بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-7 20:45
بۇ يوللار
ئۆمەر مەھمۇد
بۇ يوللاردىن
نەمدەلگەن كىرپىكلىرىمدەك
قارچۇقۇمغا ئېسلىپ تۇرغان،
تۇمۇرۇمغا پاتقان قۇياشتەك
قىپقىزىل، ئاندىن قارايغان
ئەسلىمەمنىڭ بىر بۇرجىكىنى
سىپايە دەسسەپ ئۆتكەندە
ئۇچراپ قالدىم ئۆز-ئۆزۈمگە:
-سەن نۇرغۇن يىللار بۇرۇنغۇ؟
_سەن كىيىنمۇ نۇرغۇن يىللارنىڭ؟
_نۇرغۇن يىللار بۇرۇنقى كېچە
_گۈزەل ئىدى گۈزەل نەقەدەر،
_سۇ تۇتاتتىم، موخۇركام يېرىم
_ئاي نۇرلىرى زەپمۇ مۇلايىم،
_كىرىۋاتقان چىرايلىق سۇلار،
_كۈلۈمسىرەپ ئېتىزلىرىمنى،
_قاندۇرسىلا، يەر توڭىغىچە،
_ئالالايتىم بىر لالە قىزنى!
…
_نۇرغۇن يىللار كېيىنكى ئەي؟
_بۇ چاغلاردىن كەتكىن بەس، خەير
_يەر توڭى بولغىچە جەزمەن،
ئالالايمەن قىلىپ مەن، سەبر!
( «ئىزگۈ» مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسگە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )