ئىككى لىرىكا
ئەنۋەرجان ساۋۇت
ئىشقىڭ يەنە قوغلاپ يەتكۈدەك
قاقلىمىغىن دىلنى پىراققا،
سوۋغا قىلىپ شېرىن كۈتۈشنى.
سېنى تاشلاپ كېتەي يىراققا،
ئۈگىتىپ قوي ماڭا ئۇنتۇشنى.
خوش دىمەيلا كېتىپ قال ئەركەم،
ئاخىرقى رەت باقمىغىن قىيا .
كىرپىكىڭنى سۆيمىسۇن شەبنەم،
چاقناتمىغىن تۇيغۇمدا زىيا.
سەنلا كەتكىن ئۈنسىز-تېۋىشسىز،
كەتكىنىڭنى بىلمەيلا قالاي.
ئوتقا تاشلاپ مەجنۇن تېنىمنى،
پىراقىڭدا جېنىمنى چالاي.
«خوش!» دىيىشكە بارمايدۇ تىلىم،
جۈرئىتىم يوق سەندىن كەچكۈدەك.
ئۇ چېتىگە كەتسەم جاھاننىڭ،
ئىشقىڭ يەنە قوغلاپ يەتكۈدەك.
2016-يىلى 2-فېۋرال، سەيشەنبە، كېچە.
قاناۋاتقان تۇيغۇ
شۇ تاپتا
ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم يوق،
كۆزلىرىڭگە قارىغۇم يوق،
تۇيغۇلاردىن تامچىلايدۇ قان.
ئازارلانغان دەرىتمەن يۈرەككە،
ئۈزمىگىن ئاھ كىرپىكىڭدىن ئوق!
چۈشەندۈرۈپ يۈرمە ئۆزۈڭنى،
يۇتىۋەتكىن بارچە سۆزۈڭنى،
ئەقىدەڭدىن قىلمايمەن گۇمان.
شۇندىمۇ
لەيلىمەكتە كۆڭلۈمدە تۇمان.
تۆكۈلمەكتە ئىشىقنىڭ بەرگى،
يىرتىلماقتا يۈرەكنىڭ دەردى،
چېچىلمىغىن كېچىلىرىمگە،
چۈشۈمنىمۇ قىلما مالىمان !
بولاي دىدىم مەن خانىۋەيران.
شۇ تاپتا
خۇش بولاتتىم!
تىكەن چاچساڭ ماڭار يولۇمغا،
چوغ تۇتقۇزساڭ ياكى قولۇمغا،
يېقىلساممۇ مەيلى قان قۇسۇپ.
مۇڭ تارىسا تېنىقلىرىمدىن،
كۈلسە جاھان قىلىقلىرىمدىن،
ھېچكىم سېنى قالمىسا توسۇپ!
دارغا ئېسىپ ھەتتا ئۆزۈمنى،
خىيال قىلىپ قالسام ئۆلۈمنى،
قېينالساممۇ ئاچچىق تولغۇنۇپ.
يەتكۈزمىگەن ئارمانلىرىڭدا،
چىدىغۇسىز ئازاپلىرىڭدا ،
تىن بەرمەيلا قالسام تۇنجۇقۇپ.
توزۇپ كەتسە بېغىڭدا لەيلىم،
سوۋۇپ كەتسە سېنىڭدىن مەيلىم
روھىم چىقىپ كەتسە تېنىمدىن،
گۆرىستانغا ئايلانسا قەلبىم.
شۇندىمۇ
كۆيىۋاتقان مىسكىن ئەقىدەڭ
ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقنى،
قالمىسىكەن ھەرگىز يورۇتۇپ!
2016-يىلى 3-فېۋرال، چاشەنبە. شاخاپ - داۋغان.