كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 9

پەرھات ئەمەت: ياخشى يېزىلغان بىر ھىكايە ـــ «ئېرىمنىڭ قارا قۇتسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-11 01:11  

ياخشى يېزىلغان بىر ھىكايە ـــ «ئېرىمنىڭ قارا قۇتسى»

(قىسقا ئوبزور)

پەرھات ئەمەت

بىر ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مەلۇم يىڭىدىن ئېچىلغان شەخسى كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئالغان ئىدىم،كىتابخانا خوجاينى ماڭا‹ تارىم› ژورنىلدىن بىرنى كۆڭۈل سوۋغا قىلدى.دۇكاندارغا رەھمەت ھەشقاللا ئېيتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،مەن خىلىدىن بىرى گىزىت- ژورنال كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ بۇ ژورنال قولۇمغا چىقشى بىلەن گويا ئوخشىغان تاماق ئالدىغا كەلگەن ئادەم بىسمىللا ديىشنى ئۇنتۇپ تاماققا چۈشكەندەك ۋاراقلاشقا باشلىدىم.شۇنىڭ ئىچىدە زەيتۇنە مەمتىمىن دىگەن ئاپتور قەلىمدىكى ‹ ئېرىمنىڭ قارا قۇتسى› دېگەن ھىكايە دىققىتىمنى  تارتتى. قارىماققا ماۋزۇسى خېلى جەلىپ قىلارلىق ئىدى،قېنى ئوقۇپ باقايچۇدېدىم.
ئوقۇپلا بارغانسىرى قىزىقىپ كەتتىم،ھىكايە باشلىنشىدىلا ئادەمنى جەلىپ قىلاتتى،،ئەسەردە باشقا بىر ھىكايىلەردەك قۇرۇق پاراڭ يوق  بولۇپ خۇددى شېئىرى گۈزەللىكتەك باشقىچە تۇيغۇنى ھېس قىلدىم.ئاپتورنى شئىرى ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللانسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
بۇ ھىكايىمۇ ئوخشاشلا يېقىندىن بىرى  تولا ئەزۋەيلەنگەن  ئائىلە -نىكاھ مەسلىسىگە ئالاقىدار تىما  ئىدى.. شۇنداقتىمۇ بۇ <قارا قۇتا>نىڭ ئىچىدە زادى نېملەر باردۇ؟دىگەن سوئال مىنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى . ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى_ تەكىتلەش ئەمەس تەسىرلەندۇرۇش ،قۇرۇق سۆزلەرنى تىزىپ قويۇش ئەمەس بەلكى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئەڭ يېقىن ئەمما بىز ھېس قىلالمىغان نۇقتىلارنى يورۇتۇپ  دىققەتنى قوزغاش  بولغاچقا ئاپتور ئۆتكۈر نەزىرىنى  ئوخشاشلا ئائىلىگە قاراتقان،ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئائىلدىن ئىبارەت مۇقەددەس ھەم ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان نۇقتىدىن ئۆزگىچە تەرەپلەرنى ،تىپىپ  چىققانلىقى ئاپتورنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۆزگىچە تەرىپىنى نامايەن قىلغان. يەنى مەننىڭ ئىچكى دۇنياسى،ئائىلگە تۇتقان ساپ مۇھەببىتنى  شۇنداقلا ئاياللىق ۋە ئاياللارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى ،ئەپۇچانلىقى،ئەقىل پاراستى بىلەن بىر ئائىلنى قوغداپ قېلىشتەك تەرەپلەر ئىجادىيەت يولى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن..
ھىكايىدە مەن ئائىلسىنى سۆيىدىغان ،ئائىلسى ئۈچۈن بىر ياقتىن خىزمەت ئىشلەيدىغان مەسئۇلىيەتچان ھەم ھىسياتقا باي تىپىك ئۇيغۇر ئايال بولۇپ گەرچە تۇرمۇش قۇرغان ،بىر بالىغا ئاتا- ئانا بولۇشقان بولسىمۇ نىمە سەۋەبتىندۇر ئەر ئايال مۇناسىۋتىدە بىر خىل سوغۇق  كەيىپىات پەيدا بولىدۇ،ئۇ ،ئېرنىڭ بىر ئېغىز ياخشى گېپنى  ئاڭلاشقا  تەشنا بولىدۇ لىكىن ئېغىزدىن چىقرالمايدۇ چۈنكى بۇنىڭغا غورۇرى يول قويمايدۇ،،گەرچە ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا چوڭ مەسلە بولمسىمۇ ،لىكىن ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىدە< مەن>نىكاھ تۇرمۇشىدا بۇرۇنقى رومانتىك تۇرمۇشنىڭ ئازىراق بولسمۇ ساقلىنىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدۇ.ئەرنىڭ قوپاللىقى ۋە ئۆزگىرشلىرنى باشتىن كەچۇرۇپ ،ھەتتا يامانلاپ چوڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىمۇ ،ئائىلسى ئۈچۈن يەنىلا يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتىدۇ،يولدىشمۇ ئايالنىڭ ساداقىتىدىن تەسىرلىنپ  قىلغان ئىشلارغا پۇشايمان قىلسىمۇ لىكىن چاندۇرماستىن بالسىنى ئەركىلتىپ ،بالسىنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،مەنمۇ بۇنى سزىدۇ ۋە ئىككەيلەن يەنە ئىللىق ئائىلسى ئۈچۈن جەم بولىدۇ.
بۇ ھىكايە ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بىرگە- بىر ئۆچ ئېلىش،كەچۇرەلمەسلىك،ئاسانلا قارار چىقىرش ،ئائىلىگە چىن ساداقەت باغلىيالماسلىق قاتارلىق تەرەپلەردە زور تەسىر كۆرستىدۇ،چۈنكى ھىكايىدە گەرچە تەنقىدلەنگەن ئەر يەنى مەننىڭ يولدشىدەك قىلسمۇ ئەمما سىنچىلاپ كۈزەتكەندە بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئېسىل تەرىپى ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ،ھەمدە ۋاستلىق ھالدا ئاياللاردىكى ئائىلە ئۈچۈن ھەقىقى مۇھەببەت بېغشلىماسلىق پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبچىسى ئىكەنلكىنى چۈشەندۇرىدۇ..ئەسەردە ئىچكى مونولۇگ ناھايىتى جانلىق،قىستۇرما مۇھت تەسۋرلىرى جەلپ قىلارلىق  بولۇپ ئاپتورنىڭ
پىشقان قەلىمنى ئىپادىلەيدۇ شۇ سەۋەبتىن بۇ ھىكايىنى مۇۋەپپىقيەتلىك چىققان ياخشى ھىكايە دەپ قارىدىم،ئاجىز قەلىمىم ئارقىلىق بۇ ئوبزورچىنى
سىلەرگە سۇندۇم.
2016.2.10
غۇلجا .توققۇزتارا



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-11 15:00:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگىنىڭىز تارىم ژۇرنىلىنىڭ قايسى سانى بولغىيتتى؟

ۋاقتى: 2016-2-11 22:38:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئاشۇ ئەسەردىن بىر ئىككى جۈملە ئۈزۈندە قىلىپ كونكىرىتراق يازغان بولسىڭىز بىزمۇ سىزنىڭ ھىسسىياتىڭىزغا ئورتاقلاشقان بولاتتۇق . ياخشى بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كىشىگە بەرگەن ھوزۇرى ھەقىقەتەن ئۇزاققىچە خورىمايدۇ .

ۋاقتى: 2016-2-11 23:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزور ئەدىبىي تەنقىد بولۇپ نوقۇل ھالدا ماختاش ئەمەس ، شۇڭا بېر ياخشى ئەسەردىمۇ نۇقسان بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-12 11:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 11:28 AM  
ئا.يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 10:38 PM
بولسا ئاشۇ ئەسەردىن بىر ئىككى جۈملە ئۈزۈندە قىلىپ كون ...


بىر مۇئەللىم ئاغىنەم ئىلىپ كېتىپ قانچىنى سانى ئىكەنلىكى بىلەلمىدىم،2015 نىڭ ئىچىدىكى بىرسانغۇ ئىشقىلىپ
ئۇ ژورنالنى سورىغاندا مەن بىر ئوبزور يازاتتىم،يېزىپ بولغاندىن كىيىن ئوقو دېسەم،،ھە دېگەن كىيىن  قانداق بولدى ئىلىپ كېتىپتۇ،سىز دېگەندەك  تەسىرى ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالدىكەن،شۇڭا ئاددى قىلىپ بولسا يېزىۋەتتىم،ئەسلىدە نەقىللەرنى ئالماقچتىم،ھەي

ۋاقتى: 2016-2-14 10:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەيتۇنەم مەمتىمىننىڭ 2015-يىللىق 4-سان «تارىم» ژورنىلىدىكى «ئېرىمنىڭ قارا قۇتىسى» نامىلىق پوۋېسىتى بۇ يەردە ھېكايە دەپ ئېلىنىپ قالمىغاندۇ -ھە؟

باھا سۆز

شۇنداق ئېلىنىپ قالغان. ئۇ ئەسلى پوۋېسىت ئىدى.  ۋاقتى: 2016-2-15 10:24 AM
ۋاقتى: 2016-2-17 16:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ھەم مىغىزلىق يىزىلىپتۇ

ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل شۇنداق ئېلىنىپ قاپتۇ ،   ئۇ  ئەسلىدە ھەقىقەتەن  پوۋېسىت ئىدى ...

ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل مەسىئۇلىيەتچان بولساق، تېخىمۇ جىق ئادەمنى مەنپەتلەندۈرگىلى ۋھ قىلغان ئىشنىڭ ئۈنىمى بۇلىدۇ دەپ ئويلۇدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش