يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 6

پولات ۋىلاخۇن ئىلى: كۆز(نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆز

(نەسىر)

پولات ۋىلاخۇن ئىلى

   كۆز ـــ ياراتقۇچىسى ئۆز مەۋجۇداتلىرىنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنى ياشارتىپ،رەڭگا-رەڭ يۇپۇرماقلىرى بىلەن بېزەشتە كاتتا ئاتا قىلىنغان نېمەت ۋە قىممەت.ئى، مەۋجۇدات شاھى بولمىش ئىنسان، بىلگىنكى كۆزۈڭ سېنىڭ ھاياتىڭ،ئۇ ئارقىلىق سەن جاھاننى، جاھان سېنى تونۇپ كەلگەن. كۆزنىڭ يىلتىزى يۈرەكتە. كۆزنى سەن كۆرۈش ئۈچۈنلا يارىتىلغان دەپ ئويلاپ قالما،ئۇ سۆزلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدا مېھىر-مۇھابەتمۇ، غەزەپ-نەپرەتمۇ، ئۈمۈد-
ئىلتىجامۇ، ئارزۇ-تەلەپمۇ...تولۇق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئىشەنمەمسەن! چوقۇم ئىشەن.گەپ سېنىڭ ئۇنى كۆرۈدىغان ھەقىقىي كۆزۈڭنىڭ بولىشىدا...
   ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىۋاتقان،جەينىمازغا يۈكۈنۈپ ئىگىسىدىن ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان ياشانغان ئاناڭنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويدۇڭ. ئۇنىڭ كۆزىنى نۇرسىز بىلدىڭ، سېنى ئاياپ ئۆزىنى پىنھانغا ئالسا، ھېچنىمىنى بىلمىدى دەپ شەيتان ئەقلىدە بولدۇڭ.
   ـــ غۇلىغا ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى ئاران يېتىدىغان تولىمۇ تۈز،سىپتا، ئېگىز ئۆسكەن تېرەكلەردىن مۇشۇ توققۇز تۈپلا قالغان ئىدى...كېملەردۇر،نەگىدۇر ئېلىپ كېتىشتى... خۇددى مېنى داقىرىتىپ سۆرىگەندەك سۆرەپ...يۈرۈگۈمنى تىلغاندەك تىلىپ... مەن ئۇلارنى كۆردۈم، ئەمما ئۇلار مېنى كۆرمىدى...
   شۇنداق،ئەي ئانىنىڭ ناتىۋان بالىسى،سەن ئانىنىڭ كۆزىنىڭ پەرزەنتنىڭ ئويىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى،يۈرۈكىنى تىڭشىيالالاي _ دىغانلىقىنى،قەدەملىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى...بىلىشىڭ كېرەك ئىدى.ئەپسۇس،سېنىڭ كۆزۈڭ نۇرلۇق تۇرۇپ ئاناڭنىڭ قەلبىنى كۆرەلمىدى،يۈرەك سوقۇشلىرىنى ئاڭلىيالمىدى...كېسەل تەككەن يۈرەكتە نە قۇۋۋەت بولسۇن.
   ـــ بۇ كۆچەتلەرنى تىكىپ نېمە قىلىمىز ئادەم؟
   _ ھاياتىمىزنى ياشارتىمىز.
   _ بۇ نېمە دېگەنلىرى؟...
   _ بۇ كۆچەتلەر كۆكۈرۈپ ياشىرىپ بىزنىڭ مۇھاببەتلىك قەدەملىرىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىغا ئايلانسۇن.
     ھەمرىيى كېتىپ تەنھا قالغان ئانا كۆچەتلەرنى ھەمراھ قىلدى. سەن بىر بالىسى بولساڭ،ئۇ يەنە بىر بالىسى بولدى.كۆچەت بوي تارتىپ يۇغاندى،ئانا يەر تارتىپ مۆكچەيدى.سەنمۇ كۈچكە تولۇپ، جاھاننىڭ خۇجايىنىغا ئايلاندىڭ.يۇغانغان ئەشۇ كۆچەتلەر ھويلىلاردا،باغلاردا بېشىنى ئېگىپ پەرىزات مومايغا تازىم قىلىشنى ھەرگىز تاشلاپ قويمىدى،ئۇنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇردى.مومايمۇ ئۆزىنىڭ ئاجىز قوللىرى بىلەن خۇددى يۈزىنى سىيلىغاندەك ئۇ دەرەخلەرنى مېھرى بىلەن سىيپاپ چىقاتتى،سۆيۈپ كېتەتتى.بۇ چاغدا موماينىڭ يۈرۈكى باشقىچە يايراپ كېتەتتى.ئۆزىنى قايتا تۆرەلگەندەك،ئاشىقى سۆيگۈسىنىڭ باغرىدا تۇرغاندەك سېزەتتى، مەڭزى قىزىرىپ كەتكەندەك ھىس قىلاتتى پىنھان ئۇيۇلۇپ... كۆزى ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى،تونۇپ تۇراتتى.ياشىرىپ قالاتتى...
   سەن ھېچنىمىنى بىلمىدىڭ ناتىۋان بالا.ئەشۇ دەرەخلەرنى ئۈن ـ تۈنسىز كېسىپ سېتىپ پۇلىنى خەجلىگەندە بىر ئاجىزەنىڭ يۈرۈكىنىڭ تىلىم ـ تىلىم بولۇپ ئاچچىق ئېچىشقىنىنى كۆرەلمىدىڭ. ئۇ يۈرەك دەريا بولۇپ،دېڭىز بولۇپ كۆز كىرپىكلىرى ئارىسىدا چايقالدى، يېتىمسىراپ تۈگۈلدى...ئاناڭ سېنىڭ خەجلىگىنىڭگە ئەزەلدىن نارازى بولۇپ باققان ئەمەس،ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆزىنى بىر چىشلەم ـ بىرچىشلەمدىن رەھىمسىز يىللارغا يەم قىلغان...لېكىن بۇ قېتىم ئۇ سەندىن رەنجىدى.ئۆيۈڭنىڭ كەينىدە قىپقالغان ئەشۇ توققۇز تۈپ دەرەخ  ئەسلىدە ئۇ زاتنىڭ ھەركۈنى پىنھان مۇڭدىشى ـ دىغان مۇڭداشقۇلىرى،كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇچراشقۇلىرى،شېرىن دەملەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى ئىدى... شۇڭا ئۇ زات تېتىك ياشاپ كېلىۋاتاتتى.ئەمما سەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىڭ.
      ـــ قىمارۋازلار مەينەت قولىدا بىچارە كۆتەكلەرنى خۇددى قاراقچى كىچىك بالىنى سۆرەپ ماڭغاندەك دارقىرىتىپ سۆرەپ ماڭدى ... مەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇردۇم،ئەمما ئۇلار مېنى كۆرمىدى...
   ئەي نادان بالا،سەن ھەربىر تۈپ دەرەخنى يېقىتقاندا ئاناڭنىڭمۇ تەڭ يېقىلۋاتقانلىقىنى،ھەربىر تۈپنى ياش ئېقىتىپ توغراۋاتقان چېغىڭدا ئاناڭنىڭ يۈرۈكىنى تەڭ توغراۋاتقانلىقىڭنى،كۆزىنى قۇجۇپ ئويۋاتقانلىقىڭنى كۆرمىدىڭ،سەزمىدىڭ. ئۇ سەنلەردىن نەچچە ماڭدام نېرىدا،دېرىزە تۈۋىدە بىر بۇغرا ئوتتا كۆيۈپ تولغىناتتى.ئۇ سېنىڭ دېرىزە تۈۋىگە بىر كېلىشىڭگە تولىمۇ ئىنتىزار ئىدى.ئەمما سەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىڭ.
   ـــ ئەي يىگىت،ئاناڭنى رازى قىل.
   ـــ نېمە بىلەن؟...
   ـــ ئاناڭنىڭ كۆزى بىلەن!..
          چاپچال قوغۇنچى مەركىزىي مەكتەپتىن:
    (甫拉提.维拉洪) تىلفۇن:18997596267

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-8 14:44:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەخىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 14:45  

ئەسسلام  ئەلەيكۈم  پولات  ئەپەندىم .
قىسىقا  ئەممە تېتملىق يازمىلىرىڭىزنىڭ  تەربىۋى ئەھمىتى  تولىمۇ  چوڭقۇر  بولۇپ كىشىنى  ئويغا  سالىدكەن.قەلىمىڭىز  توختاپ  قالمۇسۇن .سىزگە   ئۇتۇق  تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-8 23:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز رەخىمە خانىم؟ئەسىرىمنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندىم.رەھمەت سىزگە.كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرارمىز.

ۋاقتى: 2016-2-9 19:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنىڭ يىلتىزى يۈرەكتە. كۆزنى سەن كۆرۈش ئۈچۈنلا يارىتىلغان دەپ ئويلاپ قالما،ئۇ سۆزلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدا مېھىر-مۇھابەتمۇ، غەزەپ-نەپرەتمۇ، ئۈمۈد-
ئىلتىجامۇ، ئارزۇ-تەلەپمۇ...تولۇق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئىشەنمەمسەن! چوقۇم ئىشەن.گەپ سېنىڭ ئۇنى كۆرۈدىغان ھەقىقىي كۆزۈڭنىڭ بولىشىدا...

نەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. بولۇپمۇ يۇقارقى ئابزاس ماڭا بەك يارىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-11 00:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىمدىن زوق ئالغانلىقىڭىزغا رەھمەت.سىزگە بەخت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-12 02:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز-قەلبنىڭ تېلىسكۈپى. چۈنكى، قەلب سەزگۈچى، كۆز-سەزدۇرگۈچى ئەمەسمۇ؟
ئۇ يەنە ھەقلىق رەۋىشتە جاھان ئەينىكى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-12 11:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قەلب سەزگۈچى،كۆز سەزدۈرگۈچى ئەمەسمۇ؟››
   
   ياخشى تەسۋىر!رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش