يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 385|ئىنكاس: 7

پولات: خىسلەتلىك بالا (مەسەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 22:16  

    خىسلەتلىك بالا
                               (مەسەل)

                          پولات ۋىلاخۇن ئىلى

    شاخ-شۇمبىلار بىلەن چىرايلىق چىتلاپ ياسالغان ئوبىرنىداتەرەت قىلىپ ئولتۇرغان ئېھساننىڭ قۇلىقىغا ئوبىرنى يېنىدىكى كۆك تېرەككە قونىۋالغان ئۇزۇن قۇيرۇق ئالا قۇش بىلەن دەرەخ تۈۋىدىكى ئوت-چۈپ
لەر ئارىسىدىن نېمىلەرنىدۇر تاتلاپ تېرىپ يەپ يۈرگەن سېرىق توخۇنىڭ قىلىشقان گەپلىرى چۈشۈپ قالدى.ئۇ تۈنجى كۆرۈۋاتقان ئاۋۇ ئۇزۇن قۇيرۇق ئالا قۇشنىڭ چىرايلىق تۇرقىغا زوقلانسا،ئۆزىنىڭ بۇ قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلەلىگىنىدىن ھەيران ئىدى.
    ـــ ھەي،سېغىزخان،يوقاپلا كەتتىڭ،نېمە بولدۇڭ؟نەلەردە يۈردۈڭ؟ ـــ سورىدى سېرىق توخۇ دەرەخ ئۈستىدىكى سېغىزخانغا بوينىنى سوزۇپ قاراپ.
    ـــ ھەي قېرىندىشىم،نەلەردە يۈرەتتىم،يېراق جاڭگاللاردا،چەت ئورمانلاردا بولدۇم... ـــ دېدى سېغىزخان تۆۋەنگە ـــ توخۇغا قاراپ.
    ـــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ...مۆشۈكلەرمۇ يوقاپ،چاشقانلار ئادەملەرنى تازىمۇ بوزەك ئەتكىلى تۇردى.
    ـــ خوپ بوپتۇ بۇ ئادەم دېگەن ياۋۇزغا!...
    ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟!نېمانچە قورساق كۆپۈگى قىلىپ كەتتىڭ؟...
    ـــ سەنمۇ ئېنىق بىلىسەن،ئادەم دېگەن بۇ تويماس ئېبلىس زەھەر دېگەن بىرنېمىنى ھەممىلا يەرگە يامىرتىۋىتىپ،بىرەر نەرسىنى خاتىرجەم يېگىلى قويمىدى،شۇ سەۋەپ ئاتا-ئانام،قېرىنداشلىرىم كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتتى.بىز تۇتۇپ يەيدىغان چاشقانلارنىڭ تېنى پۈتۈنلەي زەھەرلىنىپ،‹‹زەھەرلىك بومبا››بولۇپ كەتكەن تۇرسا...شۇڭا قالغان قېرىنداشلىرىمنى باشلاپ ئادەم يوق شۇ ماكانلارغا كەتتۇق.
    ـــ بۇ گېپىڭمىغۇ توغرا.بىزمۇ تېرىپ-تاتىلاپ يەيدىغان ئاجىز جان، شۇڭا تۆكۈلگەن-چېچىلغان دانلارنى تېرىپ يېيىش جەريانىدا بەزىدە بىلىپ-بىلمەي زەھەرلەنگەن يېنەكلىكلەرنى يەپ سالىمىز.بۇ چاغدا ئاز يەپ قالغان بولساق تەلىيىمىز،قىزىغان پوكانلىرىمىزنى زەي يەرگە چىڭ بېسىپ يېتىۋالىمىز،مۇزدەك سۇدىن ئىچىپ ئۇياق-بۇياقلارغا يۈگۈرەيمىز،شۇنىڭ بىلەن تەستە ئەسلىمىزگە كېلىمىز.ئەگەر سەنلا جىق يەۋالغان بولساق بولدى،شۇ يەردىلا جان بېرىمىز.شۇ سەۋەپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى.يېمەي دېسەڭ ئاچ قىلىۋاتقان.بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى بىرتال داننى ساڭا بىكارغا بەرگۈسى كەلمەيدۇ...بۇۋاملارىڭ رېۋايەت قىلىشىچە بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇپ تولىمۇ مەرت ئىكەن.قۇشلارنىڭ رىسقى دەپ دانلارنى ئېتىزلىقلارغا،خامانلارغا چېچىپ قوياتتىكەن. ـــ دەپتۇ توخۇ ھال ئېيتىپ.
    ـــ مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان.ئۇ چاغلاردا بىز قۇشلارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ ئىكەن.ئادەملەر بىلەن شۇنداق يېقىن ئۆتەتتىكەن.چوڭلارنىڭ دېيىشىچە ئۇ چاغنىڭ ئادەملىرى بالىلىرىغا قۇش بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان يېقىنلىقىنى،ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى- كەن،دان چېچىپ بېرىپ،قورسىقىنى ئاچ قويمايتتىكەن.بالىلارمۇ ئامراقلىقىدىن تۇمشۇقلىرىغا سۆيۈپ كېتەتتىكەن...بۇ گەپلەر راستمىدۇ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن.ئەمما يەنىلا چوڭلار يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ گېپىگە چىن پۈتىمەن.ئەنسىرەيدىغىنىم ھازىرقى بالىلار مېنى بەلكىم تونىماسلىقى مومكىن...ـــ سېخىسخان ئۇھ تارتىپ قويدى.
    ـــ بەلكىم،بولمىسا ئاۋۇ ئوبىرنىدىكى بىزنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئەقىللىق بالىسى ئىھساندىن سوراپ باققىن.
    ـــ ئۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلەمدۇ؟!
    ـــ سىناپ باقمامسەن.ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كەنجى بالىسى،ئەمدى بەش ياشقا كىردى.ئۇ دائىم بىز بىلەن ئوينايدۇ.
    ـــ مەيلى،سوراپ باقسام سوراپ باقاي.ـــ ئۇ شۇنداق دەپ ئىھسانغا قاراپ،ـــ ھەي بالا!ـــ دەپ چاقىردى بوينىنى سەل سوزۇپراق دەرەخ ئۈستىدە تۇرۋىلىپ،ـــ مانا مەن،مانا دەرەخ ئۈستىگە قارا،سەندىن سوراپ باقاي،سەن بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلەمسەن؟ئەگەر بىلسەڭ دەپ باققىنە،سەن بىزنى كۆرۈپ باققانمۇ؟مېنى تونۇمسەن؟
   ـــ ياق،ـــ دىدى ئېھسان،ـــ مەن سېنى تونىمايمەن.
    ـــ ماڭا قارا بالا،مېنى ئاتا-بۇۋىلىرىڭ‹‹سېخىزخان››دېيىشىدۇ.
ئۇلار مەن ھويلاڭلاردىكى دەرەخكە كېلىپ قونۇپ ئۆز خۇشلۇقۇمدا شاراقشىپ سايرىسام‹‹سېخىزخان شاراقلاۋاتىدۇ،مېھمان كېلىدىغان ئوخشايدۇ››دەپ تەييارلىقلارنى خوشال ھالدا ئالدىراش قىلىشاتتى.
    ـــ ئۇنداقتا ھازىر نېمىشقا شاراقشىمايسەن؟ ـــ دەپ سورىدى ئېھسان كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ.
    ـــ سەن بىلمەيسەن.چوڭ ئادەملەر ساراڭ بولدى.مېھمانلار بىلەن ئانچە خۇشى يوق.ھەممىسىلا ئالدىراش.بىز بىلەن تېخىمۇ كارى بولمىدى.بۇنداق دېسەم ھەممىسىلا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قالما،ھازىر بىزنى چۈشۈنىدىغانلارمۇ بارغانچە كۆپۈيۈپ قىلىۋىتىپتۇ،شۇڭا بىز قۇشلار خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋىتىپتۇ... مەن بۇ .ئۆزگۈرۈشلەردىن تولىمۇ خوشال.بۇ قېتىم مەن بۇ ئۆزگىرىشلەر
نى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئايلىنىپ كېلىشىم.ھەقىقە- تەن ئۆزگىرىش بولىۋىتىپتۇ.ـــ سېخىزخان سەل ھاياجانلىنىپ قالغان ئىدى.ئۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ،ئۆزىگە تېخىچىلا ھەيرانلىقتا تىكىلىپ، گەپلىرىگەقۇلاق سېلىپ تۇرغان ئېھسانغا قاراپ،ـــ ھەي بالا،سەن مەن بىلەن دوست بولۇپ ئويناشنى ياخشى كۆرەمسەن؟ـــ دەپ سورىدى.
    ـــ ياخشى كۆرۈمەن.مەن قۇشلارغا ئامراق.
    ـــ مۇشۇ بالا بىزگە ئاتا-ئانىسىغا بەزىدە كۆرسەتمەي،بەزىدە ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كۈندە دان بېرىشنى ئۇنتىمايدۇ.شۇڭا بىزمۇ ئۇنىڭغا بەك ئامراق.ئۇ نەگە بارسا،بىزمۇ شۇ يەرگە ئەگىشىپ بارىمىز.ئۇ خالىسا بىزنى تۇتۇپ ئوينايدۇ،بىزمۇ ئۇنىڭدىن زادىلا قاچمايمىز.ــ دى
دى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ تۇرغان سېرىق توخۇ گەپ ئېلىپ.
    ـــ سېلەر ھەقىقەتەن تەلەيلىك،ئېناق دوستلاردىنكەنسىلەر.سىلەر
گە ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ...مۇنۇ ئادىمىزات بالىسىنىڭ قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلگىنى بىر مۆجىزە.ئۇ ھەقىقەتەن خىسلەتلىك ياخشى بالىكەن.ــ دى
دى سېخىزخان يەنىمۇ ھاياجانلىنىپ.
    ـــ شۇ ئەمەسمۇ،بىر-بىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا،ئاندىن ئېناق ئۆتكىلى بولىدۇ.ـــ دىدى توخۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن خۇش بولۇپ.
    ئېھسان ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالىغانلىقىغا تولىمۇ خوشال ئىدى.

2007-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى يېزىلغان

  ئادرىسى:ئىلى چاپچال قوغۇنچى يېزا مەركىزىي مەكتەپ
                                    甫拉提。维拉洪) 阔洪齐乡                                                        
تېلىفۇن:18997596267


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-8 16:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك مەسەل ئىكەن.ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2016-2-8 18:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز رەھمەت سىزگە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 23:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلىرىمنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-2-14 18:16:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەربىيە ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ «مەسەل»لىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم خېلى  ياخشى

چىقىپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز توختاۋسىز چېپىپ داۋانلار ئاشقاي !!!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 12:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.سىزگىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن،گۈلنىسا ئاچا.

ۋاقتى: 2016-2-17 17:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمننى تەربىيەگە ئىگە قىلىشتا مەسەلنىڭ رولىغا سەل قارىغىنى بولمايدۇ

ۋاقتى: 2016-2-23 19:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسەل-نۆۋىتىدە تۈرلۈك روھىي كېسەللەرگە داۋا ھەسەل!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش