يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 6

مەخەت ئابدۇرېھىم(ت): ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 01:06  

ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى (1)
توپلىغۇچى: مەخەت ئابدۇرېھىم

تەننىڭ ساقلىقى- ئۆمۈر بايلىقى،
كۆڭۈل شادلىقى- تەننىڭ يايلىقى.

ساقلىق تىلىسەڭ،كۆپ يىمە،
ھۆرمەت تىلىسەڭ كۆپ سۆزلىمە.

ئات قېرىسا مۈدۈرگەك بولار،
ئادەم قېرىسا مۈگدىگەك بولار.

ئاتىسى ئۆلگەن تېغىدىن ئايرىلار،
ئانىسى ئۆلگەن بېغىدىن ئايرىلار.

ئادەم سۇنى مەينەت قىلار،
سۇ ئادەمنى پاكىز قىلار.

ئاغرىپ ساقايغان جان ئولجا،
يوقىلىپ تېپىلغان مال ئولجا.

ئاغرىققا تەييارلىق ئىشلىمەس،
ئۆلۈمگە ھەييارلىق ئىشلىمەس.

ئاغرىقنىڭ سانجىقى يامان،
سۆزنىڭ ئاچچىقى يامان.

ئاغرىق ئۆرلىسەجېنىڭنى ئالار،
شىپا ئۆرلىسە پۇلۇڭنى ئالار.

ئالما يەپ سۇ ئىچمەڭ، ئاغرىيسىز،
جىگەر يەپ سۇ ئىچمەڭ، سەمرىيسىز.

ئامان بولسا بۇ بېشىم،
يەنە چىقار شۇ چېچىم.

ئەت يېرىلماي قان چىقماس،
ئەجەل يەتمەي جان چىقماس.

ئەجەل كەلسە جېنىڭنى ئالار،
داخان كەلسە پۇلۇڭنى ئالار.

ئەر ئۆلسە ئۆتىكى قالار،
دەرەخ كېسىلسە كۆتىكى قالار.

ئەر كىشى بىلىدىن قېرىيدۇ،
خوتۇن كىشى گېلىدىن قېرىيدۇ.

ئەمانىڭ تىلىكى كۆز،
گاچىنىڭ تىلىكى سۆز.

ئامانلىقتا ئەر ئۆلمەس،
خامانلىقتا ئات ئۆلمەس.

تەن ساقلىق ئىشتا،
باش ئاغرىق قىشتا.

باش بۇزۇلسا تاز بولۇر،
پاختا بۇزۇلسا ماز بولۇر.

باش ئاغرىقى-غەمدىن،
بەل ئاغرىقى -نەمدىن.

بويۇڭغا قاراپ تون پىچ،
كىسىلىڭگە قاراپ دورا ئىچ.

بۇلاق سۈيى يۈزگە داۋا،
يۈرەككە داۋا ساپ ھاۋا.

بىلىمدىن ئارتۇق دوست يوق،
كىسەلدىن ئارتۇق دۈشمەن يوق.

پاكىزلىك-ھەسەل،
مەينەتلىك-كىسەل.

پاكىزلىك-ساغلاملىقنىڭ دورىسى،
پاكلىق- ھاياتلىقنىڭ جورىسى.

پىيادە يۈرۈمەن دىگىنىڭ،
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈمەن دىگىنىڭ.

تاتلىق مىڭ بولار،
ساقلىق بىر بولار.

تازىلىق بايلىقتىن ئارتۇق،
ساقلىق شاھلىقتىن ئارتۇق.

تاز بېشىغا يېشىل تەلپەك،
قېرى كىشىگە يۇمشاق چەلپەك.

تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ،
ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ.

ساغلاملىق ھەققىدە ھېكمەتلەر
دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 13:30:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادەم ئۆزى دېمەكچى بولغان، لېكىن ئۆزى دېيىشكە قۇربى يەتمەي قالغان، قۇربى يەتمىسىمۇ دېگۈسى كەپلا تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى باشقا بىراۋ دېسە، دېگەندىمۇ شۇنچە پاساھەتلىك دېسە، شۇ مەسىلىنى شۇ كىشى خۇددى ئۆزىگە ۋاكالىتەن يازغاندەك  شۇ كىشىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. شۇنداق، مەن ئۆزۈمگە تېتىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئالدى بىلەن ئاپتورغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.  يازغۇچىلار تورىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، تىرىشچان قەلەمكەش مەخەتجان ئەپەندىنىڭ يېقىننىڭياقى تورغا يولغان ئەسەرلىرى مەندە ئەنە شۇنداق يېقىملىق تەسىر قوزغىماقتا. مەخەتجان ئەپەندىنىڭ يورغا يوللىغان «ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى » ناملىق بۇ تېمىسىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. گەرچە بۇ تېما مەخەتجان ئەپەندىنىڭ شەخسەن ئىجادىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ۋە ئەجىر قىلىپ بىر- بىرىدىن ئېسىل، ماقال- تەمسىلنى يىغىپ بىزلەرگە سۇنۇپتۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مەئەييەن نۇقتىدىن بىر خىل يېزىقچىلىق. مۇنداق يېزىقچىلىقنى قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس.  بىز ئەسەرلەرنى نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟ ئەلۋەتتە ھەر ئادەم ھەر خىل مەقسەتتە يازىدۇ. لېكىن، خەلقمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ نەپ بېرىپ قالسىكەن دېگەن مەقسەتتە يېزىلغان ئەسەر ھەر قانداق ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ دېسەك خاتا بولماس. ھالبۇكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئەسەر يېزىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئاۋام نېمىنى ئويلىسا، شۇ تېمىنى تاللاپ ئەسەر يېزىش ئەلۋەتتە بەلگىلىك بىر غۇرۇر تەلەپ قىلىدىغان ئىش. مۇنداق غۇرۇرلۇق قەلەمكەشلەردىن ھامان تەربىيەۋى قىممىتى بار ئەسەرلەر زاھىر بولىدۇ. مەن مەخەتجان ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۈزۈكسىز داۋاملىشىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 15:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 13:30
ئادەم ئۆزى دېمەكچى بولغان، لېكىن ئۆزى دېيىشكە قۇربى  ...

ھۆرمەتلىك ئىمىر غىياس ئەپەندىم،ماڭا ھەر جەھەتتىن ئېلھام بەرگەنلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

ئۆزلىرى دىگەندەك ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەر يېزىشتىن مەخسەت ئۆزىنىڭ ئوي پىكىرلىرىنى ئوقورمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش،ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى،

ئىجتىمائى تۇرمۇشنى خىيال قىلماق ئاسان،
ئەدەبى ئەسەر قىلىپ يازماق تەس.
ئەسەرنى ئوقۇماق ئاسان چۈشەنمەك تەس.
مەزمۇننى خىيال قىلماق ئاسان ئىشەنمەك تەس.
ئۇچراشماق ئاسان گەپلەشمەك تەس،
ئۇرۇشماق ئاسان ئەپلەشمەك تەس. تەس دىسە.....

ۋاقتى: 2016-2-12 13:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەخەتجان ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2016-2-12 13:33:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەخەتجان ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2016-2-12 13:43:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىر- بىرىدىن ئېسىل ، ئوقۇسا ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كەپلا تۇرىدىغان ، ئادەمگە بەلگىلىك بىلىم ئۆگىتىدىغان بىر تۈركۈم ، ئېسىل ماقال-تەمسىللەرنى رەتلەپ چىقىپسىز ، تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن .تىرىشچانلىقىڭىزغا بەكمۇ قايىلمەن ، اھارمىغايسىز !!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 00:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمەر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 01:43 PM
ھەقىقەتەن بىر- بىرىدىن ئېسىل ، ئوقۇسا ئادەمنىڭ ئوقۇغۇس ...

ئېلھام بەرگەنلىرىگە رەھمەت،ئۇكام ئۆمەرجان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش