بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-13 12:56 AM
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
شېئىرلار
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
مەن سېنى خىيال قىلماقچى بولدۇم
مەن سېنى خىيال قىلماقچى بولدۇم،
يىلاننىڭ كۆزلىرىنى سىزىۋاتقان پەرۋاسىز رەسسامدەك،
يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشىنى چاپقان ھالسىز ئۇنتۇلغۇچىدەك.
«ئېقىۋاتقىنى سۇ، كۆيۈۋاتقىنى ئوت» دېگەن قىياس بىلەن،
نەپىسىڭگە چۆككەن دولقۇنلارنى توۋلىماقچى بولدۇم،
كۆيۈشكە چاڭقىغان ئوتلارنى پۈۋلىمەكچى بولدۇم.
باياۋانلارنىڭ ئەپسانىۋىي جىمجىتلىقى
ياكى كۆكسۈمدىن سۇغۇرۇۋېلىنغان زەھەرلىك ئوقيانىڭ سۈرى بىلەن،
ساڭا ئىچىڭدىكىنى بىشارەت قىلاي دېدىم.
ئاندىن دەريالارنى كىملەرنىڭ ئويۇلغان كۆزلىرى،
تاغلارنى كىملەرنىڭ جەسەتلىرى دېدىم.
يەنە سېنى خىيال قىلماقچى بولدۇم،
چۈنكى، مەن ھەممىسى ئاخىرلاشقاندا يارالغان ئىدىم:
يارىلىشىم-
قەيەردە تۇغۇلۇشۇم،
كىم ئۈچۈن ياشىشىم،
كىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلىشىم،
چۈشۈمدە نېمىلەرنى كۆرۈشۈم،
نېمىلەرنى دېيىشىم،
قانداق ئۆلۈشۈم....
ھەممە، ھەممىسى پۈتۈلۈپ بولغان.
ھايات دېگەن ماڭا تەۋە بىر تال ئەتىرگۈل،
مەندىن بۇرۇن سارغىيىپ سولغان.
مەن سېنى خىيال قىلماقچى بولدۇم،
خىياللارنىڭ ئەكس ساداسى يەر-زېمىننى يۇتقىچە،
ئاۋازىڭدىكى ئاسمانلار گۆمۈرۈلۈپ چۈشكىچە.....
2016-يىلى، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، يېڭىسار.
ئائىلە زىيارىتى خاتىرىسى
ئەرلىك جىنسىي ئەزاسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بىر ئەر،
ئۆزىنى «نامرات» دەپ ئاتىشىمنى ھاقارەت ھېس قىلدى،
كۆزلىرىدىن بوران چىقتى،
ئاۋازىدا چاقماق چاقتى،
نېمىنىدۇر «پەش!»، دېدى.
ئۇنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئىشىكى بار،
تۇڭلۇكتىكى ئاسمان سۈپسۈزۈك
بۇ ئۆي ئۇنىڭ كۆڭلى.
ئۇنىڭ ئەڭ زور بايلىقى ھېچنېمىسىنىڭ يوقلىقى ئىدى.
«بايلىق دېگەن قاراقچىنىڭ رىسقى،
ئايلىق دېگەن يالاقچىنىڭ نېسىۋىسى،
بەخت دېگەن ئەركەك ئۈژمىنىڭ مېۋىسى،
تەخت دېگەن كەلكۈننىڭ كېمىسى.»
ئۇ، شۇنداق دېگەچ ھېلىقى نېمىسىنى سىلاپ قويدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ گېپى بولۇۋىدى،
ئاۋۋال مېنىڭ غېمىنى يېدى:
يۇقىرى قان بېسىمى ساقايمايمىش،
قەن سىيىش كېسىلى داۋاسىزمىش،
يۈرەك تىقىلمىسى بولغانلار ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيمىش....
2016-يىلى، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، يېڭىسار.
ئاللا يارىم
ئاللا يارىم، يۈرىكىمنى يېرىپ بەرگەيمەن،
كۆكسۈڭدىكى ئوتتا پاژ-پۇژ ئېرىپ بەرگەيمەن.
لەۋلىرىمدە چۆللەر ياتار قاغجىراپ يال-يال،
جەھەننەمدە سۈيۈڭ بولسا كىرىپ بەرگەيمەن.
كۆزۈم قاغا جىگدىسىدۇر شاختا تۆت بولغان،
ئالقىنىڭنى پۇرىۋالسۇن، سىرىپ بەرگەيمەن.
ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىڭغا بولسا يارىشىق،
دانە-دانە جاننى تەندىن تېرىپ بەرگەيمەن.
ئۆلگىچە بىر خاس ھوجراڭدا قانلىق جەڭ قىلسام،
ئاسمان-زېمىن لەشكىرىنى قىرىپ بەرگەيمەن!
2016-يىلى، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېڭىسار.
ئەرزىم ساماغا
كۆيۈك ئوتى تۇتاشتۇرۇپ جېنىمغا،
گۈكىرىتىپ ئوتنى قويدۇڭ تېنىمغا.
كۆزۈڭدىكى ئاسمان بولدى رەسىدە،
كۈن چۆمۈلدى ئۆركەشلىگەن قېنىمغا.
ئۆچمىدى ئوت، كۆچمىدى ئوت، قايدىسەن،
دەريالارنى باشلاپ كەلدىم ئېنىمغا.
ئۆلمەسمىدىم، ئەرزىم يەتكەي ساماغا،
يۇتۇۋەتسەم سېنى قوشۇپ نېنىمغا.
بۇ جاھاندا مەندىن باشقا ئەركەك يوق،
يار، ئويناقلاپ قايتىپ كەلگىن يېنىمغا!
2016-يىلى، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىسار.
سۆيگۈگە ئاستانە يوق
ئالقىنىڭدا قۇرىغان ياپراقتا كۆرگەيسەن مېنى،
ئايىغىڭدا توزىغان تۇپراقتا كۆرگەيسەن مېنى.
يەر ئەمەستۇر، كۆك ئەمەس گۈلدۈرلىگەن دەھشەت بىلەن،
تۈندە پەريادىمدىكى چاقماقتا كۆرگەيسەن مېنى.
كۆزى ئايدەك سۇلىرىڭنىڭ ئۆركىشىگە زار ئىدىم،
گۇگۇمى تاشقىنلىغان قىرغاقتا كۆرگەيسەن مېنى.
چۈشمىدىم كۆكتە لەپىلدەپ، چۈشتى بەلكىم كۆك تالاي،
ھەزرىتى ئادەمدىكى بايراقتا كۆرگەيسەن مېنى.
سىرلىرى سىردۇر كېمەمنىڭ ئەي ئارارات تاغلىرى،
چۆكمىسى لەرزىمدىكى قولۋاقتا كۆرگەيسەن مېنى.
بىر شېخى تەكلىماكاننىڭ يۈرىكىدە كۆكلىگەن،
بىر شېخى مەھشەردىكى توغراقتا كۆرگەيسەن مېنى.
بىر خىيالىڭ كۈندە كۈندۇر، بىر خىيالىڭ تۈندە ئاي،
سۆيگۈگە ئاستانە يوق ئايماقتا كۆرگەيسەن مېنى!
2016-يىلى، 2-ئاي، يېڭىسار.
سۆيىمەن دەريادا سۇنى سۇ بولۇپ
دىلرەبالار ئالدىدا بىگانىلەردىن دەڭ مېنى،
يەتتە ئىقلىمدا غېرىپ يېگانىلەردىن دەڭ مېنى.
كۆزلىرىمگە يامرىغان كىمنىڭ قاراڭغۇ ھەسرىتى (؟)،
ئىشقى يال-يال چاقنىغان دۇردانىلەردىن دەڭ مېنى.
ئۆركىشىم دەريادا سۇنى سۆيگىلى ئۆركەشلىگەي،
ۋەسلىيادىغا جۇنۇن-مەستانىلەردىن دەڭ مېنى.
ئايىغىمدا يەر باياۋان، باشتا ئاسمان دەشتى چۆل،
مەنزىلى ئەپسانىۋار سەرسانىلەردىن دەڭ مېنى.
يۈرىكىم كۆكسۈمگە تىكلەنگەن مۇھەببەت بايرىقى،
باغرى قان، پەيمانى جان، ھەيرانىلەردىن دەڭ مېنى.
قىپقىزىل چوغدەك ئېچىرقاش ئۆركىشىدە نالىلەر،
مىڭ يىلاندەك ئوتتىكى پەرۋانىلەردىن دەڭ مېنى.
خورجىنى تولغان ھاياتنىڭ قىسمىتىگە لىقمۇلىق،
بىر ئۆلۈمگە زارۇزار دىۋانىلەردىن دەڭ مېنى!
2016-يىلى، 2-ئاي، يېڭىسار.