يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 6

ئېزىزجان تۇردى(ت): ئو.ھېنرى ـــ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 00:37  


تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال

ئو.ھېنرى (ئامېرىكا)

ئېزىزجان تۇردى تەرجىمىسى

تورىس چاندېرى ئەپەندى ھېلىقى كارىدوردىكى كاتەكچىسىمان ياتاق ئۆيىدە كەچلىك مۇراسىم كىيمىنى دەزماللاۋاتاتتى، كىيمگە كۆڭۈلدىكىدەك قىر چىقىرىش ئۈچۈن دەزمالنى كۈچ بىلەن سيرىيتتى. بىز ئۇنى قايتا كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ ناھايتى رەتلىك ياسانغان بولۇپ، خۇددى تىپىك نيو يورك بەگزادىلىرىدەك تولىمۇ سالاپەتلىك ھالدا ياتاقنىڭ پەلەمپىيىدىن چۈشۈۋاتقان  بولۇپ، سەل زېرىكىشلىك كەيپىياتى بىلەن كەچلىك ئويۇن-تاماشا ئىزلەپ چىقىپ كەتتى.
چاندېرى ھەر ھەپتىدە 18 دوللار ئىش ھەققى ئالاتتى. بىر ئارخىتېكتورلوق ئورنىدا خىزمەت قىلاتتى. ھەر ھەپتىلىك  كىرىمىدىن بىر دوللارنى ئېلىپ قويۇپ، 10 ھەپتىدىن كېيىن، يىغقان بۇ پۇللىرىنى بىر ئاخشام مۆتىۋەرلەرچە خەجلەيتتى. مىليونىر ياكى باش دېرىكتوردەك ياسىنىپ ناھايتى ھەشەمەتلىك سورۇنغا بىر قېتىم بېرىپ، بىر ۋاق ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن تەييارلانغان كەچلىك تاماق يەيتتى. ھەر 70 كۈندە بىر قېتىم بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتكەن كېچىلەردىن شادلىققا چۆمگەن بىر كېچىنى چىقىرۋېلىش چاندېرى ئۈچۈن چەكسىز بەخت ھېسابلىناتتى.
چاندېرى بىر دوقمۇشتا توختاپ، دائىم بەتخەجلىك بىلەن بۇزۇپ چاچىدىغان ھەشەمەتلىك مېھمانسارايغا بېرىش-بارماسلىق توغرىسىدا كۆڭلىدە چوت سوقۇۋاتاتتى، بىر قىزچاق يېنىك قەدەملىرى بىلەن دوقمۇشتىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈۋېتىپ قېتىپ كەتكەن قار پارچىسغا دەسسۋېلىپ تېيىلىغنىچە گۈپلا قىلىپ پىيادىلەر يولىغا يىقىلىپ چۈشتى. چاندېرى دەرھال كۆيۈنگەن ھالدا سىپايىلىك بىلەن ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.قىزچاق ئاقسىغىنچە مېڭىپ بىر ئۆينىڭ تېمىغا يۆلىنىپ سالماق ھالدا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى.
-ئېھتىمال ئوشۇقۇم زەخمىلەندى بولغاي،-دېدى ئۇ،-يىقىلىپ چۈشكەندە قايرىلىپ كەتتى.
-بەك ئاغىرىۋاتامدۇ؟- دەپ سورىدى چاندېرى.
- كۈچىگەن ۋاقتىمدىلا ئاغرىيدىكەن، مېنىڭچە بىر ئازدىن كېيىن ماڭالايمەن.
-ناۋادا يەنە مەن ياردەم قىلدىغان يەرلەر بولسا-دېدى چاندېرى مەسىلھەت كۆرسىتىپ-دېمەكچى بولغىنىم بىرەر ماشىنا ياللىساق ياكى باشقا ئىشلار بولسا...
-رەھمەت،-دېدى قىزچاق ئايانچلىق ئاۋازدا-سىز ھەرگىزمۇ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ، ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىمدىن بولدى.
چاندېرى ئۇ قىزچاققا سەپسېلىپ قارىغاندىن كېيىن ئۆزىدە تېزلا ئۇ قىزچاققا قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭدا بىر خىل نازۇك گۈزەللىك بار ئىدى، كۆزلىرىدىن بىر خىل خوشاللىق ھەم مېھىرىبانلىق چاقنايتتى. بېشىدىن ئۇچىسىغىچە ئاددىغىنە قارا كىيىم كىيۋالغان بولۇپ،  ئادەتتىكى دۇكان مۇلازىملىرىدەك ياسىنۋالغان ئىدى. بېشىدىكى ئەرزان قارا شىلەپىسىدىن يالتىراپ تۇرغان قېنىق قوڭۇر چاچلىرى چىقىپ تۇراتتى، شىلەپىسىدە باشقا زىننەت بۇيۇملىرىمۇ يوق، پەقەتلا بىر تال كېپىنەك شەكلىدە چېگىلگەن لېنتا بار ئىدى.
ياش ئارخىتېكتورنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولدى: بۇ قىزچاقنى ئۆزى بىلەن بىرگە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولدى. ئۇ بۇ قىزچاقنىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى، ئۇنىڭ پوزىتسيسى ۋە گەپ-سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇ مەيلى قانچىلىك ئاددي-ساددا ياسانسۇن، چاندېرى بۇ قىزچاق بىلەن بىرگە تاماق يېيشنىڭ ناھايتى كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
-مېنىڭچە،-دېدى ئۇ سالماق ھالدا،- پۇتىڭىزنى ئارام ئالدۇرمىسىڭىز بولمىغۇدەك، بەلكىم سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىن ئوزۇنراق ۋاقىت كېتەر. مەن ھازىر سىزگە زىخمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر چارىنى كۆرسىتەي، پۇتىڭىزمۇ ئارام ئالسۇن، ماڭىمۇ بىر ئىلتپات كۆرسىتىپ قويۇڭ. مەنمۇ ھازىر ئۆزۈم يالغۇز تاماق يېگىلى بارماقچىدىم، ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىرگە بېرىڭ، بىز ھوزۇرلىنىپ بىرگە غىزالىنايلى، كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشايلى. غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭچە قايرىلىپ كەتكەن پۇتىڭىز خوشال-خورام ھالدا سىزنى ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ قويالايدۇ.
قىزچاق لەپپىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ چاندېرىنىڭ چىرايلىق، مۇلايىم يۈزىگە قارىدى. قىزچاقنىڭ كۆزلىرىدىن يالىتتىدە بىر نۇر چاقناپ گۆدەكلەرچە كۈلۈمسىرىدى.
-بىز تونۇشمايدىغان تۇرساق، بۇنداق قىلساق تازا ياخشى بولماسمىكىن؟-قىزچاق ئارىسالدى بولۇپ قالغاندى.
-بولمايدىغان نېمىسى بار؟-ياش يىگىت ئۇدۇللا سۆزلەشكە باشلىدى،-ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىڭ، ئىسمىم تورس چاندېرى، مەن چوقۇم بۇ بىر ۋاق غىزادىن بىزنىڭ ناھايتى رازى بولۇشىمىزغا تىرىشىمەن، ئاندىن كېيىن سىز بىلەن ئايرىلىپ خوشلىشىمەن ياكى سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىمەن، سىزنىڭ قانداق قىلغۇڭىز كەلسە شۇ بويىچە بولسۇن.
-ئەستا،-قىزچاق چاندېرىنىڭ ئېسىل ئۈستىباشلىرىغا بىر قاراپ قويدى،-قارىڭە، مەن موشۇ كونا كىيىملىرىم، كونا شىلەپەم بىلەن تاماق يېگىلى بارىمەنمۇ؟
-ئۇنداق بولسا نىم بوپتۇ،-چاندېرى زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ كەتتى،-مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىزنىڭ بۇ ئۈستىباشلرىڭىز ھەرقانداق بىر كىينىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان زىياپەتكە قاتنشىدىغانلارنىڭكىدىنمۇ سالاپەتلىك تۇرىدۇ.
-پۇتۇم يەنىلا ئاغىرىپ تۇرىدۇ،- قىزچاق بىر قەدەم مېڭىپ سىناپ بېقىپ ئېتىراپ قىلدى،-مېنىڭچە تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلسام بولغۇدەك چاندېرى ئەپەندىم. مېنى مارىئاننا خانقىز دەپ چاقىرىڭ.
-ئەمىسە ماڭايلى مارىئاننا خانقىز،-ياش يىگىت ناھايتى كۆتىرەڭگۈ ھەم ئەدەبلىك بولۇپ كەتكەندى،-سىزنى كۆپ ماڭدۇرمايمەن،بىر كوچا ئېغىزىدىن ئۆتسەكلا ناھايتى ئوبدان ئاشخانىدىن بىرسى بار. بېلىكىمگە يۆلىنۋېلىڭ، توغرا، ئاستىراق ماڭايلى. بىر ئادەم غىزالانسا ھەقىقەتەن بەك مەنىسىز، سىزنىڭ مۇزدا تېيىلىپ يىقىلىپ كەتكىنىڭىزنىڭ  ئاخىردا ماڭا پايدىسى بولدى.
بۇ ئاشخانىنىڭ ھەشەمەتلىكى ئۇ ئىزچىل ياقتۇرىدىغان برودۋېي كوچىسىدىن سەل ئۆتكەندىن كېيىنكى يەنە بىر ئاشخانىغا يەتمەيتتى، ئەمما ھېچقانچە پەرقىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ ئۈشتىباشلىرى ئانچە قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇپ كەتمىسىمۇ ئەمما بويلىرى زىلۋا، چىرايى ۋە پۈتۈن تېنىدىن بالقىپ تۇرغان جازبىدارلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئىدى. شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولدۇكى، قىزچاق چاندېرىنىڭ روھلۇق، سەمىميلىك چىقىپ تۇرغان كۆكۈچ كۆزلىرىگە باققىنىدا غۇبارسىز چىرايىدىن بىر خىل ئامراقلىق چىقىپ تۇراتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مارىئاننا خانقىزغا كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرى، ئولتۇرۇشلار، گولف توپ مەيدانى توغرىسىدا لاپ ئېتىشقا باشلىدى، شۇنداقلا لارچمونت پورتىدا توختىتپ قويۇلغان شەخسىي ساياھەت كېمىسى توغۇرلۇقمۇ پۇرىتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ئاخىرى چىقماس پاراڭلارنىڭ ئۇنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدىغانلىقىنى بايقاپ، ئىشەنچلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ناھايتى بايلىقىدىن ئىشارەت بېرىپ گەپ توقۇشقا باشلىدى. بۇ چاندېرى ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا، تەستە كېلىدىغان پۇرسەت ئىدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمكانقەدەر ئەڭ زور چەكتە خوشاللىققا ئېرىشمىسە بولمايتتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇپ ئۆزى بىلەن بارلىق شەيئىلەر ئوتتۇرسىدا بىر تۇمان پەيدا قىلۋاتاتتى، شۇنداق بولسىمۇ بىر-ئىككى قېتىم بۇ قىزچاقنىڭ سەبىيلىكنىڭ تۇمانلار ئارىسىدىن تېشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-سىز ئېيتقان بۇ خىل تۇرمۇش،-دېدى ئۇ،-ئاڭلاپ باقسام تولىمۇ قۇرۇق، تولىمۇ ئەھىمىيەتسىز ئىكەن، ئەجىبا بۇ جاھاندا باشقا خىزمەت سىزنى قىزىقتۇرالمامدۇ؟
-سۆيۈملۈك مارىئاننا خانقىز،- ئۇ كۆپۈشۈپ كەتتى،-خىزمەت دەمىسىز، ئويلاپ بېقىڭ، ھەر كۈنى غىزالىنىش ئۈچۈن كىيىم ئالماشتۇرىسىز، بىر چۈشتىن كېيىن  بەش-ئالتە يەرگە بارىسىز، ھەر بىر دوقمۇشتا سىزگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ساقچىلار بار، ئەگەر سىز ماشىنىڭىزنى ئېشەك ھارۋىسىدىن تېزراق ھەيدەپلا قويسىڭىز ئۇلار دەرھال ماشىنىڭىزنى قوغلاپ سىزنى ساقچى ئىدارىسىغا ئاپىرىدۇ. بىزگە ئوخشاش بىكار كىشلەر جاھاندىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت قىلغۇچىلارمىز.
كەچلىك غىزالىنىش تۈگىدى، چاندېرى مەرتلىك بىلەن كۈتكۈچىنى يولغا سېلىۋەتتى. ئۇلار باياتىن كۆرۈشكەن دوقمۇشقا كەلدى، بۇ ۋاقىتتا مارىئاننا خانقىزمۇ خېلى ئوبدان ماڭغۇدەك بولۇپ قالغاندى، پۇتىدا بىرەر قولايسىزلىقمۇ كۆرۈنمەيتتى.
- سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزگە رەھمەت،-دېدى ئۇ سەمىميلىك بىلەن،-مەن دەرھال  ئۆيگە قايتىشىم كېرەك. بۈگۈنكى تاماقتىن ناھايتى ھوزۇرلاندىم چاندېرى ئەپەندى.
ئۇ سەمىميلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنچە ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى، ئۇ ئۇنىڭ ئۇزاپ كېتىۋاتقان سىيماسىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، شەرق تەرەپكە ئۇچقاندەك بېرىپ بىر ئات ھارۋىسىنى ياللاپ ئاستاغىنە ئۆيىگە قايتتى.
ئۇ يەنە ئاشۇ سوغۇق ھۇجىرىسىدا كەچلىك مۇراسىم كىيمىنى ئوبدان ساقلاپ قويدى، ئۇنى يەنە 69 كۈن ئارام ئالدۇرۇشى كېرەك. قالتىس قىزچاقكەن ئۇ،-دېدى ئۆز-ئۆزىگە غودۇراپ،-ئۇ قىزچاق ياشاش ئۈچۈن ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ قەسەم قىلمەنكى ماڭا ماس كەلمىگۈدەك. ناۋادا مەن ئۇنداق قالايمىقان جۆيلىمەي راست گەپنى دېگەن بولسام بەلكىم بىز... بىراق، ئىشىنى قىلسۇن! دېگەن سۆزلىرىم ئۈستىباشلىرىمغا ماس كەلگەن تۇرسا.
ئۇ قىزچاق ئۆزىنى تاماققا تەكلىپ قىلىغان كىشى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، تېزلىك بىلەن شەھەردىن چىقىپ ناھايتى چىرايلىق، جىمجىت بىر ئالىي داچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالدىراش ھالدا كىرىپ كەتتى، ھەمدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە چىقتى، ناھايتى پوزۇر كىيىنگە گۈزەل بىر قىزچاق تىت-تىت بولغان ھالدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتى.
  -سەن جۇۋاينىمەكنى قارا،- دېدى يېشى ئۇنىڭدىن سەل چوڭراق كېلىدىغان قىزچاق،-سەن داۋاملىق مېنى موشۇنداق ئەنسىرىتىسەن، قاچانمۇ ئۆزگىرەسەن؟ يىرتىق كونا كىيملەرنى ، مارىنىڭ شىلەپسىنى كىيىپ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرگىنىڭگە ئاللىبۇرۇن ئىككى سائەت بولدى، ئاپام ئەنسىرەپ لۇئىسنى ماشىنا بىلەن سېنى ئىزدەشكە ماڭغۇزدى.
-مېنى ئالغىلى بارمىسىلا بولمىدىمۇ ئاچا، مەن شۇ پەقەتلا شاۋ خانمىنىڭ دۇكىنىغا بىر قېتىم باردىم، ئۈستۈمدىكى كونا كىيىملەر بىلەن مارىنىڭ شىلەپىسى بەكمۇ ماسلىشىپتۇ، مېنى كىملا كۆرسە دۇكان مۇلازىمى ئوخشايدۇ دەپ ئىشنىپ قالىدۇ دېگىنە!
-قەدىرلىكىم، كەچلىك تاماقمۇ تارتىلىپ بولدى، سىرتتا بەك ئوزۇن تۇرۇپ قالدىڭ.
-مەن بىلىمەن. پىيادىلەر يولىدا پۇتۇمنى قايرىۋېلىپ ماڭالماي قېلىپ، بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، پۇتۇم سەل ياخشى بولغاندا ئاندىن قايتىپ كەلدىم.
ئىككى قىزچاق دېرىزە تۈۋىدە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كوچىغا قارىشىپ تۇراتتى.
-ئىككىمىز ھامان بىر كۈنى توي قىلىمىز،- دېدى ئۇ خيالغا چۆككىنىچە،- بىزگە ئوخشاش پۇلى بار ئادەملەرگە جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆز سالىدۇ، بىز كۆپچىلىكنى ئۈمدىسزلەندۈرۈپ قويساق بولمايدۇ، مەن ساڭا قانداق ئادەمنى ياخشى كۆردىغىنمىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ ئاچا؟
-قېنى دېگىنە ئەخمەق قىز؟- يەنە بىرسى كۈلۈپ كەتتى
-مەن مۇلايىم كۆپكۆك كۆزلۈك بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالارمەن، ئۇ چىقىشقاق، نامرات قىزلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىمۇ چىرايلىق ھەم خۇشپېئىل، ھىيلە-مىكىر بىلەن كىشنى ئازدۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىدۇر بەلكىم. بىراق ئۇ بۇ جاھاندا ياشىغانكەن ئىرادىسى، نىشانى، قىلدىغانغا خىزمىتى بولسا مەن ئاندىن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياردەم قىلىمەن، ئۇنىڭ قانچىلىك نامراتلىقىغا پەرۋا قىلمايمەن. بىراق بىز داۋاملىق ئالاقە جەريانىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلاغا ئۇچىرايدىكەنمىز، ئۇنىڭ كۆزى كۆك، كوچىدا ئۇچىرىغان نامرات قىزلارغا ھەرقانچە مۇلايىم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ خىلدىكى ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىم كېرەك.

خەنزۇچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 17:58:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقان قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن. بۇ تەرجىمىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك ژۇرناللارغا يوللاپ باقسىڭىزمۇ بوپتىكەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 20:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بىر ئىككى جايلىرىنى تۈزىتىپ ژۇرنالغا بېرىۋەتتىم.

ۋاقتى: 2016-2-11 21:21:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azizjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 20:57
بۈگۈن بىر ئىككى جايلىرىنى تۈزىتىپ ژۇرنالغا بېرىۋەتتىم ...

توردا ئېلان قىلىپ بولۇپ ژورنالغا ئەۋەتسىڭىز قانداق بولار؟

ۋاقتى: 2016-2-11 21:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azizjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 20:57
بۈگۈن بىر ئىككى جايلىرىنى تۈزىتىپ ژۇرنالغا بېرىۋەتتىم ...

توردا ئېلان قىلىپ بولۇپ ژورنالغا ئەۋەتسىڭىز قانداق بولار؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 23:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپلا تورغا چىقىرۋەتكەندە باشقىلارنىڭمۇ تەكرار تەرجىمە قىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 23:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ ئەسەر تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەرجىمە قىلۋاتقان ئەسەرلەر توغىرىسىدا ئاز-تولا ئۇچۇر بېرىشىپ تۇرساق بىر ئەسەرنى بىر نەچچە ئادەم تەڭلا قىلىپ قالىدىغان ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلىمۇ بولدىكەنتۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش