سەن بولمىساڭ بولمايدىكەن پەقەت
پولات ۋىلاخۇن ئىلى
ئويناپ ھارغان كەنجى بالىسى
يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلگەندە ئۆيىگە
بوسۇغىدىلا _
ئىشىك ئاتلىمايلا
«ئانام قېنى؟»دەپ سوراپ سالدى
ئۆمچەيلەنگەن،كۆزىدە لىق ياش.
مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن چوڭ ئوغلى
ئانىسىنى ئىزدەر ئۆي-ئۆيلەردىن،
دۈمبىسىدە ھاپاش سومكىسى.
ئاتىمۇ ئېتىزدىن كەلگەن،
مۆرىسىدە يۇغان كەتمىنى.
ئۇ_ ھەيۋەت تاغ
ھويلىغا كىرىپلا،
ئۇيان-بۇيان قاراپلا
«ئاناڭلار قېنى؟»دەپ سوراپ سالغان...
شۇ چاغدا،
شۇ دەقىقىلەردە
ئۆيلەردىن،
ھويلىلاردىن،
تاملاردىن...
بىرخىل سوغۇقلۇق يامراۋاتقان تۇيغۇدا
ئۆزىنى بىچارە يالغۇزدەك ھىس قىلغان...
سەن بىردەم بولمىۋىدىڭ
ھەممىسى يېتىم بولدى.
بوينىنى قىسىپ قالدى.
شۇ ئەمەسمۇ
ئۆيدە –ئائىلىدە،
بالىلارنىڭ قەلبىدە،
«ئاتا»نىڭ يۈرۈكى ۋە ۋۇجۇدىدا
سەن بولمىساڭ بولمايدىكەن پەقەت.