بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-10 14:48
بىغۇبار ھېسلار
ئۈمىدجان قادىرى
كۆڭلۈم باغلىرى
بىر سۆزۈڭدىن مۇپتىلا مۆلدۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى،
يەتمەيىن قىلغاي نىدا ئەنجۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى.
ئاھ بورانلىق تۈن ئارا شاختىن يوپۇرماق ئاجرىغان،
مىسلى گۈلزارلىق چۈشۈم تەتۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى.
توپىدا ئىڭراپ يۈرەر ئارمان قاناتى قايرىلىپ،
قىلدى روھىمنى قامال ئۆڭكۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى.
ياش تۆكۈپ ئۆتمەكتە كۈن ھەردەم گۇگۇمدا مۇڭلونۇپ،
تۆكىنىم ھىجرانغا سىر ئۆلگۈرگە، كۆڭلۈم باغلىرى.
بەك كۆرەڭلەيدۇ شۇتاپ تۇرمۇش ھەزىلچى سېھرىدىن،
ئوخشىماس ئۈنلەر بىلەن دۆندۈرگە، كۆڭلۈم باغلىرى.
بىر كۈنى ھەسرەتلىرىڭ كەلسە قۇلاققا ئېھتىمال،
ئۆتنە ئالەمدىن بايان سەزگۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى.
ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرەر ھەر تاڭ ئۈمىدجان تاپمايىن،
قايتىدىن يەتكۈز دىبان ئۆسمۈرگە كۆڭلۈم باغلىرى.
قىشتىكى سەھرا
ئانا سەھراغا كۆك سەتھى ئاياشسىز چاچتى ئاقلارنى،
قىلىشتى بىغۇبار قارلار كۇرۇسلۇق يەرنى،شاخلارنى.
سۈكۈتتە تىپ-تىنىچ كولا،ئۇيۇشقان چەشمىلەر ئالماس،
ئامالسىز قېرى تۈگمەنچى ئارامغا قويدى چاقلارنى.
بولۇشقان نەگىدۇ غايىپ غازاڭسىز جىگدىدىن قۇشلار،
سۆيۈشمەس ئاي بىلەن مەشرەپ قىلىپ ئاشكارە تاقلارنى.
دەرەخكە يامىشىپ چاڭگا گويا تەلپەكنى ئەسلەتكەي،
ئۇچۇم ئەيلەشتە كاككۇكنى يولاتماي قىلچە داقلارنى.
پاراتتا بۇندا كۆك مۇزدا بوغۇنلار ھەيدىگەن چاڭغا،
نىشانغا چاپچىغان ئاتتەك،دېگەي توختاشقا«ياق!»لارنى.
غۇۋا نۇر ئىلكىدە قازناق،ھارارەت مېھرى زەپ ئىللىق،
يېنىنى قاقلىغاچ مەشكە ئانام ئىلغايدۇ قاقلارنى.
ئەجىرنىڭ قەنتىنى چايناپ پەدەر ياستۇققا قيسايغان،
ئۈمىدجان كۈيلىگەي قىشتا بۇدەم سەھرادا ساقلارنى.
2016.يىل 10.فىۋرال پىيالما.