بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-6 16:12
ۋاقىپ ئىبىراھىم شېئىرلىرىدىن
(1945-1983)
(ئەزەربەيجان)
بىركىشى
جەۋر بىلەن تاپقان نېنىنى
ھەر ئاخشام بۆلەر ئۆيىدە-
بىر بۇردىدىن ھەر بىر جانغا-
ئۆزىگە، خوتۇنىغا، بالىلىرىغا
ۋە چاشقان ئۈچۈن ياساتقان قاپقانغا.
سۆيگۈ
ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن ھەركۈنى
نان پارچىلىرىنى يىغىدىغان
ئۆي –ماكانى يوق ئادەم
بىر چاغ تاشلاپ كېتىلگەن سۇلغۇن گۈللەرنى يىغارئىدى.
خوتىنىغا سوغا قىلماق ئۈچۈن.
ئەھۋال
نەق ۋاگونلارنىڭ ئەھۋالىدىمەن:
ئۇلار ئۈچۈن پولات رىلىسلاردىن
چۆلگە، ئازادلىققا چىقىشنىڭ
بىرگىنە يولى بار- بالا-قازا.
ھايات
بوراندىن قېچىپ ئۆيىگە كىرىمەن،
يەر تەۋرىسە، قېچىپ چىقىمەن چۆلگە.
باشقا ھېچ بىر سەۋەپ يوق ئىدى
كەل –كەت ئۈچۈن.
كۆۋرۈك
بۇ كۈن بىلدىمكى
ئەڭ ئېتىبارلىق سۇنىڭ ئۆز سەتھىسى ئىكەن
ھېچ چاغ پارتىلمايدۇ، بۇزۇلمايدۇ.
* * *
نام كۈنى.
ئارسىلان بۇرجى. ئات يىلى. ئىت كۈنى.
مىر ئەزىز ئەزەم ئەزەربەيجان تىلىدىن ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.