كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 0

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
image001.jpg
   
   ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى 1963-يىلى 5-ئايدا دۆربىلجىندە تۇغۇلغان. 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2001-يىل 2-ئايغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەم قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.«قاراماي مائارىپ ژورنىلىرى»نىڭ   باش مۇھەررىرى  ۋە «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.
      ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى قەشقەر پېداگوكىكا ئىنىستوتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا يازغان «بومبا»ناملىق قىسقا شېئىرى بىلەن باشلىغان.
شۇندىن باشلاپ،ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاپتونۇم رايوندىكى گېزىت-ژورباللاردا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 90-يىللاردا «تارىم ژورنىلى»كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىنغان بىرقاتار شېئىرلىرى ۋە ‹‹مەن شۇنداق شائىر››، ‹‹ئۈچۈنچى يېقىلىش››،‹‹باھارىستان›› قاتارلىق داستانلىرى كىشىلەرنىڭ ئالىقىشىغا ئېرىشكەن.ئۇ شېئىردىن باشقا ھېكايە،چۆچەك ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ،بۇ جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.ئۇنىڭ «غايىۋىي دەرىسخانا»ناملىق ئىجادىي بالىلار چۆچىكى  «12-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
سەبىيلەر چۆچەك-رېۋايەتلەرگە مەپتۇن بولغاندەك ئۇمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇرچە ئوتوپىيەسىگە ئاشىق بولسا كېرەك .ئۇنىڭ ‹‹غايىۋى دەرسخانا ›› ، ‹‹ ئەتىرگۈل خانىش›› ، ‹‹ سېلىم بوۋاي ۋە ئۇنىڭ جەرەنلىرى›› ناملىق قىسقا چۆچەكلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالدى.ئۇنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي يېزىۋاتقان بالىلار چۆچەكلىرى 2005-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ‹‹ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى ›› نامىدا ئايرىم  كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى.ئۇنىڭ بۇ تۇنجى كىتابى ‹‹شىنجاڭ ئاخپارات – نەشرىياتچىلىقى ›› ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا، خەۋەر قىلىنىشىچە، ‹‹ 2006يىللىق ئاندېرسۇن خەلقئارا بالىلار ئوقۇشلۇقى شەرەپ مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان دۇنيا بويىچە 23پارچە كىتابنىڭ بىرى بوپتۇ. بۇ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش .
ئۇ يەنە 2007-يىلدىن باشلاپ چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق قارامايدىكى ‹‹شەيتانكەرىش›› (ئالۋاستى شەھىرى )  ،جەرەنبۇلاق قاتارلىق جايلاردىكى رېۋايەت ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان سىرلىق تۈستىكى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ،  « بۆرە بۇلاقتىكى ئارزۇ » ناملىق ئۆزگۈچە تۈسكە ئىگە   فانتانزىيىلىك رومانىنى   يازدى.
    ئۇ  ھازىرقى بالىلار  مۇھتاج بولىۋاتقان ئەدەبىيات ئۈستىدە كونكېرت ئىزدىنىپ، «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «چۆمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «بوستان چاچ ھەققىدە» ناملىق ئىجادىي بالىلار چۆچەكلىرى كىتابلىرىنى كەينى-كەينىدىن نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتابلار ئىچىدە «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»  ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى نەشىر بويۇملىرىغا مەخسۇس مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش تۈرىدىكى كىتاب بولۇپ قالدى. 2012-يىلى يەنە ئۇنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى يەنى  " ئادەم بەدىنى"،پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش"،تەكلىماكان" قاتارلىق كىتابلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ كىتاپ ئىپادىلەش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، تەسەۋۋۇرغا بايلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغىنىڭ موللىقى، بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلىقى، تىلىنىڭ يەڭگىل، ئاممىباپلىقى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا بەلگۈلۈك دەرىجىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرلۇشىغا كىرگۈزۈلدى ھەم 50 مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلدى.  بۇ كىتابلار ئۈستىدە شىنجاڭ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «سىرداشلار چايخانىسى» پروگىراممىسى ئاپتورنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
     يازغۇچى 2012-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى  «مەدەنىيەت بوستانى»غا تەكلىپ قىلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ئۈستىدە كەڭ كۇشادە  توختالدى.
    شائىر ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تونۇلغان مائارىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى قېتىم  يەنى 2003-يىلى ۋە 2009-يىلى يېڭى دەرس ئىسلاھىتى بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ  تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى  تۈزۈشكە تەكلىپ قاتناشتى.
    2009-يىلى ئۇنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلانغان "ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى"ناملىق ئىككى كىتابى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
يېقىندا يەنە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش تەجىربىلىرىگە ئاساسەن، بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىزدىنىپ،بالىلار تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان،كىتابنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە خەت يازغىلى بولىدىغان،مىڭدىن ئارتۇق تاق سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن «قولاي ئېلىپبە» ناملىق يەرلىك ئېلىپبە  دەرسلىكىنى تۈزدى،بۇ يەرلىك دەرسىلىك قارامايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىناق قىلىنماقتا.
    يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  نۆۋەتتە، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى »ناملىق پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقىنىڭ داۋامىنى يازماقتا، 2012-يىل 4-ئايدا بۇ يۈرۈشلۈك ئىلمىي فانتانزىيەلىك ئەسەرنىڭ «ئادەم بەدىنى»،«تەكلىماكان»،«پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق دەسلەپكى ئۈچ كىتابى نەشر قىلىنغان ئىدى. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەم  2015 –يىلنىڭ باشلىرىدا، يازغۇچىنىڭ ئاشۇ يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ داۋامى بولغان  «ئالەم »،« مىكرو ئالەم»، «قارا ئۆڭكۈر» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. يېقىندا يازغۇچى  يەنە "گېن"،"ماشىنا ئادەم "،" باشقا پىلانىت ئادىمى" قاتارلىق ئۈچ كىتابنى يېزىپ تاماملاپ،نەشىرياتقا  تاپشۇردى.بۇ كىتابلار پات ئارىدا نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
يازغۇچى يېقىندا "شەھەرگە كىرگەن بۆرە "ناملىق  بالىلار رومانىنى تاماملاپ، نەشىرىياتقا تاپشۇردى.
        ئۇ يەنە يېقىندا  «دىللارغا ياغقان باھار ناخشىسى» ناملىق كىتابىنى نەشىرياتقا تاپشۇردى.بۇ كىتاب يازغۇچىنىڭ  راست ئىشلار خاتىرىسىغا تەۋە  تۇنجى  كىتابى ھېسابلىنىدۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش