بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-11 01:07
شۇنداق بولدى
نۇرشات ئەنۋەر
سېنى قايتا كۆرەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمىدىم
تۈننىڭ قاراڭغۇ دوقمۇشىدىن جىمجىت ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ
سېنىڭسىز ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشقا ئۇرۇندۇم
ئارىمىزدىن ئۆتتى 3 يىللار
ۋەجىڭدىن يېرىمى قاق بولدى باشنىڭ.
قۇرۇپ ئىزناسىمۇ قالمىدى،نىكەم
سەن ئۈچۈن دەريادەك ئېقىتقان ياشنىڭ.
سەن تەرەپتىن سۈرۈلگەن پەسىللەرگە ئىشىك ئاچمىدىم
سېنى پۇرايدىغان ئەتىر قۇتىسىنى چېقىپ تاشلىدىم
سېنىڭ نامىڭغا يۆلەپ قىلىنىدىغان چاقچاقلارغا جاۋابەن
بەس،ئەمدى ئۇنىڭسىز ياشايمەن،دېدىم…
ئۇزاقلارغىچە
سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇردۇم.
جانغا بالا لاتاپىتىڭنى
قۇرۇق-قاقشال مەغرۇرلۇقۇڭنى
خىيالىمدا نەچچە ئۆلتۈردۈم.
ئەرزىمەسلىكىمدە باشلانغان بۇ يول،
ئەرزىمەسلىكىڭدە ئاخىرلاشتۇرۇدۇم…
2016-يىل،9-فېۋرال.