يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 9

ياسىن مىجىت: ئۈندىدارىمغا «جىن» كىرىۋاپتۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈندىدارىمغا «جىن» كىرىۋاپتۇ

(ھېكايە)

ياسىن مىجىت


    ئۆيدە ئايالىم يوق ئىدى، بالىلىرىممۇ ئانىسى بىلەن چوڭئانىسىنىڭكىگە كەتكەنىدى. كەچتە يالغۇز سەل قورقتۇم، «يالغۇز بولساممۇ قورقمايمەن» ئىچىمدە، بۇ گەپنى نەچچە يۈز قېتىم تەكرارلاپ ئۇخلاپ قالدىم.
     تۈن كېچىدە بىرى مېنى تۈرتۈپ ئويغاتقاندەك قىلدى، ئويغانسام ھېچكىم يوق، ئۆي يەنىلا گۆرىستاندەك جىمجىت، ھېچقانداق تىۋىشمۇ يوق، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى، بىرەر نەرسىدىن قورقتۇممۇ بىلمىدىم، ئەمما، ئۆيدە بىرەر تىۋىشمۇ يوق، كاللامغا تۇيۇقسىز جىن كىرىۋالدى، قوللىرىم بىلەن مەيدەمنى چىڭ بېسىپ، چالا بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇدۇم، بىراق، جىن كاللامنى قوچۇماقتا ئىدى، ئەزەلدىن  قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بۇ ئۆي تۇيۇقسىز ماڭا قورقۇنچ سالماقتا ئىدى. پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك بېسىپ، تىلىمنىمۇ بىرى تۇتۇۋالغاندەك پىچىرلاشقىمۇ قۇربىم يەتمەيۋاتاتتى.
       تۇيۇقسىز تېلفۇن يادىمغا كەلدى، تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىم- دە، ئۈندىدارنى ئاچتىم، بىرەرسى گەپ قىلغان بولسا ئاۋازىنى ئاڭلىسام قورقۇنچتىن قۇتۇلارمەن دەپ، مېنىڭ ئاۋازىم بوغۇلغان ئىدى، گەپمۇ قىلالمايتتىم.
     ئۈندىدارنى ئاچتىمۇ، يەنە قورقۇپ كەتتىم، چۈنكى مەن ئامراق بىر ئۈندىدار توپىدا يالغۇز مەنلا قالغانىدىم، ئەمما، شۇ توپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى، قالغانلار نەگە كەتكەندۇ؟  بىرلا ئادەم بارلىقى ئۈستىدىكى ساندىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، قارىسام، ئوخشاش ئىسىملىك  ئۈندىدار توپىدىن يەنە بىرى تۇرۇپتۇ، ۋاي، قايسى توپ راستتۇ؟ ئىچىمگە يەنە قورقۇنچ كىرىۋالدى، ۋۇي، ئۈندىدارغىمۇ جىن كىرىۋالدىمۇ نېمە، شۇنداق بىر پىكىر كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى، بەدىنىمنى يەنە تىترەك باستى، قولۇمدىن تېلفۇن چۈشۈپ كەتكىلى  تاسلا قالدى، مەن ئۆزۈم يالغۇز قالغان توپنى چېكىپ، ئەزالار تىزىملىكىنى ئاچتىم، توپتا مەندىن باشقا ئادەم قالماپتۇ، شۇنداقتىمۇ گەپ قىلىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما، ئاغزىم گەپكە كەلمەيتتى، خەت يازدىم، «كىم بار» جاۋاپ يوق، ئەمدى چىكىنەي دەپ تۇرسام، بىرى گەپ قىلىپ قالدى:
- بولسام نېمە قىلاتتىڭ؟!
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق ئىنچىكە، چىرقىراق ئىدىكى، ئۆيمۇ مەن بىلەن تەڭلا تىترەپ كەتتى. ئېكراندا گەپ قىلغاندا كۆرۈنىدىغان تاياقچە بەلگىمۇ يوق ئىدى، ئاۋاز ئۆزلۈكىدىن چىقىۋاتاتتى،  قورقۇپ تىلىم ئاغـزىمغا تىقىلىپ قالغانىدى، قورقۇنچۇمدا بارمىقىم بىر ھەرپكە تېگىپ كېتىپ بىر ھەرپ يوللىنىپ كېتىپتۇ، شۇ ھامان بايىقىدىنمۇ چىرقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
-نېمە دەيسەن؟!
قورقۇپ جان- پېنىم چىقىپ كېتەيلا دېدى، كۆزۈم ئېكراندا ئىدى ، ئېكراندا يەنە مەن يوللىۋەتكەن ھەرپتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. يەنە ھېلىقىدەك گەپ قىلغاندىكى بەلگىمۇ يوق، ئاۋاز يەنە ئاڭلانغىلى تۇردى :
- بىرەر گېپىڭ بارمىدى ماڭا…
جالاقلاپ تىترەپ كەتتىم، «مەنمۇ چېكىنىپ كېتەي»  شۇنى ئويلىيالىدىم،
بايىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى:
- نەگە چېكىنمەكچىدىڭ؟!
- …
گەپ قىلغۇدەك جۈرئىتىممۇ يوق، تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم، ئاغـزىمنىڭ ئەتراپى قىچىشىپ، بىر نەرسە ئۆرلەپمۇ بوپتۇ. تىترەپ تۇرۇپ ئۈندىدارنىڭ چىكىنىش دېگەن خېتىنى مىڭبىر تەستە باستىم، ئۇھ شۈكرى، بايىقى ئاۋازلارمۇ چېكىنىش بىلەن تەڭلا يوقىدى، مەندىكى قورقۇنچمۇ خېلىلا پەسىيىپ قالغانىدى،  قارىغاندا بايىقى جىننى ئۈندىدارغا سولاپ قويۇپ چىقالماس قىلىۋەتكەن ئوخشايمەن، «بولدى، ئەمدى ئۈندىدارنى ئاچمايمەن» مەن ئىچىمدە پىچىرلاپ يوتقانغا چىڭ پۈركىنىپ يېتىۋالدىم.

2016- يىل 26- يانۋار كېچە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 13:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-2 19:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىز خېلىلا بوپقاپتۇ، ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى باشقىچىرەك چۈشۈرگەن بولسىڭىز تېخىممۇ ياخشى بولاتتىمىكىن دەپقالدىم...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-2 22:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 19:24
بۇ ھېكايىڭىز خېلىلا بوپقاپتۇ، ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى باشق ...

مېنىڭ مۇنبەرگە چىقارغان تۇنجى ھىكايەم ئىدى، ئاخىرىنى قانداقراق چۈشۈرسەم ياخش بولاركەن؟ كۆرسەتمە بەرسىڭىز بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2016-2-4 15:05:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ياخشى يىزىپسىز   . داۋاملىق تىرىشىڭ.

ۋاقتى: 2016-2-5 18:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىداردا جىن يوق جىن ئۈندىدار ئوينىغۇچى "مەن" نىڭ پىسخىكىسىدا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 23:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 18:23
ئۈندىداردا جىن يوق جىن ئۈندىدار ئوينىغۇچى "مەن" نىڭ پىس ...

شۇ، بولمىسا بۇنداق ھىكايە مەيدانغا چىقمايدۇ- دە، «مەن»دەك تۈن كېچىدە ئۈندىدار ئويناۋەرسە جىن كىرىۋالىدۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 23:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 18:23
ئۈندىداردا جىن يوق جىن ئۈندىدار ئوينىغۇچى "مەن" نىڭ پىس ...

شۇ، بولمىسا بۇنداق ھىكايە مەيدانغا چىقمايدۇ- دە، «مەن»دەك تۈن كېچىدە ئۈندىدار ئويناۋەرسە جىن كىرىۋالىدۇ

ۋاقتى: 2016-2-7 00:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىچە ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى بېلەن مەزمۇنى ماسلاشقان . ياقتۇردۇم  ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋەپپقىيەت تېلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-2-7 12:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ھەرجەھەتتىن ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ. ئەدھەم دوستىمىز ئېيتقاندەك، ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى سەل قىسقارتىۋەتسەك بولدىغاندەك،
"  قارىغاندا بايىقى جىننى ئۈندىدارغا سولاپ قويۇپ چىقالماس قىلىۋەتكەن ئوخشايمەن، «بولدى، ئەمدى ئۈندىدارنى ئاچمايمەن» مەن ئىچىمدە پىچىرلاپ يوتقانغا چىڭ پۈركىنىپ يېتىۋالدىم" مۇشۇ باياننى ئېلىۋەتسىڭىز ،بۇ مېنىڭ ئويلىغىنىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 23:27:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 12:12
ھېكايىڭىز ھەرجەھەتتىن ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ. ئەدھەم دوستىم ...

قەلەمكەش دوستلارنىڭ بەرگەن قىممەتلىك پىكرىگە رەھمەت، بۇ مېنىڭ ئىزدىنىشىمگە تۈرتكە بولغۇسى، پىكرىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلمەن
كۆپ رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش