بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-7 22:37
«يېڭى يۇلتۇز پوۋېست مۇكاپاتى»، «جاسارەت شېئىرىيەت مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «19-ئاۋغۇست»، «15-ئۆكتەبىر» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭـقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەدەبىيات – سەنئەتنى تۇرمۇشقا، ئاممىغا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كىشىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئالىيجاناب روھ ئارقىلىق تەربىيەلەپ، نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىلھام بېرىپ، ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشاد، مەدەنىي، ئالغا باسقان، ئاسايىشلىق سوتسىيالىستىك يېڭى شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە، «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ژۇرنالدا «يېڭى يۇلتۇز پوۋېست مۇكاپاتى»، «جاسارەت شېئىرىيەت مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار: «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن: «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى
ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار: قەشقەر «يېڭى يۇلتۇز» يەرلىك سودا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ «جاسارەت» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر: مەزمۇنى ساغلام، ئالغا سۈرگەن ئىدىيەسى ئاكتىۋال، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان، دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، تىلى پاساھەتلىك، روھىيىتىمىزدىكى گۈزەللىك مەدھىيەلىنىپ، رەزىللىك قامچىلانغان، كىشىلەرگە ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان، بەدىئىيلىك جەھەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نادىر ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك.
پائالىيەت ۋاقتى: پوۋېست مۇكاپاتىنىڭ ۋاقتى ئىككى يىل بولۇپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016-يىللىق 1-سانىدىن 2017 – يىللىق 6 – سانىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان پوۋېستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شېئىرىيەت مۇكاپاتىنىڭ ۋاقتى بىر يىل بولۇپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016 – يىللىق 1 – سانىدىن 6 – سانىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باھالاش ئۇسۇلى:پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەدەبىياتشۇناسلار، ئوبزورچىلار ۋە يازغۇچى، شائىرلاردىن باھالاش ھەيئىتى تەشكىللىنىپ، ئادىل، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەسەرلەر ئەستايىدىل باھالاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپات ئۆلچىمى:
پوۋېست مۇكاپاتى: 1 – دەرىجىلىك مۇكاپات بىر پارچە، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن؛ 2 – دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى پارچە، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەندىن؛ 3 – دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى پارچە، مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەندىن.
شېئىرىيەت مۇكاپاتى: 1 – دەرىجىلىك مۇكاپات بىر پارچە، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن؛ 2 – دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى پارچە، مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەندىن؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئۈچ پارچە، مۇكاپات سوممىسى 2000 يۈەندىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، پوۋېست ۋە شېئىرىيەت مۇكاپاتى ئىچىدە «ياش نوتـا» مۇكاپاتى تەسىس قىلىـنغان بولۇپ، 80 –، 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش يازغۇچى، شائىرلارنىڭ بىر پارچىدىن نادىر ئەسىرىگە بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1000 يۈەندىن بولىدۇ.
بىز سەھنىنى ھازىرلىدۇق، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى كەڭ قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
ــــــ كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
«قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى
ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتكەندە «يېڭى يۇلتۇز پوۋېست مۇكاپاتى»، «جاسارەت شېئىرىيەت مۇكاپاتى» ياكى «ياش نوتا مۇكاپاتى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشىنى سورايمىز!
ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:
ئەسەر قوبۇل قىلىشQqئادرېسى:
تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 2522678 - 0998