كۆرۈش: 5869|ئىنكاس: 32

«ئىلى دەرياسى» ژورنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2.jpg

3.jpg
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1979-يىلى ئىسلاھاتنىڭ باھار شامىلى بىلەن تەڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ،34 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھازىرغىچە جەمئىي 187 سان ژۇرنال كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
شىنجاڭ تارىخىدىكى ئاجايىپ شانلىق كەچمىشلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان گۈزەل ئىلىدىكى ئانا دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان «ئىلى دەرياسى» ئۆزىنىڭ 34 يىللىق مۇساپىسىدا ژۇرنال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ھېسابلانغان بەدىئىي سۈپەتتىن ئىبارەت مەركىزىي نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئاپتورلارنى تولۇقلاش، زورايتىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيەلەش ۋاسىتىسى بىلەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىشىپ چىققان تۈ*ركۈم-تۈ*ركۈم ئاپتورلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ سۆيۈملۈك دىياردا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا شۆھرەت قازانغان پېشقەدەم شائىر-يازغۇچىلار، ئوتتۇرا ياش، ياش قەلەم ساھىبىلىرى «ئىلى دەرياسى» نىڭ پەرۋىشىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ كامالىتى ئۈچۈن قان-تەر تۆكمەكتە. 34 يىلدىن بۇيان شۇ سۆيۈملۈك ئاپتورلارنىڭ قوللىرىدىن چىققان ئونلىغان روماندىن پارچىلار، يۈزلىگەن پوۋېست-داستانلار، مىڭلىغان ھېكايە-شېئىرلار، تارىخ، كەچمىش، ئەسلىمىلەر، ئەدەبىي تەقرىزلەر، باسقان ئىزلارنىڭ جانلىق شاھىتى بولغان تارىخىي سۈرەتلەر، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانېرلىرىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر بۈگۈنكى كۈندە 187 سان ژۇرنالنىڭ ھەر بىر بېتىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەڭ ئاۋامنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ تۇرماقتا. 34 يىلدىن بېرى ژۇرنىلىمىزدىكى رەڭگارەڭ سەھىپىلەر سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۇقىرىقىدەك نادىر ئۈلگىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ چاڭقاق قەلبىگە مەنىۋى ئوزۇق، تېنىگە كۈچ-قۇۋۋەت، روھىغا كۆتۈرەڭگۈلۈك، تۇرمۇشىغا مەزمۇن، ئىشلىرىغا ئىلھام، ئەتىسىگە ئىزگۈ-ئارمان، مەنىۋىيىتىگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلدى. قويۇق ئىلى تۈسى ۋە زامانىۋى جەلبكارلىق بالقىغان، يېڭى دەۋردىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان، ئىلى تىلىدىكى بەرنالىق چايقىلىپ تۇرىدىغان ئىلىنىڭ سۆيۈملۈك ئانا ژۇرنىلى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىق نېمەتلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھاياجىنىنى بېزەپ كەلدى. نەتىجىدە بۇ ژۇرنال خەلقىمىز قەلبىدە ئابروي-ئىناۋەتكە، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت ئىچىدە تەسىرگە ئىگە شۆھرەتلىك، نوپۇزلۇق ژۇرنالغا ئايلاندى.
خەلققە بەرگەن نادىر يازمىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە گىگانت قەددىنى تىكلىگەن ۋە تىكلەۋاتقان ئاتا ئەدىبلەر، ئۇستاز يازغۇچى-شائىرلار ھەرقاچان «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ھۆرمەت-ئېھتىرامى، رەھمەت-تەشەككۈرى جامىدىن شەربەتلەر ئىچىپ، ھاردۇقلىرى چىقتى. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ھازىرغىچە ئەدەبىيەت ئۈچۈن روھىنى تەسەددۇق قىلىپ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان 15 نەپەر پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ئەدىب-ئۇستازلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. 1994-يىلى ۋە 2006-يىلى ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. 1996-يىلى ژۇرنالنىڭ 100 سان نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەش يىغىنىنى، 1998-يىلى ۋە 2005-يىلى ئىككى قېتىم «ئىلى ياش ئاپتورلار ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» نى ئۇيۇشتۇردى. ژۇرنال تەھرىراتى ژۇرنالغا كېرەكلىك كەسپىي خىراجەت قىس، ئىقتىسادىي يۈك ئېغىر بولغان ئەھۋالدىمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھازىرغىچە بەش نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ 19 نەپەر ئەدىبنى بۇ قۇتلۇق مۇكاپاتتىن بەھرىمان قىلدى. شۇنداقلا 2008-يىلى ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش، تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، زور بىر تۈ*ركۈم تۆھپىكار ئەدىب ۋە مۇنەۋۋەر مۇھەررىرلەرنى مۇپاكاتلىدى. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئىسمايىل تىلىۋالدىلار ژۇرنال نەشرىنىڭ 30 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس تېلېگراممىلار ئەۋەتىپ بۇ قۇتلۇق مەرىكىنى تەبرىكلىدى.
يىللاردىن بېرى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنىتى، تەھرىراتنىڭ نەتىجىسىنى ئەل-ئاۋام ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلمۇ كۆردى. ئەل شۇ ئىجادكار ئاپتورلارغا ئېھتىرام بىلەن قارىدى، تەشكىل بولسا تەھرىراتنى تارتۇقلىدى. ھازىرغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدىن كۆپلىگەن ئەسەرلەر مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك رادىيو ئىستانسىسىلىرىدا ئاڭلىتىلىپ 100 پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەر «غەربىي دىيار»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى قاتارلىق خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلدى. مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەتجان سادىق، مۇھەممەتجان راشىدىن، ئابلەت ئابدۇللا، مەسئۇد مەرۇپ، پەرھات ئىلياس، ئابلېكىم ھەسەن قاتارلىقلاردىن مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر روياپقا چىقتى. ھازىرغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدىن 38 پارچە ئەسەر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇاكاتاپى» غا، ئىككى پارچە ئەسەر 2-ۋە 3-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئىككى پارچە ئەسەر «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-، 2011-يىللىق «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 1990-يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، شىىنجاڭ ژۇرنالچىلار جەمئىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان باھالاش پائالىيىتىدە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى بىر قېتىم 1-دەرىجىلىك ژۇرنال نامىغا، 2003-، 2005-، 2007-يىلى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت «شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتى»غا نائىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ يورۇق يۈزى بىلەن ھەر بىر ئوقۇرمەنگە كۈلۈپ باقتى.
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 34 يېشى ئەمدى تارىخ بولۇپ قالىدۇ. گەپ ئەدەبىياتنىڭ، ژۇرنالنىڭ ئەتىسىدە. ئەتە ژۇرنال تەھرىراتى تېخىمۇ ئىزدىنىدۇ. مۇھىمى، مەنىۋى مەدەنىيەتتىن، ئىجادكارلار قەلىمى بىلەن روياپقا چىققان روھى ئوزۇقتىن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش، ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتقان خەلقنى رازى قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىدۇ!


پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 75-58
ئادرىسى: غۇلجا شەھىرى جەنۇبىي ئازاتلىق يولى 72-نومۇر
پوچتا نومۇرى:835000
تېلىفۇن نومۇرى: 0999-8021205
ئېلخەت ئادىرىسى:ilideryasi@163.com


img017.jpg

باش مۇھەررىرى:شاكىرجان ئىلاجى

شاكىرجان ئېلاجى 1965-يىلى قورغاس ناھىيەسى كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى ئائىلىسى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چەرچەن ناھىيەسىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى چەرچەن ناھىيەسىدە تاماملاپ 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1987-يىلى 7-ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 2010-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
شاكىرجان ئېلاجى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ژۇرنالچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

eset.jpg

مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى: ئەسئەت ئابدۇرىشىت

ئەسئەت ئابدۇرېشىت 1967– يىلى 11 – ئاينىڭ 22- كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1988 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، توققۇزتارا ناھىيىلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر-مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. كەسىپتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن 1992 – يىلى ‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى›› ئىدارىسىگە يوتكىلىپ كىرىپ، مۇخبىر -مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن گېزىتچىلىك ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئاخپارات ۋە قىسقا ھىكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ياخشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ.1996 –  يىلى ئىلى  ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىكى تەجىربىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكەپ كېلىدۇ.  
    ئۇنىڭ  ئەدەبىي  ئىجادىيەت  ھاياتى  90 – يىللاردىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى ژانىرلاردا پوۋېست،ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات  ۋە  ئىلمىي  ماقالىلارنى  ئېلان قىلىپ كەلدى. ئۇ يازغان ‹‹ بىر تامچە ياش بولسىمۇ كەم تۆكۈلسۈن ›› ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات 1993 – يىلى گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايۇن بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،‹‹ شەھەرنىڭ ھېكايىسى›› ناملىق ھېكايىسى ‹‹ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى›› ئۇيۇشتۇرغان ‹‹كارۋان يولى›› بەدئىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ‹‹ ياقۇتقا قونغان توزانلار›› ناملىق ماقالىسى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ،‹‹دوقمۇشتىكى لەتىپە›› ، ‹‹ يەكپاي ئاياغ ›› ناملىق ھىكايىلىرى 1995-يىلى ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرغان گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ،‹‹ ئەركەكلەر ›› ناملىق ھېكايىسى 7 –نۆۋەتلىك ‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا،‹‹ئادىنوشكا›› ناملىق ھېكايىسى 3 –نۆۋەتلىك ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،‹‹ ئاق رومال›› ناملىق پوۋېستى 3 –نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات -سەنئەت مۇكاپاتىغا، مەزكۇر ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1 –سانىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ شەھەرنىڭ ھېكايىسى›› ناملىق  ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىگى ئۈچۈن تۈزۇلگەن يېزىقچىلىق يېتەكچىسى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ،قازاق تىللىرىرىغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە كوللىكتىپ توپلارغا  كىرگۈزۈلدى ھەم ئوبزۇرلار يېزىلىپ ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.‹‹ ئايدىكى داغ›› ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹يەكپاي ئاياغ›› ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.

asimjan.jpg

مەسئۇل مۇھەررىرى:ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ


ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ 1976-ﻳﯩﻞ 12- ﯪﻳﻨﯩﯔ 16- ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮى قارىۋاي مەھەللىسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1983- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1996- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپ،14-ئوتتۇرا مەكتەپ،5-ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇشىنى ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﯮﻗﯘﺵﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ << ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ >>  ژۇرنىلى ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

         ﯰ 1992- ﻳﯩﻠﻰ << ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ >> ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ << ﯲﺯﯛﻡ ﯮﻳﻐﯩﻨﺎﻱ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺗﺒﯘﯪﺗﻼﺭﺩﺍ 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، 50 ﭘﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ  ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﯪﺋﯩﺖ ماقالىلىرى ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 20پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەنزۇ ئوبزۇرچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.قازاقىستاندا چېقىدىغان ئۇيغۇرچە <<مەرىپەت >>ژۇرنىلىدا بىرتۇر*كۇم شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، شېئىرلىرى ۋە ئىجادىى ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻧﻨﯩﯔ << ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ >>، << كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىم >>، << ﺳﯘ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ >>، ‹‹يالغۇزلۇقۇم ئېسە قىلغاندا››،<< كۈنتۇغدى>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯪﻳﺮﯨﻢ - ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ << ﻛﯚﻛﻨﯘﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ >>2001-ﻳﯩﻞ)، <<  ﭼﻮﻟﭙﺎﻥﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ >> ( 2002- ﻳﯩﻞ)،( << تۇنجى نۆۋەتلىك ﯪﻗﻴﻮﻝﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ >> ( 2005- ﻳﯩﻞ) ‹‹4-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى››(2008-يىلى)،<< بۈركۈت پەرۋازى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>(2011-يىل) ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.  ئۇنىڭ يېقىندا «كەشتە يوپۇرماق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى.
ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ھﺎﺯﯨﺮ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ.

   


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-15 00:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم -ئىرپان بۇلىقى،
گۇزەل ئىلى ژۇرنىلى.
شائىرلارغا زوق ئىلھام،
گۇل چىمەنلىك بويلىرى.

ۋاقتى: 2012-6-15 08:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى»ژورنىلى جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ ئەجىر -مېھنىتى بىلەن نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى . مەن «ئىلى دەرياسى»نىڭ مەڭگۈ ئۆركەشلەپ ئېقىشىنى ،ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-6-15 09:47:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى زور بولغان بۇ ژۇرنالدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەتقىقات قىممىتى تولىمۇ يوقۇرى

ۋاقتى: 2012-6-15 10:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىبلەرنىڭ يېڭى دۇنياسى،
ئاق شاۋقۇنلۇق «ئىلى دەرياسى،»
گۈزەل ۋەتەن-بوستانىمىزنىڭ،
بولغىن مەڭگۈ بۇلبۇلگوياسى!

ۋاقتى: 2012-6-15 12:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلخەت:
ilideryasi@163.com



ۋاقتى: 2012-6-15 12:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمىنى <zapari@163.com> يوللاپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2012-6-15 12:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ژۇرۈالغا مەنمو ئەسەر ئەۋەتكەن ئىدىم .

ۋاقتى: 2013-7-26 12:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىلى دەياسى ژۇرنىلىغا ئەسەر ئەۋەتكەن ئىدىم، تاپشۇرۇپ ئالغانمىدۇ؟

ۋاقتى: 2013-12-24 13:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئېلى دەرياسى››نىڭ ئەتىسىنىڭ يەنىمۇ پارلاق  بۇلىشىنى تىلەيمەن!...

ۋاقتى: 2013-12-24 16:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سۈيۈپ ئۇقۇيدىغان ژۇراللارنىڭ بىرى بۇ؟

ۋاقتى: 2014-3-20 01:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           *     *    *     *
گەپنى نەق قىل ئەي، يۈرەك ئارتۇق گېپىڭ ئۈنۈمسىز،
نەدە باراڭ ئەتىۋار قاپاق ياكى ئۈزۈمسىز؟
ئەگەر تەھرىر، يازغۇچى سورىمىسا خاماننى،
قاقشايدىكەن ئەل ئاۋام ئاشىقلاردەك بەختسىز.
                     *    *      *       *
ئابدۇغوپۇر ئۆمەر مەرگەن

ئىلى دەرياسىغا چۆكمىگەن ھوجۇد يۈركىنى تۇتۇپ  باقسۇن، ئۆز ئەسلىنى ئۇقۇپ باقسۇن شېئىرلار....................

ۋاقتى: 2014-4-20 17:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر قوبۇل قىلىش ئىلخەت ئادرىسى ئۆزگەرمىگەندۇ؟

ۋاقتى: 2014-4-20 20:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىلى دەياسى ژۇرنىلىنى سۈيۈپ ئۇقۇيمەن.

ۋاقتى: 2014-5-25 20:55:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئېلى دەرياسى» ئۇيغۇر ئەدەبىي تەھرىر بۆلمىدىكى مۇھەرىرلەرگە كەمىنە مەرگەندىن ئالىي ئىھتىرام.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش