يورۇش
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
ئويغاندى جامالىڭ يالغۇزلۇقۇمدا،
ئاۋازىڭ ئىچىمگە ياغدى لەپىلدەپ.
مەيلىڭگە قۇل پېتى كىردىم قايتىدىن،
چاچلىرىڭ دەشتىدە ئۇيقۇسىز تۈنەپ.
مىنگەشتىم روجەكنىڭ قاراڭغۇسىغا،
دەردىمگە تېۋىشسىز پەسلىدى ئاسمان.
كېچىنىڭ ئەسەبىي نالەشلىرىدىن،
كىرلىكتە زۇلمەترەڭ پورەكلىدى قان.
گۈللەرنىڭ سەندىكى يالىڭاچ ھىدى،
توزۇغان بېغىمنى قىلاتتى قىياس.
نىھايەت،ئەڭ گۈزەل جۇدالىق ئۈچۈن،
لېۋىڭدە قۇياشتەك يورۇدۇم تىمتاس.
2016–يىل،4–فېۋرال.
|