كۆرۈش: 169|ئىنكاس: 1

فەيزى:ئۇيغۇر مۇقاملىرى پەقەت 12 مۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



      ئۇيغۇر مۇقاملىرى پەقەت «ئون ئىككى» مۇ؟
            
        ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى
                           
تۇرسۇنجان لېتىپ

         دۇنيا كىلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ پېشىۋاسى، شەرقتىكى بىباھا سەنئەت گۆھىرى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ شانلىق مىراسى بولغان «مۇقام» يالغۇزلا دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى، دۆلەت سىرتىدىمۇ ئالاھىدە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولغان بىر مۆجىزىدۇر. ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى تەتقىقات ئورگانلىرىدىن باشقا، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ مەخسۇس مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئورگانلار بار. دېمەك، مۇقام تەتقىقاتى دۇنياۋى خاراكتېرىگە ئىگە تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بولۇپمۇ ئاپتونۇم رايونىمىزدا بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.

                                                         مۇقاملىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى
         ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاللىبۇرۇن مىلادىدىن ئىلگىرىلا غەربى دىيار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى سودا-ئالاقە ۋە بېرىپ-كىلىشلەرنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ،«چوڭ نەغمە» (بۈيۈك كۈي-(大曲نامى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرىشكە باشلىغان. ئۇ، قەدىمكى خەنزۇ تارىخى مەنبەئەلىرىدە خاتىرىلەنگەن «كۆسەن (كۇچار) نەغمىلىرى» (龟兹乐)، «سۇلى (قەشقەر) نەغمىلىرى» (疏勒乐)، «ئىۋىرغول (قۇمۇل) نەغمىلىرى» (伊州乐)، «ئىدىقۇت (تۇرپان) نەغمىلىرى» (高昌乐)، «ئۇدۇن (خوتەن) نەغمىلىرى» (阗田乐) ، «شىلىياڭ نەغمىلىرى» (西凉乐)، «قامجۇ نەغمىلىرى»(甘州乐)، «لىياڭجۇ نەغمىلىرى»(凉州乐) قاتارلىق قەدىمكى زامان غەربى دىيار ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، غەربى خەن دەۋرىدىلا مۇكەممەل بىر سەنئەت شەكلى بۇلۇپ مەيدانغا كىلىپ، جۇڭگو مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پەۋقۇلئاددە تەسىركۆرسەتكەن. مانا بۇ، «بۈيۈك كۈي» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان يۈرۈشلەشكەن نەغمىلەر، دەل بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرىدىن ئىبارەتتۇر.
        مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئىكىسپىدىتسىيىچىسى، دېپلۇمات جاڭ چيەن غەربى دىيارغا كەلگەندە، نەينىڭ گۈزەل، سېھىرلىك ئاھاڭلىرىغا مەپتۇن بولۇپ، قايتاشىدا ئون نەچچە تال نەي بىلەن «مۇقدۇر (ماھادۇر) نەغمىسى» دەپ ئاتالغان بىر چوڭ نەغمىنىمۇ ئېلىپ قايتقان ئىكەن①. مانا بۇ شۇ چاغدىكى مۇقاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ قۇمۇل مۇقاملىرى ئىچىدە «ئۇلۇغدۇر مۇقامى» قاتارلىق ئىسمى ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان بىر قانچە مۇقاملار بار.
دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى شىمالى جۇ، شىمالى چى سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە يەنە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارالغان «غەربىي خانلىق كۆسەن نەغمىلىرى»(西国龟兹乐)، «چى سۇلالىسى كۆسەن نەغمىلىرى» (齐朝龟丝乐) ,«يەرلىك كۆسەن نەغمىلىرى»(土龟兹乐) قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۆسەن نەغمىلىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل كۆسەن نەغمىلىرىنىڭ مېلودىيىلىرى، رىتىملىرى، ئوركېستىرلاشتۇرۇلىشى قاتارلىقلارمۇ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن②. بۇ ئۇلارنىڭ قېلىپ شەكلى قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ھازىرقى مۇقاملار سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، دېمەك يۇقۇرىقىلاردىن بىز ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئاللىقاچان مىلادىدىن خېلى ئىلگىرىلا مۇنتىزىم بولغان ۋە يۈرۈشلەشكەن بىر پۈتۈن چوڭ تىپتىكى كۈي شەكلىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئۇيغۇر مۇقاملىرى مىلادىدىن ئىلگىرىلا شەكىللىنىپ تەدرىجىي ھالدا  مۇكەممەللىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا چۇڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئالاھىدە بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇ، خەلقىمىز ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشىپلا قالماستىن، يىپەك يولىنى بويلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپ شۆھرەت قازانغان. بۇ ھەقتە، مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخنامىلىرىدا خېلى كۆپ خاتىرىلەر ساقلانماقتا.
          تارىختىن بېرى بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز يالغۇز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىلا تارالماستىن بەلكى، غەرب ئەللىرىگە جۈملىدىن پارىس، ئەرەپ دۆلەتلىرىگىچە تارقىلىپ ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا شەرق ۋە غەرپتىكى ھەرقايسى ئەللەرخەلقلىرى ۋە ئەرەپ ئەللىرىدىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ «مۇقام» دەپ ئاتالغان كىچىك تىپتىكى خەلق مۇزىكىلىرى بار، گەرچە بۇ مۇزىكىلار پۇراق جەھەتتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا يېقىنلاشسىمۇ بىراق بۇلار بەرىبىر قۇرۇلمىسى ئاددى، يۈرۈشلەشمىگەن كىچىك تىپتىكى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىنلا ئىبارەت،خالاس. پەقەت ئۇيغۇر مۇقاملىرىلا دۇنيادا بىردىنبىر سېستىمىلاشقان ۋە يۈرۈشلەشكەن ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ۋە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلمىغا ئىگە كلاسسىك مۇزىكىلىق قامۇس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
           «مۇقام»-سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە ھازىرچە بىر قانچە خىل كۆز قاراشلار بار. مەسىلەن،
          بىرىنچى خىل قاراش، گېرمانىيىلىك تىلشۇناس ۋېرنېر توماس «توخار تىلى دەرسلىكى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «مۇقام-سۆزى ئېتمولوگىيىلىك جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر كۆسەن-توخار (كۇچار) تىلىدىكى <مەكەۋمە> سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزى بۇلۇپ، < چوڭ نەغمە > دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى»③.
ئىككىنچى خىل قاراش، ئىسھاق رەجەبوۋ «ماقاملار مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق كىتابىنىڭ 33-بېتىدە: «مۇقام،-مەلۇم لاد (لاد، رۇسچە سۆز بۇلۇپ، مەنىسى- قېلىپ شەكلى ئاۋاز باسقۇچلىرى دېگەنلىكتۇر) ئاساسىغا ماس كېلىدىغان ۋە مۇئەييەن پەدىدىن باشلىنىدىغان كۈي ۋە ناخشا مەجمۇئەسىدىن ئىبارەت» دەيدۇ④.
بىر قەدەر كۆپرەك ئومۇملاشقان كۆز قاراش تۆۋەندىكىچە:
           «مۇقام»-ئەرەپ تىلىدىن ئۆزگىرىپ مەيدانغا چىققان سۆز بولۇپ، ئەسلى «مەقەم» دىيىلىدۇ. ئۇ، 10-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن رايونىمىزدا ئەرەپ، پارس تىللىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مەزگىللەردە قوبۇل قىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار ئەرەپ تىلىدىكى «مەقەم» سۆزىنىڭ مۇقىم جاي-دائىرە، قائىدىلىك، قانۇنىيەتلىك، قېلىپلاشقان قۇرۇلما ۋە مۇزىكا-ئاھاڭ قاتارلىق مەزمۇن ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئۇنى مەلۇم قانۇنىيەت ئاساسىدا ئىشلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ قېلىپلاشتۇرۇلغان مۇقاملىرىمىزنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ۋە تەدرىجى ئاساستا «مۇقام» سۆزىگە ئۆزگەرتكەن.
قەدىمكى تارىخنامىلارغا ئاساسلانغاندا، بۇددىزىم دەۋرىدە خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرى «چوڭ نەغمە» (بۈيۈك كۈي، خەنزۇچە-大曲) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئىسلامىيەتتىن كىيىن، ھەر بىر يۈرۈش مۇقامنىڭ خىلمۇ-خىل ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئالغان دەسلەپكى چاچما ئۇدارلىق، ئەركىن، ئېختىيارى تېمپىلىق باشلىنىش قىسمى- «مۇقام» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. كىيىنچە، ھەربىر يۈرۈش مۇقامنىڭ بېشى ئەنە شۇنداق ناخشا بىلەن باشلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ «مۇقام» دىگەن ئاتالغۇ، بۇخىل چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن مۇزىكىلىق بەدىئي قامۇسنىڭ ئومومىي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر رايوننىڭ بەزىبىر يەرلىك ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىمۇ، دەسلەپتە  قىسقىچە مۇقام بىلەن باشلاش ئادىتى تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ. (خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيىتقان باشقا ئەللەردىكى  «مۇقام» دەپ ئاتالغان كىچىك تىپتىكى ناخشىلارغا ئوخشاش)، مانا  بۇنىڭدىن، «مۇقام» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئېتمولوگىيىسىدە  تار دائىرىدە، چاچما ئۇدارلىق، ئەركىن تېمپىدا ئورۇندىلىدىغان ناخشا-مۇزىكا؛ كەڭ دائىرىدە، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېستىما قاتارلىق ئىككى خىل مەنادا قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس⑤.
        يېقىندىن بېرى، تار مەنىدىكى چاچما ئۇدارلىق مۇزىكىلارنىڭ نامى بولغان «مۇقامى» دېگەن سۆز «مۇقەددىمىسى»(بەزىدە مۇقام بېشى) دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، « مۇقەددىمىسى» بىلەن «مۇقامى» دېگەن سۆزنىڭ ئىستېمالىدا خېلى زور پەرق بار. «مۇقامى» دېگەن سۆز پەقەت، ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ (جۈملىدىن مۇقاملىرىمىزنىڭ) ئەڭ بېشىدا مۇقەددىمە شەكلىدە، بەزىدە ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىمۇ قىسقىچە خاتىمە شەكلىدە ئورۇندىلىدىغان، شۇ  مۇزىكىغا ۋە كىللىك خاراكتېرىنى ئالغان ئەركىن تېمپىدىكى چاچما ئۇدارلىق شەكىللىرىگىلا بېرىلگەن مەخسۇس نامىدۇر.
        «مۇقەددىمىسى» دېگەن سۆز، يالغۇزلا ئەركىن تېمپىدىكى چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسىنىلا ئەمەس بەلكى، ھەرقانداق ناخشا-مۇزىكا ژانېرلىرىنىڭ پەقەت ئەڭ بېشىدىلا ئورۇندىلىدىغان ھەرقانداق تېمپا ۋە ئۇدار شەكلىدىكى دەسلەپكى مۇزىكا بۆلەكلىرىگىلا قارىتىلغان سۆز بولۇپ، ئۇ، ئادەتتە مۇزىكىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ئورۇندالمايدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى ئاتالغۇنى مۇزىكا ئىلىمىدا قەتئى بىر-بىرىدىن ئېنىق ئايرىپ ئىشلىتىش لازىم. ئەمەلىيەتتىمۇ، «مۇقاملارنىڭ بېشىدىكى مۇقامى» دېگەن سۆزىمىزدە خۇددى «خۇرۇم چاپاننىڭ ياقىسىنىڭ تېرىسى» دېگەندەك ھېچقانداق لوگىكىلىق خاتالىق مەۋجۇت ئەمەس.  
         ئومۇمەن، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ زور، مۇكەممەل گەۋدىسى، خىلمۇ-خىل قېلىپ شەكلى پۇرىقى، مۇرەككەپ ئۇدار سېستىمىلىرى، راۋان يۈرۈشلۈك كۈي مېلودىيىلىرى، ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تېكىستلىرى ۋە ئىلمى ئورۇنداش قائىدىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. ئۇ، قۇرۇلما جەھەتتە ناخشا، ساز ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەكىلنىڭ مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ئالاھىدىككە ئىگە. دەسلەپتىلا ئەركىن تېمپىدىكى باشتىكى مۇقامى ئارقىلىق پۈتكۈل بىر يۈرۈش مۇقامنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرى ۋە كەيپىياتى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىنىپ ئېچىپ بېرىلىدۇ. بېشىدىكى مۇقامىنىڭ ئۆزىنىلا شۇ بىر يۈرۈش مۇقام نەغمىلىرى ئالاھىدىلىكىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ، دەسلەپتە ئاستا سۈرئەتتە، مۇڭلۇق باشلىنىپ، تەدرىجىي ئاساستا سورۇن كەيپىياتى ۋە كىشىلەر ھاياجىنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ تېزلىشىپ، ئاخىرىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى شاد-خۇراملىق كەيپىياتى بىلەن تاماملىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ناخشىچىلارنىڭ تاۋۇشىنىڭ چارچاپ كەتمەسلىكى ھەمدە سازەندىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئايرىم گەۋدىلەندۈرۈرش مەقسىتىدە باشتىىن-ئاخىر ناھايىتى ئىلمىي ئاساستا بىر ناخشا-بىر مەرغول، بىر داستان-بىر مەرغول شەكلى بويىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇلارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرى قۇرۇلما جەھەتتە  يالغۇزلا مۇزىكا، ئىدىئولوگىيە، ئىستېتىكا نوقتىسىدىنلا ئەمەس بەلكى، فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە نوقتىلىرىدىنمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولغان پەۋقۇلئادە ئۇلۇغ كەشپىيات ھېساپلىنىدۇ.
         ئۇيغۇر مۇقاملىرى دەسلەپتە قەدىمكى غەربى دىياردىن «چوڭ نەغمە» دىگەن نام بىلەن شەرىقتە ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ياپۇنىيەگە غەرىپتە ياۋرۇپا ئەللىرىگىچە تارالغان. ياۋرۇپا قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ۋىزانتىيە ئېمپىرىيىسى( 330-1456) دەۋرىنىڭ دىنىي ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى يۇنان تىلىدا بولسىمۇ ئەمما، مۇزىكىلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى شەرق مۇزىكىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمى يۇنان مۇزىكىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى»⑥. ياۋروپا كلاسسىك سىمفونىيەلىرى پەقەت 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندىلا شەكللىنىشكە باشلىغان. قەدىمكى ياۋروپا سىمفونىيىسىنىڭ ئاستا، راۋان، تېز، سۈرئەتتىكى ئۈچ بابلىق كۈي شەكلى بىلەن بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزنىڭ چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىملىق قۇرۇلما قانۇنىيەتلىرى ئارىسىدا يەنە قانداق باغلىنىشنىشلار بار؟ بۇلار، سېلىشتۇرما مۇزىكولوگىيە (ئېتنومۇزىكولۇگىيە) ئىلمى بۇيىچە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق  قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەردۇر.
15-ئەسىردە (سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە) رايونىمىز شىنجاڭدا قىدىرخان ياركەندى ۋە خانىش ئاماننىساخانلارنىڭ باشچىلىقىدا، خان ئوردىسىغا قاراشلىق مەخسۇس خەلقئارالىق مۇزىكا ( مۇقام) مەدرىسلىرى ( ئىنىستىتۇتلىرى) قۇرۇلغان بولۇپ، ئىراق، ئىران، تەبرىز، خارەزىم، سەمەرقەنت، ئەنجان، ئىستانبۇل، ھىندى-   كەشمىر، بەلخ ۋە شىرازدىن كەلگەن خېلى كۆپ شاگىرتلار مۇقام ئۆگەنگەن⑦. مانا بۇلار ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھەرقايسى ئەللەرگە كەڭرى تارقىلىشغا پايدىلىق شەرت-شارائىت ھازىرلىغان.
        ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان «جۇڭگو مۇزىكا تارىخى» دا، سۈي-تاڭ دەۋرلىرىدىكى خان ئوردىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان «ئون چوڭ نەغمە» (十部乐) نىڭ ئىچىدە، پەقەت «چىڭ شاڭ نەغمىلىرى» (清商伎) بىلەن «ۋېن كاڭ نەغمىلىرى» (文康伎) لا خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى نەغمىلىرى بۇلۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىلا غەربى دىيار نەغمىلىرى ئىدى، دەپ بايان قىلىنىدۇ⑧. يولداش ماۋزېدۇڭمۇ تارىخ ئىلمىدىن كەڭ ۋە چۇڭقۇر دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولغاچقا، «سۇي سۇلالىسىنىڭ توققۇز چوڭ نەغمىسىنىڭ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئون چوڭ نەغمىسىنىڭ تولىسى غەربى دىيار نەغمىلىرى ئىدى» دېگەن⑨. مانا بۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئوردا نەغمىلىرى ئەمەلىيەتتە، غەربىي دىيار ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تارىختىن بۇيان ئورۇندىلىپ كىلىنىۋاتقان يۈرۈشلۈك مۇقام نەغمىلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
6-ئەسىردە ئىچكى ئۆلكىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان داڭلىق كومپوزىتۇر ماندا ئاقارىنىڭ «نەۋباھار بۇلبۇل كۈيى» ناملىق يۈرۈشلەشكەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق چوڭ نەغمىسى ھەققىدە جاۋشىچيەن ئەپەندى مۇنداق دېگەن:«<نەۋباھار بۇلبۇل كۈيى> ماندا ئاقارىنىڭ كىيىنكى ئۆمرىدە ئىجاد قىلغان ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسىرى بۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق بۈيۈك كۈي (大曲) لىرىنىڭ بىرى بولغان......، ئەمما ئۇ، نۇقۇل مۇزىكىلىق ئەسەر بولماستىن بەلكى، ناخشا-مۇزىكا-ئۇسسۇل ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن «بۈيۈك كۈي» (مۇقام) شەكلى ئىدى»⑩.
        ئۇنىڭدىن باشقىمۇ، ئۇيغۇر قەدىمىي نەغمىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئۇ جايلارنىڭ مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە خېلى كۆپ تارىخنامىلاردا ئېنىق مەلۇماتلار بار.
يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان تارىم ۋادىسىدىكى مانا بۇ شانلىق ئۇتۇقلار، ئوزىنىڭ نۇرانە سىماسى بىلەن جۇلالىنىپ، بۈيۈك جۇڭخۇا ۋە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق سەھىپىلەر ياراتتى.
        ئۇيغۇر خەلقنىڭ يورۇقلۇققا ۋە بەخت-سائادەتكە ئىنتىزار بولغان ئاتەشتەك قەلبىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان «مۇقام» ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى ئۆز بىشىدىن كۆچۈرۈپ، كەڭ خەلقىنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىشى، ھېسداشلىقى ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، بەزىدە ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار ۋە مۇتەئەسسىپ،جاھىل،سوپى-ئىشانلارنىڭ ھاقارىتى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىغان. مەسىلەن، ئاتاقلىق مۇقامچى بايىز ساتار مۇقام ئېيتقان «گۇناھى» ئۈچۈن، ساتارغا باغلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئاتاقلىق سازەندە ۋە كومپوزىتور تاشۋايمۇ گۈزەل ياشلىق ۋاقىتلىرىنى چوڭقۇر ئازاپ ئىچىدە، بىردىنبىر قەدىناس دوستى ۋە مۈلكى بولغان راۋابىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ گۇندىخانىدا ئۆتكۈزگەن. بولۇپمۇ خانەندىلەر (ئايال سازچىلار) نىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان.
         بەزىدە مۇقاملىرىمىزغىمۇ مەرىپەت نۇرلىرى چېچىلغان. مەسىلەن، 16-ئەسىردىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا، خاقاننىڭ ئامراق خانىشى ئاماننىساخان بىلەن قىدىرخاننىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق سازەندىلىرى ۋە مۇقامشۇناسلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ، خىلمۇ-خىل مۇقام بايلىقلىرى ئومۇمىيۈزلۈك يىغىلىپ رەتلەنگەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت رايونىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ زور بىر قېتىملىق رەتلەش پائالىيىتى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئادەم، ۋاقىت ۋە ماددى كۈچ سەرپ قىلىنىپ، خەلق ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىپ يۈرگەن ھەمدە چېچىلىپ كېتىش ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇقاملىرىمىزنى كەڭ كۆلەمدە يىغىپ توپلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش بىلەن، ئىراندىن مەخسۇس نوتىچىلار تەكلىپ قىلىنىپ، مۇقاملار نوتىغا ئېلىنىپ كىتاب قىلىنغان. بىراق، بۇ جەريانىدا ئىران نوتىچىلىرى مۇقاملارنىڭ بىرى بولغان «روھ بىغىشلىغۇچى» (بۇ،  مەنىسى بولۇپ، ئەسلى نامى ئېنىق ئەمەس) دېگەن مۇقامنى «خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن» دەپ ئەيىبلەپ، خاتىرىلەشنى  رەت قىلىشقان. خانىش ئاماننىساخان ئىجاد قىلغان «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىمۇ «خوتۇن كىشى ئىجاد قىلغان» دەپ چەتكە قېقىش بىلەن، مۇقاملار تەركىبىگە كىرگۈزۈلمەي، كىيىنچە ئابدۇرەشىدخان نامىدا ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان.
شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر تىلى ئاۋام خەلق ۋە تۆۋەن تەبىقىنىڭ تىلى ھېساپلانغاچقا، بىر قىسىم مۇقاملارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇرچىدىن ئەرەپچە ۋە پارسچە مۇقام ناملىرىغا ئالماشتۇرۇلغان. مۇقام تېكىستلىرىدىمۇ ئەرەب-پارس تىللىرى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. مەسىلەن، شۇ دەۋردىكى مۇقاملارنىڭ ناملىرى:«رەھاۋى»، «ھۆسەيىن»، «راك»، «مەجازى»، «رۇست»، «كورد»، «بۇزرۇك»، «كۈجەك»، «سابا»، «ئىبراي»، «نۇھاۋەند»، «خازان»، «ئىسپاھان»، «چەھارگاھ»، «پەنجىگاھ»، «ناۋا»، «ئۇشاق»  «زەنگۇلە»، «بۈسلۈك» قاتارلىقلار⑪.
           بەزى يازما مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى دەۋىردە رەتلىنىپ چىققان ۋە نامى ئاتالغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سانى دولان ۋە قۇمۇل رايونلىرىدا قەدىمدىن ساقلىنىپ كىلىنىۋاتقان يەرلىك مۇقاملارنى ھېسابلىمىغاندا، يالغۇز ئوردا مۇقاملىرىنىڭلا 20 دىن ئېشىپ، 30 غا يېقىنلاشقان. مەسىلەن، ئۇلار، 1- يەكگاھ، 2-دۇگاھ، 3- سېھگاھ، 4-چەھارگاھ، 5-پەنجىگاھ، 6-راك، 7-ئۆزھال، 8-ئەجەم، 9-ئۇشاق، 10-مۇشاۋىرەك، 11-ناۋا، 12-بايات، 13-چەببايات، 14-بايادەك، 15-چۆل ئىراق، 16-چاھار زەرپ، 17-ئىشرەت ئەنگىز، 18-ۋىسال، 19-ھىجاز، 20-نەۋرۇز، 21-ھۈسەينى، 22-روھ بېغىشلىغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەپسۇسكى، تارىختىكى شۇنچىۋالا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرىنىڭ ئىچىدىن، ھازىرغىچە يېتىپ كىلەلىگەنلىرى ئارانلا 13 تىن 15 كىچە مۇقام بولۇپ، قالغانلىرى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. بەزى مۇقاملىرىمىزنى «ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەرگە  ئوغۇرلاپ كېتىلگەن» دېگەن كۆز قاراشلارمۇ بار. جاھىلىيەت كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى تۈپەيلىدىن، شۇ دەۋردە رەتلىنىپ ئايرىم-ئايرىم تۈپلەنگەن مۇقام كىتابلىرىمىزنىڭ بىرەرسىمۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىدى. پەقەت «تەۋارىخىي مۇسىيقىيۇن» دىكى مەلۇماتلارلا ساقلىنىپ قېلىنغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ، مۇقام تەتقىقاتىدا ئاساسلىق مەنبە بولۇپ قالماقتا. گەرچە 16-ئەسىردىكى مۇقام رەتلەش خىزمىتىدە، ھازىرقىدەك قىسمەن مۇقاملارغا نىسبەتەن ئىجادىي يۇسۇندا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغانلىق ئېھتىماللىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما، بىزگىچە يىتىپ كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ پەقەت تارىختىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئومۇميۈزلۈك قىدىرىپ توپلاپ، ساقلاپ قېلىش مەقسەت قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق رەتلەپ-نەشر قىلىش پائالىيىتى ھېساپلىنىدۇ.

                                                   مۇقاملىرىمىزنىڭ بۈگۈنى
           ئازاتلىقتىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، «مۇقام» مۇ يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولدى. 1981-يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا «مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، مۇقام تەتقىقاتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. 1989-يىلى «مۇقام ئانسامبىلى» رەسمىي قۇرۇلۇپ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئورۇنداپ كەڭرى تارقىتىش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە ئاساس سېلىندى.
          تارىختىن بېرى ئۇيغۇر مۇقاملىرى تۆت قېتىم رەتلىنىپ نەشر قىلىنغان بۇلۇپ، ئىككىنچى قېتىملىقى، ئازاتلىقتىن كىيىن خەلق ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە سابىق ئۆلكە باشلىقى سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن 1951-يىلىدىن باشلانغان.
1950-يىلى يەركەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، پىشقەدەم سەنئەت ئەربابى قاسىمجان قەمبىرى ئاتاقلىق مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ۋە ئەينى زاماندىكى يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگە مەخسۇس دوكلات سۇنغان. شۇ يىلى سەيپىدىن ئەپەندى بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش پىكىرىنى يەتكۈزگەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يوليۇرىقى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى، جۇڭگو سەنئەت ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، 1951-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن. بۇ گۇرۇپپا شىنجاڭغا كىلىپ قاسىم ئاخۇن ئەننەغمە، رۇزاخۇن قالۇنچى قاتارلىق مۇقام پېشىۋالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، دەسلەپتە «ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى»، «ئابى چەشمە»، «مۇستەھزات» قاتارلىق ئۈچ پارچە مۇقام كۈيلىرىنى سىمغا ئالغان. بۇ ئۈچ كلاسسىك ئەسەر مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىئەن مەدەنىيەت ئورنى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە قەشقەر مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق جايلارنىڭ 50-يىللاردىكى ئارخىپ ئىسكىلاتلىرىدا تاكى 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بېسىلىپ قالغان.  مەلۇم بۇلىشىچە، بۇ ئۈچ ئەنگۈشتەرنى 96 ياشقا كىرگەن مۇقام پېشىۋاسى قەشقەرلىك رۇزى ئاكا، خالىق ھاجى، سەپەر قاتارلىق كىشىلەر ئەينى چاغدا قەشقەر مەدەنىيەت يۇرتىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. بۇلار 1996-يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ ئۈچ ئەنگۈشتەرنى شىنجاڭدىكى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان.
1951-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مەدەنىيەت-مائارىپ كومېتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، قەشقەردىن مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇشۇر ئاخۇن، قاسىم ئەننەغمە، ئىلىدىن مەشھۇر مۇقامچى رۇزى تەنبۈر ۋە ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايوۋ قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى كەڭ كۆلەمدە رەتلەپ-توپلاش خىزمىتى باشلاندى. بۇجەريانىدا «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەپ-توپلاش خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنىپ، ئىككى ئاي ئىچىدە قەشقەر ۋە ئىلى كلاسسىك  مۇقاملىرىنى تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاندى.
تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، سىمغا ئېلىنغان ئاۋاز سۈپىتى تۇتۇق ۋە ئېنىقسىز بولغاچقا، 1954-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە، ماگنېت لېنتىلىق ئۈنئالغۇنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە ئۈرۈمچىدە توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن، مۇقاملار ۋە بەزى كلاسسىك ناخشا- مۇزىكىلار يەنە بىر قېتىم لېنتىغا ئېلىندى. بۇ قېتىملىق لېنتىغا ئېلىش خىزمىتىگە  پىشقەدەم  مۇقامچى ئۇستاز تۇردى ئاخۇن ھەمدە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان قەشقەر ۋە ئىلىدىن كەلگەن داڭلىق مۇقامچىلار قاتناشتى. بۇ جەريانىدا ئۇلار، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى  بىلەن يۈكسەك ئىپتىخارلىق ئىچىدە، ئېغىزچە ساقلىنىپ قالغان 12 يۇرۈش مۇقامنى تولۇق دېگىدەك ئۇرۇنداپ بىرىش بىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ئەھمىيەتلىك ئىشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، 11-ئايدا يۇرتلىرىغا قايتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇرات مەقسىتىگە يەتكەن خەلق سازەندىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا بۇ زور ساۋابلىق ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا 1956-يىلى 9-ئايدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. كەينىدىنلا روزى تەمبۇر، قاسىم ئاخۇن ئەننەغمە قاتارلىقلارمۇ شۇ يىلى بىز بىلەن مەڭگۇ ۋىدالاشتى. شۇنداق قىلىپ تەلىيىمىزگە يارىشا، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرى ئارىسىدىكى 12 يۈرۈش مۇقام پەۋقۇلئاددە  مۆجىزىلىك ھالدا ساقلىنىپ قالدى (ئىلاھىم ئۇلارنىڭ ۋە بۇ خىزمەتكە كۈچ چىقارغانلارنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي). ناۋادا، بۇ خىزمەت ئىككى يىللا كىچىككەن بولسا، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مۆجىزىسى  ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايلا ئارىمىزدىن ئۈن-تۈنسىز يوقالغان ياكى بىرنەچچىسىلا قالغان بولاتتى. ھىلىمۇ كۆپلىگەن مۇقاملىرىمىزنىڭ  ئىچىدە پەقەت مۇشۇ 12 يۈرۈش مۇقاملا قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
بۇ قېتىم لېنتىغا ئېلىنىپ قۇتقۇزۇپ قېلىنغان مۇقاملىرىمىز جەمئىي 12 يۈرۈش مۇقام (بىر قىسىم مۇقاملار تولۇق ئەمەس)، 245 پارچە ناخشا-مۇزىكا (170 پارچە ناخشا ۋە 75 دانە مەرغۇل) ۋە 2482 مىسرا تېكىستتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، ئەگەر ئۇلارنى ئۇلاپ ئورۇندايدىغان بولسا 19 سائەت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت كىتەتتى.
تۇردى ئاخۇن باشچىلىقىدىكى قەشقەر مۇقامچىلىرى تولۇق بولمىسىمۇ ئەمما، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان «چوڭ نەغمە»، «داستان» ۋە «مەشرەپ» تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىستېمىلاشقان 12 يۈرۈش مۇقامنى ئورۇنداپ بەردى. رۇزى تەنبۈر باشچىلىقىدىكى ئىلى مۇقامچىلىرى چوڭ نەغمە قىسمىدىكى باش مۇقاملىرى بىلەن، «داستان» لىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، 22 داستان ۋە 22 مەرغۇلنى ئىلى ئۇسلوبى بۇيىچە ئورۇنداپ بەردى. دېمەك، تۇردى ئاخۇن ئاتا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك ئاساسىي قۇرۇلما شەكلىنى تىكلەپ بەرگەن بولسا، رۇزى تەنبۈر ئۇنىڭ داستان قىسىملىرىنىڭ تولۇقلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.
          شۇنىڭدىن كىيىن، سابىق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋەن تۇڭشۇ  ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرىشى ئارقىسىدا ئون ئىككى يۈرۈش مۇقام خەلقئارالىق نوتىغا ئېلىنىپ ئىككى توملۇق كىتاپ قىلىنىپ، مەركىزى مۇزىكا نەشرىياتى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1960-يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ مۇقاملارنىڭ تېكىستلىرى ئايرىم كىتاپ قىلىنىپ، 1986-يىلى 8- ئايدا، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
گەرچە، بۇ قېتىمقى نەشرىدە نوتىغا  ئېلىش تېخنىكسى ۋە تېكىسىتى جەھەتلەردە ئاز بولمىغان مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما، بۇ كىتابلار ئاخىرقى ھىسابتا بۇ مۆجىزىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى  كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە مۇزىكىشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات  خىزمىتىگە يېڭىدىن يول ئاچتى. بۇ زور ئەھمىيەتلىك ئىشقا مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللايوۋ، ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، ئەمەتجان ئەھمىدى، ۋەن تۇڭشۇ قاتارلىق مۇزىكانتلار ۋە نىم شېھىت، تېيىپجان ئېلىيېۋ، ئابدۇكېرىم خۇجايوۋ قاتارلىق شائىر، يازغۇچىلار كۆپ ئەمگەكلەرنى سېڭدۈردى.  
1981-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تارمىقىدا «مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ مۇقام تەتقىقات باسقۇچىغا كىردى. 1989-يىلى «مۇقام ئانسامبىلى» رەسمىي قۇرۇلۇپ مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئۇرۇنداپ كەڭ تارقىتىش ۋە دۇنياغا  يۈزلەندۇرۇشكە ئاساس يارىتىلدى. شۇ يىلى يەنە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، مۇقام تەتقىقات خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى.
ئۈچىنجى قېتىملىقى، 1994-يىلى 4- ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ كۆڭۈل بولۇشى ئارقىسدا، ئون ئىككى يۈرۈش مۇقامنىڭ نوتا كىتابى  قايتا تولۇقلىنىش بىلەن  ئون ئىككى كىتاب قىلىنىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىندى.
بۇ قېتىم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلىپ، تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن:
1. ئىلمىي جەمئىيەتتىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرى ۋە ئىجادىي ئەمگىكى نەتىجىسىدە، ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ئىلمىيلىككە، تارىخىي چىنلىققا، كلاسسىك بەدىئىيلىككە ۋە دېمۇكراتىك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھقا ئىگە بولغان مۇقام تېكىستلىرىنىڭ يېڭىدىن رەتلەنگەن سېستىمىسى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.
2. مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىدە بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىرى 245 پارچە مۇقام ئەننەغمىلىرى ۋە 2482 مىسرا تېكىسىت بۇلۇپ، بۇ قېتىمقى رەتلەشتە مۇقام ئەننەغمىلىرى 320 گە، تېكىستلىرى 2990 مىسراغا كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭغا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان نەۋايى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى، مەشرەپ، رەشىدى ۋە نەفىسى قاتارلىق 29 نەپەر ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ نادىر نەزمىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە، مۇقام تەركىبىدىكى داستان-قوشاقلار ئىچىدە مەنبەسى يوق (ئىگىسى تېپىلمىغان) 162 مىسرا تېكىسىت بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرۇلغان ھەمدە تېكىستلار ئىچىدىكى باشقا نەغمىلەردە تەكرارلىنىپ قالغانلىرىمۇ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان.
3. مۇقام تېكىستلىرىدىكى ئاممىغا ئانچە چۈشىنىشلىك بولمىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەپچە سۆزلۈكلەر ئىشلىتىلگەن 345 مىسرا تېكىست، بۇ قېتىم ئوچۇقلاشتۇرۇلغان.
4. كىتابتىكى مۇقاملارنىڭ قايتا ئىشلەنگەن خەلقئارالىق نوتىلىرى بېيجىڭدىكى مۇزىكا سەنئىتى ئاكادېمىيسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەر مىللەت ئالىم-مۇتەخەسىسلىرى ۋە كومپوزىتۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنداق قىلىپ، ھەربىر مۇقام ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىتاب قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ 12 يۈرۈش كىتابى يەنە بىر قېتىم مەيدانغا چىقىرىلدى.
بۇ قېتىمدا گەرچە، نوتىلىرى ۋە تېكىستلىرى دەسلەپكى كىتابقا قارىغاندا كۆپ تولۇقلانغان ھەمدە تېكىستلىرى ھەر بىر مۇقامنىڭ نوتىسىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق تېكىستى شەكلىدە بىرىلىپ، بىر كىتاب قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، يەنىلا مۇقام تېكىستلىرى، نوتا خاتىرىلەش تېخنىكىسى (بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئاھاڭلىرىنى خاتىرىلەشتىكى ئالاھىدىلىك) قېلىپ ئورنى، قېلىپ بەلگىسى، ئۇدار شەكلى، رىتىم، مۇزىكا ئاتالغۇلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى كۆپ مەسىلىلەر ساقلانغان.
تۆتىنچى قېتىملىقى، سابىق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمىئىيىتى» بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق  كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىئىيىتى» نىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە مۇتەخەسسىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 1997-يىلى 2-ئايدا جوڭگۇ قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن يېشىل رەڭلىك 13 توملۇق ( «ئىشرەت ئەنگىز» كۆك رەڭدە ئايرىم بىر توم قىلىنغان) بىر  يۈرۈش نەفىس ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر مۇقاملىرى» نىڭ نۇسخىسى يەنىلا تېكىستى كەينىدە ئايرىم بىرىلگەن ھالەتتە قايتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى (كىتابنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىككى مىلىيۇنغا يېقىن مەبلەغ كەتكەن).
بۇ قېتىمقى رەتلەشتىكى مۇھىم نوقتا، خانىش ئاماننىساخاننىڭ «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى ئاساس قىلغان 13-كىتابى بۇلۇپ، بۇنىڭدا، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇقامشۇناس ئابلىز شاكىر بىلەن خالىقھاجى 1996-يىلى 6-ئايدا قەشقەر ۋە بېيجىڭغا ئەۋەتىلىپ، يېڭىدىن تېپىلغان ئۈچ ئەنگۈشتەر «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامى ۋە «ئابى چەشمە»، «مۇستەھزات» قاتارلىق مۇقام تەركىبلىرىنىڭ ئەسلى سىمغا ئېلىنغان نۇسخىسى ئېلىپ كىلىنىپ، بىر توم قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ قېتىمقى نەشرىدە گەرچە ھەر بىر مۇقامنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان «ئابى چەشمە» لىرى ئۆزىنىڭ كەينىگە قۇشۇلماي قالغان بولسىمۇ بىراق، «ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى» قاتارلىق بۇ ئۈچ بىباھا گۈھەرنىڭ تېپىلىشى مۇقاملىرىمىز ھۆسنىگە يېڭى ھۆسىن قوشۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھىم بوشلۇقنى  تولدۇردى. دىمەك بۇ، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى يەنە بىر كاتتا بايقاش بولۇپ، كلاسسىك مۇقاملىرىمىزنىڭ سانى 13 كە يەتتى.
بۇ قېتىم جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 13 توملۇق كىتاب مۇقاملارنىڭ ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ھالدا خەلقئارالىق نوتىسى، تولۇق تېكىستى، يەشمىسى، ئىزاھاتى، لوغىتى، لاتىنچە ترانسىكرىپسىيىسى، تارىخىي مەنبەسى، ۋەزىن كۆرسەتكۈچى، شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن 44 شائىرنىڭ تەرجىمىھالى، ئاھاڭلار كۆرسەتكۈچ جەدۋىلى ۋە ئۇلارنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىلىرى قاتارلىق 11 تۈرلۈك ئىلمىي سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، لاتىنچە، ئېنگىلىزچە يېزىقلاردا ئىشلەنگەن. ھەمدە تېكىسىتلەر مەسىلىسىدە تۇردى ئاخۇن، رۇزى تەنبۈر، قاسىم ئاخۇن ئەننەغمە، رۇزى ئاخۇن قالۇنچى قاتارلىقلارنىڭ تارىختىن بىزگە ئېلىپ كەلگەن تېكىستلىرىنى نەۋائى، لۇتپى، زەلىلى قاتارلىق كلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ 57 پارچە قوليازمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلانغان. بۇ كىتاب جەمئىي 376 پارچە ناخشا-مۇزىكا ۋە 3292 مىسرادىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، ئەسلىدىكى 1960-يىلقى نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، 131 پارچە ناخشا-مۇزىكا ۋە 810 مىسرا شېئىر تېكىستى قۇشۇلۇپ تولۇقلانغان ھەمدە باشتىن-ئاياغ ئورۇندىغاندا 24 سائەتتە ئاياغلىشىدىغان ھەجىمگە ئىگە بولغان.
ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ شۇنچىۋالا زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە بۇ قېتىمقى قايتا نەشرى دەۋرىمىز ۋە زامانىمىزغا ھەقىقى جاۋاپ بېرەلىگىدەك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بىر كىتاب بۇلۇپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەزكۈر كىتابتا ئەدەبىي جەھەتتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما، مۇزىكىلىق قانۇنىيەت، ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى نوتىغا ئېلىش تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە مۇزىكىلىق ئاتالغۇلار مەسىلىسىدە يەنىلا زور خاتالىقلارغا يول قۇيۇلغان.
ئەمەلىيەتتە بۇخىل خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن ئىدى. بىراق، قول سېلىپ ئىشلىگۈچى تارماقلاردىكى تار مەھكىمىچىلىك ۋە شەرقچە ھەسەتخورلۇق⑫ ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر قىسىم ئاز ساندىكى مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن، شۇ دەۋردىكى كەڭ ئامما ئېتىراپ قىلغان، مۇقام بىلەن شۇغۇللانغان ۋە نوتا تېخنىكىسىغا پىشقان، قابىلىيەتلىك تەتقىقاتچى مۇتەخەسىسلەر مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇق ئىشلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن. نەتىجىدە، بەزىلەر خۇسۇسىي مەقسىتىگە يەتتى، پۇلمۇ تاپتى. بىراق، خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك، ئېسىل مىراسى بولغان مۇقاملىرىمىز تا ھازىرغىچە ئىسراپچىلىق دەردى ۋە ئارمان ھەسىرىتى ئىچىدە ياتماقتا.
بۇ قېتىمقى نەشرىدە گەرچە ناھايىتى زور ئىلگىرلەشلەر بولسىمۇ بىراق،  باشتىن- ئاياغ ساقلىنىپ كىلىنىۋاتقان بىر قانچە چوڭ مەسىلە يەنىلا ھەل قىلىنغىنى يوق. مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمايدىكەن، بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەينەن ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن ئەجىرلىرىمىز نۆلگە تەڭ بولىدۇ. شۇنداقلا، كەلگۈسىدە مۇقاملىرىمىزنىڭ  ئۆزگىرىپ كىتىشى ۋە چېچىلىپ يوقىلىشىدىن  خالىي بولۇشمۇ  قېيىن.
          بىرىنجى، مۇقاملىرىمىزنىڭ سانى مەسىلىسى
يۇقىرىدا ئېتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاماننىساخان دەۋرىدە  ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىپ يۈرگەن ھەرخىل مۇقاملارنىڭ سانى 20 دىن ئاشقان (ئىھتىمال ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولۇشىمۇ مۇمكىن) بۇلار تارىخي ھۆججەتلەردە ئېنىق يىزىپ قالدۇرۇلغان بىراق، نىمە  ئۈچۈندۇر 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قانداقتۇر «ئون ئىككى مۇقام» دەيدىغان بىر خىل ئاتالغۇ مەيدانغا چىقىپ قالدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزغا قارىغاندا،1960-يىللىرىدىن بۇرۇنقى ھېچقانداق ماتېرىيالدا بۇنداق ئاتالغۇ مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ، مۇقاملار سانىنى ئىپادىلەيدىغان رامكىلىق ئىبارە زادى قاچان؟...... نىمە ئۈچۈن مەيدانغا چىقىپ قالدى؟........ بۇنىسى بەلكى كىشىلەرگە نامەلۇم.
ھەقىقى تارىخنى ئاختۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن «ئون ئىككى مۇقام» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققانلار بولمىسا كېرەك!...... ھەتتا، مۇقام ئۇستازلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق كىتاب «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» دىمۇ «ئون ئىككى مۇقام» دېگەن سۆز ئۇچىرىمايدۇ. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر ئىش، ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن مۇقاملىرىمىزنى «12» رەقىمىنىڭ ئىچىگە بەنت قىلىپ قۇيۇش، زادى قانداقسىگە زۆرۈر بۇلۇپ قالدى؟......  نىمە ئۈچۈن ئاز ياكى كۆپ بولسا بولمايدىكەن؟......
گەرچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى بۇيىچە ئۈچ، بەش، يەتتە، توققۇز، ئون ئىككى قاتارلىق سانلار خاسىيەتلىك سان ھىسابلانسىمۇ بىراق، بۇنى دەپلا مۇقاملىرىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى بوغۇپ قويۇش ھەقىقەتەن ئەخمىقانىلىقتۇر. مەسىلەن «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامى 16- ئەسىردىكى  مۇقام ئىجادىيىتىگە قۇشۇلغان زور بىر توھپە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئاياللار ئەقىل- پاراسىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىزنىڭ ئۇنى مۇقاملار رامكىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا  نىمە ھەققىمىز بار؟.... كىتابنىڭ رەڭگىنىمۇ باشقا مۇقاملاردىن ئۆزگىچە رەڭدە بېسىشقا نېمە  ئاساسىمىز بار؟....نىمە ئۈچۈن ئۇنى«ئون ئۈچىنچى مۇقام» دەپ ئاتىيالمايمىز؟ ياكى ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ باشقا مۇقاملاردىن كىچىكرەك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟.... ياكى ئۇنى باشقا ئوخشاش ھەجىمى كىچىك مۇقاملارنى تەرەققىي قىلدۇرغىنىمىزدەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ تولۇقلاش  ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟!..... مانا بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ چوڭقۇر ئۆيلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئۇيغۇر كلاسسك مۇقاملىرى شۇنداق بىر قائىدىلىك ئىلمىي ئىجادىيەت ئىدىكى، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلگەن مۇزىكىلىق قېلىپ شەكلى، مەخسۇس شۇ مۇقامغىلا خاس بولۇپ، باشقا مۇقاملارنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلمەيدۇ.
«رۇخسارى» مۇقامىنىڭ مۇزىكىلىرى گۈزەل، مۇڭلۇق بولۇپ قېلىپ شەكلىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ باشتىكى مۇقامىنىڭ قېلىپ شەكلى قۇرۇلمىسى بىلەن يېقىندا تېپىلغان ئاماننىساخاننىڭ «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىڭ  بېشىدىكى قېلىپ شەكلى قۇرۇلمىسىمۇ ئۆز-ئارا ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان «3»(مى) نى ئاساسىي يىلىتىز قىلغان، ئاۋاز باسقۇچلىرى: بىر يېرىم، بىر كەڭ، بىر يېرىم، بىر پۈتۈن، بىر يېرىم، بىر كەڭ، بىر يېرىم قانۇنىيەت بۇيىچە تۈزۈلگەن قېلىپ قۇرۇلمىسىغا ئىگە. بىراق، بۇخىل قېلىپ شەكلى قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئون ئىككى يۈرۈش مۇقامنىڭ قېلىپ سېستىمىلىرىدا ئۇچراپ باقمىغان.
دىمەك، بۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئىشرەت ئەنگىز» بىلەن «رۇخسارى» ئوتتۇرىسىدا يەنە قانداق باغلىنىش بار؟...... مەسىلەن ھەر ئىككىسىنىڭ باشتىكى مۇقامىنىڭ قېلىپ شەكلى ئوخشاش، ئالدىنقىسىنىڭ پەقەت «چوڭ نەغمە» قىسىمى (بىرىنچى بۆلىكى) لا ساقلىنىپ قېلىپ، «داستان» ۋە «مەشىرەپ» قىسىمى (ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكى) يوقالغان، كىيىنكىسىنىڭ پەقەت «داستان» قىسىمى تولۇق بولۇپ (6 داستانى بار) «چوڭ نەغمە» ۋە «مەشىرەپ» قىسمى يوق. بۇ پەۋقۇلئاددە توغرى كىلىپ قېلىشمۇ؟!..... بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نىمە دىمەك قېيىن.
ئەگەر، بۇ غەلىتە ئەھۋالنى كۆڭلىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتكىنىمىزدە، ئەلۋەتتە ھىچبىر ئىككىلەنمەستىن 20-ئەسىر مۇقام ئىجادىيىتىنىڭ ۋارىسى، ئاتاقلىق مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتا ئەپەندىمنى ئۇيغۇر  مۇقاملىرى تەركىبىدىكى بىر بوشلۇقنى بايقاپ، مىللىتىمىزنىڭ  خەلق ناخشىلىرىدا  تارىختىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەۋقۇلئاددە  قېلىپ شەكلىدىن پايدىلىنىپ، «رۇخسارى مۇقامى» دىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇقامنى ئىجاد قىلىپ، مۇقام ئىجادىيەت تارىخىدا بىر يېڭىلىق يارىتىش بىلەن، ئۇيغۇر مۇقاملىرى سېستىمىسىنى راۋاجلاندۇرغان  دەپ ئېيتالايمىز. مۇشۇ كۆز قاراش تۈپەيلىدىن مەن، مەرھۇمنى ياد ئىتىپ، بۇ ئاھاڭ دەرىجىلىرى «بىر يېرىم بىر كەڭ بىر يېرىم، بىر پۈتۈن ۋە بىر يېرىم بىر كەڭ بىر يېرىم» ئاھاڭلىق قۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن (يەنى يىلتىزى «3» (مى) ھىساپلىنىدىغان «چارىگاھ قىلىپ شەكلى»نىڭ Ⅲ، Ⅶ ئاھاڭ دەرىجىلىرى يېرىم ئاھاڭ كۆتۈرۈلىدىغان) بۇ خىل ئۆيغۇر كلاسسىك  قېلىپ شەكلىگە «رۇخسارى كىچىك قېلىپى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنى ئاللىقاچان مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن  نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە «مۇزىكا ئاساسىي نەزەرىيسى» دەرسلىكىگە رەسمىي كىرگۈزگەن  ئىدىم.
«رۇخسارى» مۇقامى 1939-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، كىيىنچە «غېرىپ-سەنەم» ئوپېراسىنىڭ  سەھنىلەشتۈرۈلىشى بىلەن  خەلق ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىشقا باشلىغان. گەرچە ئۇ ھەجىم جەھەتتىن باشقا مۇقاملاردىن كىچىكرەك بولسىمۇ ئەمما،خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بىراق، نىمە سەۋەبتىندۇر خەلق ئارىسىدا ئاللىقاچان «مۇقام» دەپ  ئاتىلىپ، يېرىم ئەسىرگىچە تارقىلىپ يۈرگەن بۇ گۆھەر، خىلى ئۇزاق مەزگىلگىچە گېزىت- ژۇرنال، رادىئو ئىستانىسىلىرىدا پەقەت زىكرى ئەلپەتتانىڭ «رۇخسارى ناملىق ئەسىرى» دىگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنىپ كەلدى. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر كومپوزىتۇر ئون ئىككى يۈرۈش مۇقامنى رەتلەش، تولۇقلاش ۋە نەشر قىلىشتەك بىرقاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۈرۈپ يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ توھپە ياراتقان بولسىمۇ بىراق، ئاقىۋەتتە ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇقامنىڭ ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمەي، دەردىنى ئىچىگە  يۇتقان ھالدا بۇ تەڭسىز ئالەم بىلەن خوشلاشتى (بۇمۇ دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن شەرقچە ھەسەتخورلۇقنىڭ كاساپىتى ئىدى).
قېنى! سوئال قويۇپ كۆرەيلى، بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز زادى تەرەققىي قىلمايدىغان، يەنە ئىجاد قىلىنمايدىغان ياكى يۈتكەنلىرى قايتا تېپىلمايدىغان  نەرسىمىكەن؟.....  ئەگەر ئۇ، 13، 14 بولۇپ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولسا بولمامدىكەن؟!.... «مۇقام پەقەت 12 بولىشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىنى بىزگە زادى كىم بەلگىلەپ بەرگەن؟.....
ئەگەردە، «تۇردى ئاخۇن بىزگە پەقەت 12 لا مۇقامنى ئورۇنداپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا، بىز پەقەت 12 لا مۇقامنى تونۇيمىز» دىسەك بۇ، تازىمۇ بىمەنىلىك بولمامدۇ!.....
مەن بۇ مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى «12 مۇقام» ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، «ئون ئىككى مۇقام-زادى ئون ئىككىمۇ؟» ناملىق ماقالەمنى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىدا ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي ژورنال «مۇزىكا تەتقىقاتى» (音乐研究) نىڭ 2002-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان ھەمدە ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن ئىدىم. بىراق، بۇ خاتا ئاتالغۇ ئادەت كۈچى سەۋەبىدىن يەنىلا، تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىشنىڭ تەكتى مۇنداق:
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇرۇنقى ھېچقانداق بىر تارىخىي ماتېرىيالدا «12 مۇقام» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. پەقەت، شۇ يىللىرىدىكى مۇقام رەتلەشتە، تۇردى ئاخۇن، روزى تەنبۈر، قاسىم ئاخۇن ئەننەغمە قاتارلىق كىشىلەر 12 لا مۇقامنى يادقا ئورۇنداپ بىرەلىگەچكە، ئۇنىڭ نوتا كىتابىنى ئىشلەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويىدىغان چاغدا، نوتىغا ئالغۇچى ۋەن تۇڭشۇ قاتارلىق مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مۇقامنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن كۆز قارىشى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھازىرقى سانىغا قاراپلا، كىتابنىڭ نامىنى «ئون ئىككى مۇقام» دەپ بېكىتكەن ھەم شۇ نامدا نەشر قىلىنىپ، 1960-يىلى 2-ئايدا تارقىتىلغان.
كىيىنچە، 20 يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ مۆجىزىنى تۇنجى بۇلۇپ بايقىغان سەنئەتشۇناس ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بىر قەدەر چۇڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، 1980-يىلى بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى-ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە» ناملىق بىر كىتاب ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇرغان بولسىمۇ بىراق، مۇقاملىرىمىزنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچە بېرەلمىگەن ھەمدە تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئەينى يىللاردا لېنتىغا ئېلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندا باشقىلار تەرىپىدىن: «تۇردى ئاخۇن ئاكا، يەنىمۇ ئوبدانراق ئويلاپ باقسىڭىز، ئېيتىشقا تىگىشلىك مۇقاملاردىن يەنە چالا قالغانلىرى بارمىدۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، تۇردى ئاخۇننىڭ :«ئاتام رەھمىتى مىنىڭدىن كۆپ مۇقاملارنى بىلىدىغان. مىنىڭ ئېسىمدە قالغانلىرى پەقەت مۇشۇلار»⑬ دېگەن سۆزلىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، مۇقاملارنى يەنىلا ئەسلىدىكى نوتا كىتابتا دىيىلگىنى بۇيىچە «ئون ئىككى مۇقام» دەپ ئاتاۋەرگەن. شۇ سەۋەپتىن، كىيىنچە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا، پەقەت توغرا كىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا «12 مۇقام-12 ئايغا تەقلىد قىلىنغان ئاسترونومىيىلىك ھادىسە» دېگەنگە ئوخشاش ئىسپاتسىز پەتىۋالار مەيدانغا چىققان. دىمەك بەزى  يول ئاچقۇچىلىرىمىزنىڭ كىچىككىنە بىر سەۋەنلىكى، ۋاقتى كەلسە يۇغان بىر يالغان تارىخنىڭ ئويدۇرمىسى بولۇپ قالالايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارالماسلىقى كېرەك.
بۇ مەسىلە، 2005-يىلى 25-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن 12 رەقىمى ئېلىۋىتىلىپ، «دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا  «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» دېگەن نام بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ ئاندىن تۈپتىن ھەل قىلىندى.
ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق شەيئىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇكەممەللىشىدۇ. بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزمۇ ھېچقاچان بىرلا ۋاقىتتا ئەمەس بەلكى، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەرەققىي قىلىپ تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن. شۇنداقلا، ئۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ۋە تولۇقلاشقا موھتاج. تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۆزى يامان ئىش ئەمەس. پەقەت بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ۋە چىكىنىشلا خەتەرلىك. بۇنىڭغا مۇقاملىرىمىزنىڭ تارىخىنىڭ ئۆزى گوۋاھ!
مىنىڭچە، بۇندىن كىيىنكى نەشرلەردە  چوقۇم ئامانساخان ۋە زىكرى ئەلپاتتا قاتارلىقلارنىڭ مۇقاملىرىنى ئىمكانقەدەر تولۇقلاپ، 13-،14-،15-مۇقام رېتى بويىچە بىرلىكتە نەشر قىلىش كېرەك. بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزنىڭ سېستىمىلىرى  ئەمەلىيەتتىمۇ، قايسى بىر دەۋردىكى قايسىبىر كومپوزىتور  تەرىپىدىن بىراقلا ئىجاد قىلىنمىغان ياكى ھەممىسىلا خەلقىمىزنىڭ كوللىكتىپ ئىجادىيىتىمۇ ئەمەس. پەقەت ھەر بىر مۇقامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسىمى تارىختا مەلۇم بىر شەخىس تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ۋە تەدرىجى ھالدا تولۇقلىنىشى  ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالغا كەلتۈرۈلگىنىنى تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا بىز، ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇقاملارغا تۇتقان پوزىتسىيسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى سەنئىتى  ئىجادىيىتىگە يول قويۇشىمىز ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم.
ھازىرقى دەۋرىمىزدە مەيلى تولۇق بولسۇن ياكى تولۇقلاشقا تىگىشلىك بولسۇن، مەيلى كلاسسك ئىجادىيەت ياكى ھازىرقى دەۋر ئىجادىيىتى بولسۇن، نەق ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان مۇقاملىرىمىزنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:
1-راك مۇقامى، 2-چەببايات مۇقامى، 3-سېھگاھ مۇقامى، 4-چەھارگاھ مۇقامى، 5-پەنجىگاھ مۇقامى،  6-ئۆزھال مۇقامى، 7-ئەجەم مۇقامى، 8-ئۇشاق مۇقامى، 9-مۇشاۋىرەك مۇقامى، 10-ناۋا مۇقامى، 11-بايات مۇقامى، 12-ئىراق مۇقامى، 13-ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى، 14-ھۈسەينى مۇقامى، 15-رۇخسارى مۇقامى (زىكرى ئەلپەتتا)، 16-بۇغرام مۇقامى (مىرئەھمەت سەئىد ھاجىم)، 17-مۇغەننى مۇقامى (قۇربانجان رۇزى) قاتارلىق 17 يۈرۈش مۇقام خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقى.
مۇقاملىرىمىزنىڭ رەت تەرتىبى قانداقتۇر ھەجمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنا تەرتىبى بۇيىچە تىزىلىشى كېرەك. چۈنكى، رەھىمسىز قىسمەت تۈپەيلىدىن بەزى جايلىرى پۇچۇلۇپ كەتكەن غۇبارسىز مۇقاملىرىمىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز تولۇقلىيالمايدۇ دەپ كىم ئېيتىدۇ!؟........ چوقۇم ئېيتىمەنكى، 20-ئەسىردىكى قابىللاردىن يەنە چىقىدۇ.
ئەسلىدە، يۇقۇلۇپ كەتكەن بىرىنجى، ئىككىنجى رەتتىكى مۇقاملىرىمىز «يەكگاھ»، «دۇگاھ» مۇقاملىرىنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردە مۇقاملىرىمىز پارس تىلىدىكى رەت نومۇرلىرى بىلەن، خۇددى كەينىگە «شەنبە» سۆزى قوشۇلغان ھەپتە ئىسىملىرىغا ئوخشاشلا، يەكگاھ (1)، دۇگاھ (2)، سېھگاھ (3)، چەھارگاھ (4)، پەنجىگاھ (5) قاتارلىق تەرتىبلەر بۇيىچە تىزىلغان ۋە ئاتالغان بۇلۇپ، كىيىنچە، بەزىلىرىگە يېڭى تېكىستلار سېلىنىپ ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن، بۇ تەرتىب قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. بۇ مەسىلىنى ئەلۋەتتە توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى  يېڭىدىن قىدىرىپ تېپىلغىنى  بولسۇن، ياكى يېڭىدىن ئىجاد  قىلىنغىنى  بولسۇن،  پەقەت بىر پۈتۈن  مۇقام قۇرۇلمىسىغا ۋە تۈسىگە ئىگىلا بولىدىكەن، خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا  مۇيەسسەر بولالايدىكەن ئۇنى چوقۇم مۇقاملىرىمىز قاتارىغا قوشۇپ ئەتىۋارلىشىمىز لازىم. ھېلىمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى  تاڭ قالدۇرۇۋاتقان 24 سائەتلىك مۇقاملىرىمىز تەرەققىي قىلىپ كەلگۈسىدە  ھەپتە ئاڭلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان بولسۈن!
           ئىككىنجى، مۇقاملىرىمىزنى نوتىغا ئېلىش مەسىلىسى
ناخشا- مۇزىكىلارنى نوتىغا ئېلىش، يۇقىرى سەۋىيىلىك، قيىنلىق دەرىجىسى ئۈستۈن بولغان بىرخىل تېخنىكا، ئۇ، چوڭقۇر مۇزىكا ئاساسىي نەزەرىيە، كۆرۈپ ئوقۇش  تېخنىكىسى، ئاڭلاپ  يېزىش قابىلىيىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاڭلاپ پەرىقلەندۇرۇش ئېقتىدارىغا ئېھتىياجلىقتۇر. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى مېلودىيەلىرى خىلمۇ-خىل، زىننەت ئاھاڭلىرى ۋە مىكرو  ئاھاڭلىرى كۆپ، ئۇدار-رىتىملىرى مۇرەككەپ، قېلىپ ئۆزگىرىشلىرى گىرەلەشكەن ھالەتتە  بولغاچقا، نوتىغا ئالماق قىيىنراق. بۇنداق ئاھاڭلار خۇسۇسىيىتىنى ئېتنىك  ئاساستا ئىگىلىمىگەن كىشىلەرنىڭ (باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ) نوتىغا تولۇق ئالالىشىدىن تېخىمۇ سۆز  ئىچىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇ قېتىمقى نەشرىنىڭ نوتىغا ئېلىش مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن خاتالىقلار ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن،
بىرىنجىدىن، كىشىلىرىمىز ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇدار-رىتىم ۋە زىننەت ئاھاڭلىرىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى تولۇق يېزىپ ئېلىشنىڭ كونكرىت ئۇسۇللىرىنى تېخى  ئىگىلەپ كىتەلىگىنى يوق. بۇ مەسىلىنى بىز مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇزىكىلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاتالمىش نوتىلىرىدىن كۈندە دىگىدەك بايقاپ ئالالايمىز. شۇڭلاشقىمۇ، كۆپ سانلىق نوتىلاردا خۇددى ساۋاتسىزنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇساق گەپكە ئوخشىمىغاندەك، ئاشۇ نوتا بويىچە مۇزىكا چالغىنىمىزدا  ئەسلىدىكى مۇزىكىغا ئەينەن ئوخشىماي قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت (نوتىدىكى بۇ خىل  كەمتۈكلىكنى بىزنىڭ ماھىر سازەندىلىرىمىز ئۆزىدە يىتىشكەن تەبىئىي تالانتىغا  ئاساسەن، نوتىغا چاندۇرماي قۇشۇۋېتىش تېخنىكسى بىلەن تولۇقلاپ كىتىپ بارىدۇ). مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا نوتىغا ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىق سەۋەبىدىندۇر.
  ئىككىنجىدىن، بىزنىڭ  كلاسسىك  مۇزىكىلىرىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىدا ياۋروپا مۇزىكا نەزەرىيسىنىڭ قانۇنىيىتىدىن ئۆزگىچە ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپا  مۇزىكا نەزەرىيسىدە «ئادەتتە ھەر قانداق  مۇزىكىنىڭ تاكىت بۆلەكلىرىنىڭ  بىرىنچى ئۇدارى ھامان كۈچلۈك ئۇدار بولىدۇ» دىيىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزدا  ئەكىسىچە بەزىدە «دۈم» قىلغان داپنىڭ كۈچلۈك ئۇدارى تاكىت بۆلىكىنىڭ بىرىنچى ئۇدارىدا ئەمەس بەلكى، ئىككىنچى ياكى تۆتىنچى ئۇدارلىرىدىمۇ مەيدانغا كىلىپ  تۇرىدۇ. بۇخىلدىكىدەك ئەھۋاللار بىزنىڭ مۇزىكىمىزنىڭ قانۇنىيەتسىز، تەتۈر ئىكەنلىكىنى ئەمەس بەلكى، ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقىمۇ، بەزىدە باشقىلارنىڭ قانۇنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆلچەشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاخىرقى نەشر قىلىنغان مۇقاملىرىمىزنىڭ نوتىلىرىمۇ بۇ خىل ئەھۋاللاردىن مۇستەسىنا ئەمەس.
ئۈچىنجىدىن، كۆپ ساندىكى نوتىلار پەقەت راۋاب-تەنبۈرنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى بىلەن خاتىرىلەنگەن. نەتىجىدە، نوتىلار كۆپۈيۈپ، مېلودىيىنىڭ رىتىملىرى ئۇششاقلىنىپ مۇرەككەپلىشىپ ئوقۇش ۋە چېلىشقا قىيىن بۇلۇشتەك ئەھۋاللار سادىر بولغان.  مانا بۇ، دەل ياۋرۇپا مۇزىكانتلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولغاچقا، ياۋرۇپا سىمفونىيىلىرىدە چەكمە چالغۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلمەيدۇ ھەمدە ياۋرۇپا چالغۇلىرى ئىچىدىمۇ چەكمە چالغۇلار ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بۇنداق سەۋەپلەر بار.
چەكمە چالغۇلارنىڭ ئاۋازى ئۈزۈك ھالەتتە بولغاچقا، قىسقا، تېز ئاھاڭلارغا ماسلاشقان بىلەن، ھەر قانداق ئۇزۇن ئاھاڭلارنى ئىپادىلەشتە چوڭ چەكلىمىگە ئىگە. مەسىلەن، ئادەتتە ئاستا سۈرئەتتىكى بىر ئۇدارلىق تۆتلىك ئاھاڭنى كامانچىلىق چالغۇدا بىرلا سۈركەپ ئۇرۇندىغىلى بولسا، چەكمە چالغۇدا بىرلا چېكىش بىلەن ئەمەس بەلكى، ئاز دېگەندە ئىككى ياكى تۆت قېتىم چېكىش ئۇسۇلى بىلەن چېلىنىدۇ. دېمەك، نوتىغا ئېلىشتا كامانچىلىق چالغۇنىڭ شۇ بىر ئۇدارىنى بىرلا تۆتلىك ئاھاڭ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولغىنى بىلەن، چەكمە چالغۇنىڭ شۇ بىر ئۇدارىنى ئىككى سەككىزلىك، ياكى تۆت ئون ئالتىلىك ئاھاڭ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كىلىدۇ. نەتىجىدە نوتىغا ئېلىشمۇ قىيىنلىشىدۇ، چېلىش ۋە ئوقۇشمۇ قىيىنلىشىدۇ. دېمەك، ياۋرۇپا سىمفونىيىسىدە چەكمە چالغۇلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى دەل مانا شۇنىڭدا.
شۇنداق ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى نوتىغا ئېلىشتا راۋاب-تەنبۈرنىڭ ئاۋازىنى ئەمەس بەلكى، كامانچىلىق چالغۇلارنىڭ مېلودىيىسى ياكى ناخشا ئاھاڭلىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسىنى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت توغرا ئۇسۇلنى قوللۇنۇش لازىم.
تۆتىنجىدىن، ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم نوقتا شۇكى، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئېتنومۇزىكولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە چوقۇم بارىنى قارا-قويۇق قۇبۇل قىلماستىن بەلكى، ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خاتالىقلارنىمۇ مۇزىكىلىق قۇرۇلما قانۇنىيىتى نەزەرىيىسىگە ئاساسەن بىرلىكتە تۈزۈتۇپ مېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا ئادەم، ئەۋلىيا ئەمەس. خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر جۈملىدىن ياشنىڭ چوڭىيىپ بېرىشى، ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۆلچەملىك نوتىغا (يازما ماتېرىياللارغا) ئاساسلىنىشنىڭ بولمىغانلىقى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئورۇندىغان ناخشا-مۇزىكىلىرىدىمۇ مەلۇم جەھەتلەردە چولتىلىق ۋە خاتالىقلار يۈز بىرىپ تۇرۇدۇ. مانا بۇ مەسىلىلەرمۇ مۇقاملارنى نوتىغا ئېلىش خىزمىتىدە بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سەزگۈرلىكىمىز ۋە دەل ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزۈتۈپ مېڭىشىمىزغا توغرا كىلىدىغان مۇھىم تەرەپلەردۇر.
گەرچە، بۇ قېتىمقى نەشر قىلىنغان مۇقام نوتىلىرىدا مەسىلە بۇرۇنقىلىرىدەك  ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا ھەرخىل زىننەت ئاھاڭلار ۋە ئۇدار شەكىللىرىنىڭ ئەينەن خاتىرىلەنمىگەنلىكى ۋە مۇزىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئەينەن، توغرا ئىشلىتىلمىگەنلىكىدە بولۇپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەردىن بولۇپمۇ، مۇقام بىلەن بىۋاستە شۇغۇللانغان، مۇنتىزىم ۋە يۇقىرى نوتا تېخنىكىسغا ھەمدە پىششىق نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە پىشقەدەم ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلىرىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىشتىن ئىبارەت. ناۋادا بۇ شەرتلەرگە سەل قارالسا، ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىنغان ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ خىزمەت قانداقتۇ، بىر–ئىككى كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مىللەتنىڭ زور ئىشىدۇر.
          ئۈچىنجى، مۇقاملىرىمىزنىڭ  تېكىست ئۇرۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى
مۇقاملارنىڭ  تېكىسىت  ئۇرۇنلاشتۇرۇش  مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ، ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىزنىڭ تەتۈرلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىشقا بىرىپ چېتىلىدۇ. ئەگەر مۇقاملارنىڭ نوتىسىغا تېكىست ئۇرۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمايدىكەن، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇنى ئەينەن ساقلاپ قېلىشتىن سۆز ئىچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. پەقەت  بۇ ئادەم  كۈچى ئىقتىساد ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ، خالاس. چۈنكى مۇزىكا ئىلمىدە، ئاستىغا ئۆلچەملەشكەن تېكىستى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان نوتا،- ناخشا نوتىسى ھېساپلانمايدۇ.
1) خەلق ناخشىلىرى (كلاسسك ناخشىلار) غا تېكىسىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىلمىلىكى يۇقىرى بولغان بىرخىل سەنئەتلىك تېخنىكا بولۇپ، كۆپۈنچە بىز، پىشقەدەم سازەندىلەرنىڭ ئۇرۇندىغان ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى بىلەن ئاھاڭلىرى خۇددى بىر جان، بىر تەندەك راۋان ۋە يۈرۈشلۈك ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا بىلەن تىلنىڭ شۇنچىلىك تەبىئىي ھالدىكى بىرىكىشىدىن ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشىدىن ئادەمگە ئالاھىدە ھۇزۇر بېغىشلايدىغانلىقىنى سىزىپ ئالالايمىز. بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزمۇ دەل ئەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مانا بۇ، مۇزىكا ئىلمىي ئىچىدىكى مۇھىم قانۇنىيەتلىك قائىدىلەرنىڭ بىرى، كلاسسىك خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىست  ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشىدا بۇ قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ. ناخشا ئەسەرلىرىنىڭ تېكىست ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشنىڭ ياخشى–يامان بولۇشى، ئۇنىڭ ھايات-ماماتىغا بىۋاسىتە  مۇناسىۋەتلىك زور ئىشتۇر.
دىمەك، مۇقاملىرىمىزنىڭ بۇگۈنكىدەك ھالەتتە نەشر قىلىنىشىدا، ئۇنىڭ تېكىستلىرىنى ئاھاڭلىرىغا بۇرۇنقىدەك ئەينەن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ توغرا ئېيتىش ۋە  ياكى ئۇنى ئەسلىدىكىدەك ئەينەن ساقلاپ قېلىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، ئەگەر مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئالدى بىلەن نوتىسىغا تېكىسىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش  مەسىلىسىنى ئۈزىل-كىسىل ھەل قىلىشىمىز زورۇر ئەلۋەتتە.
بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى قول سېلىپ ئىشلىگۈچىلەر بۇرۇنراق تونۇپ يەتكەن بولسا، ۋاقتىنچە  بولسىمۇ، ئاپتونۇم رايونلۇق تىل- يىزىق كۆمېتىتى نەشر قىلدۇرغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لوغىتى» دا قوللىنىلغان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ترانسىكرىپسىيىلىك بەلگىلەر سېستىمىسىنى قوللىنىپ، مۇقام نوتىلىرىغا تېكىسىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ كىتابنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي  ئۇنۇمىنى ساقلاپ قىلىشقا بولاتتى. بىراق ھازىر ۋاقت  ئۆتكەن!........كەتكەن مەبلەغقە ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ!!..........
ئەپسۇسكى، بۇ جەھەتتە بىز ھەتتا، قازاقىستاندىكى ساناقلىقلا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ياشاۋاتقان مۇزىكاشۇناس تامارا ئەلىباقىيىۋا خانىمچىلىكمۇ بولالمىدۇق.
2)        كىيىنكى نەشر قىلىنغان «ئون ئىككى يۈرۈش مۇقام» بولسا، مۇزىكانتلار ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا سىڭدۇرگەن جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يالغۇزلا نوتىسىنىڭ رەتلىنىشىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ناخشا تېكىستلىرىنىڭ رەتلىنىشىدىمۇ  ئالاھىدە ئىلگىرىلەشلەر بولغان. بىراق، مۇزىكانتلار بىلەن شائىرلار ئارىسدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە پىكىرلىشىشلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، تېكىست بىلەن مۇزىكىسى جىپىسلاشماسلىق، ۋە ئۆز-ئارا ماسلاشماسلىقتەك ئەھۋاللارغا يول قويۇلغان. مەسىلەن،
ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشىلىرى (مۇقاملار) نىڭ تېكىستلىرىدا ئەزەلدىن دائىم دىگۈدەك«ئايەي»،«يارەي»،«ئايارەي»، «جانەي»، «دادەي»، «ئۆرگىلىمەي»، «جان دوستلار» دىگەندەك قوشۇمچە تېكىستلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ خىل قۇشۇمچە سۆزلەر ناخشىنىڭ مېلودىيسىدىكى مۇزىكىلىق مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا قىسقىچە قايتۇرما شەكىلدە راۋاجلاندۇرۇلغان ئاھاڭلىرىغا تېكىسىت يېتىشمىگەن شارائىتتا مەقسەتلىك ئاساستا  قوشۇپ قويۇلىدىغان جۈملىلەرنىڭ رولىنى  ئويناپلا قالماستىن بەلكى، ناخشا تېكىسىتىنىڭ مەزمۇن ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ۋە تېكىست  بىلەن مۇزىكىنىڭ زىچ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئىنتايىن مۇھىم روللارنىمۇ ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئىلى سەنىمىنىڭ «ھاي-ھاي ئۆلەن» ناخشىسىدىكى «ۋاي يار سەنەم» دىگەن جۈملىلەرگە ئوخشاش. كلاسسىك ناخشا - مۇقاملارنىڭ تېكىستلىرىدىكى بۇ خىل قوشۇمچىلارنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا  بولمايدۇ.
  بىراق، كىيىنكى  نەشر قىلىنغان« ئون ئىككى يۈرۈش مۇقام» كىتابلىرىدا دەل مۇشۇ مۇھىم  نوقتىغا ئىتىۋار قىلىنمىغان. نە ئۇنىڭ نوتىسىدا، نە ئۇنىڭ  تولۇق تېكىستلىرىدا بۇخىل قوشۇمچە تېكىستلارنى قەتئىي ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇنداقتا، بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز كەلگۈسىدە نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ؟!.... بۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق قېيىن ئەمەس. بۇ، پەقەت، مۇقاملىرىمىزنىڭ نوتىسى  ۋە تېكىستلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز-ئالدىغا ئىش تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرسىنىلا ئويلۇشۇپ، باشقىلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقى ۋە ياكى بىر-بىرىدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغانلىقىنىڭ ئاقىۋېتىدۇر.
ئەھۋالغا قارىغاندا، 15-،16- ئەسىردىكى ئەدەبىياتشۇناسلىرىمىزنىڭ مۇزىكىدىن، مۇزىكىشۇناسلىرىمىزنىڭ  ئەدەبىياتتىن خەۋىرى بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنىڭ ئەھمىيتىنى بۈگۈنكى كۈندە قايتا تەكىتلەشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم  زۆرۈرىيىتى باردەك قىلىدۇ.

                                          مۇقاملىرىمىزنىڭ كەلگۈسى
          مۇقام تەتقىقاتى، مۇقام رەتلەش ۋە نەشر قىلىش ھەققىدە يۇقىرىدا بەزى تەكلىپ پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتۈم. تۆۋەندە مۇزىكا سەنئىتىمىزنىڭ ۋە مۇقاملىرىمىزنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بىزنىڭ  مىللىي سەنئىتىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى مۇھىم  ئەنگۈشتەر بولۇپ، تەرەققىياتقا ئىرىشىمىز دەيدىكەنمىز. بۇ مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا  ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز ھەمدە مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى  ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز لازىم. ۋەھالەنكى،  بىزدە نۇرغۇنلىغان دۇنيا بويىچە  ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت مىراسلىرى بار بولۇپ، بۇلار بىزنىڭ مۇھىم بايلىقىمىز. ئەلۋەتتە  ئۇنى ئاسىراش بىزنىڭ  باش تارتىپ بولمايدىغان  مۇقەددەس  بۇرچىمىزدۇر.
ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەرەققىي قىلىشى، مۇكەممەللىشى، دۇنياغا يۈزلىنىشى كېرەك. دۇنيا بىزنىڭ  مۇقاملىرىمىزدىن ۋە مەدەنىيتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپرەك خەۋەردار بولسۇن. بۇ نىشانغا يېتىش ۋە مۇقاملىرىمىزنى تېخىمۇ جۇلالىتىپ نۇر چاچقۇزۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ  مۆرىنى – مۆرىگە تىرەپ  ھەمكارلىشىمىزغا ۋە  تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىشلارنى ياخشى ئىشلىشىمىزغا  توغرا كىلىدۇ.
1)        مۇقاملارنى قىدىرىپ رەتلەش ۋە تولۇقلاش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، ئامما ئارىسىدا بۇ ھەقتە كۆپرەك تەشۋىقى-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.  بىر تەرەپتىن  مۇناسىۋەتلىك  ماتىرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بىرىلسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ھەجىمى كىچىكرەك بولغان مۇقاملارنى داۋاملىق تۈردە تولۇقلاش، ئۆلچەملەشتۈرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك ھەجىمگە ۋە ئالاھىدە خاس پۇراققا ئىگە بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
2)        مۇقامنى نوتىغا ئېلىش خىزمىتىگە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىش، ئالاھىدىلىكىگە بەكرەك ئېتىبار بىرىش، ھەرگىزمۇ غەرب مۇزىكىسىنىڭ نوتىغا ئېلىش  ئۇسلۇبىنى ئۆلۈك ھالدا مۇقاملىرىمىزغا تاڭماسلىق كېرەك. بەلكى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ھەرخىل مول زىننەت ئاھاڭ شەكىللىرىنى تولۇق خاتىرىلەش لازىم. ئەڭ ياخشىسى دۇنيادا ئورتاق بولغان بەش سىزىقلىق نوتىنىڭ بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش، ئەسلىدە بار تۇرۇپ خالىغانچە يېڭى بەلگە ئىجاد قىلىپ قوشۇۋىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
مۇقام ئاھاڭلىرىدا كۆپلىگەن «مىكرو ئاھاڭ»(يۇقىرىلىقى 4/1 ئۈلۈشلۈك ئاھاڭ) بولسىمۇ، بىراق، بارلىق ئۆزگىرىشچان ئاھاڭلارنىڭ (يېرىم كۆتۈرۈلگەن ياكى يېرىم چۈشۈرۈلگەن ئاھاڭلارنىڭ) ھەممىسىنىلا «مىكروئاھاڭ» قىلىۋېتىپ، مۇقاملارنى سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىشكە، باشقىلارنىڭ ئورۇندىشى ۋە ئۆگىنىشىگە قولايسىز قىلىۋېتىشكە  بولمايدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزدە كۆپرەك تارالغان كۈچلۈك، كۈچسىز ئۇدار بەلگىلىرى ئاساسەن، (X) -كۈچلۈك ئۇدار، 0–ئوتتۇراھال ئۇدار، X-كۈچسىز ئۇداردىن ئىبارەت  بولۇپ، رىتىملارمۇ ئادەتتە «X» بەلگىسى بىلەن خاتىرىلىنىدۇ. بۇنى خېلى كۆپ كىشىلەر بىلىدۇ ۋە بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق قولاي ۋە تەييار بەلگىلەر تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن داپ رىتىملىرىنى خاتىرىلەشتە تىلىمىزدىكى داپنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان «دۇم»، «تاك» تاۋۇشلىرىنىڭ بىرىنچى ھەرىپى  بولغان T»»، ««D ھەرپلىرىنى ئىشلىتىمىز؟!.....  بۇنداقتا، بۇ ھەرپلەر مۇزىكىدىكى ۋە گارمونىيە ئىلمىدىكى خەلقئارادا ئۇمۇملاشقان ئاساسلىق ئاككوردلارنىڭ ھەرپ ئىسملىرى«T» ، «D»، S»»لار بىلەن ئارىلىشىپ كىتىپ كىشىلەرنى مالىمان قىلىۋەتمەمدۇ؟  بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار بىلەن قانداقسىگە مۇقام نوتىلىرىنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولسۇن!.... مۇقام نوتىلىرىنى نەشر قىلىشتىكى  مەقسەت، پەقەت ئۇنى نەسىرىدىن ئەپەندىدەك ئۆزىمىز يازغان نەرسىنى ئۆزىمىزنىڭلا ئوقۇشىمىز ۋە پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى، دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇنداق ئەھۋاللارغا چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
3)        تېكىست ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا، تولۇق ۋە مۇكەممەل بولۇشىغا دىققەت قىلىش، يالغۇز شېئىرىيەت نۇقتىسىدىنلا ئويلاشماستىن بەلكى تېكىستنىڭ ئاھاڭىغا مۇۋاپىق چۈشۈشى، قوشۇمچە سۆزلۈكلەرنىڭ تولۇق ۋە ئەينەن خاتىرىلىنىشى قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. بارلىق شېئىر-تېكىست مىسرالىرىنىڭ ئارىلىقلىرىدىكى ۋە كەينىدىكى «ئايارەي»، «ۋاي دادەي»، «ئۆرگىلىمەي» قاتارلىق قوشۇمچە سۆزلەر ئۆز ئورنىدا تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ ئەسلىدىكى نوتىسى ئاستىدا ئەينەن خاتىرىلىنىشى، شۇنداقلا، تولۇق تېكىستلىرىدىمۇ ئۆز جايىغا قۇيۇلىشى لازىم.
بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ، مىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ 1982-يىللىق 1- سان « ئاممىۋىي مەدەنىيەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئىلى سەنىمى ھەققىدە» ناملىق ماقالەمدىكى بايانلارنى ۋە  «ئىلى سەنىمى» نىڭ تېكىست ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان نوتىلىرىنى كۆرۈپ بېقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلمەن.
4)        مىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكرىم نۆۋەتتە  ئىنتايىن مۇھىم بولغان جىددىي بىر مەسىلىدۇر. يەنى ئۇ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ ئىشتۇر. ئۇ بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى مىللىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى تەرەققىياتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھازىر كۆپ سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان «لاتىن يېزىقى سېستىمىسى» نىڭ خەلقئارادا ئورتاق بولغان ۋە خەلقىمىز ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن ھەرىپلىرى ئاساسىدا، قايتا لاھىيىلەنگەن « ئۇيغۇر مۇزىكا يېزىقى» نى  قوللىنىشتىن ئىبارەتتۇر. پەقەت مۇشۇنداق  قىلىنغاندىلا ئاندىن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئېچىلىدۇ. ھەمدە  ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ھەقىقىي  ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەينەن ساقلاپ قېلىپ، بەدىئىي كۈچىنى جاھانغا تونۇتۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.
مىللىي مۇزىكىمىزدا نوتا تېخنىكىسىنى ئشىلىتىشكە باشلىغان 20 –ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، خەلقىمىز ھازىرقى  يېزىقىمىزنىڭ يىزىلىش يونىلىشنىڭ  تەتۈرلىكىدىن ئىبارەت باش قېتىمچىلىققا يولۇقۇپ، مۇزىكىچىلىقىمىزمۇ تەس كۈنكە قالدى. گەرچە بەزىلەر، بەش سىزىقلىق  نوتىنىڭ ئاستىغا  ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قىڭغايتىپ تەتۈر يېزىشتەك غەلىتە «كەشپىيات» لارنى ئويلاپ چىقىشقان بولسمۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنىلا مەسىلە ھەل بولمىدى. بىر مەزگىلگىچە، بۇنداق كۆرۈپ ئوقۇش (نوتا ئوقۇش) تېخنىكىسىغا ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ئۆزىمىزدىن باشقىلار ئوقۇيالمايدىغان ناخشا نوتىلىرىنىڭ  خەلق ئارىسىدىكى  ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش، يۈزلەنمەسلىكى بىلەن كارىمىز يوق،  خۇددىي نەسىرىدىن ئەپەندىمگە  ئوخشاش  ئۆزىمىز يازغاننى ئۆزىمىزلا ئوقۇپ يۈرىۋەردۇق. ھالا، بۈگۈنكى  كۈنگە  كەلگەندە كۆمپىيۇتىر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئۇمۇملىشىشى، ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ھەمدە ئويلاشمىسىمۇ بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ خىزمەتنىڭ مۇقەررەرلىكىنى  نامايەن قىلماقتا.
           مېنىڭچە، بىز ھازىر ئېلېكترون ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپ كېلىۋاتىمىز. دۇنيا رەقەملىشىۋاتىدۇ. دېمەك، گەرچە بىز ئەپلەپ-سەپلەپ كۈننى ئۆتكۈزىۋاتقان بولساقمۇ ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، رەقەمنىڭ يۈنىلىشىگە تەتۈر يېزىق ۋە پائالىيەتلەر ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇدۇ. ئاز-تولا كاللىسى بار، شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ كىتەلىشىگە ئىشىنىمەن.
             شۇنداق ئىكەن، مۇقاملىرىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولسۇن دىسەك چوقۇم ئالدى بىلەن مۇزىكا يېزىقى مەسىلىسنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولسۇن دىسەك، چوقۇم دۇنيادا ئىلغار بولغان لاتىن يىزىقى (قەدىمكى ئۆزىمىزنىڭ تۈرك رونىك يېزىقى) نى قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن كۈرەشچان، ئىرادىلىك مۇزىكانت، ئالىملىرىمىز، ئۆت-يۈرەك، جۇشقۇن، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن رايونىمىز شىنجاڭنىڭ مۇزىكىچىلىقى تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، ئەسلىدىكى سېھرى كۈچىنى يىڭى قىياپەت بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قايتا نامايەن قىلغۇسى!
ھەممەيلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بارلىق كونا كۆز قاراش، ناچار ئىدىيىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالايلى!
____________
ئىزاھاتلار:
① ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىلى نەشرى 6-بەت.
ليۇزەيشىڭ:«جۇڭگو قەدىمكى زامان مۇزىكا تارىخىدىن قىسقىچە بايان» خەلق مۇزىكا نەشرىياتى 1989-يىلى خەنزۇچە نەشرى 124-بەت.
جاۋشىچيەن:«يىپەك يولىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ھەققىدە ھىكايىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى خەنزۇچە نەشرى 13-بەت.
② ليۇشىگەن، چىڭ لياڭۋى: «قەدىمىي كۆسەن دۆلىتى تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى  نەشرىياتى، 1992-يىل، خەنزۇچە نەشرى، 154-بەت.
ۋۇجىيەن، لىيۇدۇڭشىڭ: «جۇڭگونىڭ قىسقىچە مۇزىكا تارىخى»، خەلق مۇزىكا نەشرىياتى
1983-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 82-بەت.
③ ۋېرنېر توماس:«توخار تىلى دەرسلىكى» 2-قىسىم، ھايدېلبېرگ كارال ۋىنتېر ئۇنىۋېرسىتىتى نېمىسچە نەشرى 49-بەت.
④ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 1997-يىلى نەشرى 50-بەت.
⑤ موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى: «تەۋارىخىي مۇسىيقىيۇن»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى نەشرى، كىرىش سۆز 17-،20--بەتلەر.
⑥ چىيەن رىنتاڭ:«ياۋروپا مۇزىكا تارىخى»، ئالىي مائارىپ نەشرىياتى 1991-يىل خەنزۇچە نەشرى. 6-بەت.
⑦ موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى:«تەۋارىخىي مۇسىيقيۇن»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى نەشرى. 58-بەت.
⑧ شىيايې :«جۇڭگونىڭ قىسقىچە مۇزىكا تارىخى»، ئالىي مائارىپ نەشرىياتى 1991-يىلى نەشرى 32-بەت.
⑨ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 1997-يىلى نەشرى 123-بەت.
⑩ جاۋشىچيەن:«يىپەك يولىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ھەققىدە ھىكايىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى خەنزۇچە نەشرى 61-بەت.
⑪ يازما ماتېرىياللاردا، يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنى يەرلىك تارىخچىلار رەھىم ھاجى، ئەسئەتۇللا داموللا، ئۇقاپچى ھاشىم ئاخۇن قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنىڭ تەستىقلاپ پىكىر بايان قىلىشقانلىرى خاتىرىلەنگەن. ئەپسۇسكى، بۇ قوليازمىلار يۈتتۈرۈۋىتىلدى.
⑫ دۇنيادا ھەسەتخورلۇق ئادەتتە ئىككى تۈرلۈك بۇلىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ئادەتكە ئايلانغان ھەسەتخورلۇق «غەربچە ھەسەتخورلۇق» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ مىزانى-«سەن بۇ ئىشنى قىلالىدىڭمۇ!، قاراپ تۇر، مەن سىنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى مەيدانغا چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويىمەن» دېگەندىن ئىبارەت بۇلۇپ، شۇڭا غەرب ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بۇلىدىكەن. شەرق ئەللىرىدە ئادەتلەنگەن ھەسەتخورلۇق «شەرقچە ھەسەتخورلۇق» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ مىزانى-«مەن قىلالمىغان بۇ ئىشنى سەن قىلدىڭمۇ!، خەپ توختاپتۇر، يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ قىلغان ئىشىڭنى سېسىتىپ، ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتەككە تىقىۋىتىمەن» دېگەندىن ئىبارەت بۇلۇپ، شۇڭلاشقا، شەرق ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بۇلىدىكەن.
⑬ تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەينى يىللاردا ئاڭلىغانلار بار. ھەتتا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى مەلۇم بىر پروگراممىسىدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بىر تۇققىنىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ كىشىمۇ تۇردى ئاخۇننىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.

2001-يىلى 27-مارت. ئۈرۈمچى. (بۇ قېتىم قىسمەن تۈزۈتۈلدى).  
                                 ئاپتۇر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى مۇزىكا شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.
بۇ ماقالە، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان بۇلۇپ، 2003-يىلى ئاپتۇنۇم رايونىمىز بۇيىچە 1-دەرىجىلىك ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 00:33:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نىمە ئۈچۈندۇر، تەھرىرلەپ بۇلۇپ يوللىغاندا ماۋزۇ ۋە تېكىستلارنىڭ ئورنى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن. بۇ ماقالىنىڭ ئاخشام ئەۋەتكەن نۇسخىسىنىڭ ئىزاھاتلىرى قالايمىقان بۇلۇپ كىتىپتۇ. باشقۇرغۇچىنىڭ خاپا بولماي بۇ نۇسخىغا ئالماشتۇرۇپ قۇيىشىنى ئۆتۈنىمەن. ---- فەيزى  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش