قەلب ئارزۇسى
ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
ئۆي ئىچىدە بىر ئەما بالا ،
ئىنتىلىدۇ چەكسىز دالىغا .
قۇشۇلغۇسى كېلەر ئۇنىڭمۇ ،
ئويناۋاتقان سانسىز بالىغا .
ئېرىقلاردىن كىچىك كۆلچەكتىن ،
بېلىجانلار سۈزگۈسى كېلەر .
تۇمۇز ئىسسىق كۈنلەردە يەنە ،
دەريالاردا ئۈزگۈسى كېلەر .
قەھرىتان قىش قارلىق دالىدا ،
تېيىلغۇسى كېلەر چانىدا .
ئۇقۇغۇسى كېلەر ئازادە -،
-يۇرۇق ،ئىللىق دەرىسخانىدا .
تەڭتۇشلىرى ماڭسا مەكتەپكە ،
ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ .
بىلىم ئېلىش ئارزۇ ئىستىكى ،
سەبي دىلدا چۇقان سالىدۇ .
لەگلەك ياساپ ئۇچۇرسا ئۇمۇ ،
ھۇزۇرلىنىپ مەيىن شامالدىن .
بىر نۇر بىلەن يۇرۇپ كۆز ئالدى ،
قۇتۇلسىدى كۈلرەڭ قامالدىن .
كۆرەلىسە ئېتىز ئارىلاپ ،
يېشىل بۇغداي ئاپئاق پاختىنى .
ئۈزۈپ يىسە سويمىلارنى ئۇ ،
ئاتلاپ يۈرۈپ چۈنەك تاختىنى .
تاتلىق ئارزۇ -ئارمانلىرى كۆپ ،
ئەمما ئاڭا يەتمىكى قىيىن .
رېئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكى ،
خىياللارنى قىلار بىر تىيىن .
يوقلاپ كىرگەن ئاداشلىرىغا ،
قىلىدۇ ئۇ ھامان بىرسۆزنى .
ساغلاملىقنى قەدىرلەڭ دوسلار ،
ئاسراڭ بىرجۈپ بۇلاقتەك كۆزنى .
مەكتەپلەردە ئۇقۇڭ تىرىشىپ ،
ساقلىقىڭىز سىزگە غەنىمەت .
بۇلۇپ دوختۇر ھەم مەشھۇر ئالىم ،
مەندەكلەرگە يارىتىڭ پۇرسەت .
2016-يىلى 2-فېۋرال
|