10. دوستۇڭ يىراقتا بولسا خەت كېلەر،دۈشمىنىڭ يېقىندا بولسا دەرد كېلەر.
11. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بولسا قانچىكى يۇمشاق،
بالىلار بولىدۇ شۇنچىكى ئۇرۇشقاق.
12. كۆرگەننى سوراش قىزلارنىڭ ئادىتى،
بىلگەننى سوراش بالىلارنىڭ ئادىتى.
13. يىگىتلەر تولا ھىجايسا ۋىجدانى ئۆلەر،
قىزلار تولا ھىجايسا ئىپپىتى ئۆلەر.
14. ياش تۆككەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز ئەمەس،
رەقىبى ئالدىدا باش ئەگكەنلەر ئاجىز كىشىلەردۇر.