ئەسەبىيلىك يالتىرار.

سېنتەبىرگە سىڭىپ بارار نا ئۈمىد،

يۈرىكىمدە خازان بولغان باش باھار...



ئۇيقۇدىن يىراق



ئويغاتتىم قاراڭغۇ ھاياجېنىمنى،

ئىرغىتىپ ئاسماننىڭ شېخىدىن يۇلتۇز.

يىغلاڭغۇ شامالنىڭ تىمتاسلىقىدىن،

يىرتىلدى قولۇمدا ئاداققى يالپۇز.



لېۋىمدە قانسىراپ بوزلايدۇ ئىشق،

كىملەردۇر دەردىمگە كۈلەر ۋىلىقلاپ.

نېمە ئۇ يالغۇزلۇق پىيالىسىدە،

ئۆزۈمگە ئۇزۇندىن كەلگىنىم لىقلاپ؟...



يارىدار ھاياتقا سىلجىيدۇ سۈكۈت،

تۇيغۇمنى مەست قىلار لەززەتلىك پىراق.

گۈللەرنى كۆيدۈرگەن شەبنەم رەڭگىدە،

بۇ كېچە مەن يەنە ئۇيقۇدىن يىراق...



كەچكۈزگە كىرىش



دەرەخنىڭ نالىسى قالدى ئۇزاقتا،

شۇم بوران كۆزىدە لەيلەيدۇ خازان.

ئىچىمگە تاراملاپ ئاقماقتا بىھوش،

قۇشلارنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلگەن پىغان.



ئاپتاپنىڭ كۆكسىگە قادالغان قىروۋ،

چوغلانغان ھېسلارنى يۇتىدۇ يالماپ.

دىللارنى سەگىتكەن لەرزان سېغىنىش،

ئۆتمۈشنىڭ مەڭزىدە ياتار مۇڭسىراپ...



جىلمىيىپ قارىماس نە بىرەر يۇلتۇز،

مەن قانچە ئاسماننى كۆرسەم قېدىرىپ.

ئاخىرقى خارابە قالدۇقى مىسال،

ئاھ،بۇندا نېمە بار مەندىنمۇ غېرىب؟…



چۆللەرنىڭ پايانى رەستىگە تۇتاش،

چاڭقىغان ھاياتتىن مارىلايدۇ ياز.

تۈگەيدۇ تەگسىز بىر سۈكۈتتە توزۇپ،

كەچكۈزگە يىقىلغان ئەسەبىي ئاۋاز.



بىر تامچە قان



قاراڭغۇسى ياغار كېچىنىڭ،

ئىچىمدىكى قۇياشقا قاراپ.

شىۋىرلايدۇ بىر سۆزگە تىلىم،

لەۋلىرىڭدەك سۈزۈك قاغجىراپ.



شاماللارنىڭ ئىسسق بارمىقى،

سىلاپ ئۆتەر ھاياجېنىمنى.

خازانلارنىڭ پەرىشانلىقى،

يورۇتىدۇ سەنسىزلىكىمنى...



سايە تاشلاپ ئۆتەر تىنىقىڭ،

زەخمىلەنگەن خىياللىرىمغا.

جىمىرلايدۇ ئامالسىزلىقىم،

چېھرىڭدىكى تۇمانلىرىڭدا...



زارىقىشتىن ئۆتمۈشكە پىنھان،

چېقىلىدۇ چۇل–چۇل دېرىزەم.

نىھايەتكى بىرلا تامچە قان،

ئەگكەن ساڭا قەددىمنى،سەنەم...



ئەرزىمەسلىكىمدە قويغىن مېنى،بەس



قەلەندەر ھالىمغا تۆكمە ئىلتىپات،

ئەي ئاسمان،ئۆزۈڭنىڭ دەردى بىلەن بول.

كېچەمدە ئېچىلما ئەھدىڭنى بۇزۇپ،

ئەي قۇياش كۈندۈزنىڭ ئەرزى بىلەن بول.



چاقىرما ئۇۋاڭغا يېگانە دەرەخ،

نەسەبتە ئەمەسمەن ھىجرانكەش بۇلبۇل.

يوللاردا جىمىكى ئالدىراشچىلىق،

كېتىۋەر ئۆزۈڭنى نىشانلاپ ئۇدۇل.



قايرىلىپ باقمىغىن كەينىڭگە شامال،

قەلبىمدە ھامان شۇ بىمەنە ھەۋەس.

جاھانغا پاتمىغان بارچە ئۇلۇغلۇق،

ئەرزىمەسلىكىمدە قويغىن مېنى،بەس!



ئۆلگۈدەك ياشاش



ئاۋازىم تىكەنگە قالدى سانجىلىپ،

سەزگۈمنى قاقاس ساي ئەسىرگە ئالدى.

قاقلانسا جېنىمغا تاشنىڭ يارىسى،

ئەس–يادىم بىر توغرام نانغا قامالدى.



ئاپتاپنىڭ سەلكىنى تەرلىدى چىپ–چىپ،

تەرك ئەتتى يۈرەكنى سايىسى سۇنىڭ.

ۋاقىتنىڭ چاڭقىغان قاسراقلىرىدىن،

بىخ  سۈردى تېۋىشى يۇچۇن بىرسىنىڭ...



توزۇدى قوۋناقلىق ھېسلىرى تامام،

سېرىقتال قىسمەتنىڭ يۇپۇرمىقىدا.

شۇندىمۇ ئەھدىمنى بېلىمگە تۈگۈپ،

ھاياتنى ئۆلگۈدەك ياشىدىم تازا!…



قىلمىغىن سەن مەندىن ھېچنېمە تەلەپ



تەمەيىم يوق ئەسلا،مۇھتاجلىقىم ھەم،

قاتمىغىن سۆزۈڭگە شائىر دەپ مېنى.

تۈنلەرگە شائىردەك بەرمەسلىكىم تەن،

چىقمىقىم ئۈچۈنغۇ تېشىپ ئۆزۈمنى!



قىستىما قۇياشنى مېڭىشقا بويلاپ،

قاراڭغۇ دەريادا ئاقاي تۆكۈلۈپ.

كەپتىمەن ئۆلۈمدىن شۇنچە ئاۋايلاپ،

خالىغان قەبرىگە باقاي يۈكۈنۈپ.



قوشۇلاي شامالنىڭ كارۋانلىرىغا،

ئەيىبكە بۇيرىما كەپسىزلىكىمنى.

پۈتۈپ قوي ئىزىمنىڭ ئاپئاق قۇرىغا،

چەك–چېگرا ئىچىدە چەكسىزلىكىمنى...



كىمنىدۇر مەقسەتسىز كۈتۈشلىرىمگە،

ئاۋارە بولمىغىن چۇخچىلاپ سەۋەب.

يانغۇچە گۈلخاندەك ئۆكسۈشلىرىڭدە،

قىلمىغىن مېنىڭدىن ھېچنېمە تەلەپ!…



ئۇسسۇزلۇق



خەت يازدىم باھارنىڭ يۇپۇرمىقىغا،

جۇدۇنغا قايرىلغان دەرەخ تۈۋىدە.

چاكۇ–چاك رېئاللىق توزۇندىسىدىن،

ئۆتمۈشنىڭ تامچىلاپ چۈشتۈم لېۋىگە.



تۇيغۇمغا ئوت ياققان ئەجەل كۈيىدىن،

ئۆزۈمنى تارتىمەن ئاران ۋە ئاران.

قار كەبى،ئېھ،سۈزۈك پەرۋازى بىلەن،

كېچەمدە ناتونۇش چاقنايدۇ جانان.



ياداڭغۇ ھېسلىرىم ئاراچلىرىدىن،

مەڭزىمگە سانجىلىپ ئۆتىدۇ شامال.

كارۋاتقا پەرىشان سىڭگەن ئاخىرى،

دېڭىزدەك بىپايان،ئۇسسۇز بىر خىيال.

2016–يىل،12–يانۋار.





ئاھ،مېنىڭ مەجنۇنلۇقۇم



قىزغىنىپ مېھرىڭنى تۈنلەردىن ئېشىپ كەلسەم داۋان،

يۈرمىگەي ئاپتاپ ھىدىڭدىن مۇزلىغان سەزگۈم تامان.



چىقسا لېۋىمدىن قەپەزگە كۆنمىگەن تەشنالىقىم،

تەپتى جۇت ئورمان كۆزۈڭدە يالتىراپ تۇرغان ھامان.



قالدۇرۇپ دەردىمنى ئۇسسۇز بىپايان چۆللەر ئارا،

سۆيگۈنىڭ ئەييامىدا ئالغانلىرىڭ قانداق خامان؟



ھەر تىنىقتىن بىر مۇسىبەت قۇترىسا ئۆركەش ياساپ،

تەندە بۇ يالغۇزلۇقۇمدىن ئويغىنار لەكمىڭ چايان.



كۆكسى قان مىسرالىرىمدىن كۆكلىگەن  بىر دەستە تاش،

ئەيلىگەي پىنھانغا مەھكۇم ئەرزىنى بىر–بىر بايان.



ئەينىكىڭگە ئاھ ئۇرۇپ سانجىلسا بار مەجنۇنلۇقۇم،

نە ئۈچۈن بويلاپ يۈرەكنى خاھىشىڭ ئاقماس راۋان؟



سۈزگىنى شەكسىزكى ھەسرەت،كۆر، ھايات دەرياسىدىن،

ئوتلىماي قاينارى ۋەسلىڭ جامىدىن شەربەت،جانان!

2015–يىل،26-ئاۋغۇست.



مەن سېنى ياد ئەيلىسەم



ئوخچۇدى قەلبىمدە ھەسرەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم،

سۇندى چاڭقاق تەندە تاقەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



بولدىكى ئىشقىڭ ماڭا ئەپسۇنغا لىقلانغان قاپاق،

سۆيگۈگە ئالماشتى نەپرەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



قوغلىنىپ باغىم باھاردىن نەچچە مىڭ يىللىق يىراق،

مىندى بۇلبۇل دەردىگە دەرد،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



ئىككى دۇنيانىڭ غېمى ئارتىلدى يەلكەمگە تامام،

توشتى بىغەملىككە مۆھلەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



بىپايان باغرىمدىكى توزۇپ باياۋان چۈشلىرى،

لەرزى تۈن ئۇلغايدى دەھشەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



ساقىغان تامچە چوغۇڭدىن ئوت ئېلىپ نىمجان ۋۇجۇد،

كۆيدى روھىمدا سۈزۈك خەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.



بولدى قاينارى جۇنۇنلۇق چۆللىرىگە خامتالاش،

يەت جانان ھالىمغا بىر رەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم...

2015–يىل،14–ئاۋغۇست.



كەل،جانان



كۆزلىرىمدىن تەلپۈنۈش بولغانچە ئاقتى سەل،جانان،

بۇ كۆيۈك ئىشقىمغا ئىشقىڭنى باغاشلاپ كەل،جانان.



ئېرىشىپ روھىم ئىجازەتكە گۈزەل پەرۋاز ئۈچۈن،

دىلدا تەپتىڭدىن كۇكۇم بولسۇن تاقاق–ئىشكەل،جانان.



تۆت تېمى ئاپئاق كۆڭۈلنى گەر دېسەم مېھمانساراي،

ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈدىن بەر گىن ئۆزۈڭلا ھەل جانان.



يارتا يولدا ئاقمىسۇن ئىككى ئېقىنغا ئەھدىمىز،

باغلا مەڭگۈلۈك سەپەرگە مەنسىمان چىڭ بەل جانان.



ئاغرىنىپ تۈنلەردە ئولتۇرما مەيۈس،ئۆتكۈنچى ئۇ،

ئەگمىسۇن رايىڭنى پەسكە شۇنچىكى ئۆتكەل جانان.



پايىمىزگە باش قويار سوراپ نىجاتلىق يەر–جاھان،

يورۇتۇشتىن قاپقارا مەنزىلدە جۈپ مەشئەل،جانان.



بارچىگە بولسۇن ئىگە قاينارى، سەنسىز،ئەڭ غېرىب،

بارچە كەملىك،كەل،ئەبەد بىر سەن بىلەنلا تەل،جانان.

2015–يىل،15–ئاۋغۇست.



سەۋداغا ئايلاندىم بۈگۈن



يار،پىراقىڭ دەشتىدە سەۋداغا ئايلاندىم بۈگۈن،

ھەسرىتىمنىڭ ئەۋجىدە دەرياغا ئايلاندىم بۈگۈن.



سارغىيىپ بىر–بىر ئۈمىدتىن كۆكلىگەن يامغۇرلىرىم،

چۆلدىگەن تۈنلەر ئارا تەرساغا ئايلاندىم بۈگۈن.



مۇزلىدى مەغرۇرلىقىڭدىن ياپرىقىم بوستانلىرى،

خەلقى ئالەم كۆزىچە رەسۋاغا ئايلاندىم بۈگۈن.



ئۆركىشىمدىن قاقسا پەش ئۈركۈپ سۈكۈتنىڭ يۇلتۇزى،

ئەۋرىتى قالغان ئوچۇق مەناغا ئايلاندىم بۈگۈن.



ئاسمىنىڭدىن يا ئېچىلماس بىر ئىشىك دەردىم تامان،

ئىشقى ئوت،پەرۋازى يوق ئەنقاغا ئايلاندىم بۈگۈن.



باقمىشمغا شۇنچە رەت ياغماس نىگاھىڭ بىر تېمىم،

چاڭقىشى ئالەمگە لىق تەشناغا ئايلاندىم بۈگۈن.



كەزدىلەر ئىقلىمنى قاينارى ۋىسال ئارمانىدا،

ئاخىرى سەنسىز يەنە تەنھاغا ئايلاندىم بۈگۈن...

2015–يىل،16–ئاۋغۇست.



مەھبۇس يۈرەك



داستىخان راسلاپ دىلىمغا چىللىسام پىنھان سېنى،

ئۆزگە كىم رەغدىڭنى تارتتى خاس بىلىپ مېھمان سېنى؟



يامرىغان لەۋلەر ئارا بىر تۈپ گۇناھنىڭ قالدۇقى،

ئەيلىگەي ئايرىپ غۇرۇردىن قايدا سەرگەردان سېنى؟



ئوتلىرىڭدا ئۆرتىنىپ كۆيمەكنى چىن قىلسام خىيال،

لەرزىدىن تىمتاس ئۆچۈرگەن قايسى مۇز ئوكيان سېنى؟



ھەسرىتى نۇردىن خالاس دەشتى قىيامەت بابىدا،

باشلىغاي تەنھا قاياققا ھەق سۈپەت يالغان سېنى؟



دۈم بولۇپ جىمجىتلىقىمغا سايرىغاي مەھبۇس يۈرەك،

ياپيېشىللىقتىن كۆچۈرگەن جۇتقا نە پەرمان،سېنى؟



قاپقارا كەتكەن يولۇڭنى ياندۇرۇپ ھەر لەھزىدە،

كۈتكۈسى تەشنالىقىمدىن ئوخچۇغان گۈلخان،سېنى.



باق،نىگارىم،تامچىلاپ ئاھ– زارىغا قاينارىنىڭ،

مەن ئېتەي مەڭگۈگە مېھرىم توزۇماس بوستان،سېنى...

2015–يىل،7–سېنتەبىر.



پۇرقەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت



تەلمۈرۈپ ۋەسلىڭگە،يار،پۇرقەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت،

باشتا چەككەن ئەينى شۇ ھەسرەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



چەيلىنىپ مەغرۇر زىمىستان پەيلىدىن بەردەملىكىم،

تىك تۇتالماس قەددىما كۈلپەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



يىرتىلىپ كۆكنىڭ جۇلاسى،مۆكتى پىنھانغا قۇياش،

تاڭ سەھەردىن چاچرىغان زۇلمەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



نۇر تىلەپ ئاھۇ كۆزۈڭدىن خەستىلىك سۆزلەر ئىلە،

چاچلىرىڭدەك قاپقارا قىسمەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



ئاقتى ئىشقىمغا تاراملاپ بىر قەدەھ يۇلتۇز غېمى،

ئىچ–ئىچىمدىن ئۆرلىگەن ۋەھشەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



كۆزلىرىمنىڭ زارىغا سانجىلدى تۈنلەر خەنجىرى،

چۈشلىرىمدىن قۇترىغان دەھشەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.



كەلدى كۆپتىن سۆيگۈ ئىزدەپ بۇندا قاينارى ھامان،

ئاھ،ئەجەبكى،ۋەزنى تاغ نەپرەتتە ئۆلدۈم ئاقىۋەت.

2015–يىل،8–دېكابىر.



تۈنگە قوغلىنىش



ئايرىلىپ ياردىن يۈرەك–باغرىم،نىتەي،قان بولدىلەر،

شادلىقىم قاقشال–قۇرۇق،دەردىم باراقسان بولدىلەر.



جانغا سانجىلدى غېرىبلىق قەھرىدىن خەنجەر سوقۇپ،

تەپتىدىن ئاھۇ پىغانىم تاغمۇ تالقان بولدىلەر.



توزۇدى ئايدىڭ خىياللار،رەڭگىدىن ئۆچتى سەھەر،

نۇر تېمىپ تۇرغان ۋۇجۇد زۇلمەتكە ئايۋان بولدىلەر.



قاغجىراق سۆزلەرگە ئۈنسىز تامچىلاپ دەردلىك نىگاھ،

بىغۇبار ئارمانلىرىم دەرگاھى زىندان بولدىلەر.



شاخلىرىمدىن ئۈركۈشۈپ ياڭراق ھاياتنىڭ نەغمىسى،

پەرۋىشى كۆكلەمگە زار ئەسلىم زىمىستان بولدىلەر.



چۈشلىرىمدە سۈپسۈزۈك ئاچقان چېچەك مەنزىللىرىم،

ئويغىنىپ بىر باقمىشىمدا،بارى پىنھان بولدىلەر.



قالدۇرۇپ قاينارىنى دەشتى جۇدالىقتا ياياق،

قايسى تۈنگە،بىلمىدىم،يار ۋەسلى گۈلخان بولدىلەر؟!…

2015-يىل،9-ئۆكتەبىر.



روھىمغا ئاسمان قالمىدى



نە ئېتەي،دەردىمگە دەرمان قالمىدى،

مۇزلىدىم،بەرگىمدە گۈلخان قالمىدى.



تاشقا پاتتىم مەن غېرىب يۇمشاققىنە،

يانمۇ يان قىسمەتكە ئىنسان قالمىدى.



ئاھلىرىمغا يايدى تۈن پەرۋازىنى،

ياغقۇدەك روھىمغا ئاسمان قالمىدى.



قانچە باش تارتتىمكى ھەقنىڭ لەۋزىدىن،

ياكى چىنپۈتمەككە يالغان قالمىدى.



قوللىرىمدا سۇندى زار يىغلاپ قەلەم،

پۈتكۈدەك تىللاردا داستان قالمىدى.



قايدىكىن پارلاق ئەجەلنىڭ قۇشلىرى،

پەسلى گۈلزارىمدا رەيھان قالمىدى.



تۆكتى–يۇ،قاينارى دىلدىن بارىنى،

قۇپقۇرۇق يۈرمەككە ئىمكان قالمىدى...

2015–يىل،17–دېكابىر.





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:05:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياش بوغۇننىڭ ئ‍ۇيغۇر شېئىرىيەت دالاسىدا ئ‍ەركىن پەرۋاز قىلىشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2016-2-12 19:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرشاد ئەنۋەر قاينارى بىر تىرىشچان ھەۋەسكار. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىنى تەبرىكلەيمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى يېڭىلاپ، باشقىلارغا سايە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-12 20:24:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇشتۇرۇلغىنىنىى تەبرىكلەيمەن،شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-2-12 20:24:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇشتۇرۇلغىنىنىى تەبرىكلەيمەن،شۇنداقلا بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-2-12 22:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، سىزدە ئۈمىد زور. قۇت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2016-2-12 23:06:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-2-12 23:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! يۇرتىمىزدىن يەنە بىر تالانتلىق،ئۈمۈدلىك بىر شائىرنىڭ چىققىنىدىن خۇشالمەن.

ۋاقتى: 2016-2-13 17:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-2-13 18:45:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان دوستۇمنىڭ ئىجادىيەتتە يۇقىرى پەللىگە يىتىشىگە تىلەكداشمەن

ۋاقتى: 2016-2-13 18:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان دوستۇمنىڭ ئىجادىيەتتە يۇقىرى پەللىگە يىتىشىگە تىلەكداشمەن

ۋاقتى: 2016-2-13 19:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرشاتجانغا مۇبارەك بولسۇن، قەلىمىگە تېخىمۇ سۈزۈكلۈك تىلەيمەن. ئىجادىيتى بەرىكەتلىك بولغاي.
ياشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئىلھام بىرىۋاتقان ئابدۇرەشىد ئېلى ئاكىغا بارىكاللا!!

ۋاقتى: 2016-2-15 10:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئىلھام ۋە پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن بارلىق دوست-بۇرادەر ۋە ئۇستاز يوللۇق قەلەمداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت. بۇ سەھىپىدە تونۇشتۇرۇلۇشۇم مېنى تولىمۇ خۇشال قىلدى،بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-15 11:06:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھەي، نۇرشات ئەمەلىيەتتە بەكلا تىرىشچان،ھەم كەمتەر بالاڭزا، مۇبارەكلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-17 17:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلاردىن تۇلىمۇ ياخشى لىرىكىلار توكۇلىۋاتىدۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش