كۈتۈشلەردىن ياراتتىم ئۆلگە
ئەنۋەرجان ساۋۇت
چۆكتى تۈننىڭ قارا كۆكسىگە،
ئۇيالغانچە ئاستا تولۇن ئاي.
يۇلتۇزلارنىڭ كۆزلىرى خىرە،
ياش تۆكىدۇ ئۈنسىز قىيالماي.
ئېھ نازلىنىپ ياتقان بارخاننى،
سۆيۈپ ئۆتەر ئىزغىرىن شامال.
چاقىرغاندا سەرۋىنازىمنى،
ئېقىپ كىردى سۇيۇق بىر خىيال
يانۋاردىكى ھېجران چېچەكلەپ،
كىرەلمىدىم فېۋرالغا تېخى.
سېغىنىشىم ياغار لەپىلدەپ،
ئۇچار ھەريان پىراقنىڭ ھېدى.
دىسەم سېنى مەڭگۈ سۆيگۈنۈم،
دىلىم يايراپ بەرنالىقىڭدا.
تەشنالىقىم بېسىقماس گۈلۈم،
بۇ تېنىڭنىڭ باياۋىنىدا.
كۈتۈشلەردىن باشلىنار ھەر كۈن،
كۈتۈشلەرنى ئۇلىدىم تۈنگە.
كۈتۈشۈمدىن پارلايسەن گۈلگۈن،
كۈتۈشلەردىن ياراتتىم ئۆلگە.
تەييار قىلدىڭ كۈتۈشلەردىن دار،
ئىدى قەلبىڭ سۆيگۈ بۇلىقى.
ۋەيا كۆيۈپ كەتتىمىكىن يار،
بۇ كوچاڭنىڭ سۆيگۈ چىرىقى.
2016-يىلى 9-فېۋرال، سەيشەنبە.
|