تەنھالىق
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
ھىدىڭنى دىماغقا كەلدىم كەشتىلەپ،
قەلبىمدە ئەكسىڭدەك ئېچىلغان گۈلۈم.
چەك قويۇپ ئۇزاقتىن كۈتۈشلىرىمگە،
ئىشىكنى چەككىنى سەنمۇ يا ئۆلۈم؟...
تەنھامەن،كىمنىڭدۇر تەنھالىقىدەك،
ئاۋازىم كېچەڭدە يالتىرار بىھۇش.
لېۋىمنىڭ سارغايغان شېخىغا قونۇپ،
ئۈنلەيدۇ پەرۋازى بوغۇچلانغان قۇش.
ئولتۇرار سەرگەردان خىياللىرىمدا،
سېغىنچىڭ ئىچىمنى ئۆتكەن قان قىلىپ.
ئۇدۇللاپ بارىمەن ئۆزۈمگە يەنە،
مەن ئاخىر ھەممىنى ئىچىمگە تىنىپ.
2016–يىل،28–يانۋار.