يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 1

ئادىلجان ھەسەن:(ئىزگۈگە) تەستە چىققان قىش(پوۋىست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەستە چىققان قىش

( پوۋىست )

ئادىلجان ھەسەن


    ئانىنىڭ قۇچىقىدىكى بۇۋاقتەك، شىمال تەرىپى كۆككە بوي سۇزغان قاتمۇ-قات تاغلار، جەنۇپ تەرىپى يىراقلاردا كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىغان كۈمۈش چوققىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا خۇددى غايىپ بىر قول تەكشىلەپ قويغاندەك بىپايان تۈزلەڭلىك بىلەن ئۆز ئىسكەتىنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە چىرايلىق بېزەپ تۇردىغان بۇ قەدىمىي يۇرۇت، تاسادىبىي كەلگەن كىشىلەردە مۆجىزىلىك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ تۇرمۇش غېرىپچىلىقى، ھايات خوشاللىقى، مۇھتاجلىق ۋە ئاللىقانداقتۇر بىلىپ بولمايدىغان ئىستەكلەر بىلەن مۇز داۋاننىڭ تەننى شۈركەندۈرگۈچى، دەھشەتلىك سۈر-ھەيۋىسنى بويسۇندۇرۇپ بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالغان كىشىلەر ئۆزلىرى ياشىغان زىمىن بىلەن بۇ زىمىن ئوتتۇرىسدىكى ئاسمان-زىمىن پەرىقتىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىپ، غايىپ غەزىنىگە ئۇچىراپ قالغاندەك خوشاللىققا چۆمىدۇ. شۇڭا تېزلا بۇ يۇرۇتتا يىلتىز تارتىپ قالىدۇ. ئۇلارنى يەنە بىر خوش قىلىدىغىنى خام قايماقتەك بەقۇۋۋەت تۇپرىقى بىلەن شۇ تۇپراقنى ياشنىتىپ تۇرغان تاغ – دەريا ھەم كۆكنىڭ ئەلۋەك سۇيى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ بۇ يۇرۇتقا كېلىپ قالغانلار ئادەمنى تېرىسمۇ ئۈنىدىكەن دىييىشەتتى. مانا بۈگۈن گومىنداڭنىڭ بۇ يۇرۇتنى بىر قوللۇق سوراپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ تەلەيلىكلىكىدىن تېرىسىگە پاتماي قالغان ئوفىتسېرى مافۇگۈي قۇلىقى نەيزىنىڭ ئۇچىدەك تىك ھەم ئۇچلۇق. ئىككى كۆزى چاقناپ تۇردىغان، تۈكلىرى كۈمۇشتەك يالتىراپ تۇردىغان ئېتىنى چىرايلىق جابدۇپ مىندى-دە، ماي تەپچىرەپ تۇردىغان چىرايىغا ھەيۋە بېرىپ چەپرەس تۇرغان ئۈچ چېرىكىگە ئىما قىلىپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرىقىدىن بىلمىگەنلەرگە نىسبەتەن دۇنيانى سورىغان ئېمپىراتۇرلاردەك مەن–مەنلىك تۇيغۇسى بېرەتتى. ئۇلار كوچىغا چىققاندىن كېيىن توپىلىق يولدا ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىغمۇ پىسەنت قىلىپ ئولتۇرماستىن ئات تۇياققلىرىنى قوماچ قورىغاندەك تاراسلاتقىنچە ئۇدۇل ئاقچوققىنى نىشانلاپ ئېتىنىڭ بېشىنى قويىۋەتتى. بۇ ئوۋ مەيدانى مافۇگۈينىڭ ھەپتىدە بىر ئېلىپ بارىدىغان پادىشاھلارغا خاس شىكارغا چىقىشى بولۇپ، كىشىلەر بۇنى ما فۇگۈينىڭ قان ئىچىشى دەپ ئاتايتى. دىمىسسمۇ ئۇنىڭدا كىشىنى سەسكەندۈردىغان ئاجايىپ بىر خۇيى بولۇپ ئوۋلىغان ھايۋانلىرىنىڭ قېنى ساقىپ تۈگىگەن بولسىمۇ چاڭقىغان ئادەم دوغاپ ئىچكەندەك يارا ئېغىزدىن چىققان قاننى ياكى شۇ ھايۋاننىڭ تومىرىدىكى قاننى ئاچكۆزلىك بىلەن شورايتى. ئۇ دەبدەبە بىلەن مېڭىپ تاغقا بۇرىلدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە ئېتىنى چىپپىدە توختاتتى. بۇ ئىشتىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋتقان چىرىكلەرمۇ نېمە ئېش بولغىنىنى بىلمەي ئاتلىرىنىڭ تىزگىنىنى تارىتتى. سەل نېرىدا كېلىۋاتقان ئەۋرىشىم بەدەنلىك بىر قىز تۇرۇپ قالغانلارنى كۆرۈپ تېزلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ شۇ چاغدىكى خېلىلا ھاللىق تۇرمۇشتىن  دېرەك بېرىپ تۇردىغان كەڭ ھويلىلىق، روس پاسونىدا سېلىنغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپلا كۆككە سىڭىپ كەتكەن پەرىشتىدەك غايىپ بولدى. ما فۇگۈي بۇ ھالەتتىن بىر ھازا ئۆزىنى يوقاتقاندەك بولۇپ، يەنە تېزلا ئەسلىگە كەلدى-دە :« پاھ، بۇنىڭ دادىسى قۇياش، ئانىسى ئايمۇ نېمە؟ ئادەم بالىسىمۇ شۇنچە گۈزەل بولىدىكنە، بۇ غۇنچىنى ئەجەپ كۆرمەپتىمەن ياكى يىڭدىن تۇققان يوقلاپ كەلگەن بىرىمۇ يا؟ ئۇ ئۆز خىيالدىن بىرەر خۇلاسە چىقرالماي، ئوۋغا چىقىشتىن يالتايدى-دە  كەينىدىن كېلىۋاتقانلارغىمۇ ئۇندىمەستىن ئارقىسىغا ياندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ئىشخانا ھەم  ئولتۇراق قورا قىلۋالغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزىنى پەردازلاش بىلەن بەنت بولۋاتقان توڭگان، قازاق، موڭغۇل ئاياللىرى ئەركىلگىنگىچە ئېرىنىڭ ئالدىغا چىقشتى . ما فۇگۈي ئۇلارنى بايام كۆرگەن قىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ خىيالىدا بۇلارنى ئاينىڭ يېنىدىكى جىن چىراغدەك ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ خوشامەت قىلغاندىن نازغىپ بېقىشلىرىغا مۈشۈكتەك سۈركۈلۈشلىرىگە پەرۋامۇ قىلماي، ياپما قاپىقىنى ساڭگىلاتقىنىچە، خاس ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. سۇڭدىشىپ كېلىۋاتقان كانىۋىيى ئىشىكنىڭ يۈزىگە بىر مۇشىت سالغاندەك «گۈپ» قىلىپ يېپىلىشى بىلەن جايىدا تۇرۇپلا قالدى. كىرىسلوغا يۆلەنگىنچە ياتقان ما فۇگۈي يەنە خىيالغا كەتتى. دېمىسىمۇ بايام كۆرگەن قىز  چۆچەكلەردىكى ئاي دىسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار دەپ تەسۋىرلىندىغان شاھ مەلىكىلەردەك گۈزەل بولۇپ، ئېقىپ چۈشكەن بۇرنى، ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئالمىدەك چىرايى، گىلاستەك قىپقىزىل لەۋلىرى، ئويماقتەك ئاغزى، تىنىق بۇلاقتەك كۈكۈشكە مايىل كۆزلىرى، يەنە شامالدەك يىنىك دەسسەپ مېڭىشلىرى ھەرقانداق ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى. ما فۇگۈي كىرىسلودىن يەنە چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى – دە:
_ ئىدىرىس. _ دەپ قاتتىق ۋاقىرىدى. ئۇنىڭ ئېيىقتەك سەت ئاۋازى ئۆي ئىچىنى جاراڭلىتىۋەتتى. ھايال ئۆتمەي تۇرقىدىن ھەجۋىيلەشتۇرۈلگەن چاشقاننىڭ رەسىمىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىرى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىردى. _ دە، ئايانچىلىق ئاۋازدا :
_ باشلىق نېمە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى باركىن. _ دەپ ما فۇتۇڭغا قارىدى. ما فۇتۇڭ ئادىتى بويىچە تاماكىسىنى ئېلىپ ئالدىرىماي تۇتاشتۇردى _ دە، ئىسىنى قاتتىق – قاتتىق ئىككى شورىۋەتكەندىن كېيىن ئىدىرىسقا قاراپ :
_ بايام بىز يولدا ئۇچراتقان قىزنى سەنمۇ كۆردۈڭ ھەقىچان.
_ شۇنداق باشلىق. _ ئىدىرىس كۈچۈكلەنگەندەك سۈنئى ھېجىيىپ باشلىقىنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
_ توختا، سەن تولا ئاتىكاچىلىق قىلىپ سۆز ئارىلىماي، مېنىڭ دېگىنىمنى ئورۇنلا، شەرت ئەتىدىن قالمىسۇن. بۇ قىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى، ئاتا – ئانىسى نېمە كەسىپ قىلىدۇ ؟ بىر – بىرلەپ ئېنىق بىلىپ كەل. گەپ تۈگىدى، چىقساڭ بولىدۇ. ئىدىرىس ئەمدى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، كۆمۈرلۈكتىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، باشلىقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا، ئۇنى ئاشۇ خىرىستالدەك جاناننىڭ ۋەسلىگە بالدۇرراق يەتكۈزۈشكە نىيەت قىلىپ، مافۇگۈينىڭ ھۇجرىسىدىن ئېھتىيات بىلەن سىرتقا چىقتى. ھويلىدىكى ما فۇتۇڭنىڭ مۇڭغۇل ئايالى تۇنگادىن باشقىلىرى ئىدىرىستىن ما فۇتۇڭنىڭ تۇيۇقسىز ئوۋ سەپىرىنى بىكار قىلىشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە بىرەر خەۋەرگە ئېرىشىپ قېلىش نىيىتىدە ھويلىدا تىمىسقىلاپ يۈرىشەتتى. ئۇلار ئىدىرىسنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغىچە ئىدىرىس ئۆزىنى ئۇلاردىن ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرۇپ، دەرۋازا سىرتىغا چىقىۋالدى. _ دە، ئۇدۇل بايا ئۆزلىرى توختاپ قالغان يول بۆلىكىگە كېلىپ توختىدى. ئاسماندا قاپقارا بۇلۇتلار كۆچكۈن قىلغان چار يىلان توپىدەك سۈرۈلۈپ – سۈرۈلۈپ ئاقچوققا ئېگىزلىكىنى قاپلىماقتا ئىدى. غەرب تەرەپتىن سوققان تەتۇر شامال چېلەكلەپ قۇيۇلىدىغان يامغۇردىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. كىشىلەر يامغۇر شەپىسىنى ئالدىن بىلگەچكە كوچىدا ئاندا – ساندا يۈرگەن لالما ئىت، قاشا ئالدىدا كۆشەپ ياتقان كالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئىدىرىس بايامقى قوراغا نېمىنى بانا قىلىپ، قانداق كىرىشنى ئويلاۋاتقاندا ئاسماندىن دەسلەپتە بارماق چوڭلۇقىدىكى يامغۇر دانىسى تارس  -تۇرس قىلىپ زېمىنغا چۈشۈپ يەردىكى ئاپئاق توپىلارنى توزۇتتىدە، ئارقىدىن شارىلداپ قۇيىۋەتتى. كاللىسىغا مافۇگۇينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى كىرىۋالغان ئىدىرىس غولىدىن كىرىپ كەتكەن يامغۇر سۈيىدىن ئەندىكىپ ئۇياق – بۇياققا بويۇنداپ قاراپ، ئۆزىدىن ئوتتۇز قەدەم نېرىدا ئات تاقىلايدىغان دارنى ھەم ئۇ يەرگە كىرىۋالغان بىر نەچچە  ئادەمنى كۆردى _ دە، يېشىغا ماس كەلمىگەن چاققانلىق بىلەن يۈگۈرگىنىچە دۇكان ئالدىغا كېلىپ، لەمپە ئاستىغا  بېرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. دۇكاندىكىلەر ئىدىرىسنى مافۇگۇينىڭ كۈچىكىدەك دائىم كۆرۈپ تۇرغاچقا، كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئۇنى دۇكان ئىچىگە تەكلىپ قىلدى.
_ ئىش–ھۈنىرىڭلارغا ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلغاي. _ دېدى ئۇ  سالامدىن سۆڭرە  دۇكاندىكىلەرگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر پەس ھېيىقىش ھەم مەزگىلسىز قورۇنۇشلاردىن كېيىن دۇكاندا يامغۇردىن پاناھلىنىپ تۇرغانلاردىن بىرى:
_ قادىراخۇن ئۇستام، جەنۇپتىن تۇققانلار كەلگەنمۇ نېمە؟ قورالىرى غولداپ قاپتۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق، جەنۇپتىكى تۇققانلاردىن بىر – ئىككىسى قىزىمنى ئەكىلىپتىكەن، شۇلار بىلەن غېرىپ كۆلبەم بىراز ئاۋاتلىشىپ قالدى.
_ شۇ قىزلىرىمۇ جەننەتنىڭ ھۆر – پەرىلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇز چوڭ بوپتۇ.
_ ماشائاللا، يامان كۆزلەردىن يىراق قىلغاي. _ قادىراخۇن ئۇستام بىر تەرەپتىن پەخىرلەنگەندەك، بىر تەرەپتىن ئەندىككەندەك بولۇپ ئەتراپقا غازدەك بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئىدىرىسنىڭ كۆڭلى قارا بۇلۇت ئارىسىدىن پارلاپ چىققان  قۇياشتەك ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئۇ كۆڭلىدە مافۇگۇينى ئاشىقى – بىقارار قىلغان قىزنىڭ دەل قادىر ئۇستامنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدى. دېمەك، دەسلەپكى باسقان قەدەم خۇددى بىراۋ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك ئوڭۇشلۇق بولدى. ئىدىرس ئاللاھنىڭ بۈگۈنكى ياغدۇرغان يامغۇرىغا شۇنچىلىك رازى بولدىكى، تالاغا چىقىپ ئېرىق ياساپ ئېقىۋاتقان يامغۇر سۈيىگە ئۆزىنى ئاتقۇسى كېلىپ كەتتى.  شۇڭلاشقىمۇ ئۇ بۇ خوشاللىقنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ، سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سېۋىلىپ، ئىشلارنى خاتا مۆلچەرلەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلدى. بۇ قىز قادىراخون تۆمۈرچىنىڭ قىزى بولماي باشقا بىرسىنىڭ قىزى بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا قانداق قىلغۇلۇق. شۇڭا ئىشنى پۇختا قىلىش، پۇختا قىلغاندىمۇ چاندۇرماي تۇرۇپ قىلىش . نەتىجە ھاسىل بولغاندىن كېيىن  مافۇگۈينىڭ ھاتەملەرچە بەرگەن بايلىقىدىن، بەرگەن ھوقوقىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىش كېرەك. ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئالدىراپ كەتمەسلىك زۆرۈردۇر. ئىدىرىس شۇلارنى ئويلىۋەتكەندىن  كېيىن، سەندەل ئۈستىدىكى تۆمۈرگە بولقا ئۇرۇپ، ئات تاقىلايدىغان مىخ ئۇچلاۋاتقان قادىراخۇن ئۇستامغا يۈزلەندى-دە.
_مېھمانلارنىڭ يامغۇرلۇق يۇرتىمىزغا قەدەم  تەشرىپ قىلغانلىقىدىن پىقىر مافۇگۈي جاناپلىرى نامدىن مىننەتدارلىقمىزنى بىلدۈرمىز دېدى.
_ يوقسۇ، ئەرزىمەس ئىشلار بۇ، خوش بولغۇچىلىكمۇ يوق. بىزگە ئوخشاشلا ئاددى قۇۋۇم ئۇلارمۇ.-  دېدى قادىر ئۇستام بىر خىل ئوڭايسىزلانغان ھالدا .
_ بايا، غۇنچە بويلۇق قىزلىرى دۆڭمەھەللىدىكى ساۋۇتاخۇننىڭ قوراسىغا كىرىپ كېتۋاتقاندەك قىلۋىدى، قارسام بۇ يەرلىك ئەمەستەك...— ئىدىرىس سۆزنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى.
_ شۇنداق، ساۋۇتاخۇن شېرەم تۇققىنمىز بولدىغان، قىزىم تۇققانلار بىلەن پەتە قىلىپ قويغىلى ماڭغان چېغى. ئۆيدە بىراز ھايالىشىپ قىلىپ، يالغۇز چىقىپ قاپتۇ دېسە. ئىدىرىسنىڭ كۆڭلى ئەمدى جايىغا تولۇق چۇشتى. بايامقى غەزەپ بىلەن ياققان يامغۇرمۇ چىپپىدە توختاپ ، قۇياش زىمىن بالىسنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ قويغان ئانىدەك كۆكتە پارلاپ ئۆز جامالنى كۆرسەتتى. ئىدىرىسمۇ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىپ قويۇپ قادىراخۇن ئۇستامنىڭ كۆڭلىگە شەك كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلدى بولغاي، تۇرغانلارغا مۇنداقلا خوش دەپ قويۇپ، تالاغا چىقتى. ئەمدى گەپ «ئىلى ئوغۇرلىرى» قۇتراۋاتقان مۇشۇنداق جىددى مەزگىلدە قانداق قىلىپ، باشقىلارنىڭ غەزەپ– نەپرىتىگە تۇترۇق بۇلمايدىغان ئەپچىل چارىدىن بىرنى  تېپىپ، قادىراخۇننىڭ غۇنچىسىنى، ئۆزى ئەقلىنى بىلگەندىن بېرى تاپىنىنى يالاپ، شۇنىڭ شاتلىقىدا كۈنىنى گۈلدەك ئۆتكۈزىۋاتقان مافۇگۈينىڭ قۇلىقىغا قىسىش ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاياقلىرىنىڭ لاي–پاتقاق دەستىدىن ھوشۇقىغىچە مەينەتلىشىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي، شۇملۇق پۇراپ تۇرغان پىلانى ئۈستىدە قايتا – قايتا ئويلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ قادىراخۇن ئۇستامنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ ئادەم ئۆز غورۇرىنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ئىنسان بولۇپ، ئۆز ھۈنىرى ئارقىلىق مۇشۇ يۇرتتىكى ئاۋامنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۆتىۋەر زات ئىدى. گەرچە تۇرمۇشىدا يېتىپ –ئاشقۇدەك مال بىساتى  بولىسىمۇ تۆمۈرچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاتا كەسىپنى تاشلىغۇسى كەلمەيىتتى. ھاجەتمەنلەرنىڭ ئات تاقىلاش، تۆمۈر ئەسۋابلارنى ياسىتىش ئىشىلىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغاندەك جان كۆيدۈرۈپ، ئىدىتلىق ئىشلەپ تۈگۈتەتتى. بۇ ئادەم تاقىلىغان ئاتلارنىڭ تاقىسى ئىگىسى كېلىپ ئالغۇزىۋەتمىگۈچە چۈشۈپ قالمايىتتى. بۇ ئادەمگە ياساتقان پالتا، كەكە، كەتمەن دېگەندەك ئەمگەك قوراللىرى ئىشلەتكۈچىنىڭ ۋۇجۇدىنى يايرىتىۋېتەتتى. شۇڭىمۇ يىراق–يېقىندىكى چارۋىچىلار ، دېھقانلار ئالاھىدە بۇ ئادەمنى ئىزدەپ كېلىپ ئىش بۇيرىتاتتى. ئۆچىرەت كەلمىسە ساقلاشقا رازىكى كېتىپ قالمايىتتى. ھالال ئەجىرنىڭ بەرىكىتى قادىراخۇن تۆمۈرچىنى تۇرمۇشتىن ۋايىم يېمەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىق قىلىشقا ئىمكان ياراتقان ئىدى. ئىدىرىس شۇلارنى خىيال قىلېۋېتىپ «ھەي تۆمۈرچى، ھەي تۆمۈرچى» دەۋەتكىنىنى، بۇ سۆزنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدى. تۆت خوتۇنى بار بىرسىگە يەنە ئۇنىڭ قىزىنى سوراپ بېرىش ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا قادىراخۇن زىبىز ئۇنىمايدۇ. شۇڭا ئەپچىل چارە تېپىش كېرەك. «تۆمۈرچى» ئىدىرىسنىڭ ئاغزىدىن يەنە بىر قېتىم تۆمۈرچى چىقىشى بىلەن كاللىسىغا يالت قىلىپ كەلگەن ئەقىلدىن كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ چاقماقتەك ئىشلەيدىغان كاللىسىدىن شۇنچىلىك سۆيۈندىكى بۈگۈن قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇسى، ئاخشام كۆرگەن ئەمما ئۇنتۇلۇپ قالغان چۇشلىرىنى ئەسلەپ باققۇسى كېلىپ كەتتى. بىراق بۇنىڭغا ۋاقىت يوق ئىدى. ئەمدى ئۇ ئالتۇنغا تېگەشكۈسىز ئۇچۇرلىرىنى پىشقان ھەربىي مارشاللارنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدىغان قىزنى قولىغا چۇشۈرۈش پىلانلىرىنى غوجىسى مافۇگۇيگە يەتكۈزۈش ئۇنىڭ مۆرىسىنى شاپىلاقلاپ قويۇشىدىن چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈش ئۇنى ئالدىراتماقتا ئىدى. ئەمدى ئۇ يىلىمگە ئوخشاش لاي  يېپىشقان ئايىقىنى قاتتىق بىر سىلكىۋەتتى – دە، يولنىڭ ئوي – چوڭقۇرىنى ئىلغا قىلمايلا قەدىمىنى تېزلەتتى. ئىدىرىس تۆمۈرچىخانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قادىراخۇننىڭ يۈرىكى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى يېقىمسىز شۈركىنىپ كەتتى. قولىدىكى بولقا ئۇچلاۋاتقان مىققا تەكشى تەگمەي، بىر نەچچە قېتىم قۇرۇق سەندەلگە ئۇرۇلدى. «ئەي ئۇلۇغ ئاللا، پۇت– قولى يوق بالا–قازادىن ئۆزۈڭ ئامان قىلغايسەن» مۇناپىقنىڭ ئايىقى تەككەن يەردىن شۇمبىيا ئۈنۈپ چىقىدۇ دېگەندەك، ئەجەپ قارارغا كۆزى، ئېيتارغا سۆزى يوق بۇ مەرەز تەرەبباللا بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ قاپتۇ -، يا. ئىگەكىم بىرەر ئىشى بولسىدى كاشكى. يامغۇردىن دالدىلاندىمۇ دەيلى تۇققانلىرىمنى نېمانچە زىغىرلاپ كېتىدۇ. قىزىمغا ئەجەب كۆيىنىپ كەتتى بۇ مەلئۇن. قادىراخۇن تۆمۈرچى شۇ ئىشلارنى ئويلاپ قولى ئىشقا بارمىدى. قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئىپادىلىگۈسىز غەشلىك ئۇنى دۇكاننى تاقاشقا مەجبۇر قىلدى. دۇكاندىكىلەرمۇ قادىراخۇن ئۇستامدىكى بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشدىن بىر پەس مەڭدەپ قېلىشتى-دە، تۆمۈرچىلىك كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەر ئەمەسمۇ (چارچاپ قالغان ئوخشايدۇ ) دەپ ئويلاپ قادىراخۇنغا خوش ئېيتىپ بىر – بىرلەپ دۇكاندىن چىقىپ ھەر قايسىسى ئۆز نىشانلىرى تامان جۆنەشتى. بۇ چاغدا ئىدىرىسمۇ ما فۇگۇينىڭ ھۇجۇرىسىغا ئۈنۈپ بولغان بولۇپ، كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن دوكلاد بېرىپ ئىگىسىدىن يۇندا تاما قىلغان ئىتتەك مافۇگۇينىڭ سېمىزلىكتىن قىسىلىپ كەتكەن يۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئىدى. مافۇگۇي بىر ئاز تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :
    _ سوۋغا – سالامنى ئوبدانراق قىلىپ ئەلچى ئەۋەتسەك بولماسمۇ ؟ _ دەپ سورىدى .
_ يوقسۇ غوجام، بۇنداق قىلساق ھەرگىز بولمايدۇ. مەن بۇ خەقنى ئوبدان بىلىمەن. كاج خەق بۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ تۆت ئايالىڭىز بار. غۇنچىدەك بۇ قىزنى توقاللىققا ئالسىڭىز مەجبۇرلاش بولۇپ قېلىپ، سىزگىمۇ غەزەپ قىلىدىغانلار كۆپىيىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ مۇددىئايىڭىزنى بىلىپ قىلىپ قىزىنى بىر كېچىدىلا غىپلا قىلىپ كەلگەن يېرىگە يولغا سېلىۋەتسە داغدا قالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.
_ ئۇنداقتا. _ مافۇگۇي بىر ئاز ئويلانغاندەك تۇرۇپ قالدى.
_ مېنىڭ مەسلەھەتىمگە كۆنسىڭىز مەن دېگەندەك قىلايلى. ئىلى ئوغىرلىرىنىڭ قۇترىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەردىمۇ بىر قىسىم ئالا كۆڭۈللەر پەيدا بولۇپ، پىرقىمىزنىڭ ئۇلىنى كولاۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئىشنى باشلىساق ھارۋۇمۇ سۇنمايدۇ، ئاتمۇ ئۆلمەيدۇ. ئەگەر ئىلى ئوغۇرلىرى كۈچلۈك كېلىپ قالىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ جانانىڭىزنى ئېلىپ مۇز داۋاندىن ھالقىپ جەنۇپقا كېتىپ پاناھلانساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟_ مافۇگۈي ئەمدى ئارتۇق  سۆزلىمىدى. ئۇ ئىدىرىسنىڭ كۆرسەتمىلىلىرىنى كۆڭۇل تارازسىدا ئۆلچەپ بېقىپ خېلى ۋەزىنى بارلىقىنى پەملىدى.
_ ئىدىرىس، سەن بەك ئەقىللىق جۇمۇ، كۈنلەرنىڭ بېرىدە چوڭىراق ئەمەلدىن بىرگە ئېرىشىپ قالسام، سېنى خاس مەسلەتچىم قىلۋالسام بولغىدەك. ئۇ شۇنداق دەپ ئىدىرىسكە بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ « ئىشلارنى دېگەندەك پىلانلاۋەر » دىگەندەك قول ئىشارىسى قىلدى، ھەمدە غاڭزىسىغا تاماكا بېسىپ قاتتىق شوراشقا باشلىدى. ئۆي ئىچى بىردەمدىلا يۈندىرەڭ ئىسقا تولۇپ، ئەتىراپ غۇۋالىشىشقا باشلىدى.
بۈگۈن قادىراخۇن ئۇستام كۈندىكىدەك سەھەر ئورنىدىن تۇردى. ئارزۇلۇق قىزىغا بولغان چوڭقۇر ئاتىلىق مېھرىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن قىزى ئۇخلاۋاتقان ھوجىرنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ، قىزى ياتقان تۆشەككە قارىدى. قىزى ئۇيقىدىكى پەرىزاتتەك يەڭگىل تىنىپ ھوزۇرلىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى. قادىراخۇن كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولۇپ، ئاغچىسى سۇ تەڭشەپ قويغان ئاپتۇۋانى قولىغا ئالدىدە، بامدات نامىزىغا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ماڭدى. ھويلا ئارقىسىدىكى قاپاق تېرەكتە بىر توپ سەھەرچى قۇشلارھويلىنى چاڭ كەلتۈرۇپ سايرىماقتا ئىدى. قادىراخۇن ئۇستام بامدات نامزىدىن كېيىن ھويلا-ئاراملارنى پاكىز تازلىۋىتىپ، ناشتىلىق ئۈچۈن ئۆيگە كىردى. ئاڭغىچە قىزىمۇ داستىخانغا ھازىر بولدى. باشقا تۇققانلار يۇرۇتداشلارنىڭ ئۆيىدە كەچلىگەچ قونۇپ قالغاچقا بۈگۈن بۇ ئۆيدە ئانا بالا ھەمدە قادىراخۇن ئۇستامنىڭ قىزى شاراپەت ئۈچىلا قالغان ئىدى.قادىراخۇن ئاغچىسى پاتەمچان بىر قوللۇق ئەتكەن ساپسېرىق ھالۋىغا نان تەككۈزگەچ :
_ قىزىم سەن كەلگەندىن بېرى كىشلەرنىڭ بۇيرۇتمىلىرنى پۈتۈرۋىتمەن دەپ تۈزۈكرەك ئالدىڭغا چىقالمىدىم. بۈگۈن پۇرسەت كەلگەندەك قىلىدۇ، ھەرھالدا قولۇمدىكى ئىشلار سېلىكىپ قالدى. بۈگۈن ئاپاڭ ئۈچىمىز ئىشىكنى تاقايلىدە، تاغ-تۇرادىكى قازاق ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ راسا بىر يايراپ كېلەيلى دىدى.
شاراپەت دادىسنىڭ گىپىدىن خوش بولۇپ تەنلىرى يايراپ كەتتى.
_ رەخمەت دادا مەنمۇ شۇنى خىيال قىلۋاتاتتىم. كۆڭلىمدىكىنى تېپىۋالغاندەك شۇ گەپنى قىلدىڭ.
_ شۇنداق بولمامدىغان قىزىم، مەن سېنىڭ داداڭ، سەن مېنىڭ جىگرىم تۇرساڭ. بۇ گەپتىن شاراپەتنىڭ ۋۇجۇدى ئېيىتقۇسىز خوشاللىقا چۆمدى. كۆزىگە لىق ھاياجان يېشى كەپلەشتى.
_ خوتۇن سىلى قىزىم بىلەن سەپەر تەييارلىقىغا جاپتۇنسىلا، مەن دىككىدە چىقىپ دۇكاندىكى نەرسىلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ قۇيۇپ شاگىرىت بالىلارغا ئىش ئورۇنلاشتۇپ قۇيۇپ كىرەي. قادىراخۇن  تۆمۈرچى دۇكان ئالدىغا كېلىپ، ئەمدىلا دۇكاننى ئېچىپ تۇرىشىغا ئىدىرىس ئۈچ – تۆت چىرىكنى باشلاپ، مىنگەن ئاتلىرىغا يەنە ئوندەك ئاتنى ئەگەشتۈرگىنىچە كېلىپ دۇكان ئالدىدا توختىدى.
_ ئەسسالاممۇ – ئەلەيكۇم قادىراخۇن ئۇستام، بۈگۈن ما جاناپلىرىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئوقەتلىرىگە بەرىكەت ياغىدىغان بولدى. ھەرقانداق ئىش – كۈشلىرى بولسىمۇ قويۇپ، مۇشۇ ئاتلارنى تاقىلاپ بېرىسىز. _ دېدى. ئۇ قادىراخۇن ئۇستامنىڭ كۆزىگە ئىنچىكە مىختەك قادىلىپ.
_ مەن بىر ئىشقا تەرەددۇت قىلىپ قويۇپتىكەنمەن. ئەتە بولسا بولارمۇ ؟
_ بولمايدۇ ! _ كەسكىن رەت قىلدى ئىدىرىس. _ بۇ ئاتلارنى ئويناپ كەلگەنگە تاقلاتقىنىمىز يوق. ئازغىنە نۇسرىتىگە خۇشال بولۇپ، تېرىسىگە سىغماي قېلىۋاتقان ئىلى ئوغۇرلىرىنى كۆزدىن يوق قىلىپ، تاناۋىنى قىرىق گەز تارتىش ئۈچۈن تاقىلاۋاتىمىز. _ ئىدىرىس ھەيۋە تەلەپپۇزىدا سۆزلەپ قادىراخۇنغا تىكىلدى. بىر نېمە دېسە ھۆكىمەت بىلەن قارىشىلاشتىڭ دېگەن قۇرۇق تۆھمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن قادىراخۇن ئۇستام ئامالسىز ماقۇل دېيىشكە مەجبۇر بولدى.
_ ئۇنداق بولسا ئۆيدىكىلەرگە سەپەر تەييارلىقىنى توختۇتۇپ تۇرسۇن دەپ چىقاي. _ دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
_ توختىسىلا قادىراخۇنكا. سىلى كىرمىسىلىمۇ، كىرمىگەندىن كېيىن ئۆيدىكىلىرى بارمايدىكەنمىز دەپ بىلىدۇ. ما ئىش يۇجۇڭ. بۇ ئاتلارنى بالدۇرراق تاقىلاپ قولدىن چىقارمىسىلا، يەنە بىزنىڭ ئات مەشىقىمىزگە تەسىر يېتىدۇ. دادىسىنى ئۇزاق ساقلاپ كەتكەن شاراپەت ئاخىرى تاقەتسىزلىنىپ تۆمۈرچىغانىغا چىقتى. ئۇ دادىسىنىڭ تەرلەپ–پىشىپ ئات تاقىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نازۇك قەلبى زىدىلەنگەندەك بولۇپ، سەل ئاچچىقلاندى. قادىراخۇن قىزىنىڭ يېنىدىلا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەدىسىدە تۇرالمىغانلىقىدىن ھەم بىر ئېغىز سەۋەبىنىمۇ دەپ قويمىغانلىقتىن بەكمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىكى، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ تۆمۈرچى بولۇپ قالغانلىقىدىن پۇشايمان يەپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بولغان ئىشنى قىزىغا بىر قۇر چۈشەندۈردى. ئەقىللىق قىز دادىسىنىڭ تىل قىسىنچىلىقتا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئارتۇقچە گەپ – سۆز قىلمايلا ئارقىسىغا ياندى. شاراپەتنىڭ بارلىق ھەرىكىتىگە زەڭ سېلىپ، تۆمۈرچىخاننىڭ سەل نېرىسىدىكى ئات باغلايدىغان مومىغا يۆلىنىپ تۇرغان ئىدىرىس. قىزنىڭ لاتاپىتىدىن يەنە بىر قېتىم ھەيرانۇ – ھەس قالغىنىچە « ئېسىت مافۇگۈيگە ھارام كېتىدىغان بولدى– دە، بۇ تۇمۇچۇق بولسا پۈتۈن بەدىنىدىن كۈچ–قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نۆۋەر يىگىتنىڭ ئاشناسى بولغان بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ بەخت قۇشى، ئائىلە ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان بولارىدى.» ئىدىرىس تۇنجى قېتىم لىللا خىيال قىلغانلىقىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئەمما تاسما يېگەن ئىت ئۆلگىچە خۇيىنى تاشلىماپتۇ دېگەندەك، يەنىلا رەزىل نىيەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان پاسىق خىيالى ھەممىدىن غالىب كەلدى. قادىراخۇن ئۇستام چۈشتە چالا-پۇلا ناشتا قىلىپ شام ۋاقتىغىچە شاشلىقى بېسىلمىغان بۇ ئاتلارنى مىڭ تەستە تاقىلاپ بولدى. _ دە، ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان ناندەك قېتىپ كەتكەن بەللىرىنى ئاران تۈزلىدى. ئىدىرىس بىر قوللۇق تاقىلانغان ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىنى مۇنداقلا بىر قۇر تەكشۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قادىراخۇننىڭ ئىش ھەققىگە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سېخىيلىقنى نامايەن قىلىپ بىر نەچچە تىزىنى ئارتۇق بېرىۋەتتىدە شاشلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئاتنى چەبدەسلىك بىلەن مىنىپ، يەردىن توپا ئۆرلەتكىنىچە تاقىراسلاپ يۈرۈپ كەتتى. قادىراخۇن ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە بىر پەس قاراپ تۇردى. ئاندىن ئەسكى– تۈسكى ئالغۇچىنىڭ ھويلىسىدەك قالايمىقانلىشىپ كەتكەن دۇكان ئالدى ۋە ئىچىنى شاگىرىت بالا بىلەن ئىدىتلىق سەرەمجانلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايىتتى. يەنە بىر تاڭ ئاتتى. قادىراخۇن بالا ۋاقتىدىن تارتىپ ئاتىسىنىڭ «كۈن قىزىلىدا ياتقانلار، قان – يىرىڭغا پاتقانلار » دەيدىغان ئاگاھلاندۇرىشى قۇلىقىغا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كەتكەچكە، ئاسمان ئۆرۈلۈپ، يەر يېرىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ كۈن قىزارغىچە ئۇخلىمايتتى. ھەر كۈنى ئاسمان ئەمدىلەتىن بېلىق قاسرىقىدەك رەڭگە كىرىشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇدانىڭ يېڭى بىر تاڭنى ساق–سالامەت ئاتا قىلغانلىقىغا شۇكرى–سانالارنى ئوقۇپ، سەھەرنىڭ ساپ-سالقىن ھاۋاسىدىن قېنىپ–قېنىپ سۈمۈرگەچ، تولۇپ – تاشقان رازىمەنلىك بىلەن شۇ كۈنلۈك ھەرىكىتىنى باشلايىتتى. بۇنداق تۇرمۇش قادىراخۇننىڭ پۇتىغا ماغدۇر، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا كۈچ–قۇۋۋەت ئاتا قىلغاچقىمىكىن شۇ يېشىغا كەلگۈچە بىرەر قېتىم يىنى يەر تارتىپ، تۆت تامنىڭ ئارىسىدا كۆڭلى غېرىپسىنىپ يېتىپ قالغان كۈنلىرى يوق ئىدى. قادىراخۇن ئەتىگەنلىك بامدات نامىزىدىن كېيىن ھويلا–ئاراملارنى قىزىنىڭ سۇ سېپىپ چىنىدەك تازىلىشىغا قاراپ تۇرغاچ، شەرقتىكى ھەيۋەت تاغلار ئارىسىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن چىقىۋاتقان قۇياشنىڭ قەدەم تىۋىشىغا نەزەر سالدى. «توۋا تۈنۈگۈن چۈش كۈن قوتانلىۋىدى، بۈگۈن قاندەك قىزىرىپ چىققىلى تۇردىغۇ، جۇت – بوران بولامدۇ نېمە ؟ مۇشۇ بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە، قىزىم ئاران بىر كەلگەندە ئۈچ–تۆت كۈن ئوچۇق بولۇپ بەرگەن بولسا خويمۇ ياخشى بولاتتى. قادىراخۇن شۇلارنى ئويلىغاچ ھويلا تازىلىقىنى قىلىپ بولغان قىزى يۈز–كۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇپ بولغىچە قاراپ تۇرۇپ،ئاندىن ئىككىسى بىر–بىرىگە ئىززەتلىك مېھمانلاردەك يول قويۇشۇپ ئۆيگە كىرىشتى. سارىخان ئەتىگەندىلا خېمىرنى قەغەزدەك يىيىپ كەسكەن چۆپ ئەتكەن بولۇپ، چىنىدەك پاكىز ئۆي ئىچىنى قارمۇچ سېلىنغان چۆپنىڭ خۇش ھىدى بىر ئالغان ئىدى. يەنە بىر لىگەندە ئالتۇندەك ساپسېرىق چامغۇر. لىغىرلاپ تۇرغان قوي گۆشى تۇراتتى. قادىراخۇن بۈگۈن قۇشناچىمىنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ قالغاندەك ئۆزى ئەڭ ياقتۇردىغان تاماقنى ئەتكىندىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى ھەم :
_ ئانىسى « ئەتىگەندە بۆرە قورساق، كەچتە تۈلكە قورساق » دىگەننى ئوبدان بىلىسلەر جۇمۇ. قىنى تاماقنى سوۋۇتۇپ قويماي، تۇتۇش قىلىلى.- ئۇلار تۇز تەمى، دورا پۇرىقى جايى –جايىغا كەلگەن بۇ تاماقنى ئىشتىرھا بىلەن يېيىشىپ بىردەمدىلا لىگەننى پاك – پاكىز قۇرۇغداپ قويىشتى. سارىخان تاماقنىڭ تۈزۈت-تەكەلۇپسىز يىيلىپ بولغانلىقدىن سۆيىنىپ،  قىزنىڭ مايلىق ئەكەلمەكچى بولۇپ قوپماقچى بولغانلىقىغا يول قويماي:
_ ھازىرچە قىزىم سىز مېھمان، ئۇزۇن يىل بوۋا – مومىلىرىڭىزنىڭ قولىدا تۇردىڭىز، بىزمۇ سىزگە بىرنەچچە كۈن خىزمەت قىلىۋالايلى، كېيىنرەك ئاندىن بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولارلا دەپ ئۆزى قول– ئېغىز سۈرتىدىغان مايلىقنى ئەكىلىپ قادىراخۇنغا قوش قوللاپ سۇندى. ئۇلار ئەتىگەنلىك تاماقلىنىشىنى تۈگىتىپ سەپەر تەييارلىقىنى قىلىشقا ئۆز ئىشلىرىغا مېڭىشتى. تۈنۈگۈن ئاساسلىق تەييارلىقلار تاماملىنىپ بولغاچقا پەقەت ھارۋىغا كۆرپە–ياستۇق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى بېسىپ، ئاتنى قوشسىلا بولاتتى. قادىراخۇن ئەمدىلا قوتاندىكى ئاتنى ئېلىپ چىقىشىغا، ئىدىرىس بىر نەچچە چېرىكلەر بىلەن ئاتلىرىنى تاغ قاراقچىلىرىدەك چاپتۇرۇپ كېلىشتى-دە، ئۇدۇل قادىراخۇننىڭ قاشاسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. بىر چېرك ئات ئۈستىدىلا ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئۈچ تال چەنزە چوڭلۇقىدىكى قاشانى قاشا كۆزىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ لاقتۇرۇپ تاشلىدى. باشقىلارمۇ تەڭلا ھويلىغا يوپۇرۇلۇپ كىرىپ، نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغان قادىراخۇننى چەمبەرچاس باغلاپ ئېلىپ ماڭدى. ھويلىدا قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى. مەھەللە– كويدىكىلەر تەرەپ – تەرەپتىن يىغىلىپ كەتتى. ئىتلار قاۋاپ، توخۇلار قاقىلداشتى. توپلانغانلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقىغىنىچە بىر–بىرىگە كۇسۇرلاشقىلى تۇردى. ئىدىرس قادىراخۇن تۆمۈرچىنى يالاپ ئېلىپ ماڭغىنىچە ئۇدۇل مافۇگۈينىڭ ئات قوراسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردىدە، ئۇ تۈنۈگۈن ئۆزى بىر قوللۇق تاقىلىغان توپلۇشۇپ تۇرغان ئاتلارنىڭ يېنىغا ئىتتىردى. ئاتلارنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە مافۇگۇي پۈتۈن ئۇزايىدىن دەھشەت ياغدۇرۇپ، ئىككى قولىنى گېرەلەشتۈرگىنىچە غادىيىپ تۇراتتى. كالپۇكىغا قىستۇرىۋالغان تاماكىدىن كۆكۈچ ئىس چىقىپ تىنىق ھاۋاغا سىڭىپ كېتىپ باراتتى.
_ گۇناھىڭنى بىلەمسەن؟ ئىلى ئوغۇرلىرىنىڭ غالچىسى. _ مافۇگۇينىڭ ياۋا توڭگۇزنىڭكىدەك سەت ھەم قوپال ئاۋازىدىن قادىراخۇننىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى. دۈگدەرىشىپ تۇرغان ئاتلارمۇ چۆچۈپ قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىشتى.
_ نېمە گۇناھكىن ؟! _ قادىراخۇن تولىمۇ ھەيران قالغان ئاۋازدا سورىدى.
_ ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ! _  ئىدرىس سۆزگە لوقما سالدى. بىر نەچچە چېرىك قورادىكى ئاتلارنى قامچىلاپ جايىدىن قوزغىدى. بۇ ئاتلاردا تۈنۈگۈنكى شاشلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ھەتتا بەزى ئاتلارنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارقا پۇتىنى مىخقا دەسسىۋالغاندەك ئاياپ يەرگە ئاران دەسسىسە، يەنە بەزىلىرى ئالدى پۇتىنى تومشۇقى يەرگە تېگىپ كەتكۈدەك ھالەتتە ئېڭىشىپ ئاران يۆتكەيىتتى. قادىراخۇن ئاتلارنىڭ بۇ ھالىتىدىن ھەممىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ يۈرۈكى ئاتلاردىمۇ بەتەر قاتتىق ئېچىشتى. ئۇ تۆمۈرچىلىك قىلغان يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بىر قېتىممۇ ئات تاقىلاپ مەيلى دوستى، مەيلى دۈشمىنىنىڭ ئېتى بولسۇن مىخنى گۆشكە ئۇرغان ۋاقتى بولمىغان، بىر ئادەممۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىمنى تاقىلاپ يا ئۇنداق، يا بۇنداق قىلىپ قويۇپسەن دەپ دادلاپ كەلمىگەن ئىدى. ئەمدى كېلىپ بۇ نېمە بولغىنى، قادىراخۇن بۇ ئىشتا ئالىقانداقتۇر بىرەر شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. بىراق بۇ ئادەم شۇنچىلىك ئېغىر تۆھمەتكە قالغۇدەك بۇلارغا زادى نېمە قىلغان بولغۇيىتتى. قادىراخۇن ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە زادىلا يېتەلمىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدىغا زەھەرلىك ئۆمۈچۈك يامراپ كەتكەندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتى.
_ ھە، نېمە ئىش قىلغىنىڭنى بىلگەنسەن ؟ _ ئىدىرىس زەخەرخەندىلىك بىلەن قادىراخۇنغا قارىدى. دەل شۇ چاغدا شاراپەت بىر توپ ئالامان ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن بۇ يەرگە قار – يامغۇردەك يىغلىغىنىچە يېتىپ كەلدى. مافۇگۇي شاراپەتنى كۆرۈپ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ قاڭسىق ئاغزىغا كەلگەن شۆلگەينى غۇرتتىدە يۇتېۋېتىپ، چېرىكلەرگە كۆز ئىشارىسى قىلدى. چېرىكلەر شۇ ھامان قوراللىرىنى بەتلىگىنىچە كەلگەنلەرنى قوراغا كىرگۈزمىدى. قالغانلار تېخىچە ھاڭۋېقىپ ئۆزىنى قاباھەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تويغۇدا بولىۋاتقان قادىراخۇننى دۆشكەلىگىنىچە مافۇگۇينىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى. ئالدىن كىرىپ ئۆز ئورنىغا جايلىشىۋالغان مافۇگۇي قولىدىكى ئىستاكاندىكى چاينى پۈۋلەپ تۇرۇپ بىر ئوتلام ئىچىۋېتىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى. ئاندىن :
_ قادىراخۇن، ئەھۋال مانا مۇشۇ، بىز ساڭا ئىشىنىپ تاللاپ تۇرۇپ ئەكەلدۈرگەن بۇ يۇرتنىڭ تۇلپارلىرىنى ساڭا تاقىلاتقان، بۇ مېنىڭ ياكى سېنىڭ شەخسى ئىشلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسىغۇ بىر نۆرى، بۇ جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ يەنە كېلىپ پىرقىمىزنىڭ ئىلى ئوغۇرلىرىنى يوقۇتۇشقا تەييارلىغان جەڭ ئاتلىرى ئىدى. سېنىڭ نىيىتىڭ ئالا، مەقسىتىڭ ئېنىق بولغاچقا قولۇڭدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلدىڭ. جەڭ ئاتلىرىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقاردىڭ. بۇ جىنايىتىڭ ئۈچۈن ساڭا قانداق جازا بېرىشكە تامامەن ھوقۇقلۇقمەن. ئەمما ساڭا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرەي، ئوبدانراق ئويلىنىپ سېنى مۇشۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەرنى ئىقرار قىل. شۇ چاغدا سېنىڭ ھاياتلىقىڭغىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپ قالار. قادىراخۇننىڭ پېشانىسىگە پۇررىدە تەر ئۆرلەپ چىقتى ھەم مەڭزىنى بويلاپ مۇنچاقتەك دومىلاشقا باشلىدى.
_ ماڭا ھېچكىممۇ ئۆگەتمىگەن ھەم مەنمۇ بۇنداق قارا نىيەتتە بولمىغان، ئاتلارنى پۈتۈن ھۈنۈرىمنى سەرپ قىلىپ شۇنچە ئىدىتلىق تاقىلىغانمەن.
_ ئۇنداقتا بۇ ئىشنى بىز قىپتۇق-تە. _ مافۇگۇي جوزىغا يوغان مۇشتى بىلەن بىرنى قويىۋېدى. تەۋرىنىشنىڭ زەربىسىدىن جوزىدىكى ئىستاكان ئاغدۇرۇلۇپ، يەرگە چۈشۈپ پارە – پارە بولۇپ كەتتى. قادىراخۇننىڭ پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەپ كەتتى. بۇ تىترەش بېشىغا كېلىۋاتقان قورقىنىچلىق ئاقىۋەت بىلەن مافۇگۇينىڭ سۈر – ھەيۋىسىدىن كۆرە ئۆزىنىڭ قاراپ تۇرۇپ تۆھمەتكە قالغانلىقى ھەم ئۆزى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ سۆيۈپ كەلگەن ئەمگىكىنىڭ خورلانغانلىقىدىن كەلگەن تىترەش ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر پەس نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئىچىگە تىنىپ تۇرۇپ كەتتى. ئاڭغىچە مافۇگۇي بارلىق ئىشلارغا سەپ سېلىپ ئولتۇرغان، تۇرقىدىن كىشى ئەيمەنگۈدەك شۇملۇق چىقىپ تۇرغان ئىدىرىسقا مەنىلىك قاراپ قويدى. بۇ قاراشتىن ئىدىرىس بىر نېمىنى سەزگەندەك قادىراخۇنغا قاراپ :
_ قادىراخۇن ئۇستام، بۇ ئىشنىڭ گۆشى گۆش، بېزى بەز بولغىچە، بىزنىڭ كونتۇرۇللىقىمىزدا بولۇپ تۇرسىلا، ئۆزلىرى قانچىلىك جاھىللىق قىلغان بىلەنمۇ يەنە ئىككى–ئۈچ كۈن سەرپ قىلساقلا ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇ شۇنداق دەپ قادىراخۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىككى چېرىك بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى. قادىراخۇننىڭ بۇ پۇت – قولى يوق بالا – قازا، قۇرۇق تۆھمەتتىن شۇنچىلىك زەردىسى قاينىدىكى قىزىنىڭ بەختىنى ئويلىمىغان بولسا  دەل مۇشۇ يەردىلا مۇشۇ تۆت ناكەسنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى قادىراخۇن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۆمۈرچىلىك ھاياتىدا ئۇنىڭ روھىيىتى ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدىمۇ شۇنچىلىك تاۋلانغان ئىدىكى ئۈزلۈكسىز بازغان سوقۇشتىن ئۇنىڭ بەدىنى قېتىپ قورام تاش سىياقىغا كىرگەنىدى. ھازىرقى ھالەتتىكى چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىسى شۇنداقلا كۈچەپ قويسا تاشنى قۇم قىلاتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىگە ھاي بەردى. ئۇ ئالدىغا كەلگەن ئىدىرىسقا ۋە يالاپ ماڭماقچى بولغان  چىرىكلەرگە مۇنداقلا  قاراپ قويۇپ، قولغا ئۆگىتىلگەن قوزىدەك رايىشلىق بىلەن ئۇلار جۆنىگەن ياققا ماڭدى. بۇ ئىش شۇ كۈنىلا ئالقانچىلىك يۇرتقا پۈر كەتتى. ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقتا، ئوي – چوڭقۇردا قادىراخۇننى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى پاراڭلار ئۇچۇپ يۈرەتتى. بولۇپمۇ قادىراخۇننىڭ جەددى – جەمەتى، خوتۇن – بالا چاقىلىرى بۇ تۆھمەتتىن يۈرىكى پىچاقتا تىلىنىپ لازا چېچىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىشتى. شاراپەت دادىسىنىڭ ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقىدىن شۇنچىلىك ئازابلاندىكى بىر كۈندىلا جۇدۇندا قالغان تاغ گۈلىدەك سولىشىپ كەتتى. ئۇ دادىسىنى قۇتقۇزىۋالسا ھەر قانداق بەدەل تۆلىسە رازى ئىدى.
كەچ كىردى. ئاي قاراڭغۇسى بولغاچقا پۈتۈن يۇرت قارا قازاننى ئۈستىگە كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ھېچ نەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايىتتى. شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ قادىراخۇننىڭ ئۆيىدىكى كېرسىن لامپا يورۇق تۇراتتى. كېرسىن لامپا ئەتراپىدا بىر نەچچە ئادەم قانداقتۇر بىر ئىش توغۇرلۇق مەسلەھەتلىشىۋاتقاندەك ئىدى. بۇلۇڭدا ئېغىر ئىچ ئاغرىقىدىن تۈگۈلۈپ قالغان شاراپەت ئېسەدەۋاتاتتى. سۇ ئاستىدىكى سىلىق تاشتەك ئېغىر سۈكۈتنى قادىراخۇننىڭ چوڭ ئاكىسى قۇناخۇن بۇزدى.
_ قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى. دېمەك، بىزنىڭ بېشىمىزغا كۈن چۈشتى دېگەنلەك. ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىراپتۇ دېگەندەك، قادىراخۇننىڭ كۆرۈنۈپ كەلمەس بالاغا قېلىشى ھەممىمىزنىڭ يۈرۈكىنى سىرقىراتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ھەر قايسىمىز ئىش قانداق نەتىجە بېرەركىن دەپ قاراپ تۇرساق كېيىن پۇشايمانغا دورا تاپالمايمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم مافۇگۇي ئاچكۆزلۈكتە زېمىننى يۇتېۋېتىدىغان نا ئەھلى. ئۇنىڭ ئاشۇ تويماس نەپسىنى نىشانلاپ تۇرۇپ، ئىنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەپىلەشمىسەك. ئۇنىڭدىن باشقا يولغا بىز ئامالسىز. _ ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەممە تۇققانلار ئاساسىي مۇددىئانى چۈشۈنۈپ يەتتى. شۇڭا ھەر قايسى قېرىنداشلار بەس – بەستە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
_ جەنۇپتىن كەلگەندىن بېرى بىرىمىز دەڭجالىق قىلىپ، بىرىمىز چىگرا ئاتلاپ سودا قىلىپ، يەنە بىرلىرىمىز ھۆنەر – كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىپ، ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن خېلى ھاللىنىپ قالدۇق. دەپئىي – دۇنيانى مانا مۇشۇنداق باشقا مۇسىبەت – مۇھتاجلىق چۈشكەندە ئىشلەتمىسەك، گۆرىمىزگە ئېلىپ كېتەمتۇق. _ قادىراخۇننىڭ كەنجى ئىنىسىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن باش قوشۇپ ئولتۇرغانلار تېخىمۇ جانلىنىشتى. ھېچكىمدە يىغقان بايلىقنىڭ چىقىپ كېتىشىگە بولغان ئىچ ئېچىشىش بولمىدى. ئۇلار ئۇياق – بۇياقتىن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئېرىغ مال ئارقىلىق مافۇگۇينىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ، قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى توغرا تاپتى. بۇ چاغدا بۇلۇڭدا مىشىلداۋاتقان شاراپەت يىغىدىن تېزلا توختىدى. ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىدىن ئالەمچە رازىمەنلىك بىلەن نازۇك ئالقانلىرىنى قۇش قانىتىدەك يېيىپ دادىسىنىڭ ئامانلىقى، قېرىنداشلىرىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلىدى. ئۇ دۇئادىن كېيىن تېزلىك بىلەن چۆچۈرىدەك قۇلاقلىرىدىكى ھالقىنى ھەم سۈتتەك ئاق، قوزا بۆرىكىدەك يۇمران بېلىكىدىكى قوش قىزىل بېلەيزۈكنى ئېلىپ چوڭ تاغىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
_ بولمايدۇ قىزىم. _ دېدى، قوناخۇن ئالدىراپ – تېنەپ  ، _ تاغىلىرىڭىزنىڭ تاپقانلىرى مافۇگۇي مىڭ تۇلپار ئالسىمۇ يېتىدۇ. سىز بۇ تەۋۋەرۈكلەرنى ھەرگىز سەرپ قىلماڭ. _ شاراپەت دادىسىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر تۈپەيلى، بىر خىل كاجلىق جىسمىغا يامرىغان چېغى، ئادەتتە تاغىلىرىغا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمايدىغان، يۈزى تۆۋەن قىز ئەمدى تاغىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا قەتئىي كۆنمىدى. بۇنىڭغا ئاخىرى تاغىلىرىمۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى ھەم دادىسىغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى چۈشۈنۈپ ئىلاجسىز قىزنىڭ زىبۇ – زىننەتلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەتىسى تۇققانلار يۇرتنىڭ ئىناۋەتلىك ئىمامى پەنشەرنى ۋەكىل سۈپىتىدە باشلاپ ئىككى پەتنۇس زىخچە ئالتۇن ھەم ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلەرنى ئېلىپ مافۇگۇينىڭ ھەشەمەتلىك قوراسىغا قاراپ جۆنىدى. قورا ئىچى تۈرمىگە ئوخشاش بولۇپ تۆت ئەتراپى كۆك خىشلار بىلەن قوپۇرىلغان ئىككى ئادەمنىڭ بويى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان ئىدى. ئوتتۇرىنى مەركەز قىلىپ قاپارتما چىقىرىلغان، تۆمۈر قۇرۇلمىلىق دەرۋازا بىلەن ھىم ئېتىلگەن ئىدى . قورا ئىچىدىكى كەڭ ھويلىدا تاماكىسىنى لوق – لوق شوراپ ئۇياقتىن – بۇياققا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك مېڭىپ يۈرگەن مافۇگۇي، قادىراخۇننى تىلىۋالغىلى كەلگەنلەرنى كۆرۈپ، يۈرىكىدىن چىرايىغا تەپكەن خۇشاللىقىنى تېزلا يوشۇرۇپ، ئەسلىدىكى سۈرلۈك قىياپىتىگە قايىتتى. ئۇ رەسمىيەت يۈزىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن مۇنداقلا ئامانلىشىپ قويدى _ دە، ئۇلارنى خاس ھۇجىرىسىغا باشلىدى. ھۇجىرا يەرلىك خاقانلارغا خاس بېزەلگەن بولۇپ كىرىسلۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامغا ئىككى دانە ئېيىق تېرىسى مافۇگۇينىڭ سۈر ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك ئېسىقلىق يېرىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. كەلگەنلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى. يەنە بىر نۆۋەت سالام – سائەت قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن پەنشەر موللام ياندىكىلەرگە كۆز ئىشارىسى قىلدى. ئۇلاردىن بىرى چەبدەسلىك بىلەن پەتنۇسلارنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ مافۇگۇي ئولتۇرغان شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇپ پەتنۇسقا يېپىلغان قىزىل تاۋارنى ئاۋايلاپ ئاچتى. ئىككى پەتنۇستىكى زىقچە ئالتۇنلار، قىممەت باھالىق زىبۇ – زىننەتلەر ۋالىلداپ ئۆي ئىچىنى يورىتىۋەتكەندەك قىلدى. مافۇگۇينىڭ بۇ بايلىقلاردىن ئىككى كۆزى شورپىدىكى مايدەك پارقىراپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاچ كۆزلۈكىنى چاندۇرماي، پېتىنى بۇزماي باشقا تەرەپكە مەقسەتسىزلا قارىۋالدى.
_ شۇ،پىرقىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىغان ئىشنى قىلىپ ساپتۇ. شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىمۇ، جامائەتمۇ بەك پاراكەندە بولدۇق. شۇڭا لايىقىدا بولمسىمۇ بۇ ئېرىغ ماللارنى خەرجى قىلىپ ناكا بولغان ئاتلارنىڭ ئورنىغا ئات ئالارمىكىن ، زىيان ئاز بولسىمۇ يېنىكلەرمىكىن ئەگەر بۇ ئەكەلگەنلىرىمىز جاناپلىرىنى رازى قىلسا. قادىراخۇن ئۇستامنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچەمدىكىن دەپ ئالدىلىرىغا ئاتايىتەن كېلىشىمىز. _ دېدى پەنشەر موللام ماۋۇتىڭنىڭ نەيرىڭىنى بىلىپ تۇرسىمۇ  تەۋەززۇ بىلەن. دەل شۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغان مافۇگۇي ئورنىدىن چاچراپ تۇردىدە، ئۆي ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئېڭىكىنى قاماللاپ، ئۇياق – بۇياققا ئىككى نۆۋەت مېڭىۋەتتى. ئولتۇرغانلارغا بىر – بىرلەپ زەھەردەك ئاچچىق نەزەردە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن :
_ ئەسلىدە، ھەر قايسىڭلارنى ئىلى ئوغۇرلىرىنىڭ ئايغاقچىلىقىنى قىلىۋاتقان ھەم ئۇلارنى يوشۇرۇن قوللىغان قادىراخۇنغا چاپان ياپقان گۇناھىڭلار ئۈچۈن ھازىرلا نەزەربەنت قىلسام بولاتتى. ئەمما يۇرت ئىچىدىكى ئىناۋەت – ئابرۇيۇڭلارنى ئويلىشىپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. كۈدە – كۆرپەڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئەكەلگەن سوۋغاڭلارنى چېكەڭلەرگە تېڭىپ، ئاستا قايتىپ سىڭگەن نېنىڭلارنى يەڭلار، قادىراخۇننىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى كاللىسى كېتىدىغان ئىش. _ مافۇگۇينىڭ بۇ گېپىدىن قادىراخۇننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرۈكى سۇ بولۇپ كەتتى. پەنشەر موللاممۇ مافۇگۇيگە باشقا تەرىزدە ئەھۋال ئېيىتماقچى بولىۋېدى، مافۇگۇي بولدى دېگەندەك قىلىپ، ئىشىك تۈۋېدە تاياقتەك قېتىپ تۇرغان مۇھاپىزەتچىلەرنى چاقىردى. ئۇلار شىرە ئۈستىدىكى ئالتۇن – كۈمۈش، زىبۇ – زىننەتلەرنى ئىگىلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتى. بارىلىق ئۇرۇنۇشلىرى بىر ئېغىز گەپ بىلەن كۆپۈككە ئايلانغان ئەلچىلەر يۈرەكلىرى ئېچىشىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغىنىدا، ساراي ئىشىكى تەكەللۇپسىز ئېچىلىپلا، ئىدىرىس چىرايىدىكى مۇغەمبەرلىكنى چاندۇرۇپ « مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن » ھالىتىدە تۇرغان ئەلچىلەرگە، ئاندىن خۇجايىنىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ :
_ ئەگەر كۆنسەڭلار. _ ئۇ بىر ئاز تۇرىۋالدى ئولتۇرغانلارنى تەققاززا قىلىپ، _ قادىراخۇن ئۇستامنى قۇتۇلدۇرېۋېلىشقا ئامالمۇ تېپىلىپ قالىدۇ.
_ چاققانراق دېسىلە ئىدىرىساخۇن، ئىنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئىش بولسا يۈرۈكىمىزنى سۇغۇرۇپ بەر دېسەڭلەرمۇ ياق دېمەيمىز. _ دېدى قادىراخۇننىڭ چوڭ ئاكىسى قۇناخۇن ئالدىراپ – تېنەپ. _ سىلەر بۇنداق جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان يەردە، قادىراخۇننىڭ ھايات – ماماتىغا بىزمۇ قاراپ تۇرساق بولماس. بىزدە ئىككى سۆز ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ياقىدۇ بىرى « سىلىغان سىلىغاننىڭ قولى »، يەنە بىرى « قول – قولنى يۇيسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ » دېگەن سۆز ئىدىرىسنىڭ ئەتەي سۆز يورغىلىتىشى  ئولتۇرغانلارنىڭ تەققازاسىنى تېخىمۇ كۈچەيىتمەكتە ئىدى.
_ گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، قادىراخۇننى ئۇنىڭ ئاشۇ تۇمۇچۇقتەك قىزى شاراپەتلا قۇتقۇزالايدۇ. _ بۇ سۆزدىن ھەممىنى چۈشەنگەن قادىراخۇننىڭ قېرىنداشلىرى، پەنشەر موللام يۈزىگە خۇددى سوغۇق سۇ سېپىۋەتكەندەك دىرىڭڭىدە ئەندىكىپ كېتىشتى. بىر پەس تېڭىرقاشتىن كېيىن قادىراخۇننىڭ كەنجى ئىنىسى سىدىق ئۆزىنىڭ نەدە تۇرىۋاتقانلىقى ئېسىدە يوقتەك :
_ بولمايدۇ، بۇ ئۇچىغا چىققان نوسۇسسىزلىق، بۇ قارىغۇنى ياردا قىستىغانلىق. _ دەپ ئەسەببىيلەرچە ۋارقىراپ كەتتى.
_ ئۇنداق بولسا يوقۇلۇش، يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن قادىراخۇننىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشكە كېلىشسەڭ بولىدۇ. ئۆي ئىچى ئىككى قېتىملىق ۋارقىراشتىن لەرزىگە كېلىپ، ئىشكاپقا تىزىپ قويۇلغان خىرۇستاللار جىرىڭشىپ كېتىشتى. مافۇگۇينىڭ غال – غال تىترىگىنىچە بېقىنىدىكى تاپانچىغا قول ئۇزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان پەنشەر موللام :
_ كايىمىسىلا ما جاناپلىرى، بىز ئويلىشايلى، بىز ئويلىشايلى. _ دېگىنىچە ئولتۇرغانلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ ھويلىغا چىقىشتى.
_ نومۇسسىز. _ دېدى قۇناخۇن ھويلىغا چىققاندىن كېيىن. _ ئەسلى ئۇنىڭ نىيىتى باشقىكەندە ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق. ئەگەر ئۇنىڭ تەلىپىگە كۆنمىسە قادىراخۇننىڭ ئۆلىدىغانلىقى ئايان، ئەگەر كۆنسە يۇمران بىر نوتىنىڭ مافۇگۇينىڭ تاپىنى ئاستىدا يانچىلىدىغانلىقى بەش قولدەك ئېنىق ئىدى. كەلگەنلەر خۇددى ئىككى تاش ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان تۆگە بوتىلىقىدەك ئازابقا قالدى. يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ ئاقتى. بۇ ئىشنى ئۇقسا قادىراخۇننىڭمۇ ھەرگىز ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۆلىشىگە تامامەن رازى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىر يامان يېرى قادىراخۇننىڭ جېنى بىھۇدە كەتكەن بولاتتى. چۈكى مافۇگۇيدەك رەھىمسىز، ئاچكۆز مەخلۇق ھەرگىزمۇ قادىراخۇننى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، شاراپەتنى بوش قويىۋەتمەيىتتى. ئۇ زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتەتتى. مانا مۇشۇلارنى ئويلاپ، زىممىسىنى تاغ بېسىۋالغاندەك ئېغىر چامداپ مېڭىۋاتقان ئەلچىلەر قادىراخۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قېلىشتى. دەرۋازا ئالدىدا زور ئۈمۈد بىلەن قاراپ تۇرۇشقان قادىراخۇننىڭ ئايالى، شاراپەت قاتارلىق بىر نەچچە ئاجىز تۇققانلىرى كەتكەنلەرنىڭ ئۇزايىدىكى ئېغىر غەمنى كۆرۈپ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى. شۇ ئارىلىقتا ئاقچوققا تەرەپكە ئاستا – ئاستا يىغىلىۋاتقان ئاق – قارا بۇلۇتلار چۈش قىيامىغا ئالدىرىماي سىلجىۋاتقان قۇياشقا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ جامالىنى ئۆز قوينىغا ئېلىشقا باشلىدى. قويۇق تۇمان ئارىسىدا قالغان قۇياش ئەمدى زېمىنغا سېپىۋاتقان ئىللىق نۇرىدىن ئايرىلىپ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىدى. بىردەمدىلا پۈتۈن ئالەمنى كۆكتىن چۈشۈۋاتقان قۇياشنىڭ يېشى قاپلىدى. جانلىقلار يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پاناھلارغا يۈگۈرەشتى. قۇناخۇن شۇنچە يامغۇر يېغىۋاتسىمۇ ھېچنىمىنى تۇيماي، ھېلىلا قېتىق ئۇسقان سۈزمە خالتىسىدەك بولۇپ قالغان شاراپەت بىلەن ئۇنىڭ ئانىسنى مىڭ تەسلىكتە ئۆيگە سۆرەپ ئەكىردى.
_ ئۇلار نېمە دەيدۇ تاغا؟ ئۇلار دادامنىڭ جېنىنى ئالماي قويېۋېتىدىغان ئىش بولسا، مەن جېنىمنى قوش قوللاپ بېرىشكە تەييارمەن تاغا تېزرەك دېسىڭىزچۇ، ئۇلار نېمە دەيدۇ ؟ _ قۇناخۇن قىزنىڭ نالىسىدىن يۈرىكىنى بىرى تىلىپ ئۈستىگە لازا سەپكەندەك ئازابلىنىپ كەتتى. ئۇ قىزنى ئايرىم چاقىرىپ، بولغان ئىشنى دېمەكچى بولدى. قۇناخۇن شاراپەتكە دادىسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشنى قانداق ئېيتىشنى بىلەلمەي شۇنچىلىك بېشى قاتتىكى، تۇغۇلۇپ بۇ ياشقا كەلگۈچە، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر سىناققا دۇچ كەلمىگەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشنى دېمىسە بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى ھەم ئىشنى كەينىگە سۈرىۋەرسە ھەممە بولغۇلۇق قادىراخۇنغا بولاتتى -دە، بۇ ئادەمگە ئىش پۈتكەندە ھەممە ئادەم «ئېسىت!» دېسە ئورنىغا كەلمەيىتتى. قۇناخۇن ئەنە شۇنداق زىدىيەتلىك خىياللار ئىلكىدە بىر پەس تۇرۇپ كەتتى – دە، ئاخىرى مافۇگۇينىڭ ئۆيىدە بولۇنغان گەپ – سۆزلەرنى بىر – بىرلەپ ئائىلە كىشىلىرىگە ئېيىتتى. دەسلەپتە شاراپەت تاغىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرگە ئانچە ئىشەنمىگەندەك، بۇنداق شەرت ئاستىدا دادىسىنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقى يالغاندەك بىلىندى. ئەمما ئۆيدىكى ئېغىر سۈكۈت، ھەسرەتلىك ئۇلۇغ – كىچىك تىنىشلار، ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى ھېلى بىرى قۇچىقىدىن يۇلۇپ ئېلىپ قېچىپ، بارسا كەلمەستىكى دىۋىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بېرىدىغاندەك چىڭ قۇچاقلاپ ئېسەدەپ يىغلىشى ئۇنىڭ بايامقى تۇيغۇلىرىنى يوققا چىقاردى. ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتارغان بولسىمۇ ئەمما كۆزىدىن بىر خىل سوغۇق ئۇچقۇن چاقنىدى. ھەم ھەممىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرۇپ :
_ دادام قۇتۇلىدىغانلا  ئىش بولسا، مەن مافۇگۇيگە ياتلىق بولۇشقا رازى، تۇققانلار قىلچە دىلىغۇل بولماي توي تەييارلىقى قىلىڭلار. ئەمما دادامدىن توي بولغىچە ئىشنى خۇپىيانە تۇتۇڭلار. _ دېدى. قىزنىڭ بۇ سۆزى ئولتۇرغانلارغا خىلمۇ–خىل دەرگۇمانلارنى مۇپتىلا قىلدى. بولۇپمۇ شاراپەتنىڭ بەخت – تەلىيىنىڭ قاراپ تۇرۇپ نابۇت بولۇشى تۇققانلارنىڭ ئىچىنى لازا قۇيغاندەك ئېچىشتۇرىۋەتتى. شاراپەت شۇ سۆزنى دەپ بولۇپ، ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە قالغان ئۆيدىن ئۈن – تۈنسىز ئايرىلىپ، ئۆز ھۇجىرىسىغا چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدە قالغانلار بۇ ئىشقا ئالدىراپ قارار چىقىرىۋېتىشتىن، مافۇگۇيگە بالدۇر ئۇچۇر بېرىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، يەنە باشقىچە ئامال – چارىلەرنى قىلىپ ئاتا – بالا ئىككىسىنى تەڭلا قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشنى ماسلھەتلىشىپ بىر – بىردىن تاراپ كېتىشتى. قۇناخۇن تالاغا چىقىپلا، بەش قولىنى پەرىق قىلغۇسىز ئاي قاراڭغۇسىنى كۆرۈپ، تۈننىڭ قاندالارچە بۇنچە قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇ تىمىسىقىلاپ مېڭىپ ئۆزى ئاچقان دەڭنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، يوغان دەرۋازىنىڭ ھالقىسىنى قاتتىق – قاتتىق ئۈچ قېتىم شاراقلاتتى. ھايالشىمايلا ئۆيدىن دەڭنىڭ يۈگۈر – يېتىم ئىشلىرىغا كۆز – قۇلاق بولغۇچى، توختى پاخال ئىسىملىك خىزمەتكار چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى. بۇ ئادەم قۇناخۇننى ئۆيگە باشلىماي، ئەزىز مېھمانلار كەلسە باشلايدىغان خاس دەڭگە باشلىدى. ئۆي ئىچىدە ئىككى دانە كىرسىن لامپا لىپىلداپ يېنىپ تۇراتتى. تۆت تەرەپتىكى يېكەندازدا يولۇچى سىياقىدىكى 7 – 8 ئادەم ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلار قۇناخۇن دەڭجانى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇشۇپ قىزغىن سالام – سائەت قىلىشتى. قۇناخۇن يولۇچىلار بىلەن بىرمۇ – بىر ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن :
_ قېنى مېھمانلار ئازادە، راھەت ئولتۇرغايلا، ئەيىپكە بۇيرىمىساڭلار مەن بۈگۈن سەل پاراكەندە بولۇپ قالدىم، ئەتىگىچە دىدار – مۇلاقەتتە بولۇشساق. _ دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيىتتى. يولۇچىلار ئارىسىدىكى ياشتا چوڭىراق بىرى توپ ئىچىدىن يىڭنىدىن يىپ سۇغۇرۇلغاندەك يېنىڭ سۇغۇرۇلدى – دە، قۇناخۇن دەڭجانى كۆز ئىشارىسى قىلىپ ئاستا سىرتقا ماڭدى. ئۇلار قۇناخۇننىڭ خىلۋەت خانىسىغا كىرگەندىن كېيىن بايا چىققان يولۇچى، قۇناخۇن بىلەن 15 مىنۇت خۇپىيانە پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتىپ چىقتى. يولۇچىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغان قۇناخۇننىڭ زېممىسىدىن خۇددى ئېغىر تۈگمەن تېشىنى ئېلىپ تاشلىغاندەك يېنىكلەپ قالدى. ئەتىگەندىن بېرى تارتقان ئىزتىراپلىرى قاسقاندىن چىققان ھوردەك نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتكەنىدى. تاڭ سەھەر ئەتىگەنلىك بامدات نامىزىنى ئۆيدىلا ئوقۇغان قوناخۇن ۋە ئاخشام كەلگەن يولۇچىلار ئالدىراپ سەپەر تەييارلىقىنى قىلدى – دە، ئات – ئېشەكلىرىنى توقۇپ، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ چىقىشىغا ئۈلگۈرۈپ، مەسچىتتىن قايىتقان مەزىناخۇنۇم، قۇناخۇننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغان بىر توپ يوچۇن ئادەملەرنى ھەم ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىچە ئالاقزادە بولغاندەك ئوڭ – سولغا قارىماستىن، مۆشۈكتىن قورۇققان چاشقاندەك ئۆز يولىغا راۋان بولدى. شۇ كۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن مەمنۇن بولۇپ، شېرىن خىياللار قاينىمىدا،مەسىتخۇش بولۇپ ياتقان مافۇگۇينىڭ يېنىغا ئىدىرىس ئىجازەتسىزلا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر ئىشقا سەل پۇشايمان قىلغاندەك ئەلپاز چىقىپ تۇراتتى. بۇنى سەزگەن مافۇگۇي سەل ئۆرە بولۇپ، « نېمە بولدى » دېگەندەك قىلىپ ئىدىرىسقا قارىدى.
_ تەقسىر. _ دېدى. ئىدىرىس سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. _ بىز بىر ئىشنى خاتا قىپتۇق. _ ئىدىرىسنىڭ سۆزىدىن سەل چۆچىگەن مافۇگۇي، بايامقى بىپەرۋا ھالەتتىن سەل سەگەكلىشىپ، رەسمىي ئورنىدىن تۇردى. _ دېمەكچى بولغۇنۇم ئەنسىرەپ كەتكىدەك ئىش ئەمەس بىز بىر قىزنى دەپ، شۇنچە كۆپ مالنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپتۇق. « ئارتۇق دۇنيا باشنى يارماس » دەپ ئاشۇ بايلىقنىمۇ، قىزنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن بولساق بولاتتىغۇ. _ ئەمدى مافۇگۇينىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ سەل كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ زىخچە ئالتۇننى قولدىن چىىرىۋەتكەنلىكىدىن ئۆكۈنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قان تولغاندەك قىپقىزىل كۆزى تورۇسقا بىر پەس تىكىلدى. _ دە، ئاندىن ئىدىرىسنىڭ يۇندا رەڭگىنى ئەسلىتىدىغان گۇنسىز كۆزىگە مىختەك قادالدى.
_توغرا، بىز قىزنىمۇ، ئالتۇننىمۇ تەڭ قولغا چۈشۈرىشىمىز كېرەك. چوقۇم سەن زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىرەر ياخشى ئامال چارىنى بۇ كېچىدىن قالدۇرماي تاپ، مەنمۇ بۇ ھەقتە ئويلىناي. _ ئۇ ئەنە شۇنداق دېدى. _ دە، بۇ سادىق غالچىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، بايامقى ئورنىغا كېلىپ تورۇسقا قاراپ پۇتىنى مىنگەشتۈرگىنىچە تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدى. ئايالىنىڭ ئەركىلەشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلمىدى. خوجايىنىغا ياخشىچاق بولىمەن دەپ ئۆزىگە ئىش تېپىۋالغان ئىدىرىس قانداق بىر ياخشى ئامال تېپىشىنى بىلەلمەي، بېشىنىڭ ئىچىمۇ قېتىپ تېشىمۇ قېتىپ ئۆيگە كېتىۋاتقاندا، قۇناخۇننىڭ شۇ چاغلاردىكى بۇ يۇرتتا بىردىن – بىر قونالغۇ ئورنى بولۇپ قالغان دېڭىگە، بىر توپ ئات – ئېشەكلەرنىڭ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كەتتى. ئۇ ئوغرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغاندەك بۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاسان ھەل بولىدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ  ئىشەنمەيۋاتقاندەك يۈزىنى چىمدىپ قويدى. دىمەك، يەنە بىر ئادەمنىڭ قۇربانلىق قوي بولىشى ئۇنىڭ رەزىل كاللىسىدا پىلانلىنىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭچە بولسا قانچىلىغان قېرىنداشلىرى قان ئىچىدە غەرق بولسىمۇ، خۇجايىنى ئۇنىڭغا قاراپ مۇنداقلا  كۈلۈمسىرەپ قويسىلا پىژ قىلىپ بىر يېرى ئېچىشىپ قويمايىتتى. بۇ ئۇنىڭ ھەق–ناھەقنى ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتكەن غورۇرسىز پەلسەپەسى بولۇپ، بۇ يولدا قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قارايىتتى. ھەم ۋىجدان ئازابىمۇ تارتمايىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇزاقتىن بېرى ئەتراپلىق كۆزۈتۈپ، گەپ ئېلىش، ئۇ بۇدىن سوراش ئارقىلىق جامائەت ئىچىگە شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۇرىۋەتكەن ئەمەت مەزىننى ئېسىگە كەلتۈردى – دە، بۇ ئىشتىن ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، قەدىمىنى ئۆيىدىن ئەخەت مەزىننىڭ مەھەللىسىگە يۆتكىدى. ئىش تامامەن ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى. كېچىچە قۇناخۇننىڭ قوراسى ئەتراپىدا ئىگىسىنىڭ قوراسىنى قوغداۋاتقان ئىتتەك تىمىسىقىلاپ يۈرگەن ئەخەت مەزىن بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنىنى توۋلاۋېتىپ، رەسمىيەتنى ئادا قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ – سالدىراپ قۇناخۇننىڭ قوراسى ئالدىغا كېلىپ، ھېلىقى كۆرۈنۈشنى كۆردى ھەم كۆڭلىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن ھېچ يەرگە بۇرۇلماي، ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن چاققانلىق بىلەن ئۇدۇل ئىدىرىسنىڭ ئۆيىگە قاراپ جۆنىدى. ئاشىقىغا تەققازا بولۇپ تۇرغان بوز يىگىتتەك جىددىيلىشىپ تۇرغان ئىدىرىس، ئەخەت مەزىننى كۆرۈپلا زىل تەڭشەلگەن تەمبۇر تارىسىدەك تارتىشقان نېرىپلىرى ئەسلىگە قايىتقاندەك خۇش بولدى. ئىش ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇ قۇناخۇننى دەل ۋاقتىدا تۇتۇپ، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش، ئالدىغا كەلگەن مېزىلىك غىزانى سوۋۇتۇپ قويماي يېيىش ئۈچۈن ئۇدۇل مافۇگۇينىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. مافۇگۇي غالچىلىرىنىڭ ئەتىگەندىلا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەملىگەندەك، ئورنىدىن كۈندىكىگە قارىغاندا سەھەر تۇرۇپ كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇلار ئەمدىكى پۇرسەتنى قولدىن ھەرگىز بېرىپ قويماي، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشنىڭ تەييارلىق پىلانىنى ئەتراپلىق تۈزدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىزلارچە نەيرەڭلىرىدىن مەمنۇن بولۇشۇپ تالاغا چىققىنىدا قۇياش تاغ كەينىدىن چىقىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئالا – تاغىل بۇلۇتلار قاتۇرۇپ قويغاندەك كۈننىڭ شولىسىدا بىردە قىزىرىپ بىردە ئاقارماقتا ئىدى. ۋۇجۇدىغا مەنمەنىلىك بىلەن تەكەببۇرلۇق سىڭىپ كەتكەن مافۇگۇي بۇ ئىككى سادىق غالچىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان شۇنچىلىك جان پىدالىقىغا قارىتا ئازراقمۇ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتا يوق. ئۇلار چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك. بولمىسا ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئۆز قولىدا پايخان بولىدۇ. دېگەندەك قىلىپ، خوش دېيىشكىمۇ تەستە ئېرىنىپ ئۇلارنى يولغا سالدى. ئىدىرىس بىلەن ئەخەت مەزىنگە مافۇگۇينىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى، ھەتتا بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويماسلىقى ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، خۇددى « ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق » دېگەندەك، تېزلا ئۆز ئەسلىگە قايىتتى. ئەمدى مافۇگۇي بىر بۇيرۇق قىلىپلا قۇناخۇننىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقسا، يۇرت ئىچىدە خېلىلا ئىناۋىتى بار بۇ جەمەتنىڭ ئۇلىغا دەز كەتسە ھەم بىراقلا ئۆرۈلۈپ چۈشسە بۇ ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ لەززەتلىك بەخت – سائادەت ئىدى. دېمەك، ئىش شۇنداق بولدى. مافۇگۇي ئىدىرىسلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ چىقىپ كېتىشىگىلا تالادا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان بىر نەچچە ئەسكىرىگە دەڭچى قۇناخۇننى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۆيىدە ئاخشامقى خاسىيەتلىك مېھمانلارنىڭ كىشىگە ئىلھام بەخىش ئەتكۈچى پاراڭلىرىدىن ھەم پات يېقىندا كېلىدىغان يورۇق تاڭنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ خۇشاللىقىدىن، پەي ياستۇقىغا يۆلەنگىنىچە قانداقتۇر خىياللارغا بەنت بولۇپ تۇرغان قۇناخۇن ئىشىكنى تەكەللۇپسىزلا ئېچىپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەن بىر نەچچە ئەسكەرنى كۆرۈپ دىڭڭىدە قېتىپ قالدى. ئەسكەرلەر گەپ سۆز قىلماستىن قۇناخۇننىڭ دات – پەرياد كۆتۈرۈشىگە پەرۋامۇ قىلماي گەجگىسىدىن دۆشكەللەپ ئىتتىرگىنىچە ھەيدەپ ماڭدى. ھويلىدا ئۇنىڭ بالا – ۋاقىلىرى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك يۈز بېرىۋاتقان بۇ كېلىشمەسلىكلەردىن خۇداغا نالە قىلىپ يىغلاشماقتا ئىدى. دەسلەپتە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان قۇناخۇن ئەمدى ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ، ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا يىغلاشما دېگەندەك قىلىپ، مەردانە ھالدا ھومىيىپ قارىدى. بۇ قاراشتىن ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەممىسى جىم بولۇشتى. « ئۆلۈش ئالدىدىكى يىلان قاتتىق چاقىدۇ » دېگەندەك ئەسەببىيلىشىۋاتقان بۇ كۈچلەرگە قارىتا قۇناخۇن ئىچ – ئىچىدىن قايناپ چىقىۋاتقان غەزەبلىرىنى تەستە بېسىپ، تەمكىن ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدى. مافۇگۇي ئەمدى بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشتەك قوش مەقسىتىگە يەتكىنىدىن ئىچ – ئىچىدىن خۇشال بولماقتا ئىدى. ئۇ ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلارنى تەڭلا سوراقخانىسىغا ئەكىردى. بايىقى خۇشاللىقىنىڭ ئورنىغا چىرايىغا كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان مۇدھىش ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا بىر ھازا تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن :
_ ھە نوچىلار، ئۇ تەرەپتە ھالىغا باقماي، ئۇلۇغ پىرقىمىزگە شىلتىڭ ئېتىۋاتقان ئالتە ئوغرى چىقىۋېدى، بىرىڭ ئاتلارنى كاردىن چىقىرىپ، يەنە بىرىڭ ئۇ خەقنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ كەتتىڭا. بۇ جىنايەتلىرىڭ ئۈچۈن مۇشۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا كاللاڭنىڭ قېتىقىنى چاچىراتسام بولىتى، بىراق. _ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمەي قادىراخۇنغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ چاپارمەنلىرىگە ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى. ئىش مافۇگۇينىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشۈۋاتاتتى. بۇ يۇرتتا ئوبدانلا ئىناۋىتى بار قۇناخۇن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ كەينى–كەينىدىن بەختسىزلىككە ئۇچراپ، قارا دەرۋازىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان يۇرت خەلقى تىنچ سۇغا تاش چۈشكەندەك داۋالغۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن ئىشنى يولىدا پۈتكۈزۈشكە كېلىشىپ، ئاچكۆزلۈكتە رىۋايەتلەردىكى دىۋىدىن قېلىشمايدىغان مافۇگۇينىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بۇ ئىككى قېرىندىشىنى قايتۇرۇپ چىقىش پىكىرىگە كېلىشتى. شۇڭا بۇ قېتىم مافۇگۇينىڭ ئالدىغا ئۆتكەنكىدىن كۆپىرەك يۇرت چوڭلىرى بىلەن، خېلىلا كۆپ دەپئى – دۇنيانى ئاپاردى. مافۇگۇي كەتكەن دۇنيانىڭ ئەمدى ئارتۇقى بىلەن قايتىپ كېلىپ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن كىچىك تىللىرى لىپىلداپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنى سىرتىغا تەپكۈزمەي تۇرۇپ، ئۇدۇللا قىلىپ.
_ شاراپەتنىڭ مەيلىچۇ ؟ ئۇ پېقىرنىڭ تەلىپىگە كۆندىمۇ ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئۇ قىزمۇ ماقۇل بولدى. _ ئۆز غەلبىسىدىن كۈرمىڭ لەشكەرنى مەغلۇپ قىلغان گېنىرالدەك مەمنۇن بولغان مافۇگۇي، ئازادە ياسالغان ھۇجىرىسىدا ئۇياق – بۇياققا بىر قۇر مېڭۋەتكەندىن كېيىن :
_ كەلگەن قەدىمىڭلارغا ھەشقاللا دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ تويغا قىز خوپ دېگەن بىلەن ئۇنىڭ دادىسى زىنھار قوشۇلمايدۇ. بۇ ماڭا بەش قولۇمدەك ئايان، شۇڭا توي پۈتكىچە ئۇلار يەنىلا جىنايەتچى سۈپىتىدە ھەپسىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ. توي تۈگەپ، قىز كېلىپ بولغاندىن كېيىن مەن بولغۇسى قىينىئاتامغا سالام بېرىۋالىمەن ھەم ھۆرلۈكىگە كېپىللىك قىلىمەن. ئەمدى مەنمۇ باشقا تەييارلىقلارنى قىلاي، ھەر قايسىڭلار باشقا گەپ بولمىسا، قايتساڭلار بولىدۇ. _ دېدى. كەلگەن ئەلچىلەر ئۇنىڭ قىزنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، خۇمسىلىق قىلىپ قويارمۇ دېگەن ئەندىشە ئىچىدە تۇرسىمۇ، خۇدايىم ئىنسانغۇ ئۇ دىلىغا ئىنساپ بېرەر، ئۇنچىلىك قارا يۈزلۈك قىلىپ كەتمەس دەپ بىر – بىردىن تارقاشتى.
توي ئۆتتى. بۇ توي شاراپەت ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ يېقىن قېرىندىشىدىن ئايرىلغاندەك مۇسىبەت، ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە ئۆتتى. ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى قادىراخۇن تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلغاندا، قىزىنىڭ قۇربانلىق قىلىنغانلىقىنى بىلىپ، بىر كېچىدىلا  قۇندۇزدەك چاچ – ساقىلى سۈتتەك ئاقىرىپ، قانسىراتقان ئۆپكىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان چىرايى، قورۇلۇپ قالغان ئۆچكە تېرىسىدەك ئۆز ئىسكەتىنى يوقاتتى. ئۇنىڭ بىر كېچىدىلا مۇكچىيىپ كېسەلچان بوۋايغا ئايلانغان ھالىتىنى كۆرگەن ئەتراپتىكىلەر، ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتى. ئۇنىڭغا قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلمەي باش قاتۇرۇشتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىچىپ بالىدەك ئۆمچىيىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، كۆز يېشى قىلىشتى. ھەممە ئادەم قادىراخۇننىڭ تەقدىرىدىن ئېچىنىپ تۇرغان چاغدا، ھېچ كىشى ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. ئۇ ئەتىگەندىلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئېچىلماي تاشلىۋېتىلگەن، ئالدىنى ئەخلەت – چاۋار بېسىپ كېتىپ، ئىگىسى يوق تاشلاندۇق ئۆيدەك تاشلىنىپ قالغان دۇككىنىنىڭ ئالدىنى سۇ چېچىپ پاك – پاكىز سۈپۈردى. دۇكان ئىچىدىكى ئامبۇر. قىسقۇچ، بازغان، بولقا، چۇچۇل قۇيغۇچ، ئوچاق، يەلتىرىلەرنى نەۋرىسىنى سىلىغاندەك سىلاپ رەتلىدى. ئۆيدىن ئاچىققان تۇترۇقنى، ئوچاققا سېلىپ، ئۈستىگە چۇچۇل تۆكتىدە ئۇنى بىردەمدە يالىلدىتىپ، بىلەكتەك تۆمۈرنى قىپقىزىل ئوت يالقۇنى ئىچىدە قاندەك رەڭدە تاۋلاپ سەندەل ئۈستىگە قويۇپ، توختاۋسىز ئېزىشكە باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم تۆمۈرنى بازغانلىغاندا، بۇلجۇڭ گۆشلىرى تورغا چۈشۈپ قالغان بېلىقتەك لىغىرلايىتتى. بايىلا چاقىرتىۋالغان شاگىرت بالا، ئۇستىسىنىڭ بولقا تۇتماي بازغان تۇتىۋالغىنىدىن ھەيران ئىدى. ئەتراپتىكىلەر قادىراخۇننى ئامراق قىزىنىڭ دەردىدە « ئېلىشىپ قالغان چېغى » دەپمۇ ئويلىدى. ئەمما بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىلىۋاتقان ئات – ئېشەك تاقىلىرى ئۇنىڭ ئېلىشىپ قالمىغانلىقىنى، ئەقلىي ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئەمما قادىراخۇن ئىلگىرىكى خۇش پىچىم ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ، تۈرگۈن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پەقەت قولىغا بازغاننى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تۆمۈرچىلىك ئەسۋاپلىرىنى ئالغان چاغدىلا، پۈتۈن ئېسى – يادى شۇنىڭغىلا بەنت بولاتتى. پاقات شاگىرت بالا « ئۇستام قورساق ئاچتى » دېگەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ ئۈن – تىنسىز ئۆيىگە قاراپ مېڭىپ، قوشناچىم ئېتىپ قويغان تاماقنى گۇناھكارلارچە بېشىنى كۆتۈرمەي يەيىتتى. يەنە نەچچە ئەرگە تېگۈشكۈسىز بۇ مەردانە ئېرىنىڭ بۇ خىل مىسكىن ھالىتى ئانىنىڭ دەردىگە يەنە بىر دەرتنى قوشۇپ، قويغان تۇتقىنىنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىدى. ئانا قەلبىنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز زۇلمەت قاپلىۋالغان بولۇپ، ھەر ئىككىسلىسى ئوخشاش بىر ئۆچمەنلىكنىڭ، غەزەپ ھەم نەپرەتنىڭ يىلاندەك قامچىسىدا ئاچچىق ساۋالماقتا ئىدى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك بىر  -بىرى بىلەن ئېچىلىپ يېيىلىپ پاراڭلىشىشتىن قالغان بولسىمۇ، بىر – بىرىنىڭ تىنىقىنى تىڭشاپ تەڭ سوققان يۈرەكلىرى ئۇلارنىڭ نىيەت – ئىقباللىرىنى بىر – بىرىگە كۆرۈنمەس سادالار ئارقىلىق يەتكۈزمەكتە، تەسەللىي بەرمەكتە.
_ ئۇھ ! _ دېدى قادىراخۇن تاماقتىن كېيىن ئايالىغا ئىستىھزا بىلەن تىكىلىپ. _ مەن بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋەتمەيمەن. _ ئۇنىڭ چىشى تاشنى ئېزىۋەتكىدەك غۇچۇرلىدى. _ مەنمۇ قان ئىچىشنى بىلىمەن. مەنمۇ شەرمەندە قىلىشنى بىلىمەن.  ئەردىن ئاخىر زۇۋان چىقتى. بىراق بۇ زاۋان قۇشناچىمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى. پاتەمخان قادىراخۇننىڭ ئۆمسالا گەپ قىلىۋاتقانلىقىدىن، نامەلۇم بىر ۋەھىمىدىن تېنى شۇركەنگەندەك بولدى. قادىراخۇن ئايالىنىڭ داكىدەك ئاقىرىپ كەتكەن چىرايىغا شۇنداقلا بىر نەزەر تاشلاپ قويۇپ، داستىخانغا دۇئا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ دۇكانغا قاراپ ماڭدى. ئۇ دۇكان ئىچىدە ساقلاپ تۇرغان شاگىرتىنى بۇندىن كېيىن دۇكانغا كەلمەسلىكنى جېكىلەپ بولۇپ، دۇكاننى شۇ پېتىلا تاشلاپ قويغۇسى كەلمىگەندەك بىر قۇر سەرەمجانلاشتۇرغاندىن كېيىن، قوش قانات ئىشىكلەرنى ئاۋايلاپ يېپىپ تۆمۈر بەلدەمنى چىقىپ تۇرغان ھالقا تۆمۈرگە كىرگۈزگەندىن كېيىن يوغان شادا قولۇپ بىلەن قولۇپلىدى. ئاچقۇچنى ئاۋايلاپقىنە ياچۇقىغا سالدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى شۇنچىلىك ئىدىتلىق قىلدىكى، قادىراخۇن بۇنىڭدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئەمدىكى نىشانىنى خىيالىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان بازغىنىنى دولىسىغا ئېلىپ ئۇدۇل  ئاقچوققىنى نىشانلاپ سەپەرگە ئاتلاندى. بۈگۈن ھەركۈنى قارا بۇلۇت ئارىسىدا بىردە كۆرۈنۈپ بىردە كۆرۈنمەي بىراۋ بىلەن مۆكۈشمەك ئوناۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان ئاقچوققا، ھەرە چىشىدەك بىر – بىرى بىلەن مىنگىشىپ تۇرغان ياپيېشىل تاغلارغا ھامىي بولۇپ مەغرۇر قەد كۆتۇرۈپ تۇراتتى. نېپىز ھالرەڭ پەردىدەك تۇمان ئۇنىڭ ئەتراپىنى شايى رومالدەك ئورىۋالغانىدى. قادىراخۇن شۇ مېڭىشىدا نەگە بارىدۇ؟ بۇنى ھېچكىم پەرەز قىلىپ بولالمىدى. پەرەز قىلغۇدەك ئادەممۇ يوق. چۈنكى قادىراخۇن بۇ ئىشنى شۇنچە تۇيۇقسىز شۇنچى مەخپى قىلغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاقچۇققىغا ماڭغانلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەنلەرمۇ چىقمىدى. ئەتىسى دۇكاننىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى، جۈمە نامىزىدا قادىراخۇننىڭ كۆرۈنمىگەنلىكىنى كۆرگەن جامائەت ئۇنى ساقسىز بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ دەپ ئەنسېرەپ ئۆيىگە كەلگەندىلا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولغانلىقىنى بىلىشتى. ئۇنىڭ غايىپ بولۇشى جامائەتكە ئوبدانلا ئېغىر كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنى خاتىرجەم روھى تولۇق سېزىدىغان كىشىلەر، ئۇنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى يېشى تۆكۈلۈپ تۇرغان پاتەمخاندىن ئاڭلاپ بەدىنىدىن بىر پارچە گۆش شىلىنىپ كەتكەندەك بىئارام بولۇشتى. بىر قىسىملار ئادەم چىقىرىپ ئوي – چوڭقۇرلارنى، باشقا مەھەللىدىكى تونۇش بىلىشلەرنى چىقىرىپ ئىزدەپ بېقىشنى مەسلىھەتلەشتى. مافۇگۈيمۇ قادىراخۇننىڭ غايىپ بولۇشىنى بەزى ئېھتىماللىقلارغا جوراپ ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇ شاراپەتنى چىڭ تۇتسىلا، قادىراخۇننىڭ ئۆزىگە چىش پاتۇرالمايدىغانلىقىنى پەملەپ يەتتى. چوڭ ئايالى ئايىشەنى ئۆزى سىرتقا چىققاندا شاراپەتكە ياخشى قاراشنى تاپىلىدى. ئۇ ئۇنداق دەپ كەتمىسىمۇ كۈندەشلىك دەردىدە شاراپەتكە زەھەرلىك يىلاندەك خىرىس قىلىپ تۇرىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ شۇ گېپى چىقىشى بىلەن تىرنىقىدىن چېچىنىڭ ئۇچىغىچە زەھەرخەندىلىك سىڭىپ كەتكەن ئايىشە شاراپەتنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە، مېڭىش – تۇرۇشى، ئولتۇرىشى – يېتىشى قاتارلىق ھەممە ئىشىغا يىڭنىدەك سانجىلىپ قارىلىدىغان بولدى. بۇ ئۆيدە شاراپەتكە مافۇگۇينىڭ ئىككىنچى ئايالى تۇڭگانلا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ ھەر ئامال بىلەن مېكىيان چۈجىسىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك ھېمايە قىلاتتى. ئاسرايىتتى، ئايايىتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولغان بۇ بايقۇش قىز بىلەن بۇ كۇھىقاپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كېتىش توغرىسىدا باش قاتۇراتتى. سىلكىنەتتى، ئەمما ئادەم ئىتلاردىن بۆلەك ھايۋان  ئىتلارمۇ بۇ ئۆيدە بۇ ئىككى مەزلۇمغا تەرەپ – تەرەپتىن تىكىلىگلىك بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنى كۆرۈنمەس زەنجىردە باغلىنىپ قالغاندەك سېزەتتى. شاراپەت تۇڭگاندىن ھەرگىز بوشاشماسلىق، ھامان ھۆرلۈكنىڭ تېڭى ئاتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۈمىدلىك سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقىنىدا، باشقا بىر ئۆيدە مافۇگۇي ئىدىرىس قاتارلىق سادىق غالچىلىرىنى يىغىپ مەخپى كېڭەشمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مەغرۇر ھەيۋىسى سۇنغان بولۇپ، چىرايىدىن تەشۋىش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئالدىدا قاتتىقىراق تىنىپ قېلىشتىنمۇ ئەنسىرەپ دۈگدەرىشىپ تۇرغان غالچىلىرىغا قاراپ، ۋەزمىن ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى.
_ ئايغاقچىلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىلى ئوغۇرلىرى زورىيىپ، ھەرەمباغ، ئايدۇرۇملارنى قورشاۋغا ئاپتۇ. پىرقىمىزغا كەلگەن خەۋىپ بەكمۇ ئېغىردەك قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ھالىمىز نە بولماق، يۆلەنگەن تېغىمىز ئۆرۈلدى دېگەن گەپ، بىزنىڭ مىجىقىمىز چىقتى دېگەن گەپ. ھازىرقى ئەھۋالدا شىمالدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئۆلۈكتىن جان سورىغاندەك ئاقمايدىغان ئىش. شۇڭا ئېھتيات قىلغان، پال ئاچقۇزغاندىن ياخشى دېگەندەك، بىز ۋاقتىدا تەييارلىقىمىزنى تاماملاپ مۇز داۋان ئارقىلىق پىرقىمىزنىڭ تەسىرى بار جەنۇپقا قاراپ جۆنىگىنىمىز تۈزۈك. مەن سىلەر بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بۇ مۇنبەت زېمىندا بىرگە بولدۇم. سىلەردە يەنە قانداق دانا مەسلىھەتلەر بار ئۇقاي دەپ چاقىرىشىم ئىدى. _ دېدى. ئولتۇرغانلار مافۇگۇينىڭ بۈگۈنكى شۈمشەرەپ قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ، گەرچە ئۆزلىرىنىڭمۇ ياخشى كۈنگە قالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كۆڭۈللىرى بىر ئاز ئازادىلىشىپ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. ئارىدىكى كۆز بېقىشلارنى بۇزۇپ ئىدىرىس ئېغىز ئاچتى.
_ جاناپلىرىنىڭ ئەقىللىرىنىڭ زىيادىلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت، بىز ئويلىغاننى نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئويلايدىلا. شۇڭا ھازىرغىچە سايىلىرى ئاستىدا ئەمىن ھەم خاتىرجەم ياشاپ كەلدۇق. كەمىنە يەنە بىر ئىشنى قوشۇمچە قىلىپ قويايمىكىن دېگەن نىيەتتىمەن. _ دېدى. ئادەمنىڭ نەپرىتى قوزغالغۇدەك خۇشامەتچىلىك ئەلپازىدا :
_ قېنى سۆزلە.
_ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق دەپ جەنۇپقا كېتىش  ئىشنى تېزلەتسەك، قادىراخۇن سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقالدى. ئۇنىڭ يوقىلىشى ھەرگىز خەيىرلىك ئىش ئەمەس. بۇ بىر شۇملۇقنىڭ بېشارىتى، شۇ ۋەجىدىن بىز ئۆزىمىزدە بار دەپئى – دۇنيانى تولۇق ئېلىپ مېڭىشنىڭ تاشايىنىدا، مۇشۇ يۇرتتا ئۆزلىرىگە دېمىسەكمۇ مەلۇملۇق بىر نەچچە قول ئىلكىدە بار ئادەملەر بار. شۇلارنىڭ دۇنياسىمۇ بىزگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. سەۋەب بىز ئالتە شەگە شۇنچە ئادەم قولىمىزنى بۇرنىمىزغا تىقىپ ماڭساق، ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقمايمىز. يەنە كېلىپ ئۇياققا داۋان ئاتلاپ شۇنچە ھەرەج تارتىپ بارغىنىمىزغا چۇشلۇق ئىش بولمايدۇ.- مافۇگۇي ئىدىرىسنىڭ ئۆزى دەماللىقتا دېيەلمىگەن سۆزىنى نەق تېپىپ دېگەنلىكىدىن بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئەمما ئىچىدىكىنى تېشىغا بىلىندۈرمەيدىغان ئادىتى بويىچە چاندۇرمىغان ھالدا ئىككى بىسلىق قىلىپ :
_ « قولىمىزنى بۇرنىمىزغا تىقىپ بارمايلى  » دېگەن سۆزۈڭ مېنى قىزىقتۇردى. قالغان ئىش ساڭا باغلىق بولۇپ قالدى. ساڭا ئىككى كۈن مۆھلەت بېرەي، ئۈچىنچى كۈنى كەچ بىز ئىنسى – جىنغا تۇيدۇرماي، مۇزداۋان ئارقىلىق جەنۇپقا جۆنەيمىز. شۇڭا سەن ئاشۇ گۆھەردەك كاللاڭنى يەنە بىر ئىشلىتىپ، يول تەييارلىقىنى غەلبىلىك تاماملىشىڭغا بۇيرۇق. قالغان ئىش سەندە قالدى. ئۇ شۇنداق دەپلا قالغانلارنىڭ نېمە سۆزى بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ قويماي، ئىشىككە قاراپ ماڭدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى نەچچە كۈندىن بېرى ئويلاۋاتقان مەقسەتلىرىگە ئىدىرىسنىڭ سۆزى ئارقىلىق تامامەن يېتىپ بولغانىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ كاللىسغا يەنە بىر خىيال غىل – پال قىلىپ سايە تاشلاپ ئۆتتى. ئۇ شاراپەتنىڭ ھۇجۇرىسىغا تامان كېتىۋاتقان قەدىمىنى شاپپىدە توختىتىپ، ئىدىرىسنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى. ئىدىرىس باندىتلارچە بۇلاڭچىلىقنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرىنى تۈزۈپ ئاۋارە بولىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە مافۇگۇينىڭ تەرەببالا ئىجازەتسىز كىرىپ كېلىشى ئۇنى مەڭدىتىپ قويدى.
_ ئولتۇرىۋەر. _ دېدى مافۇگۇي سۈنئىي مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىڭ شاپىلاقلاپ. _ بايا يەنە بىر ئىشنى ئېيىتماي قويۇپتىمەن. سەن ھازىردىن باشلاپ يولغا چىقىشنىڭ پۈتۈن تەييارلىقىنى قىلىشنى باشلا، ئەتە بىز يارانلا بىلەن بىللە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئوۋغا چىقىمىز، ئوۋدىن كەچ قايتىپ، بۇ يەردىكى باشقىلاردىن ئالىدىغان نېسىۋېمىزنىمۇ ئېلىپ، جەنۇپقا ئاتلىنىمىز، بىزنىڭ مېڭىش سەپىرىمىزنى بىزدىن باشقا ئىنسى – جىنمۇ ئۇقمىسۇن. ھە راست ئولجا لوقراق تېگىدىغانلارنى نىشانلاپ بولدۇڭمۇ ؟
_ نىشانلاپ بولدۇم جاناپلىرى، مەن نىشانلىغان ئادەملەردىن ئۆزلىرى رازى بولغىدەك لوقما چىقىدۇ. _ دېدى ئىدىرىس ئىگىسىگە ئەركىلىگەن ئىتتەك ئەركىلەپ :
_ ھە ياخشى، تونۇپ قالىدىغاندەك ئىش بولۇپ قالسا قىلچە رەھىم قىلماي ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كېرەك.
_ ئۇ تەرەپلىرىدىن خاتىرجەم بولسىلا، ئالدى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇپ ئاندىن ئولجىنى خاتىرجەم ئېلىشنى پىلانلاپ قويدۇم.
_ ساڭا تاپشۇرغان ئىشتىن، ئۆزۈممۇ خاتىرجەم، پىلانىڭ ئىدىتلىق بولسا سەنمۇ بىز بىلەن بىرگە ئوۋغا چىق. مېنىڭ ئوۋ مەيدانىدىكى كارامىتىمنى كۆر. ئاندىن بۇ يەردىكى ئوۋغىمۇ تەڭ تېگىش قىلىپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىمىز. ئۇلار شۇ تەرىقىدە يەنە بىر ھازا كۇسۇرلاشقاندىن كېيىن مافۇگۇي ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ شاراپەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئىشىكنى بىر ھازا ئۇرۇپ باققان بولسىمۇ، تاقاقلىق ئىشىك ئېچىلمىغاندىن كېيىن ۋارقىراش – جارقىراشتىن خىجىل بولدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆڭلى تارتمىغان ھالدا چوڭ خوتۇنى ئايىشەنىڭ ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى.
    ئەتىسى كېلىشىۋالغان بويىچە بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئوۋغا چىقىدىغانلار مافۇگۇينىڭ كەڭ قوراسى ئىچىگە تەق بولۇپ بولغان ئىدى. ئات قوراسى يېنىدىكى خىلۋەت مەيدانغا ئوننەچچە ئات ۋە ئېشەك مومىلارغا باغلانغان بولۇپ، ھەممىنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل شەكىلدە تېڭىلغان يۈكلەر تۇراتتى. مافۇگۇي بۇ ئىشلارنى ئىدىرىسنىڭ قاچانلاردا پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. سىر تۇتىدىغان بەزى ئىشلارنى ئۇ ئايالىنىڭ پۈتتۈرىشىگە جېكىلىگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ خاتىرجەم ئوۋغا چىقىپ قان ئىچىش خۇمارىنى بېسىۋېلىشتىن باشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشى قالمىغانىدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان ئوندەك ئاتلىق چاپارمەنلىرىگە مىختەك بىر دەقىقە قارىۋەتكەندىن كېيىن جەڭ ئاتاكىسىغا ئۆتكەن چېرىكلەردەك ئېتىغا قامچا ئۇردى_ دە، كەڭ ئېچىقلىق تۇرغان دەرۋازىدىن قويۇندەك چىقىپ كەتتى. قالغانلارمۇ ئات كەينىدە يۈگۈرۈپ ماڭغان ئىتلاردەك ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلرىدىن چىققان چاڭ – توزان سۈت ئۇيقىدا ياتقان مەھەللىنىڭ قەيەرلىرىگىدۇر سىڭىپ غايىپ بولاتتى. دۈكۈرلىگەن، تاراقلىغان ئاۋازلاردىن چۆچىگەن مەھەللە ئىتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قاۋىشىپ مەھەللىنى چاڭ كەلتۈرىۋەتتى. كەينىدىن زور قوشۇن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئوۋچىلار ئاتلىرىنى ئۆلە – تىرىلىشىگە قارىماي قامچىلاپ چاپقۇزغىنىچە مافۇگۇي دائىم ئوۋ ئوۋلايدىغان دائىرە ئىچىگە كۈن چۈش بولاي دېگەندە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئاتتىن چۈشۈپ بىر ئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن قايتا ئاتلىرىغا مىنىشتى. مافۇگۇي ھەسەن سەبباھ قارارگاھ قۇرغان ئالامۇت جىلغىسىدەك سىرلىق كۆرۈنىدىغان بۇ ماكانغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشقاندەك بىر قىسما بولۇپ كەتتى. كۆكتىكى قارىغايلىق، تۈزلەڭلىكتىكى ئىرغايلىق، جانان چىنىدەك يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىپ خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان تۈرلۈك – تۈمەن نەغمىچى قۇشلار، ئەمدىلا ئايىقى چىققان ئوماق بوۋاقتەك شىلدىرلىشىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار، تەبىئەتنىڭ تىنىقىنى روشەن ھېس قىلدۇرىدىغان رەڭگارەك گۈزەللىكلەر كىشى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا نازۇك تۇيغۇلارنى ئويغۇتاتتى. بۇ يەردە تەبىئەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئۆرنىكىنى تاپقىلى بولاتتى. بۇ يەردە ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك مەناسىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. بۇ يەردە ئادەم ئۆزىنىڭ تىلغا تەپەككۇرغا ئىگە بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالاتتى. مافۇگۇي ئىچ – ئىچىدىن قوزغۇتۇپ چىقىۋاتقان قارا تۈتۈندەك ئاچچىق ئايرىلىش ھەسرىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قولىدىن كەلسە ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ جەننەتنى ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان دوزاخ بولىشىنى ئويلاپ كەتتى. ئەمما قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ئاۋامنى خالىخانچە بوزەك قىلىپ، خالىخانچە دەپسەندە قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان زەيىپانە رھى، بۇنداق بىر قۇدرەتلىك تەبىئەتنى بىر ئېغىز بۇيرۇق بىلەن بۇنچە ئاسان بوزەك قىلىشى، ۋايران قىلىشى قولدىن كەلمەيىتتى. ئۇ بۇ نۇقتىنى غەزەپ بىلەن تونۇپ يەتمەكتە ئىدى. دېمىسىمۇ ئۆزىدىن ئىككى يۈز كېلۇمېتىر يىراقلىقتىكى ئىنقىلابنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ « يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» دېيىشتە يوق. قۇيرۇقىنى خادا قىلىش كويىدا قېلىۋاتقان ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتكۈلۈك. ئۇ ئەنە شۇنداق بىر قاتار خىياللار ئىسكەنجىسىدە ئىشىنى نەدىن باشلاي دەپ تۇرىشىغا، ئەسكەرلەردىن بىرى « ۋايجان » دېگىنىچە ئاچچىق ئىڭراپ ئاتتىن دومىلاپ چۈشتى. يىقىلغان ئەسكەرنىڭ ئوڭ كۆزىگە ئوقيانىڭ ئوقى خېلى يەرگىچە قادالغان بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم تىپىرلىغاندىن كېيىن جىمىپ قالدى. غايىپتىن كەلگەن ئوقيا ئوقلىرى بىردەمدىلا تۆت ئەسكەرنى ۋايجانلىتىپ يەر چىشلەتتى. مافۇگۇي نېمە قىلارىنى بىلمەي يان قورالىغا قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇرىشىغا يارىلانغان ئېيىقتەك نەرە تارتقىنىچە، قادىراخۇن سۈرەتتەك چىرايلىق جەرەن ئېتىنى شامالدەك تېز چاپتۇرغىنىچە تۆت قاۋۇل قازاق يىگىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ھودۇققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جايىدىلا پىرقىراپ يۈرگەن «ئوۋچى»لار ئارىسىغا باستۇرۇپ كەلدى. مافۇگۇي قولىدىكى ناگاننى ئوڭشاپ، سەپنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە يېقىنلا  كەپ قالغان قادىراخۇننى ئاتاي دەپ تۇرىشىغا قادىراخۇننىڭ قولىدىكى جەڭ چوماقلىرىنى ئەسلىتىدىغان بازغان شۇنچىلىك زەرىب بىلەن ئۇنىڭ چوشقىنىڭكىدەك سېمىز كاللىسىغا تەگدىكى بۇ زەربىدىن ئۇنىڭ كاللىسى يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىدىن چۈشكەن تاۋۇزدەك ھەر تەرەپكە چاچراپ كەتتى. ئۇنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسى ئېگەرنىڭ ئۆزەڭگىسى ئىچىدە قالغان پۇتى بىلەن سۆرىلىپ چاتقاللىق ئىچىدە غايىپ بولدى. ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسىدىن خۇدىنى يوقاتقان ئىدىرىس مۈشۈكتىن قاچقان چاشقاندەك ھودۇققان ھالدا قېيىنزارلىققا قاراپ قاچتى. ئەمما ھېچقانچە ئۇزىمايلا ئارقىسىدىن بۈركۈتتەك تېزلىك بىلەن يېتىپ كەلگەن قازاق يىگىتى ئۇنى ئات ئۈستىدىن ئوغلاقنى يۇلۇپ ئالغاندەك يۇلۇپ ئېلىپ ياندا تۇرغان قورام تاشقا زەرىب بىلەن ئاتتى. ئۆمۈر بويى سۇخەنچىلىك، مۇناپىقلىق بىلەن ياشاپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يوقاتقان بۇ بايقۇش بەندە ئەنە شۇنداق ھالدا ئېچىنىشلىق ئۆلدى. قىزىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەن قادىراخۇن بۇ يەردىكى قالغان ئىشلارنى تۆت نەۋقىران يىگىتكە تاپشۇرۇپ، ئۆزى جەرەن ئارغىماقنى بوراندەك چاپتۇرغىنىچە مەھەللىگە قاراپ ئۇچتى. ئۇ مەھەللىگە كېلىپ ھەيران قالدى. كىچىككىنە بازار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىۋالغان ئادەملەر توپىنىڭ شادىيانە ئۇسۇللىرى بىلەن قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بىر چەتتە يارىشىملىق ماش رەڭ ھەربىي فورما كىيگەن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى ھۆرلۈكنىڭ خۇشاللىقىدا ئۆزلىرىنى قويارغا يەر تاپالماي قېلىۋاتقان خەلقنىڭ شادلىقىغا جۆر بولماقتا ئىدى. تۇيۇقسىزلا توپ ئىچىدىن « دادا ! » دېگەن ئىنتايىن جاراڭلىق ھەم ئاسايىشلىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.ئارقىدىن ئالاماننىڭ « قادىراخۇن ! » دېگەن چۇقان – سادالىرى ئىچىدە قادىراخۇن ئۆزىنىڭ گۈپ – گۈپ دەسسەپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان خەلق ئىچىدە كۆردى. ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياش، ئۇنىڭ بارىلىق دەرت – ھەسرەتلىرىنى پاك – پكىز يۇيىۋەتمەكچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەنە شۇ كۈندىكى خۇشاللىق شادىيانىسنى بۇ يۇرتتا ياشىغان ئاۋام يېقىنقى كۈنلەرگىچە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلىشىپ كەلگەن ئىدى.

ئاپتور:موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك ئاقىللار مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى
تېلفۇن:    15022883346

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-20 13:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن "ئىزگۈگە" كىرگەن ئەسىرىڭنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  پوۋىستنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئەسەرنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەرلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. قەلىمىڭگە نۇسرەت تىلەيمەن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش