بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-11 01:02
ئادەم بىلەن مايمۇنننىڭ ھېكايىسى
ساۋ نەنسەي
ئابلەھەت باھايىدىن تەرجىمىسى
بۈك – باراقسان ئورمانلىقتا بىر قېرى مايمۇن تۇرىدىكەن . بۇ مايمۇن دائىم ئاجايىپ سېھرىي كۈچۈم بار دەپ قارايدىكەن . بىر كۈنى ، بىر شەھەرلىك ئادەم ئورمانلىقتا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ بۇ قېرى مايمۇنغا ئۇچراپ قاپتۇ . قېرى مايمۇن بۇ كىشىنى ئورمانلىقتىن چىقىرىپ قويۇشقا ماقۇل بولۇپتۇ .
-لېكىن سەن ماڭا بويسۇنۇشىڭ كېرەك ، شۇنداق قىلساڭلا ساڭا ياردەم قىلىمەن . - دەپ شەرت قويۇپتۇ قېرى مايمۇن .
قېرى مايمۇننىڭ سېھرىي كۈچى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، ھېلىقى شەھەرلىك ئادەم راستىنلا ئۆز ئىختىيارىي بىلەن مايمۇننىڭ قۇلىغا ئايلىنىپتۇ ، مايمۇن ھەر كۈنى شەھەرلىك ئادەمگە خالىغانچە يول كۆرسىتىدىكەن ، مايمۇن شەھەرلىك ئادەمنىڭ بوينىغا مىنىۋېلىپ ئىچ – پۇشىقىنى چىقىرىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن .
كېيىن ، ئورمانلىققا بىر توپ ئوۋچى كېلىپتۇ . ئوۋچىلار بىر مايمۇننىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ھاڭ – تاڭ قېلىشىپتۇ . ئوۋچىلار مايمۇننى تۇتۇۋاپتۇ ، مايمۇن ۋە ھېلىقى ئادەمنى بىرگە شەھەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ . ھېلىقى ئادەمنى ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ ، مايمۇننى ھايۋاناتلار باغچىسىغا سولاپ قويۇپتۇ .
ھېلىقى ئادەم شەھەرگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، دەرھال مايمۇننىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ قايتا ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ . ئۇ دائىم ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ ھېلىقى مايمۇننى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ ، بۇ ئادەم ھېلىقى مايمۇنغا غەزەپلەنگەن ۋاقىتتىمۇ يەنىلا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ قاراپ قويىدىكەن ، بانان شۆپۈكى تاشلاپ بېرىدىكەن ، لېكىن بۇ مايمۇن نېمە ئۈچۈن شەھەرلىك ئادەمنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئەخمەق قىلغاندۇ ؟
تۇرمۇشتا مۇشكۇلاتلارغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش تەس ، لېكىن مۇبادا بىز مۈشكۈل ئۆتكەللەردىن قۇتۇلۇش ئارزۇيىمىزنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگىلا يۈكلەپ قويغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايلا قالماستىن ،بەلكى ئۆزىمىزنى ۋە ئىززەت - ئابرويىمىزنى يوقتىپ قويىمىز.
《中国剪报》‹‹ جۇڭگو قىيما گېزىتى ›› نىڭ 2015- يىل 8- يانۋار سانىنىڭ 5- بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى .