يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 0

ئەزىز ھېيت كۈن : تېما يوللاش ،تەستىقلاشقا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                      تېما يوللاش ۋە تېما تەستىقلاش توغرىسىدا تەكلىپ


                                                    ئەزىز ھېيت كۈن


    مەن 2014-ۋە 2015- يىلى بولۇپ جەمئىي ئىككى يىل تورغا كىرىپ بولالمىدىم.بىر ئايدىن بېرى ئاساسلىقى مەزكۇر مۇنبەرنى، قوشۇمچە ھالداباشقا مۇنبەرلەرنى كۆردۈم.مەزكۇر مۇنبەر توغۇرلۇق كۆپ ئويلاندىم ھەم كۆپ تەكلىپلەرنى بېرىشنى ئويلىدىم.بىراق مېغىزلىق بولۇشنىڭ ئەڭ ئورۇنلۇق بولىدىغانلىقى جەزىم قىلىپ تېما يوللاش ۋە تېما تەستىقلاشنى يادرۇلۇق تەكلىپ،شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق تەۋسىيەلىرىمنى تەكلىپنىڭ قوشۇمچىسى قىلىپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

   مېنىڭ تەكلىپ يوللىشىم : مۇنبەردىكى قەلەمكەشلەرنىڭ يوللايدىغان يازمىلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە، باشقۇرغۇچىلار-مۇھەرىرلەرگە ئازادىلىك، قولايلىق يارىلىشىغا،مۇنبەرنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدېگەن نامغا لايىق ھالدا سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە زەررىچىلىك بولسىمۇ تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىشتۇر.
تەكلىپ يوللىشىمدىكى زۈرۈريەت: مەن مۇنبەردىن «تورىمىزنىڭ 2016-يىللىق بىلدۈرگۈسى»نى قايتا-قايتا كۆرۈپ مۇنبەر دىكى ئەمىلىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم.تېما يوللاش،ئىنكاس يېزىش ھەققىدىكى تەلەپ،ئۆلچەملەرگە ئاز بولمىغان تورداشلار ئەمەل قىلماي كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىشتىن مېھرىنى ئۈزەلمەپتۇ....ئەشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە قەلەمكەشلەرنىڭ يازمىلىرىدە سۈپەتنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى، مۇھەرىرلەرنىڭ سۆيۈنۈپ تەھرىرلىك قىلىشى،مۇنبەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ئومۇممىييۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى قۇرۇق ئارزۇ-خام خىيالغا ئايلىنىپ قالغۇدەك.شۇڭا مەن مەزكۇر مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى ،ئاددىي بىر قەلەمكەش، ئىخلاسمەن بىر ئوقۇرمەن بولۇش لايىقىتىم بىلەن مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ تېما يوللاش ۋە تەستىقلاش توغرىسىكى تەكلىپىمنى ھەم تەۋسىيەرىمنى  سۇنىمەن.
تېما يوللاش ۋە تېما تەستىقلاش توغرىسىدا تەكلىپ : توردىكى مەزكۇر مۇنبەردىكى ھەربىر ئەزانىڭ بىر ئايدا جەمئىي 4 قېتىم ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بولسا، يوللىنىدىغان ئەسەر –تېمىنىڭ ئومۇمىي  سانى بىر ئايدا 10 پارچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك چەكلىمىسى قاتتىق يولغا قويۇلسا.بۇ تەكلىپ پۈتۈنلەي يېڭى ئىجادىي ئەسەرلەرگە ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلەرگە قارىتىلغان بولۇپ،پىروزا،نەسىر،شېئىريەت،ئوبزور-مۇھاكىمە،پەلسەپە-تارىخ، ئىزدىنىش،سىناق،يېڭىلىق... سەھىپىلىرىگە مەخسۇس قارىتلغان،ژورناللاردا ،گېزىتلەردە يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە قارىتىلمايدۇ. ئونۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار،ئۇقتۇرۇشلار،مۇتبۇئاتلار كاتولوگى،يازغۇچىلار لۇغىتى قاتارلىق سەھىپىلەرگە قارىتىلمايدۇ.يېڭى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە يېڭى ئەدەبىي تەرجىمىگە تەۋە بولمىغان باشقا سەھىپىلەردە تېما يوللاش ئىلگىركىدەك چەكلىمىسىز داۋاملاشسا.
تېما تەستىقلاشتا : شېئىر ،نەسىرنىڭ تەستىقلىنىش مۇدىتتى 2 كۈن،ھېكايە ۋە شېئىرلار (بىر قانچە ياكى ئون پارچىگە يېقىن) نىڭ تەستىقلىنىش مۇددىتى 4 كۈن ،پوۋست ۋە چوڭ ھەجىملىك داستان ،شۇنداقلا 40،50بەتلىك يېڭى ماقالىلەر نىڭ  تەستىقلىنىش مۇددىتى 7 كۈن بولسا ئاپتورلارنىڭ تۈزىتىشىگە،مۇھەرىرلەرنىڭ ئازادە تەھرىرلىشىگە،مۇنبەر كۆرۈنمە يۈزىدە سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ نامىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
   ئاپتورلارنىڭ تېما يوللىشى بەك كۆپ،سۈپىتى تۆۋەن،مۇھەرىرلەرنىڭ تەھرىرلەپ ئۈلگۈرىشى قىيىن،مۇنبەرنىڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە خاس كۈچلۈك بەدئىي سۈپەتتە كۆرۈنىشى ئاجىز بولۇش ئەھۋالىنى ئويلاپ كۆرۈش ھەربىر ئادەمنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كويىغا چۈشسە قەلەمكەشلەرنىڭ ئومۇممىي ئەھۋالى بىلەن،مۇھەرىرلەر دۇچ كېلىۋاتقان ۋاقىت قىسلىقى بىلەن،مۇنبەرنىڭ پۈتكۈل سۈپىتى بىلەن ھېساپلاشمىساق زىيادە شەخسىيەتچىلىك بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن.
چالا ساۋات ھالدا قېرىغان  كىشىلەرياشلارنىڭ  سالام،ھۆرمەت بىلدۈرىشىگە تويماي ئۆتۈپ كەتكەندەك مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىدىن ھالقىشقا ئەمەس بەلكى ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆزىنى «ئۇستاز»دەپ ماختىشىغا كۆنۈپ كەتكەن كونا قەلەمكەشلەر خېلى بار.ئەسەرلەردىكى بىر خىللىق نۇرغۇن ئاپتورلارنى چۈشەپ كېلىۋاتقان توسالغۇ.ھەر بىر قەلەمكەش ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى ھەم باشقىلارغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىشى كېرەك.«مەن ياخشى،سەن  ياخشى»دەيدىغان ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئالدايدىغان ،ھەم ئۆزىنى ئالدايدىغان ئەخمەقلىققە خاتىمە بېرىشى كېرەك.ئىنكاسلارنىڭ پاخاللىقى يېڭى ھەۋەسكارلاردا كۆرۈلسە كەچۈرگىلى بولسىمۇ كونا قەلەمكەشلەردە پاخال يېزىلما،ئىنكاسلار كۆرۈلمەسلىكى كېرەك.ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلەي دىغان قەلەمكەش خاتالىقىنى ئېتراپ قىلىدىغان ۋە تۈزىتىشكە يۈزلىنەلەيدىغان قەلەمكەشتۇر.خاتالىقى باشقىلار تەرپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلسىمۇ ،خاتالىقى ئېنىق تۇرسىمۇ بوينىغا ئالمايدىغان قەلەمكەش جۇۋاز كالىسىدەك ئۆز ئورنىدا پىقىرايدىغان قەلەمكەشتۇر.مەن بىر ئايدىن بۇيان كۆپ قېتىم تېما يوللىماقچى بولدۇم.بىر قېتىم يوللاپ بولغان تېمىنى تەستىقلىنىپ بولغىچە ئۆزۈم ئۆچۈرۋەتتىم.
مېنى بىئارام قىلغىنى سۈپەت مەسىلىسى.مەن ئەزەلدىن ئۆزەم يازغان ئەسەرلىرىمگە رازى ئەمەس.بىر قانچە قېتىم تۈزەتسەممۇ رازى ئەمەس.مەن 1985-يىلى ئۇستاز بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە يېزىقچىلىق توغۇرلۇق مەسلەھەت سوراپ بارغىنىمدا «نادىر ئەسەرنى يارىتىشتا بىرى :ئۆز ئەسىرىدىن ئاسان رازى بولماسلىق.يەنە بىرى : ئەسەرنى يېزىپ بولۇپ ئېلان قىلىشقا ئالدىرماس لىق،قويۇپ قويۇش،ھەتتا بىر يىل،ئىككى يىل قويۇپ قويۇش،كېيىن پىكىر پىشىپ يېتىلگەندە تۈزىتىش،پۇختا پىششىقلاش كېرەك.بۇ مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنىشىنىڭ ئىچكى سىرى بولىشى مۇمكىن »دېگەن ئىدى.بەدئىي ئەسەر دەرۋەقە ھاياجاننىڭ مەھسۇلى.ھاياجان سىڭدۈرۈلۈش بەدئىي ئەسەرنىڭ جېنى.شۇنداقتىمۇ ئەسىرنى باشقىلارغا سۇنۇش-ئېلان قىلىش ھاياجانلىق ھەركەت ئەمەس ئەقلىي پائالىيەتنىڭ –سالماق،تەمكىن،توختاملىق ھەركەتنىڭ مەھسۇلى بولىشى كېرەك.باشقىلارغا قانداق تۇيىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.لېكىن ماڭا مەتبۇئات ۋە تور ئەدەبىياتىمىز سۈپەت جەھەتتە ناھايىتى ئاستا،سەزدۈرمەي كەينىگە چېكىنۋاتقاندەك بىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ بەلكىم بىزدىكى مەسۇليەتچانلىق ۋە ئەستايدىل
لىقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك.ھەر بىر ئەدىپ ئۆز ئەسىرىدىن ھەتتا يازغان كىتاپلىرىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە سۈپەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكى ياكى يېڭى تونۇلغان چاغدىكى يېزىش سەۋىيىسىدە توختاپ قالغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ بېقىشى كېرەك.ئۈمىد غەنىنىڭ «ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقىمايلى» دېگەن بىر جۈملە سۆزى ئىككى كىتاپلىق مەزمۇننى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن.ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئىنتايىن زۈۈرلىكى بىر كىتاپ بولالايدۇ.يۇقۇرى ئىلمىي ۋە بەدئىي سەۋىيەگە ئىگە بولۇپ دوكتۇرلۇق ئىزدىنىشىدە كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇماسلىق زۈرۈلىكىمۇ ئوخشاشلا بىر كىتاب بولالايدۇ،بىزدە بېشىنى ئوقۇپلا ئاخىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان شېئىر، نەسىر، ھېكايە،رومان،ماقالە، ...كىتاب ئاز ئەمەس.
  مەن تېما يوللاش،تەستىقلاش تەكلىپىمنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدەتۆۋەندىكى ئۈچ قوشۇمچە تەكلىپ ۋە بىر تەۋسىيەنى ئوتتۇرغا قويىمەن:
1-قوشۇمچە تەكلىپ : مەزكۇر مۇنبەر ئەدەبىي قەلەمكەشلەرنىڭ قەلەم تۇلپىرىنى چاپتۇرىدىغان بەيگە مەيدانى .بۇ ئالاھىدىلىك كە يەنە ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىم ۋە ئەدەبىي ماھارەت-ئىپادىلەش ماھارىتى ئۈگىنىش ،يېتىلدۈرۈش ئالاھىدىلىكى قوشۇلسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ دەپ قارايمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن «ياردەم  ۋە ئۈگىنىش »ناملىق بىر سەھىپە تەسىس قىلىنسا مۇنبەر دىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەدەبىي سەۋىيىسى ماھارىتى،ئىستېداتى تەكشى ئەمەس.ماتىريال ياكى ھەر قانداق ئەدەبىي ياردەمگە مۇھتاج بولغانلار شۇ سەھىپىدە مۇراجەت قىلىپ قەلەمكەشلەردىن ياردەم سورىسا،يەنە بىرى : ئەدەبىي ماھارەت تەجىربىسى يوق،بىلىمى تۆۋەنلەر يېتىلگەن قەلەمكەشلەردىن ئۆزى بىلمەكچى بولغان ئاتالغۇ،ماھارەت،بىلىم ھەققىدە سۇئال سورىسا، بىل گەنلەر جاۋاب بېرىپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسە.مەن ئويلايمەن.بۇ سەھىپە تەسىس قىلىنسا ئەدەبىي ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا ھەم ھەۋەسكارلارغا پايدىسى بولىدۇ.يەنە ئويلايمەن بۇ سەھىپە مەزكۇر مۇنبەرنىڭ باشقا مۇنبەرلەردىنپەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
2: -قوشۇمچە تەكلىپ :  مەزكۇر مۇنبەردە «ھەۋەسكارلار مۇنبىرى»دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر سەھىپە تەسىس قىلىنسا.چۈنكى «ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا »دەپ  ھەۋەسكارلار گۆدەك ياشلاردىنلا تەشكىل تاپماستىن پېشقەدەملەردىنمۇ تەشكىل تاپقان. «پېشقەدەم ھەۋەسكارلار»دېيىش بەلكىم قوپال تۇيىلار.لېكىن بەزى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ياشانغاندا ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان لىقى پاكىت.ئىجادىيەتكە يېڭى كىرىشكەنلەر يازغان ئەسەرلىرىدىنلا بىلىنىپ قالىدۇ.قىسقىسى ئىجادىيەتكە يېڭىدىن قەدەم قويغانلارنىڭ ئەسەرلىرى ياش،جىنس چەكلىمىسى ئايرىلماي،ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى «ھەۋەسكارلار»سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالسا «ياردەم ۋە ئۈگىنىش» سەھەپىسىدىن سۇئال سورايدىغانلارنىڭ 80% تىنىڭ ئەسەرلىرى «ھەۋەسكارلار »سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالسا.
3-قوشۇمچە تەكلىپ : مەزكۇر مۇنبەردە «ئۆزىدىن ھالقىش»ناملىق يېڭى بىر سەھىپە تەسىس قىلىنسا.چۈنكى ئاتمىش ياشتىن  ئون ئالتە ياشقىچە بولغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئوخشاش ،بىرخىل سەۋىيىدىكى ئەسەرلىرىنى كۈنلەپ،ئايلاپ،يىللاپ مۇشۇ مۇنبەرگە يوللايدىغانلار بەك كۆپ.ئىجادىيەت قىزىقىشتىن باشقا ئىختىيارلىق، ئەركىنلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەت.قەلەمكەشلەرنىڭ بېسىم بىلەن ئەسەر يېزىش ۋە زىپىسى يوق. بىر خىل تېتىيدىغان ئەسەرلەرنى زورلاۋېرىپ ئوقۇرمەن لەرنى زېرىكتۈرىدىغان ھەتتا سەسكەندۈرۋېتىدىغان ۋەزىپىسى تېخىمۇ يوق.مۇشۇ مۇنبەردە ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۇرىدىغان ئەسەرلەر مېنىڭچە خېلى سالماقتا بار.ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر،ئەدەبىي كىتابلاردا شۇ ئەھۋال خېلى ئېغىر. ئەسەر لىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ،مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرىمىز دەيدىكەنمىز تورداشلار  ۋە مۇھەرىرلەر بىردەك «ئۆزىدىن ھالقىش»سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلدىغان ئەسەرلەرگە قاتتىق ۋە يۈكسەك تەلەپ قويۇشى زۈرۈر.ئۇنداق بولمايدىكەن «ئاتام ئېيتقان بايىقى »بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.
مەزكۇر مۇنبەرنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى «ئاۋات تېمىلار»كۆزنىكىنى «نادىر تېمىلار»غا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەرىم: مەزكۇر مۇنبەر يېڭىدىن تەسىس قىلىنغىلىمۇ بىرقانچە يىللار بولدى.تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەندە مەزكۇر مۇنەرنىڭ ئىناۋەت، ئابرويىنى يۈكسەكلەشتۈرىدىغىنى «ئاۋات تېمىلار »بولماستىن بەلكى يەنىلا نادىر ئەسەرلەردۇر.مەن ئىلگىرمۇ خىيال قىلغان. ھازىرمۇ دىققەت قىلدىم.ئاۋات تېمىلارغا ئىنكاس كۆپ چۈشكەن تېمىلار كىرەلەيدىكەن.كۆپلىگەن نادىر تېمىلار ئىنكاسچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغاچقا تېزلا مۇنبەرنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كېتىدىكەن.ئىنكاسلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق 95% تى پۇچەك ئىنكاس. مېنىڭچە بۇ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»بولغاندىكىن «يېڭى تېمىلار»«يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار » كۆزنىكىگە يانداشقان ھالدا «نادىر تېمىلار »كۆزنىكىنى تەسىس قىلىنىپ بىر نادىر ئەسەرنىڭ شۇ كۆزنەكتە تۇرۇش ۋاقتى يېرىم يىل ياكى بىر پەسىل قىلىپ بېكىتىلسە نادىر تېمىنى بېكىتىش ئۈچ  نەپەر مۇھەرىرنىڭ پىكىر بىرلىكى ئارقىلىق بېكىتىلسە.«ئاۋات تېمىلار »دېگەن نامنىڭ ئورنىنى «نادىر تېمىلار »دېگەن نام ئىگىللىسە.
مەن تەكلىپ،تەۋسىيەنى شۇنچىلىك بېرەي،ئەسكەرتمەي بولمايدۇ.بەزىلەر «ئىككى يىل يوقاپ كېتىپ،ئەمدى تەكلىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ ئاتاكاچىلىق قىلىپ »دەپ ئويلىشى مۇمكىن.ئىككى يىل يوقاپ كېتىشىم ئىختىيارلىقىم بىلەن بولغان ئىش ئەمەس.بىر يىل تور يوق كەنتتە بىرىنچى  قېتىملىق خىزمەت گۈرپىسىنىڭ باشلىغى لىق ۋەزىپىسىدە ئىشلەپ ئاخىرى ئاغرىپ قالغاندا ئاخىرلاشتى.كەينىدىن بىر يىل يۈرەك كېسىلىمنى داۋالاتتىم.مەن مۇشۇ مۇنبەرنى ياخشى بولسۇن دەپ يۇقۇرىقى تەكلىپنى يوللىدىم.ئۇ پەقەت مەن بىر ئادەمنىڭ گېپى.ناۋادا مۇھەرىرلەر ۋە كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قوشۇلىشى بولمىسا جايىدا قالسىمۇ بولىۋېرىدۇ.يەنە شۇنداقلا كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ كۆپچىلىك بۇ تېمىدا كەڭ-كۇشادە پىكىر قىلىپ ،مۇكەمەل لايىھەنى شەكىللەندۈرسىمۇ بولىدۇ.ئىىشقىلىپ ھەممەيلەننىڭ ئويلايدىغىنى قەلەمكەشلەرگە ،باشقۇرغۇچى مۇھەرىرلەرگە،مەزكۇر مۇنبەرگە پايدىلىق بولۇشىنى ئويلايدۇ دەپ قارايمەن.

   كامالى ئېھتىرام بىلەن : ئەزىز ھېيت كۈن

2016 -يىل 1-فېۋرال،بۈگۈر




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 12:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش