ئىز
( ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس )
روزى سايىت
شۇم زاماننىڭ ماڭلىيىغا نەيزە-تىغ تىققاندا بىز،
كونا قەلئە تاملىرىنى ئۆرۈگەن- يىغقاندا بىز،
قەھرىمىزدە ياۋ گېلىنى راست بوغۇپ، سىققاندا بىز،
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز.
نەۋرىلەرنىڭ ئەتىسىنى بىز بىلىپ جاندىن ئەزىز،
تاجۇ –دۆلەتتىن ئەركنىڭ تەمى،دەپ، چەندان لەزىز ،
يەلپۈتۈپ ماڭغاندا ھۆرلۈك بايرىقىنى تىك-ئېگىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئات سېلىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
يۈردى كارۋان قالدۇرۇپ ئىز ھەر تامانلاردا يەنە،
گاھ بوراندا، پىژغىرىمدا، جۇت،مانانلاردا يەنە،
ياتمىدى شەمشەر غىلاپتا، ئوق كامانلاردا يەنە،
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
جىسمى قالغان بىرلە چۆلدە، قەبرىسىز، چەت خالىدا،
بولدى زاھىر قانلىرىڭ رەڭگى ئەترە، لالىدا،
تاڭ شىۋىرلاپ ئېيتتى شۇنداق ئارسلانلار نامىدا:
قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.
نەۋ باھارمۇ كەلدى ئاخىر پۈتتى زۇلمەت جەبرىسى،
راست دېگەندەك گۈلگە پۈركەندى شېھىدلار قەبرىسى،
بەختۇ-ئىقبالغا ئېرىشتۇق بىز-ئۇلارنىڭ نەۋرىسى،
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
ئىز كۆمۈلمەس،يول ئېتىلمەس ھەم سولاشماس گۈلسۇرۇق،
يول ئۇزاق، ئەمما زەپەرنىڭ مەنزىلى نۇرلۇق-يورۇق،
ئەي بوۋا،ئەۋلادلىرىڭ قويماس ئۈمىدىڭنى قۇرۇق،
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچبولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز...
|