يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 4

غېنىجان: كىنىشكا بېجىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 22:24  

                                                                 كىنىشكا بېجىرىش


                                                                    (ھېكايە)


                                                             غېنىجان خۇدابەردى

   تەرەققىياتنىڭ تىزلىشىشى ـــ يوللارنى يوللارغا ئۇلاپ،سەپەرنى ئۇزارتتى.قاتناشنىڭ تەرەققىياتى ـــ ۋاقىتنى تېجەپ ،يوللارنى قىسقارتتى.شۇنداقلا بىزگە ھەم قاتناشقا رىئايە قىلىپ،شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بېجىرىشنى ئۆگەتتى.
  مەخمۇت بىلەن ئابدۇخېۋىر كىچىكىدىن بىر مەھەلىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردىن ئىدى.
مەخمۇت تۇلۇقنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كىيىن، ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلدى.توي قىلغاندىن كىيىن قوشۇمچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈن ئەھۋالى ئوبدانلا ياخشى بولۇپ قالدى.يېقىندا ئۇ ماشىنا سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىپ،ئاۋۋال كىنىشكا بېجىرىش ئۈچۈن شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملاتتى.
   ئابدۇخېۋىرنىڭ بىر تاغىسى شەھەردە لەڭپۇڭچىلىق قىلاتتى. تاغىسىنىڭ ئايالى غۇلجىلىق ئىدى.ئابدۇخېۋىر تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى تاغىسىنىڭ قېيناتىسى تۇيۇقسىز قازا قالدى. تاغىسى ئابدۇخېۋىرنى چاقىرتىپ كېلىپ،ئويدىكى ئىت،مۈشۈككە قارىتىپ قۇيۇپ،بالىلىرىنى ئېلىپ غۇلجىغا كەتتى.
  ئابدۇخېۋىر شەھەردە ئىككى ھەپتە ئىت-مۇشۇك بېقىپ،قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمىدى.تاغىسىدىن ئۆگەندىمۇ، لەڭپۇڭچىلىق قىلدى.نەچچە يىل لەڭپۇڭچىلىق قىلغاندىن كىيىن،لەڭپۇڭچىلىقنى تاشلاپ چار بازارچىلىق قىلىپ يۈردى. توي قىلغاندىن كىيىن،چار بازارچىلىقنى تاشلاپ،ئەتىيازدا سەھرادا تىۋىتچلىك قىلسا،كۆزدە شەھەردە قوغۇنچىلىق قىلدى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان،نىمە ئىش قىلۋاتقىنىنى باشقىلار بىلمەيتى،ئوزىمۇ باشقىلارغا دېمەيتى.
  ئابدۇخېۋىر ھەپتىنىڭ ئىككى كۈنىدە مەھەلىدە تۇرسا،باشقا ۋاقىتتا باشقا يەرلەردە يۈرەتتى.پۇتىدا غالتىكى باردىكىدەك جايىدا تىم تۇرمايتتى. ھېلى مەھەلىدە قالغان بولسا،بىر دەمدىن كىيىن شەنبە بازاردا ئۇچرايتتى.شۇڭا ئۇنى كىشىلەر:ئۇلاغ بازىرىدا مانتا يېسە، قىيمىسىنىڭ قېتىدىنمۇ چىقىدۇ،دېيىشەتتى.پۇتىغا ماسلاشقاندەك ئېغىزىمۇ ھەر ۋاقىت كاپىلداپ تۇراتتى.بىكارچىدىن تۆتنى چۆرىسىگە يىغىۋالسا،ھېچكىمگە گەپ بەرمەي،ھەممىنى ئېغىزىغا قارىتىپ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن چۈشۈپ،ئۇ چېتىغا چىقاتتى. جاۋغىيى كۆپۈپ كەتكەن ئېغزى قاراڭغۇ چۈشۈپ،ئەتراپىدىكى ئادەملەر تاراپ كەتكەندە ئاندىن بېسقاتتى.
   ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاجايىپ بىر خۇسۇسىيتى بار ئىدى،ھازىر قايداكىن،ئون مىنۇت ئۆچىرەت تۇرۇپ بېجىرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەت ئىزدەپ كېتىپ،ئۇچ كۈندە بېجىرەتتى.شۇندىمۇ،ئۆچىرەت تۇرماي بېجىرگىنىدىن ماختىنىپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى خۇشال يۈرەتتى.
  ئومۇمەن ئۇ بۇ مەھەلىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. چوڭلار بالىلىرى يارىماس ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويسا، ئۆلمەي- يۈتمەي ئابدۇخېۋىرنى دوراپسەنغۇ،دەپ ئەيىبلەيتتى.
يېقىندا ئۇ ھەر ساھەدە مۇناسىۋەت دائىرەم بار.ھەرقانداق ئىشنى بېجىرەلەيمەن،بۇ ناھىيىدىكى پاختا سودىگىرى قاسىمنىڭ زاۋۇد سالدىغان يېرىنىمۇ مەن ھەل قىلىپ بەردىم دەپ،كورگەنلا ئادەمگە لاپ ئۇردىغان بولىۋالدى.گېپىدىن قارىغاندا،قىسقىسى مۇناسىۋەت دائىرىسى ئۆمۈچۈكنىڭ  توردەك ئاپتونوم رايونغىچە سوزۇلغانمىش. يېقىندىن بىرى سەل ئالدىراش بولۇپ قاپتۇ،بولمىسا مۇناسىۋىتى ئۆلكىنىڭ ئۇيېنىغا ئۇتۇپمۇ كېتەركەن.ئۆلكىدىن ئۇتۇپ كەتسە قاياققا تۇتىشار؟ قول قولغا تۇتاشسا،شىمالى قۇتۇپقىمۇ يېتىدۇ!
   بۈگۈن مەخمۇت بىر نەچچە دوستى بىلەن،ئۆستەڭ بويدىكى بوتكا ئالدىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە،ئابدۇخېۋىر ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇ كېلىشتىن سەل ئالدىدا،كىمدۇ بىرى ئۇنى ئۇزۇن بولدى كۆرمىگىنىنى تىلغا ئالغانىدى. شۇڭمىكىن ئولتۇرغانلار:‹‹ھازىرقى كۈندە ئادەملەرنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، غەيۋىتىنى قىلسىلا ئۆزى پەيدا بولىدۇ›› دېگەن مەنىدە بىر-بىرگە قاراپ قۇيۇشتى.ئۇ ھەممەيلەن بىلەن تىنچ ئامانلىق سورۇشۇپ، كۆرسىتىلگەن جايغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن،سورۇندا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان مەخمۇتنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئالىم:
  ـــ مەخمۇت،سېنى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملاندى دەپ ئاڭلايمەنغۇ،ـــ دەپ سوراپ قالدى.
  ـــ ھە،شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ قۇيايمىكىن دېدىم،ـــ  دېدى مەخمۇت رومكىغا پىۋا قۇيۇۋېتىپ.
ـــ ماشىنا ئالاي دەپسەن-دە،دېمىسىمۇ ماشىنا ئالمىغان مۇشۇ ئولتۇرغان نەچچىمىز قاپتۇق،ـــ دېدى مەخمۇتنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان ساۋۇت،ـــ خۇدا بۇيرۇسا،بۇ يىل كېۋەزنى پۇلغا ئېلىپ قالسا، ئەرشۇ بولسىمۇ بىرنى ئېلىپ ھەيدىمىسەم.
ـــ يا ئاللا ساۋۇت،خۇدا بۇيرۇسا‹‹شالى››بولسىمۇ يېڭىنى ئالىمەن دېگىنى بى.سەن نېمانچە شۇ نىمكەشكە ئامراقتۇرسەن؛تېلېفوننىڭمۇ نىمكىشىنى،خوتۇننىڭمۇ نىمىكىشىنى ئالساڭ،ئەمدى ماشىنىنىڭمۇ نىمكىشىنى ئالامسەن؟ـــ دېدى ئالىم،ساۋۇتنى مازاق قىلىپ.
ـــ سېپى ئۆزدىن نىمكەشچى دېگىنە،خوتۇننى دېمەيلى،بالىسىمۇ نىمكەش!ـــ دېدى ساۋۇتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان غىياس.باشقىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.ساۋۇت ئۆزى تۇغماس ئىدى،نەچچە ئۆيلەنگەن بولسىمۇ بالىسى بولمىغاچ، يېقىندا بالا بېقىۋالغانىدى.
  ـــ ھەي...!نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ـــ ساۋۇت گۈركىرەپ قوپتى.
  ـــ بولدى قىلە،ساۋۇت،چاقچاق دەيمەن.شۇنىڭغىمۇ تە بولغان بارمۇ. گەپكە-گەپ كېلىپ قالدى، ـــ دېدى ئالىم ساۋۇتنى بېسىپ.
ـــ شۇنداقمۇ دېگەن بارمۇ؟ـــ دېدى ساۋۇت،قاش-قاپقىنى سۈزۈپ.
ـــ ھەي،سورۇن كۆرمىگەننىڭ  ئىشى-دە،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر،ـــ  غۇلجىدا ھىسام،تۇداخۇن پاكار دېگەن چاقچاقچىلار بىلەن ...
ـــ ئۆلۈپ كەتتىغۇ ئۇلار، ـــ دېدى ئالىم گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ.
ـــ گەپنىڭ ئاخىرنى بى ئاڭلىساڭچۇ،ئۆلۈپ كەتمەستە دەۋاتىمەن.ھە، شۇلار بىلەن ئولتۇرغان سورۇندا بايقى قانچىلىك گەپ،چاقچاقنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ قالىدىكەنسىلەر.غۇلجا دېگەن ئالامەت يەر دەيمەن،كۈلكە-چاقچاقنى دېمەيلا قويۇڭلار،مۇشۇ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېگەننىمۇۋاغۇ،كۈلكە-چاقچاقنىڭ ئورنىدا بېجىرىدۇ،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر،چوڭ سورۇن كورگەن سىياقتا ھە دىگەندە گەپنى ئەگىتىپ.ئۆردەك يېگەن غازنىڭ پېيىدا.
ـــ سېنىمۇ ئوبدانلا كەلتۈرۈپ قويغاندا ئۇلار، ـــ دېدى ئالىم.
ـــ كەلتۈرمىدى دېسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ،ئۆزۈممۇ گەپچى، بوياق بەرمىدىم.ئەمما،لېكىن مەن بىلەن بارغان نەچچە لوبەننىڭ ھالىغا ۋاي!ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتى.ئا خەق لوبەن بولامدۇ ،باشقا نېمە بولامدۇ كارى يوق،كەلتۈرۈۋىردىكەن.ھېچكىم ما ساۋۇتتەك تە بولۇپ يۈرمەيدىكەن،ئۆچكىدەك مەرەپ،تەڭ كۈلدىكىن.
ـــ ھەي،ئۇياقتا تونۇشۇڭ بولسا،ما نەچچىمىزگە كىنىشكا بېجىرىپ بېرە،ـــ دېدى ساۋۇت،گەپنىڭ تېمىسىنى ئۆزدىن يۆتكەپ.توپتىن ئارىلىغان بىر ئۆردەك قاپقانغا چۈشتىمۇ تۇيۇقسىز غاقىلداپ قالدى.
ـــ دېيىشىپ قالساق،چاتاق يوق،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا،ـــ غۇلجىدا قىش ئۇزۇن بولغاچقا،بىكارچىلىقتا سورۇن تۈزەپ ھاراق ئىچىدىغانلار كۆپكەن،ۋەقەمۇ تولا چىقىدىكەن. پۇل بولسىلا ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا سەپلەپ گاچچىدە پۈتتۈرىمىز.
ـــ راست دەۋاتامسەن يا؟ـــ دېدى مەخمۇت،قۇلدىكى پىۋىنى ئابدۇخېۋىرگە سۇنۇۋېتىپ،ـــ سەن غۇلجىغا بېرىپ باققانمۇ؟ئۇياقنىڭ مەدەنىيىتى بىزدىن كوپ ئۈستۈن.سورۇن كوپ بولغان بىلەن  بۇياقتىكىدەك ھاراق ئىچىپ،ماشىنا ھەيدەش يوق.
ـــ بارغانمۇ دەيدۇيا،ھەممىسىنى تونۇيمەن،ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ.
ـــ ئۇ چاقچاقلارنى سەن ئەمەس،چەتئەللىكمۇ تونۇيدۇ،ـــ دېدى مەخمۇت،ـــ سىڭە پاتا گەپ قىلە،پۈتتۈرىمىز دەيسەنغۇ؟خۇددى جوتۇڭنىڭ باشلىقىدەك.
ـــ مەن قاتناش ساقچىسى ئەمەس،لېكىن بېجىرىدىغاننى تونۇيمەن.
ـــ نەچچە پۇل كېتىدۇ،ـــ سورىدى ساۋۇت،ـــ ئىمتىھان بېرىپ ئالاي دېسەم،نەزەرىيەدىن ئۆتەلمەيمەن ھەم ۋاقتىممۇ يوق.
ـــ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرەمتىڭ؟ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر، مەخمۇت سۇنغان پىۋىنى ئىچىۋېتىپ،ـــ بىر كۈندە دېسەڭ،بىر كۈندە؛ ئون كۈندە دېسەڭ ،ئون كۈندە قولۇڭغا تەگكۈزىمەن.
ـــ ئاتە پونى،ـــ دېدى ئالىم ئىشەنمەي،ـــ توي-تۆكۈننىڭ باغىقىنى  دېمەيۋاتقانسەن؟
ـــ گەپ قىلسا ئىشەنمەيسەن،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر قولدىكى پىۋىنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن،يانچۇقىدىن تېلېفوننى ئېلىپ ئالىمغا سۇنۇپ،ـــ يېزىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەيدىغان خالىقنى سەنمۇ ئوبدان تونۇيسەن،ماۋۇ ئايىغى تۆتتىن ئۇچى بار نومۇرنى شۇ ماڭا بېجىرىپ بەرگەن.ما نومۇر ما ۋىلايەت تەۋەسىدە مەندىن باشقا ئادەمدە يوق.ئاشۇنىڭغا ئۇرۇپ سورىيە،كىنىشكاڭنى كىم،قانچە كۈندە بېجىرىپ بەردى دەپ.بايا تېخى مېنى ماشىنىسىدا ئەكىپ قۇيۇپ، ئولتۇرۇپ ماڭ دېسەم ئۇنىماي كەتتى.
ـــ يا...ۋ!بايقى ئاق ماشىنىدىن چۈشكەن سەنما؟ـــ دېدى غىياس، مازاق قىلغاندەك بىر تەلەپپۇزداـــ سېنىڭ نۇمۇرۇڭلا ئەمەس،بىزنىڭ نومۇرىمىزمۇ پۈتۈن جۇڭگودا بىر.
ـــ بۈگۈن غىچ گەپ چۈشەنمەيدىغان مەتۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىممۇ نېمە؟ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر جىلە بولۇپ.يېنىدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇرۇۋالغاندىن كىيىن،ـــ مۇنداق ئاياغ ئۇچ خانىسى ئوخشاش نومۇرى دەۋاتىمەن،مۇسۇلمان!
ـــ ھە... چۈشەندىم،ساڭلا خاس نومۇركەن بۇ!
ـــ ئوزۇڭ بېجىردىڭمۇ يە؟ـــ سوردى دېدى ئالىم چۈشىنىكسىزلا.
ـــ نېمىنى؟ما نۇمۇرنىما؟ـــ چۈشەنمەي سورىدى ئابدۇخېۋىر.
ـــ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى.
ـــ ھە،بۇ قېتىم كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن كەلدىم.كىملىكىم قۇلۇمغا چىقسىلا  بېجىرىمەن.   
ـــ ئاڭلىسام،پۇلغا بېجىرگەن كىنىشكا يىل ئۆتسە توردىن چىقمايمىشقۇ؟ ـــ سورىدى سورۇندا بايدىن بىرى گەپ تىڭشاپ ئولتۇرغان ۋارىس.
ـــ بىر قىسىم كوچا-كويدا كىنىشكا بېجىرىپ،تورغا چىقىرىمىز دېگۈچىلەرنىڭ راست،يىل ئۆتسە توردىن چىقمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئاۋۋال توردىن مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ تالون نومۇرنى كۆرۈۋالغاندىن كىيىن،ئوخشاش نومۇرلۇق تالون باسىدۇ.تەكشۈرسە، توردا چىقىدۇ،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر بىلەرمەنلىك بىلەن،ـــ بايا سەن دېگەن كىنىشكىمۇ ئاشۇنداق كىنىشكا،ج خ تارمىقى ئۇلار قانۇنسىز بېجىرگەن كىنىشكىنىڭ نومۇرىغا باشقا ئادەمگە كىنىشكا بېجىرگەن ھامان،يىل ئاخىردا توردىن چىقمايدۇ.ما بىز بېجىرىپ بېرىدىغان كىنىشكا قانۇنلۇق.ساڭا چۈشەندۈرسەم،پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى شوپۇرلۇق مەكتەپلەر ئىمتىھان ئېلىپ،ئارخىپنى ۋىلايەتلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئورنىغا يوللىغاندىن كىيىن، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاخىردا مىنىڭ تونۇشۇمغا يوللىنىدۇ. تونۇشۇم كۆرۈپ،ئاپتونوم رايونغا يوللايدۇ.شۇ قاتارغا سېنىڭ ئىسمىڭنى كىرگۈزۈۋەتسىلا ئىش پۈتىدۇ.
ـــ كىيىن ئارخىپنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسىچۇ؟ـــ دېدى ئالىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تازا كۆڭۈل توختىتالماي.
ـــ كىنىشكا ج خ توردا تۇرسا،نېمە ئەنسىرەش.
ـــ دېگەن بىلەن بۇ ئىشنىڭ ھامان چىگىت چاقىدىغان بىر يېرى باركەن،ـــ دېدى مەخمۇت،بېشىنى چايقاپ.
ـــ نەرى چىگىت چاقىدۇ؟پۈتۈن ۋىلايەتتىكى نەچچە مىليون شوپۇرنىڭ ئىچىدە ئارخىپ يۇتۇپ كېتىدىغانلار نۇرغۇن.
ـــ ئابدۇخېۋىر، كېلە،ئىككىمىز بىر رومكىدىن ئىچەيلى،ـــ دېدى ساۋۇت،مەخمۇتقا ئىشارەت كېلىپ ئىككى رومكا پىۋا قويدۇرغاندىن كىيىن،ـــ ئاداش،سەن بىزگە گەپ كەتمەيدۇ،شۇنداقمۇ؟ كۈزگە يەنە ئۇچ ئاي باركەن،شۇ چاققىچە بېجىرىپ بېرەلەمسەن؟ مەخمۇت تۆت مىڭ ئۇچ يۈزنى تۆلەپتۇ،باشقا گەپنى قۇيۇپ،كەچتە بەش مىڭنى بېرەي.بوپتۇ،ماڭغان يولۇڭغا يەنە  مىڭنى قوشۇپ بېرەي.كىنىشكا قۇلۇمغا تەگكەندە،ئايرىم داستىخان سېلىشىم بار،قانداق؟
   مەنپەئەتنىڭ قىزىل پەردىسى كۆزىمىزنى توسقاندا،قۇلاقلىرىمىز گاراڭلىشىپ قالىدۇ.
ـــ ئاداش،ئۆزۈڭمۇ دېدىڭ،راس،سەن بىزگە گەپ كەتمەيدۇ.كەينىمدە يىگىرمە-ئوتتۇز مىڭدىن پۇل كۆتۈرۈپ يۈرگەن نەچچىسى بار، شۇ قاتاردا ئۆزۈمگىمۇ،ساڭمۇ بىرنى بېجىرىپ بېرەي،ئاغىنەم بېجىرىپ بەرگەن دەپ خۇش بولۇپ قالساڭ،ماڭا شۇ كۇپايە.
ـــ ھوي،تۆت-بەش مىڭغا بېجىرىلىدىغان كىنىشكىنى يىگىرمە مىڭ دەيسەنغۇ؟ ـــ دېدى ئالدىم، ئابدۇخېۋىرگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
ـــ تۆت مىڭ يۈەنگە قەيەردە كىنىشكا چىقىدىكەن؟
ـــ مەخمۇت تۆت مىڭ ئۈچ يۈز يۈەن تۆلەپتىغۇ؟
ـــ تۆت مىڭ يۈەنگە كىنىشكا ئالغىنى بۇلامدۇ؟ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر ئالىمغا سۇئال قۇيۇپ.پۇرسەت ئوڭچە كىلۋاتاتتى،ـــ باشقا گەپنى دېمەيلى،ئاڭلا،تۆت قېتىملىق ئىمتىھان ئۈچۈن،ناھىيىگە بىر قېتىمدىن بارساڭ نەچچە پۇل؟بىر قېتىمدا ئۆتەلەمسەن؟ باغلىشىمەن،ئۆتەلمەيسەن.كىمدە ھەر بىر تۈرگە ئاز دېگەندە، ئۇچ قېتىمدىن بارىسەن.تەلىيىڭ كېلىپ،قاپىقى يامان يېتەكچىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ قالسا،ئاندىن شەھەر بېرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بۆلىسەن.ئالا كالتەكنىڭ ئەتراپىنى كومپيۇتېر نازارەت قىلىدۇ،قىلدىن قېيىق كەتسەڭ، ئۆتەلمەيسەن. مەن تونۇيدىغان نەچچىسى بار،ئىككى يىلدىن ئاشتى،ئۆتەلمەي پۇلنى قايتۇرۇپ بەر دېسە ئۇنىماپتۇ.ھازىر پۇلدىنمۇ كەچتىم،سەن بېجىرىپ بەر دەپ بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى.
ـــ قوشنا كەنتتىكى بىرى ئۇچ ئايدىلا ئاپتىغۇ؟ــ دېدى ئالىم، ئاڭلىغانسىرى قايمۇقۇپ.
ـــ بۇرۇن دادىسى ئەرشىبا تىرەكتۇر ھەيدىگەن قوش كۆلدىكى غوپۇر دە، مەندىن سورىغىنا بۇ گەپنى. بىركۈنى شەھەردە ئۇچراپ قېلىپ ھال ئېيتىپتى،بېجىرىپ بەرگەنتىم.ئىشەنمىسەڭ،مانا ما تېلېفون، ئۇرە! شۇندىن بۇيان ئايىغى ئۇچ تۆت نومۇرنى كۆرسە،ئۆلۈمدە بولسىمۇ، دەرھال ئالىدۇ.
   ھەر بىر سۆزىنىڭ شۇنداق ۋەزنى ھەم ئىسپاتىمۇ تۇرسا،يەنە ئىشەنمىگۇدەك نەرى قالدى؟ئىككىلەنمەي ئىچ-باغرىمىزنى تۆكەيلى.
ـــ راست دەيدۇ،ھازىر كىچىككىنە جېنى بار ئادەم ماشىنا ئالىتىم دەپ، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى باس-باسمىش،شۇنداقمۇ مەخمۇت؟ـــ دېدى ۋارىس،ئاندىن ئابدۇخېۋىرگە قاراپ،ـــ ئاداش،گەپنىڭ ئات كالىسى كىنىشكىنىڭ بولدىغان يىرى يىگىرمە مىڭ دېگىنە؟
ـــ ئاۋال بېلىڭنى باغلاپ بى چىقە،يا شۇ پۇل كېتە،يا ئازراق كېتە.
ـــ گېپىڭنى ئاڭلاپ،شوپۇرلۇق مەكتىپىدە كىنىشكا بېجىرىشكە كۆزۈم يەتمىدى.كەچتە پۇلنىڭ كىمىنى قېيناتامدىن ئېلىپ بېرەي.ماڭا بېجىرىپ بېرە،ـــ دېدى ساۋۇت،باشقىلاردىن قىزغانغاندەك بىرىنجى بۇلۇپ تىمساق بار كىچىككە ئوزىنى ئېتىپ.
ـــ پۇلىنى،كىنىشكا چىققاندا بەرسەڭمۇ بولىدۇ،ـــ تىمساق بىر كوزىنى ئاچتى.بىر كۆزدە نىشاننى ئېنىق چەنلىگىلى بولدۇ،ئەلۋەتتە!
ـــ ئونىنچى ئايغىچە چىقىرىپ بېرەلەمسەن؟ـــ دېدى ساۋۇت بارغانچە ئابدۇخېۋىرگە يېپىشىپ.
ـــ ئەكىلە قۇلۇڭنى،ـــ ئابدۇخېۋىر ساۋۇتقا قۇلۇنى تەڭلىدى،ـــ بىر كۈندە دېسەك، بىر كۈندە.ئون كۈندە دېسەڭ،ئون كۈندە چىقىرىپ بېرىمەن. بىر كۇنۇپكىنىڭ ئىشى! ماشىنا ئالدىغاندا ھايت، دېگىن، ئەرشۇ ماشىنا ساتىدىغان دوستلىرىم كوپ،ئېپىدە ئېلىپ بېرىمەن.     
ـــ قېيناتامدا پۇل بار.توختاپ تۇرۇش،ھە بىسىڭنىڭ كۈلگىنىگە پېچەتتىن بىرنى ئېلىپ،كۆزۈلىرىڭدىن ئوت چىقارمايدىغان بولسام،ـــ دېدى ساۋۇت،ئولتۇرغانلارنىڭ پىخىلداپ كۈلۈشىدىن زەنى ئۆرلەپ، ـــ مەخمۇت، ئاداش،كىنىشكىنى ئىككىمىز تەڭ بېجىرەيلى.
ـــ مەن پۇلنى تۆلەپ بولدۇم،قانۇنلۇق تەرتىپ بويىچە بېجىرەي.ئۇچ يىلغىچە پۇلۇم ئىناۋەتكە ئىگىكەن.ئۇچ يىلدا ئالامەن،يا ئۇچ ئايدا، ـــ دېدى مەخمۇت،ساۋۇتنىڭ گېپىگە قۇشلىماي.
ـــ ما مەخمۇتنى ھېچقايسىڭلار مەندەك چۈشەنمەيسىلەر،ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر،ـــ موچەن ئەرزانكەن دېسە،ئۆچىرەتتە ئۇچ كۈن تاماق يېمەي تۇرىدىغان نېمە بۇ!
ـــ سېنىمۇ بىلىمىز،سېرىق سىنتىنى قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كەتسە،قاچان چۈشەر دەپ كەينىدىن قوغلاپ،تەكلىماكاننىڭ چۆلىگىمۇ كىرسەن.
ئولتۇرغانلار مەخمۇتنىڭ گېپىدىن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
ـــ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق،مەخمۇت،ئاغىنە بۇرادەرلىكنىڭ يۈزى، سەندىن پۇل ئالماي،بېجىرىپ بېرەي.مەندەك دوستۇڭ تۇرسا،نېمە كەپتۇ،كىچىك بالا جىجىق ئوينىغاندەك، سىزىق ئىچىدە مىتىلداپ يورۇپ ساڭا.سەن بىز كىچىكىمىزدە ئاچماق سوپەكمۇ ھەيدىگەن، ئايروپىلان بولسىمۇ قورقىماي ھەيدەيمىز.تۆت چاقى بار نەرىسىنى ھەيدەشنى ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئىشمۇ؟ـــ دېدى ئابدۇخېۋىر.يامان يىرى، توپنىڭ بېشى كىچىككە سەكرىمەي،باشقىلارنى دىلغۇلدا قىلۋاتاتتى.
ـــ بۇرۇن سەن بىزنىڭ تېرەكتۇر ھەيدىگىنىمىز راست.لېكىن ھازىر ماشىنىنى قاتناش قائىدىسى بويىچە ھەيدەشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ.شوپۇرلۇق مەكتەپتە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىدىكەن.مەنچە ئۆگىنىپ ئالغان باشقا گەپ.
ـــ ئىختىيارىڭ،مەن ماشىنىغا ئۇنچە قىزىقمايمەن، قىزىقسام كىنىشكا يوقمۇ ھەيدەپ يۈرۈۋېرەتتىم.شەھەردە ئون شوپۇرنىڭ تۆتىدە كىنىشكا يوق،ھەيدەۋېرىدۇ.چوڭ شەھەردە كوچىدا قاتناش ساقچىسى كۆرمەيسەن،سىزىقتىن چىقماي ھەيدىيەلىسەڭلا كېتىۋەرسۇن.لېكىن ئادەم بوزەك قىلغاندەك،ھەممە ساقچى سەھراغا كىلىۋالدىكەنغۇ تاڭ.
ـــ ئۇلارنىڭ چىڭ تۇتقىنى بىز ئۈچۈن  ياخشى.شۇڭا ئۆگىنىپ ئالمىساق بولمايدۇ،ـــ دېدى مەخمۇت.
ـــ ئاداش،بالىلار ھەممەيلەن پۇل تۆلىسەك دەيدۇ.زادى كىنىشكا يىگىرمە مىڭمۇ ياكى سەل-پەل تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ؟ ـــ سورىدى ئالىم،ئابدۇخېۋىرگە قاراپ.بايقى يالغۇز ئۆردەك غاقىلداپ باشقا ھەمراھىنىمۇ ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ بولغاندى.
يالغاننىمۇ ئۇچ قېتىم دېسە،راستقا ئايلىنىدۇ دېگەندەك، ئالدامچىلىقنىڭ ھەممە بىلىدىغان بۇ  كونا ئەبجەق كۈيى ئاستا- ئاستا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.
ـــ ئاداش،قارا،سەن بىز ما پۇلنىڭ گېپىنى قىلىشىپ ئۇلۇغ بازىرىدا ئېشەك سودا قىلغاندەك تالىشىپ يۈرسەك سەت تۇرىدۇ.بايا ئوچۇق گەپنى دېدىم،مەن كىنىشكا بېجىرىپ پۇل تاپمايمەن، ئۆزۈمنىڭ تاپقىنى ئۆزۈمگە يىتىدۇ.سىلىدىن باشقا ئادەم ئاتنىڭ كاللىسىدەك ئالتۇن بېرەي دېسىمۇ ئۇنىمايمەن. سەن باشقا گەپنى قىلماي،يول كىراسىنى ھېسابلاپ، تاپقىنىم ماۋۇكەن دەپ كېلە، بېجىرىپ بېرەي. ئەل ئاغىنە دېگەننى بىر-بىرگە ياردەم قىلىدۇ دېمىسە،ئاغىنە تۇتۇپ دەپ نېمە قىلىدۇ؟ يا ئۇنى بى يېگىنى بولمىسا.قاندا دېدىم ساۋۇت؟
ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،جىم بولۇپ قالدى.كۆز ئالدىدىكىسى ئۆزلىرى كىچىكىدىن تونۇيدىغان؛ئاتا-ئانىلىرى نەقلا كەلتۈرىدىغان  ئابدۇخېۋىر شۇمىدۇ؟ئويدىن چىقساڭ يول تاپسەن!
  شۇ چاغدا ئابدۇخېۋىرنىڭ ئايىغى ئۇچ تۆت تېلېفون نومۇرى سايراپ قالدى.تېلېفوننىڭ مەزمۇندىن قارىغاندا ھاجىتى چۈشكەن نەچچىسدەك قىلاتتى.ئۇ ئولتۇرغانلارغا قول ئىشارىتى قىلىپ قۇيۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئويى تەرەپكە ماڭدى.مانا،باشقا ئۆردەكلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى.سورۇندا مەخمۇت ئۆزى يالغۇز قالدى. ئالداشقا تونۇش ياخشى،ئالدىنىشقىمۇ ھەم!
  مەخمۇت ئىمتىھان بېرىمەن دەپ ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەردە،باشقا دوستلىرى ئۇنى‹‹پىخسىق››دەپ مازاق قىلىپ يۈرۈشتى.مەخمۇت نادان بولماڭلار،ئۇ يا بىز بىلمەيدىغان ئابدۇخېۋىر ئەمەس،ئۇنىڭ قۇلدىن كىنىشكا بېجىرىشكە كەلسە، نەچچە مىليون كىشى شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇيمىز دەپ يۈرەمدۇ.ھازىر ئۇنداق كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى دېسە،ھېچقايسىسىنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمىدى. ئۇلارنىڭ دىيشچە، ئادەم بار يەردە يوچۇق بارمىش، پۇرسەت كۈتمىگەن يوچۇقتىن چىقىپ قالارمىش.توغرا،پۇرسەتمۇ بالا قازامۇ كۈتمىگەن يوچۇقتىن چىقىدۇ!
  مەخمۇت نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندە،ئابدۇخېۋىردىن خەۋەر كەلدى:دەرھال سۈرەتكە چۈشۈپ،ئاستىغا كىملىك نومۇرنى باستۇرۇپ، بىر سۇڭلۇقتىن 9تال،ئىككى سۇڭلۇقتىن 8تال ھەم كىملىكىنى كۆپەيتىپ،ئەتىسى ئەتىگەندە شەھەرگە ماڭىدىغان شوپۇردىن جىددى ئەۋەتىشى كېرەككەن.ئۇنىڭ دىيشچە،بۈگۈن ھېلىقى ‹‹بىر كۇنۇپكا›› دىلا كىنىشكا بېجىرىدىغان بىلەن دېيىشىپ قۇيۇپتۇ.ئەتە ئەتىگەندە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئورنىدىن كىنىشكىنى باستۇرۇپ، چۈشتىن كىيىن ئەۋەتىدىكەن.يەنە ئىككىلىندىغان يېرى قالدىمۇ؟ئۇ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قېرى خوتۇن شاپتۇل يەپ،ئۈچكىسىنى ئارىغىچە بېجىرىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى.
   ساۋۇت،ئالىم،غىياس،ۋارىس تۆتى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،يېزىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن،بىر مەھەلىلىك قادىنىڭ كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ،يولغا چىقتى.قادى ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزدىن ئەتىلا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى چىقىرىپ بېرىدىغان مۇناسىۋەت تاپقىنىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ قېيىن ئىنىسىنى قاتارغا قوشۇۋېلىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى. ئەگەر ماقۇل دەپ قالسا،يېزىغا ھەقسىز ئاپىرىپ-ئەكەلگەننىڭ تاشايىندا،ئوبدان مېھمان قىلىدىغىنىنى ئېيتتى.تىلىسەڭ تاپارسەن دىگەن شۇدە!ساۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ئابدۇخېۋىرگە نەق مەيداندىلا تېلېفون ئۇردى.ئابدۇخېۋىر:‹‹بەشىمىزنىڭ گېپىنى دېيىشىپ بولۇپتىكەنمەن،بىرئادەم ئۈچۈن ئۇياقنى ئەۋرە قىلسام تازا قاملاشماس، ناۋادا يەنە نەچچىسى بولسا،بۇنىڭ يولى باشقا››دېدى. كۆپىنچە ھاللاردا ئالدامچىلارنى ئۆزىمىز ئىزدەپ بېرىپ،دامىغا چۈشىمىز!
گەپ ئېنىق بولدى،ئادەم قانچە كوپ بولسا شۇنچە ياخشىكەن! بېلىق تۇتۇش بىلەن ئادەم ئالداشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاش؛ئاز بولسا، قارماقتا تۇتىمىز،كوپ بولسا توردا!
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ كىراكەش قادى ئۇيانراق كېتىپ،نەچچە ئون قېتىم تېلېفون قىلىپ،ئەتىلا چىقىدىغان كىنىشكىغا پۇل تۆلەشنى خالايدىغان جەمئىي سەككىز ئادەمنى تاپتى.ھەم ھەر بىر كىنىشكىغا ئىككى مىڭ يۈەندىن (قېيىن ئىنىسىغىمۇ) ئارتۇق باھا قۇيۇپ، ئوتتۇرىدىن ئون ئالتە مىڭ يۈەن زىغزىق چىقىرىۋالدى.بۇ ئىشنىڭ ئىسنى ساۋۇت بىلىپ  قېلىپ،ئىسىت دەپ ئېغىزىغا نەچچىنى ئۇرۇپ،ئىچىنى ئۇۋاپ كەتتى:پالكۆز ئوغرى، ھايال- كاشال يوق ئون ئالتە مىڭ يۈەننى كوملىۋېلىپ،خۇپسەنلىك بىلەن ئولتۇرۇشىنى!بىر ئوبدان پۇرسەت قولدىن كەتكەنتى.
ناۋادا ئاسماندىن پوشكال ياغسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بازار چاققاننىڭ.ساۋۇتنىڭ كۆڭلىگە جىن كىردى.بايا ئەقلىنى جورىغان بولسا،ئۆزى تۆلىگەن كىنىشكىنىڭ پۇلى چىقىپ قالىدىكەن، ئىسىت!
   ساۋۇت ئېغىزغا كاچاتلاپ ئولتۇرغۇچە،ئېغزىنى ئىشقا سېلىشنىڭ دانالىقىنى ئويلاپ يەتتى.ۋاقىت يەنە يېرىم كۈن ياق،ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نۇرغۇن ۋاقىت تۇرسا،نېمىشقا ئولتۇرغۇدەك.تېلېفوننى ئېلىپ تونۇش بىلىشلەرگە تېلېفون قىلدى؛تونۇش بىلىشلەرنىڭ يەنە تونۇش بىلىشلەرگە ئۇقتۇرۇشنى جېكىلىدى.بۈگۈن  يىگىرمە بەش مىڭ يۈەن چىقارسا،ئەتە كىنىشكا چىقىدىغانلىقىنى كەسكىن جاكارلىدى.
ـــ ساۋۇت،كىنىشكىنىڭ باھاسىنى يىگىرمە بەش مىڭ يۈەنگە چىقىرىۋەتتىڭغۇ؟ــ دېدى ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئالىم.
ـــ ئاداش،ئابايلا يىگىرمە ئىككى مىڭغا چىقىپ بولغان، بىلمىدىڭمۇ؟ـــ دېدى ساۋۇت،قادىغا قاراپ قۇيۇپ،ـــ مەن بەش ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇم،ئەگەر ئەتىلا چىقىدىغان ئىش بولسا، ئوتتۇز مىڭدىن بىرىمىز دېدى.سەنمۇ تونۇش بىلىشىڭ بولسا تېلېفون ئۇرمامسەن.ئادەم كوپ بولسا، پۇلمۇ كوپ بولىدۇ. ھېلىقى كۇنۇپكىنى باسىدىغىنىمۇ خۇش بولىدۇ.
ـــ ناۋادا كىنىشكا چىقماي قالسىچۇ؟
ــ چىقسا بىللە چىقىدۇ.قورقساڭ تونۇشنىڭ ماڭا تونۇشتۇرە. چىقماي قالسا،پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسەك،ئىش تۈگمىدىمۇ.
شۇ ئارىدا كىراكەش قادىغا تېلېفون كېلىپ قالدى:
ـــ نېمە،ئەستا، سەل كېچىكىپ قاپتۇ.بايا دېگەن بولسا،بولاتتى. ئەگەر خالىسا،ئۆگۈنلۈككە چىقىدىغان يىگىرمە بەش مىڭ يۈەنلىك كىنىشكا بار.ھە،ھە،ئۆگۈنلۈككە چوقۇم چىقىدۇ،ئۇنىسىدا گەپ يوق. ب كىنىشكا؟ب كىنىشكىنى يىگىرمە بەش مىڭغا بېجىرمەيدۇ. ئۇ چۇخەي ئەمەس؛نومۇرى كىچىكمۇ،چوڭمۇ ئوخشاش سېتىلىدىغان. يو...غان ماشىنىنىڭ كىنىشكىسى...ھە،كىچىك نان بىلەن  چوڭ   ناننىڭ پەرقىنى بىلسە،شۇنىڭغا قاراپراق پۇل بەرسۇن.ھە،ئوتتۇز بەش مىڭما، مەن دەپ باقاي.ھە، ب كىنىشكا سەل كېچىكىپراق چىقىدۇ. ھە،چاۋسۇ؟ـــ قادى بۇرۇلۇپ ساۋۇتقا قارىدى،ـــ ما يەردە بىرسىنىڭ 103 نومۇرلۇق چاۋسۇدىن بىرى باركەن، جەرىمانىسى بىلەن ئەللىك مىڭغا پۈتەمدىكىن دەيدۇ؟ ـــ ئاندىن تېلېفوننى قۇلىقىغا ئەكېلىپ، ـــ ھە پۈتىدىكەن.نېمە،توي خېتى؟ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ئەمدى؟ۋەي،بۇ بى تاللا بازىرى ئەمەس.خوش،مەن ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن،گەپ بولسا، يېزىغا كېلىپ دەڭلار! خوش، خوش! ئالدىمدا جوتۇڭ باركەن.
ـــ ھوي،ئابدۇخېۋىر چاۋسۇنى قاچان يۇيىمەن دېدى، ـــ دېدى ئالىم، قادىنىڭ گېپىدىن ھەيران قېلىپ.
ـــ كەل دەۋرە،چاۋسۇنىمۇ يۇيىدۇ.ئۇنىڭ بېجىرەلمەيدىغىنى يوق. مەككىگە باردىغانلارغىمۇ پاسپورت بېجىرىدۇ جۇمۇ ئاۋۇ.ھېلىقى كۈنى ماڭا دېگەن،ـــ دېدى ساۋۇت.
ـــ راستمۇ، ئادەم ئىزدەپ يىراققا بارمايمىز،ئانام بىلەن دام بار.يەنە بارمۇ دېسە،خوتۇننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بار.
ـــ سەن خۇنپەر،باينىڭياقى زىغزىق چىقىرىۋالغان ھارام پۇلغا ئاتا-ئاناڭنى ھەرەمگە يولغا سالاي دەۋاتامسەن،مەقبۇل بولامدا ۋە ...   ـــ دېدى ۋارىس.
شۇ گەپتىن كىيىن،ماشىنا ئىچىدىكىلەرنىڭ تېلېفونى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ھەركىم بولۇشىغا ۋارقىراپ سۆزلەيتتى،گەپنى ئاڭلىيالمىغان  ئىككىسى بېشىنى سۇڭگۈتتەك ماشىنىنىڭ دېرىزىدىن چىقىرىۋالغانىدى. شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ تېلېفونلا ئەمەس، چولپان رەسىمخانىسىنىڭ ئالدىمۇ قايناپ،ئاۋاتلىشىپ كەتتى.رەسىم چۈشۈشكە ھەممىدىن بۇرۇن كەلگەن تۆتى ھەممىدىن كىيىن چۈشتى. سۈرەتكە چۈشۈۋاتقاندا تولا تېلېفون كېلىپ،سۈرەتچىنىمۇ بىزار قىلىۋەتتى.
  قادى ئۇلارنى كەچتە مېھمان قىلاي دېگەن ئىدى، ھېچقايسىسىنىڭ تاماققا رايى ۋە چۆلى تەگمىدى.كىيىن ئۆزىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ،بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالمىدى.شۇ كۈنى ئۇلار تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىمىدى.پۇل كۆرۈپ تۇرساكۆزلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچىدىغاندىكىدەك! تاماق يېمىدى.توۋا قۇسۇقى چىمىدىمۇ ئاچمايۋاتاتتى،خۇددى يانچۇق تومپايسا،قۇسۇقمۇ ئاچمايدىغاندەك!
ئۇلار شۇ كۈنى كەچتە يېزىدا قونۇپ قالدى،ياتاقنى قادى ئالدى.ئۇ زىغزىق چىقارغان ئىشنى قېيىنى ئىنىسىغا دەپ قويماسلىقى ئۈچۈن، خىيالىدا ئۇلارنىڭ ئېغزىنى ئەتكىنىم بولۇپ قالسۇن دەپ ئويلىغانىدى،
   ئەتىسى چۈش بولغاندا ياتاقنى ئۆتكۈزۈپ،شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتى.ناھىيىگە بارغاندا دوستى مەخمۇت يادىغا يېتىپ،ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ھېسسىياتتا تېلېفون قىلدى.مەخمۇت تېلېفونى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەيدان مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇلار مەخمۇتنى گەپكە كۆندۈرەلمىگەندىن كىيىن،ناھىيىدىمۇ توختىماي شەھەرگە يورۇپ كەتتى.ئارىدا ئابدۇخېۋىر ئۇلارغا ئىككى قېتىم تېلېفون قىلدى. ئۆزىنىڭ ساقلاپ قالغانلىقىنى،ئەتە جىددىي ئىشى بولغاچقا،بۈگۈن بېجىرىۋەتمىسە، كىيىن يەنە نەچچە ئايغىچە ۋاقتى يەتمەيمىش.ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ،قادىنى ئالدىراتتى.قادى ماشىنامنىڭ سۈرىتى ئېشىپ كېتىدۇ دېگەنىدى،ئۇلار:‹‹نىمىدىن قورقىسەن، ئابدۇخېۋىر يۇيىدۇ، بولمىسا زىياننى بەشىمىز تەڭ تارتىمىز››دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.لېكىن ئۇلار ئالدىرىغان بىلەن ماشىنا ئالدىرىمىدى. چاقىنىڭ يىلى چىقىپ كېتىۋېدى،زاپاس چاقنى ئالماشتۇراي دېسە،ئۇ چاقمۇ تۆشۈك چىقتى. بەلكىم ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئايرىم-ئايرىم قاچىلانغان بېرە مىليون پۇل ئېغىر كەلگەن چېغى!
ئۇلار چاقنى مىڭ بىر مۇشەقەتتە ساقايتىپ،شەھەرگە كەلگەندە، ساقچىلار قاتناشقا چەك قويدۇق دەپ،يولنى توسۇۋالغانىدى.ئىككى سائەت ساقلاپ،ئىشتىن چۈشەي دېگەندە ئاران شەھەرگە كىردى. ئابدۇخېۋىر بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇ ياتقان ياتقا بېرىشتى.ئابدۇخېۋىر ئۇلارغا بىر مۇنچە كايىدى:ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ،چوڭ بىر سودىدىن قۇيۇپتىمىش... دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ،بويدا قاپتىمىش.راسلا چوڭ سودىسىدىن قالغان چېغى،تىزىملىك بىلەن پۇلنى بەرسە، قاراپمۇ قويماي،خۇددى ئەسكى خۇرجۇننى تاشلىغاندەك، كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىگە تاشلاپ قويدى.بەشەيلەن ئۇ توختىسا بۇ،بۇ توختىسا ئۇ بىر ھازا كۆڭۈل قويۇپ،ئاران دېگەندە ئۇنىڭ ئالا كۈچۈكلەرنى ھەيدىۋېتەلىدى.ئۇلار ئۇنى بۇنچە كوپ پۇلىنى كۆرسە، خوش بولىدۇ دېگەنىدى،نەدىكىنى!پۇل ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئېچىلىپ قالدى!
ئۇلار ئۇنى مېھمان قىلايلى دېگەنىدى،ئۇ ئۈنمىدى.شەھەرنىڭ تاماقلىرىنى كۈندە يەپ،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قاپتىمىش.شۇنىڭ بىلەن (دادىسىغا پاسپورت بېجىرىدىغان) قادى سىرتقى چىقىپ نەچچە خىل  قورۇما ۋە ھاراق ئەكىردى.نەتىجىدە ئۇ زىغزىق چىقارغان پۇلنى (كىيىن خۇش بولۇپ يۈردى) ئاران دېگەندە ئابدۇخېۋىرگە بېرىۋېلىپ، تېخى پۈتمىگەن ئىشقا،شۇ كۈنى قاتتىق خۇش بولۇپ كەتتى.
   ئۇلار كېچىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ،تاڭغا يېقىن يېتىشتى. شۇڭمىكىن ئەتىسى ۋاقچە ئورنىدىن تۇردى. ئاۋۋال پۇلنى بانكىغا ئاپىرىپ كارتىغا سالدى، چۈشلۈك تاماقنى يەپ، چۈشتىن كىيىن بالدۇرلا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا باردى.ئەمما دەرۋازىۋەن:‹‹سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ،ئەتە كېلىڭلار››دەپ كىرگۈزمىدى. كەچتە ئابدۇخېۋىر ئۇلارنى قىزىل چىراغ رايونىغا باشلاپ ئاپىرىپ،كوزىنى ئېچىپ قويدى.ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ پۇلىنىڭ بەدىلىگە بىر كېچە پادىشاھىدەك ھۇزۇر سۈرۈۋېلىشتى.شۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئارمىنى يوقتەك ھېس قىلىشىپ،ھاياجاندىن ھاياتنىڭ ئاچچىق مۈشكۈلاتلارنى تامام ئۇنتۇشتى.
ئەتىسى ئۇلار چالا-پۇلا ناشتا قىلىپ،ئۇدۇل ئىش بېجىرىدىغان جايغا باردى.دەرۋازا ئوچۇق ئىدى،ئەمما ئىزدىگەن كىشى ئىدارىگە يىغىنىغا كەتكەن بولۇپ چىقتى.ئۇلار شۇ ئەتراپتا تاماق يەپ، ‹‹كۇنۇپكا›› باسىدىغاننى ساقلىدى،يىغىن بىركۈن ئېچىلسا كېرەك، چۈشتىن كېيىنمۇ كەلمىدى.ئارىدا ئالىم ئۇلارغا ئۇقتۇرماي، (گۇماندا)دەرۋازىۋەنگە ئىككى قاپ تاماكا ئېلىپ بېرىپ، باشلىقنىڭ قەيەرگە كەتكىنى ئاسترىتتىن تىڭتىڭلىدى.راستكەن،باشلىق ئەتىگەن ئىدارىگە كەلمەپتۇ.ئەتىسى ئىدارىگە ئەمەس،ئىچكىرىگە يىغىنىغا كەتكەنلىكىنى مەلۇم بولدى.
   شۇ كۈنى كەچتە،ئابدۇخېۋىر ئۇلارنى بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكى بىر يوللار بىلەن ماڭدۇرۇپ،قىمار ئويناۋاتقان بىر جايغا ئەكىردى.ئابدۇخېۋىر ئۇلار بىلەن بۇرۇنلا تونۇشسا كېرەك،كىرىپلا قىمارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. ئۇلار باشتا ئوينىمىدى،كىيىن ئابدۇخېۋىرنىڭ زورى بىلەن ئاتايىن كىرگەندىكىن تەلىيىمىزنى سىناپ باقايلى دەپ،قىمارغا ئەمدى كىرىشىپ تۇرۇشىغا،قېرىشقاندەك تۇيۇقسىز ساقچىلار كىرىپ، ھەممىسىنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپاردى. يانلىرىدىكى (قادىدىن پۇل چىقمىدى) پوللارنىڭ ھەممىنى مۇسادىرە قىلىپ، بەش كۈنلۈكتىن مەمۇرى توختاتتى.ئارىسىدا ئابدۇخېۋىر يوق ئىدى. ئالىم ئۆزلىرىنى مەمۇرى توختىتىش ئورنىغا ئېلىپ ماڭغاندا،ھېلىقى دەرۋازىۋەننىڭ ساقچىخانىنىڭ ھويلىسىدا يۈرگەننى كۆرۈپ قالدى.
    ئۇلار مەمۇرى توختىتىشتىن چىقىپ،ئابدۇخېۋىرگە تېلېفون ئۇرغانتى،ئۇ ئۆزنىڭ جىددىي سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىگە ماڭغانلىقىنى،كىنىشكا بېجىرىدىغان باشلىق بىلەن ئىچكىرىدە كۆرۈشۈپ،ئىشنى پۈتتۈرۈپ كېلىدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتى.ئۇلار ئىلاجسىز،شەھەرگە كىرگەن بىر تونۇشىدىن پۇل ئوتنى ئېلىپ،قايتىپ كەلدى.قايتىپ كەلگىنى كىم خەۋەر قىلغان،كىنىشكىلىرىمىزنى ئالىمىز دەپ،پۇل بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى تۇشمۇتۇشتىن كېلىپ،بېشىنى ئوچاق قىلىۋەتتى.ئۇلار ھەر بىرەيلەنگە قايتا-قايتا،يېرىم ئاي ساقلاپ تۇرۇشنى،ھېلىقى ‹‹كۇنۇپكا››باسىدىغاننىڭ تۇيۇقسىز يىغىنى چىقىپ قېلىپ، ئىچكىرىگە كەتكەچكە،بۇ قېتىم بېجىرەلمەي قالغىنىنى  چۈشەندۈرۈپ، مىڭ تەستە قۇتۇلۇشتى.
  ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ،كىراكەش قادى شەھەرگە كېتىپ يامان خەۋەردىن بىرنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلدى.ھېلىقى ئۆزلىرىگە ‹‹بىر كۇنۇپكا››بىلەن كىنىشكا بېجىرىپ بەرمەكچى بولغاننى تەپتىش مەھكىمىسىدىن تۇتۇۋاپتۇمىش، يالغۇز ئۇنىلا ئەمەس،ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن كىشى تۇتۇلۇپتىمىش؛ھەتتا ھېلىقى دەرۋازىۋەنمۇ بارمىش...توۋا! باشلىقى چىرىكلەشسە،دەرۋازىۋەننىمۇ تۇتامدىغاندۇ؟ سۈيىنى ئىچكەنمۇ ،چۆپىنى يېگەنمۇ ئوغرى!
  ئۇلار دەرھال ئابدۇخېۋىرگە تېلېفون قىلىشتى.ئابدۇخېۋىر:‹‹ئۇ تۇتۇلغان بىلەن،بۈگۈر دېگەن يەردىن يەنە بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.بۇ يەردە ئىشلار ئۇ يەردىن ئاسانكەن؛ھەپتىگە قالماي كىنىشكىنى ئېلىپ بارىمەن...››دەپ،ئۇلارنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە سىرقىراپ تۇرغان يۈرگىنى خاتىرجەم قىلدى.بۇ ئەھۋالدا،ئۇلار ئۇ نېمە دېسە ئىشەنمەي،ئەسلا ئىلاجى يوق ئىدى.ئەمما ئارىدىن ئۇچ ھەپتە ئۇتۇپ،ئابدۇخېۋىردىن شۇم خەۋەر كەلدى:بۇ جايدىكى‹‹كۇنۇپكا›› باسىدىغاننىڭ ئەھۋالىمۇ ئوسالمىش،بارماقلىرى تۇيۇقسىز كۇنۇپكا باسالمايدىغان بولۇپ قاپتىمىش،نېمە بولدىكىن قوللىرى قولىشىپ ياكى سوغۇقتاتوڭلاپ كەتكەندەك،تىترەپ ھېچ كېرەككە كېلىدىغاندەك ئەمەسمىش...شۇندىمۇ ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىش يوقمىش؛بۈگۈردە پۈتمىسە،غۇلجىغا بېرىپ پۈتۈرەرمىش...راست، ئۇنىڭ مۇناسىۋەت تورى پۈتۈن ئۆلكىدە بار تۇرسا،يەنە نېمىدىن ئەنسىرەش!دېگەندەك ئۇ بۇ قېتىم غۇلجىدىكى ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا كىنىشكا بېجىرىدىغان مۇناسىۋىتىنى ئىزدەپ كەتكەنلىكى،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمدە يوق تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق مەلۇم بولدى...ئەمما يۈرەكنىڭ بېغى پۇلغا تۇتاش بولغاچقىمىكىن،ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى خاتىرجەمسىزلىنىپ بىلىپ-بىلمەي تىترەيتى.   
  ئۇلار خەۋەر كۈتۈپ،تاقىتى تاق بولۇپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭدىن: ھازىر ياز بولغاچقا غۇلجىدا قاتناش ۋەقەسى ئاز يۈز بەرگەچكە، ئاساسەن ئۆلگەنلەر يوق،شۇڭا قاتناش ۋەقەسى كوپ يۈز بېرىدىغان قىشنى كۈتۈپ،غۇلجىدا تۇرۇپ قالدىم،دېگەن خەۋەر كەلدى.ئاشۇ يىراقنى يېقىن قىلىدىغان تېلېفون جىرىڭلاپ تۇرسىلا،خۇداغا شۇكرىلەركى! ئۇلارنىڭ مىليون پۇلنىڭ ھېسابىدىن ئېزىلگەن يۈرەكلەردىكى  پىلدىرلاپ تۇرغان ئۈمىد شامى ئۆچمەيتتى! سەۋرىمۇ تاقىتىنى قىشقا ئۇلىيالايتى!
  ئۇلار ئەمدى ئولتۇرسا قوپسا،غۇلجىدا قاتتىق قار ياغىدىغان قىشنىڭ كىرىشنى تىلەپ ۋە كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى.قىشمۇ كىردى.ئۇلار ھازىر ئەڭ تەشنا بولۇپ كۆرىدىغان پروگرامما‹‹ھاۋارايى مەلۇماتى›› ئىدى.بۇ پروگراممىنى ئولتۇرۇپ ئەمەس،تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئورە تۇرۇپ كۆرەتتى.ئىزدەپ تېپىپ كۇندە نەچچە قېتىم كۆرەتتى. سىرتقا چىقىپ ئىگىزدە تۇرۇپ،يىراقتىكى(كۆرەلەيدىغاندىكىدەك) غۇلجى ئاسمانغا قارشاتتى.ئاھ خۇدا!تېلېۋىزوردا قار ياغدى ياق، تېلېۋىزوردا ئەمەس،غۇلجىدا قار ياغدى!ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئۇ ئۇقماي قالمىسۇن دېگەندەك،تۇشمۇتۇشتىن ئابدۇخېۋىرگە تېلېفون قىلدى، باشتا تىلفۇن يولى ئالدىراش چىقتى.بەلكىم ئۇ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىنىشكىسىنى بېجىرىمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەندۇ ۋە ياكى  تېلېفون ئالغۇدەك چولىسى يوقتۇر...ئۇلار ئۆزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى ئاۋۇندۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئۇرغۇتۇپ،غۇلجىدا قارا داۋاملىق يېغىۋاتاتتى...قار توختىماي ياغسا(باشقىلار بىلەن كىمنىڭ كارى) ئۇلارنىڭ مۈشكۈلى ئاسانلىشاتتى...مىڭ ئەپسۇس، ئاخىرى ئۇچتىن تۆتى بولغان تېلېفون نومۇرى غۇلجىنىڭ سوغۇقىدا توڭلاپ(ئۆلۈپ) قالدىمۇ ياكى تېلېفون ئۇلانمايدىغان‹‹ئوي››گە كىرىپ قالدىمۇ،پەقەتلا ئۇلانماي قويدى...
كىمنىڭ شۇم خەۋەر ئاڭلىغۇسى بار؟ئابدۇخېۋىرنى ساقچىلار تۇتۇۋاپتۇمىش...بىر قېتىملىق قىمار سورۇندىكى جېدەلدە پۇت- قۇلىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋېتىپ،تالاغا تاشلىۋېتىپتىكەن،جەسىتىنى ئىتلار يەپكەتكەنمىش...بىرىدىن بىرى شۈم ھەم ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلىدىغان خەۋەرلەر ئاسماندىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقاندەك،ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى.
   قەرز سۈيلىگۈچىلەرنىڭ دەستىدىن بەشەيلەن يۇرتتا تۇرغۇچىلىكى قالماي،قادىغا ماشىنىسىنى ھەيدىتىپ،ئابدۇخېۋىرنى ئىزدەپ غۇلجىغا كېتىشتى.ھەپتىدىن كىيىن،يەنە ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشكەندەك،ئۇلارنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى.ئاڭلاشقا قارىغاندا،كۈندۈزدە ماشىنا جىق ھەم قاتناش ساقچىسى بار دەپ،قادى ئۆزى ھەيدىگەنمىش.كەچتە،ماشىنا ئاز، قاتناش ساقچىسى يوق دەپ،كىنىشكىسى يوق ساۋۇت ھەيدىگەنمىش. ھەممىسى ئۆلگەن تۇرسا، بۇنى كىم قانداق بىلگەندۇ؟ پەرەز ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى تەڭرى ئۆزى بىلىدۇ.
    بۈگۈن مەخمۇت يېڭىدىن سېتىۋالغان ماشىنىسىغا مەسچىتنىڭ ئىمامىنى چىقىرىپ،قەۋرىستانىلىققا كىتىۋاتاتتى.مەخمۇتنىڭ شۇ دەقىقىدىكى پىكىرى چېچىلاڭغۇ ئىدى.ناۋادا ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىغا كىنىشكا بېجىرگىلى بولسا، قادىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى كىملەر پۇل خەجلەپ سېتىۋالار؟ھاياتلار ھاياتلارنىڭ ئۆلۈمنى تىلەپ بېجىرگەن كىنىشكا بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ماڭغاندا،قانداق ھېسسىياتتا بۇلار؟
  كىچىككىنە ئاۋارىچىلىكنى دەپ،ئۆزىمىز بېجىرەلەيدىغان ئىشلارنى  باشقىلارغا ھاۋالە قىلمايلى ھەم يېلىنمايلى.يوللار راۋان ھەم تاپىنىمىز ئاستىدا.تىرىشساق نېمىلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ؟ يۈگۇڭدەك تاغنىمۇ يۆتكەيمىز!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-7 22:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملانى قايتا ئوڭشاڭ! خەتنىڭ تىزىلىشى بەكلا ئۆلچەمسىز. «ۋوردنىڭ ئىملا قائىدىسى» نىمۇ ئۆگىنىڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 11:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى كەمچىللىكلەرنى چوقۇم تۇزتىمەن.ئەرچىن  ئەپەندىمنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ،قىممەتلىك  پىكىر بەرگىنىگە رەخمەت!

ۋاقتى: 2016-2-10 01:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ : پېرسۇناژلار خارەكتېرى ، دېئالوگلار ، ئوبراز يارېتىش قاتارلىقلار . لېكىن ھېكايىنىڭ ئاخېرى ئارتۇقچە يېزىلغان . ‹‹   كىچىككىنە ئاۋارىچىلىكنى دەپ،ئۆزىمىز بېجىرەلەيدىغان ئىشلارنى  باشقىلارغا ھاۋالە قىلمايلى ھەم يېلىنمايلى.يوللار راۋان ھەم تاپىنىمىز ئاستىدا.تىرىشساق نېمىلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ؟ يۈگۇڭدەك تاغنىمۇ يۆتكەيمىز!  ››

ۋاقتى: 2016-2-14 00:28:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىينەم "قىيان" توغرا دەيدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش