ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى
نۇرشات ئەنۋەر
ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى
جىمجىت ئولتۇرۇپ
ساڭا شېئىر يېزىشتىن باشقا.
ئەنە،
تىۋىشىڭدىن يىراقتا قالغان
ھىدىڭ كۆچكەن توپىلىق يوللار...
باشلىدى يۈرىكىم يەنە قاناشقا...
يەنە كەچ بولدى
ئىزىمدىلا ئولتۇرۇپ تىمتاس
سېنى قايتا كەلگەي دېيىشتىن...
ئاھلىرىمنى ئاھىمغا ئۇلاپ،
بىر ئىستەكنىڭ باغرىدا پىنھان
بۇ ھاياتقا يالغان كۈلۈشتىن...
باغلىرىممۇ تاشلىدى خازان،
شاخلىرىدىن تەزدى يېشىل چۈش.
ئەكسىمگە بېقىپ
ئىسمىڭنى توۋلىدىم سەۋدايىلارچە،
قېلىۋەردى ئۆزىدە كۈتۈش.
باھانىسى مەۋھۇم بىر نىگاھ،
كېتەلمىدىم كېتەي دېگەنچە.
قېرىشقاندەك
ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى،
مەن ۋەسلىڭگە يېتەلمىگەنچە...
2016–يىل،2–فېۋرال.
|