كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 5

فەيزى: ئاتالغۇ ۋە تەرجىمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                                                    ئاتالغۇ ۋە تەرجىمان
                           
                                                     تۇرسۇنجان لېتىپ

       قۇياش قارىغۇ كىشىلەرگە كۆرۈنمىگەندەك، توغرا يول بەلگىلىرىمۇ جاھىللارغا كۆرۈنمەيدۇ.                                                                                                                   ___  ئىبىن سىنا.
                                               ※※※※※※※※※※※※※
        قىسقىچە مەزمۇنى :  مەزكۈر ماقالىدا ئىككى قىسىمغا بۆلىنىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى قىسمىدا، نۆۋەتتىكى قىسمەن تەرجىمان ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرجىمە سەۋىيىسى  ھەمدە  ئانا تىلىمىزنىڭ ئەبجەشلىشىشى ئۈستىدە مۇلاھېزىلەر ئېلىپ بېرىلسا، ئىككىنچى قىسمىدا، ھازىرغىچە  قېلىپلىشىپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم خاتا ئاتالغۇلار  ۋە تەرجىمىلەر ھەققىدىكى بەزىبىر ئىلمىي كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ.                                                               
        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئانا تىل،  ئادەت تىلى،  ئاتالغۇ،  تەرجىمە،  تەرجىمان.

                                               1. زېرىكتۇق ۋە زېرىكمىدۇق

         بىز ئىلىم- پەن ۋە تىل تەتقىقاتىدا، تەرجىمە تىلى بويىچە ئېيتقاندا  ئىككىدىن زېرىكىپ، ئىككىدىن زېرىكمىدۇق. يەنى كەسپىي خادىملار ۋە كىشىلەرنىڭ (بولۇپمۇ، سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ) ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمىزنى كۆرمەسلىكىدىن زېرىكتۇق.  ئەمما،  ماقالە  يېزىشتىن زېرىكمىدۇق.  ئېلان قىلىنغان  توغرا ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە تۈزۈتۈلگەن ئاتالغۇلارنىڭ  ۋاختىدا  ئەمىلىيلەشمىگەنلىكىدىن زېرىكتۇق. ئەمما، ھەقىقەت مەيدانىمىزدىن زېرىكمىدۇق. مىنىڭچە بارلىق تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرمۇ شۇنداق. قېنى؟  مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى!........               
         1) نىمە ئۈچۈن زېرىكتۇق؟
         بىز، يەنىلا  ئىككى ئىشتىن راسا زېرىكتۇق.  بۇ ئىشتىن  بىزلا ئەمەس  بەلكى پۈتكۈل تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ زېرىكىۋاتقانلىقىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمىز.                                                                                   
         بىرىنچىدىن، بىرقىسىم لوغەتچى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، مىللىي تىلنىڭ ئورنىغا تەرجىمە تىلىنىڭ يامراپ كىتىپ بارغانلىقىدىن زېرىكتۇق. بۇنداق تەرجىمانلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى توغرىسىدا پۇختا بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولمىغاچقا، تا ھازىرغىچە قولىدىكى 20-30 يىل ئاۋال بېسىپ  تارقىتىلغان كىتاب ۋە لوغەتلەردىكى ئۆزلىرى يادلىۋېلىشقان سۆزلۈكلەر ۋە ئاۋام تىلىدا ئىشلىتىلىۋاتقان مەنىسى ئانچە توغرا كەلمەيدىغان بىر قىسىم تومتاق تىللار ھەمدە يېقىنقى زامان پەن تەرەققىياتى جەريانىدا تېخى مۇقىملاشتۇرۇلمىغان ئاغزاكى ئىبارىلەر ئاساسىدا خالىغانچە تەرجىمە قىلىشىپ، ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن كونا پەدىگە دەسسەشمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇنداق تەرجىمانلار خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىنى چۇڭقۇر چۇشەنمىگەچكە، تەرجىمە خىزمىتىدە كۆپىنچە لوغەتكىلا تايىنىدۇ ھەمدە لوغەتتىكى سۆزلۈكلەرنىڭ ئەڭ بېشىدىكى بىرىنچى مەنىسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، خەنزۇ  تىلىدىكى خەتلەرنىڭ  ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدا ئوخشاشمىغان بىرقانچە تۈرلۈك مەنىلەردە ئىپادە قىلىنىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە سەل قارىشىدۇ. مەسىلەن، «高» دېگەننى «ئىگىز» دەپ، «全» دېگەننى «پۈتۈن» دەپ تەرجىمە قىلىپ كىتىۋىرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ «يۇقىرى»، «ئالىي» ۋە «تولۇق»، «مۇكەممەل» قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك مەنىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. مانا بۇنداق تەرجىمانلارنىڭ ئۈلۈك تەرجىمىلىرى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىزنىڭ  نەزەرىيە  ۋە تىل ساھەمىزنى  خېلىلا قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۆتمۈشتىغۇ  «قۇيرۇق بولمىسا ئۆپكە يە» دېگەندەك بوپتۇ دىدۇق. مانا ئەندىلىكتە پەننى نەزەرىيىلەر كۈنسېرى ئىنچىكىلەۋاتقان ۋە تەرجىمە سەۋىيىسى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز، تېخىچە ئۈگەنمەي كونا يولدا مېڭىۋاتقان بۇنداق تەرجىمانلاردىن خويمۇ زېرىكتۇق.                                                         
        ئىككىنچىدىن، خېلىدىن بېرى ئىلىم-پەن ۋە تەرجىمە ساھەسىدە خىلمۇ-خىل يېڭى تەتقىقاتلار مەيدانغا چىقىۋاتقان، ئاتالغۇلار تەرجىمىسىدە كۆپلىگەن يېڭىلىقلار ۋۇجۇتقا كىلىپ گېزىت-ژورنال ۋە كىتابلاردا داۋاملىق تۈردە ئېلان قىلىنىپ كىلىنىۋاتقان بولسىمۇ بىراق، «ئىتلار قاۋايدۇ، كارۋان يۈرۈۋىرىدۇ» دېگەندەك، خەلقىمىزنىڭ (بولۇپمۇ كەسپىي خادىملارنىڭ) بۇ ئىشقا پەرۋا قىلماي يەنىلا «بانان» نى «شاڭجىياۋ» دەپ، «تاختا بوپتۇ» دىسە، «قىرقىپتۇ» دەپ ئۈزى ئادەتلەنگەن كونا پەدىدە كىتىۋىرىشى  نەتىجىسىدە، گۈزەل، ساپ ئانا تىلىمىزنىڭ پۈچەكلىشىشى ۋە ئەبجەشلىشىشىۋاتقانلىقىدىن زېرىكتۇق.
         بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر سۆزلۈكنىڭ تەرجىمىسىدە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىبارە تېپىپ ئۇنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى ياكى ئېلان قىلىشى ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ، شۇ كىشىنىڭ ئەتراپلىق باش قاتۇرۇشى، ئەجىر سىڭدۇرۇشى ھەمدە تەھرىر ۋە ژورنالىسىتلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەھرىرلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئەمگەك بەدىلىگە مەيدانغا چىقىدىغان ئىش. شۇنداق تۇرۇقلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ۋە كەسپىي خادىملىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماسلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى بەكمۇ بىزار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇيەردە قىسمەن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ تەتقىق قىلماي، ئاغزىغا كەلگىنىچە بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، مەتبۇئاتلاردا «ئاتالغۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ يوق دىمەيمىز.  ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بەزى مەسىلىلەردە ئىلمىيلىك ۋە مەنا جەھەتتە خاتالىق كۈرۈلسە چوقۇم ئۇنىڭغا ۋاختىدا ئوچۇق ئوبزور يېزىلىشى كىرەك. بۇ، بىر خىل پايدىلىق ئىلمىي بەس-مۇنازىرە. بىراق، ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇدىغىنى يا ئاق، يا كۆك دىيىلمەي، كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىپ، ئۈزىنىڭ كونا يۇلىدا كىتىۋىرىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇ، مىللەتنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى زور ئىللەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك. شۇڭلاشقا، كەسپىي نەزەرىيە ۋە تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەر قانداق بىر خادىمنىڭ، ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ژورناللار ۋە «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق ژورناللارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشى  ۋە ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنىۋاتقان يېڭىلىقلارغا نەزەر سېلىپ، ئۆزلىرىنى يېڭى بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇپ مېڭىشى ئىنتايىن زۆرۈر.                                                   
          بۇنداق گەپلەر،  ژىللاردىن بېرى  مەتبۇئاتلاردا  كۆپ  تەشۋىق  قىلىندى.  بىراق، ھەقىقى ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش لازىم. مەسىلەن، زىيالىيلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئايدا قوشۇپ بېرىلىۋاتقان كىتاب-ژورنال پۇلى بار. بىراق، بۇ پۇلغا كىتاب-ژورنال ئېلىپ كۆرۈۋاتقانلاردىن زادى نەچچىسى بار؟........  مانا بۇلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، بىر تەرەپتىن، ھەر قايسى كەسپىي ئورگانلار  كەسپىي خادىملارنىڭ كەسپىي گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بۇلىشىنى بىر مەجبۇرىيەت دەپ بىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە يولغا قۇيۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلەرنىڭ ھەقىقى تۈردە ئەمەلىيلىشىشى مەخسۇس ئورگانلار تەرىپىدىن نازارەت ۋە تەپتىش قىلىنىشى لازىم. بۇلۇپمۇ، تىلغا باي پىشقەدەم تەرجىمانلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاساسقانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەرجىمانلىق خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.
        2) نىمە ئۈچۈن زېرىكمىدۇق؟        
        گەرچە، ۋەزىيەت شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ  يەنىلا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىز، تىلشۇناسلىرىمىز ۋە تەرجىمانلىرىمىز  ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، تەرجىمە مەنىسىنىڭ ئەينەنلىكىگە، توغرىلىقىغا كېپىللىك قىلىش مەسىلىسىدە ھېلىمۇ ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كەسپىي تەرجىمانلىقىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خاتالىقلار تۈزۈتۈلۈپ يوللار راۋان قىلىندى. مانا بۇ ئۇلۇق يولدا، مەيلى گېپىمىز ئاقسۇن ياكى ئاقمىسۇن مەيدانىمىزدا قەتئى تەۋرەنمەي تۇرۇپ يەنىلا ۋايساۋىرىشتىن ۋە يېزىشتىن زېرىكمىدۇق ھەم مەڭگۈ زېرىكمەيمىز!... چۈنكى، ئاتالغۇ بولىدىكەن بىزنىڭ قوشۇن بار، بىز بولىدىكەنمىز ئاتالغۇ بۇلىدۇ.
         مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، قايسىدۇر بىر ئاتاقلىق ئەرباب: « بۇ دۇنيا تەتۈر تۈزۈلۈپ قاپتۇ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇنى تۈزەپ چىقىشتىن ئىبارەت» دېگەن ئىكەن. شۇ سۆزنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچراپ كەتكەنلىكىمدىنمۇ؟!  ئىشقىلىپ، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ دۇنيانىڭ ئوڭ تۈزۈلگەن تەرىپىگىلا ئەمەس بەلكى، تەتۈر تۈزۈلۈپ قالغان تەرەپلىرىگىمۇ كۆپرەك نەزەر سالىدىغان  «يامان» ئادەتنى ئۆزەمگە ئۆزلەشتۈرۈۋالغان. بولۇپمۇ، مۇزىكا بىلەن ئەدەبىياتنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان  ماڭا ئوخشاش  كىشىلەرنىڭ زىللىقى جەمئىيەتكە  ئاز بولمىغان  «ئاۋارىچىلىقلار» نىمۇ ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام مۇشۇ زىللىق تۈپەيلىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتتىم. نەتىجىدە ئۆزەمگىمۇ خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىق ۋە زىيانلارنى سالدىم. ئەمما، يەنە نىمە ئۈچۈندۇر؟ بۇ خىل قىسمەتكىمۇ كۆنۈپ قالدىم. مەيلى مىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىم باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، خۇددى «قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ» دېگەندەك، مەن يەنىلا شۇ ئوڭغا ئادەتلىنىپ، تەتۈرگە كۆنەلمەيدىغان زىل، «ناچار» خۇيۇمنى ئۆزگەرتەلمىگىدەكمەن. شۇ سەۋەپتىن خېلى بۇرۇنلا بىر مەھەل بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدا مۇزىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئون پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ مۇزىكىدا ئادەتلەنگەن كەسپىي ئاتالغۇلارنى «مالىمان» قىلغىنىمغا ئوخشاشلا، بۇ قېتىم يەنىلا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ كۆپچىلىك ئاللىقاچان ئادەتلىنىپ كەتكەن ھەمدە ئوڭغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە كىتىشكە ئاز قېلىۋاتقان بىر نەچچە تەتۈر تۈزۈلۈپ قالغان ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، بۇ قېتىم يەنە بىر قىسىم سەپداشلىرىمنىڭ كۆڭلىگە تىگىپ قويىدىغان بولدۇم.  شۇڭا، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئالدىنئالا «كەچۈرۈم قىلىشى» نى سورايمەن!  
                                                                                      
                        2. قېلىپلىشىپ قالغان بىر نەچچە ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە     
   
         1) ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ مۇزىكىلىق سېمۋولى بولغان«国歌»(دۆلەت گىمىنى) نى «دۆلەت شېئىرى» دەپ ئاتاش مودا بوپقالدى. ۋە ھەتتا بۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىكى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاساسقانۇنىغىمۇ شۇ پېتىچە كىرگۈزۈلدى.            
  كۆپچىلىككە مەلۇم، خەنزۇ تىلىدىكى «歌» دېگەن سۆز شەك-شۆبېھسىزكى «ناخشا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ. ئەلۋەتتە، ناخشا دېگىنىمىزنىڭ ئۆزى مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇزىكىغا تېكىستىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ. ئەندى «شېئىر» دېگەن سۆزگە كەلسەك،  شېئىر  ئۆز ئالدىغا بىر ئەدەبىيات  ژانېرى بۇلۇپ، خەنزۇچىدا   «诗» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە شېئىرنىڭ مۇزىكىسى بولمايدۇ. دېمەك،   مۇزىكىسى بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇ،«شېئىر» ئەمەس بەلكى «ناخشا» دەپ ئاتىلىشى كىرەك. راس، ئۆتمۈشتە ساۋاتسىزلىق ئېغىر مەزگىللەر دە مەكتەپلەردە ناخشا ئوقۇشنى «شېئىر ئوقۇش» دەپ ئاتاپ يۈرۈۋەرگەن ئىدۇق.  ھالا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شېئىر بىلەن ناخشىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالالمايدىغان «ساۋاتلىق كىشى» بولماسلىقى  كىرەك ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.  
ئەگەر 国歌  نى «دۆلەت ناخشىسى» دەپ ئاتىساق بۇمۇ ئۇنىڭ سېمۋوللۇق جىددى  خاراكتېرىگە  مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، ئۇنى چوقۇم  خەلقئارادا  ئورتاق بولغان «دۆلەت گېمىنى» دېگەن سۆز بىلەن ئاتىغىنىمىز تۈزۈك.
  2) خەلق پۇلىنىڭ «يۇەن»، «مو» دەپ ئاتىلىشىمۇ، ئۆز تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ بىر ئىپادىسى. تارىختا، ئۇيغۇر پۇل مۇئامىلىچىلىقىدا  «تەڭگە»، «يارماق»دېگەنلەرگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان پۇل بىرلىكى ئاتالغۇلىرى ئىشلىتىلگەن. مانا بۇ  ئاتالغۇلار، بىزدىن باشقا مىللەتلەردە ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.  ناۋادا، بىز ئۇنى بەك قەدىمى، ئۆزلىشىشى قىيىن دەپ قارىساق، ھازىر شىمالى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى  ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىۋاتقان  «سوم»،  «تىيىن» دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسەكمۇ بۇلىدىغۇ!؟..... (دۆلەت ئاساسقانۇنىدا پۇل بىرلىكلىرى خەنزۇچە ئاتىلىشى كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە بولسا بۇ  باشقا گەپ). مانا بۇ، ساپ تۈركى تىللىرى باشقىلارغا ياراشقاندەك بىزگىمۇ ياراشماسمۇ؟!....  بۇنىمۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئويلۇشۇپ بېقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.                                      
3) مۇزىكا ئاتالغۇلىرى ئىچىدىكى خەنزۇچىدا «高音»، «低音»   دېگەن سۆزلەر  بەزىدە  «ئىگىز ئاۋاز»،  «پەس ئاۋاز»  دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئاساسىنى قىلچىمۇ چۈشەنمەسلىكتۇر. تىلىمىزدىكى ئىگىز، پەس دېگەن سۆزلەر پەقەت  شەيئىلەرنىڭ كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولىدىغان كونكرېت سۈپەت ئۆلچىمىنى بىلدۈرۈدىغان ئاتالغۇ. مەسىلەن «ئىگىز تاغ، پەس ئۆي» دېگەنلەرگە ئوخشاش (چۈنكى ئۇلارنى مېتىرلاپ ئۆلچەشكە بولىدۇ).  بىراق، ئۇنى ھەرگىزمۇ «يۇقىرى ۋە تۆۋەن  دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا  «ئىگىز ۋە پەس دەرىجىلىك  ئوقۇتقۇچى»  دېگىلى بولمىغاندەك، شەيئىلەرنىڭ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان (مېتىر بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان) ئابىستراكىت سۈپىتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، مۇزىكىلىق ئاھاڭ ۋە شاۋقۇنلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنىڭ ئۆزى  بىۋاسىتە كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان سۈپەت ئۆلچىمى بۇلۇپ، ئۇنى پەقەت «يۇقىرى ئاۋاز»، «تۆۋەن ئاۋاز» دەپ ئاتاشقىلا بۇلىدۇ.                                
«ساز» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى مەنىسى،- چالغۇ    ئەسۋاب بىلەن ئورۇندىلىدىغان مۇزىكا دېگەندىن ئىبارەت بۇلۇپ، خەنزۇچىدا «器乐» دەپ  ئاتىلىدۇ بۇ ھەقتە  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لوغەت» تىمۇ  ئۇنىڭغا « ساز، مۇزىكا » دەپ ناھايىتى ئېنىق ۋە  تولۇق تەبىر بېرىلگەن.  بىراق،  يېقىندىن بۇيان  «ساز چېلىۋاتىدۇ»  دىسە،  چېلىۋاتقان مۇزىكىسىغا دىققەت قىلماي ئۇنىڭ قولىدىكى چالغۇ ئەسۋابىنىلا كۆرىدىغان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن «قولىدىكى سايماننى چېلىۋاتىدۇ» دەپ خاتا چۈشۈنىلىپ،  بارا-بارا بۇ ئاتالغۇ  «چالغۇ ئەسۋاب» دېگەن سۆزنىڭ  ئورنىغا  دەسسەپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە.  ھەتتا، «مۇزىكا» دېگەن ئاتالغۇنىڭ  چوڭ دائىرىدە  بىر پەننىڭ نامى،  كىچىك دائىرىدە  «ساز» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، بىراق، تېلىۋىزىيەلەردە بەزى سەنئەتچىلەرنىڭ  چالغۇ ئەسۋابنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ «مۇنۇ مۇزىكىنى چالالامسەن؟» دېگەندەك ساۋاتسىز گەپلىرىنىمۇ كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز.                                            
4) رەسساملىق كەسپىنىڭ ئاتالغۇسى بولغان «美术» دېگەن سۆزنىڭ «گۈزەل سەنئەت» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى.
   بۇ مەسىلىنى  ئايدىڭلاشتۇرۇش  ئۈچۈن  ئالدى بىلەن  سەنئەتنىڭ  نىمە ئىكەنلىكى   ھەققىدە  ئاز  - تولا  چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈشكە  توغرا كىلىدۇ.
        «سەنئەت»،- ئىنسانلارغا خاس بولغان،  كەڭ تەسىرگە ئىگە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇ. كۆپخىللىق ئۇستقۇرۇلما بۇلۇپ،  ئەدەبىيات، مۇزىكا (ناخشا، ساز، ئۇسسۇل)، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، ئارخېتىكتۇرا، كەشتە-نەقىش، ئويمىچىلىق،  خەتتاتلىق، بىناكارلىق، فوتو-سۆرەت، تىياتېر، كىنو-تېلىۋىزىيە، سىرىك-سېھرىگەرلىك قاتارلىق  بارلىق سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېستېتىكا نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى  ئۆز ئالدىغا  ئالاھىدە گۈزەللىككە ئىگە سەنئەت تۈرلىرى بۇلۇپ،  گۈزەللىك جەھەتتە  ئۇلارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىن  ئەمەس.  چۈنكى، دۇنيادا ھېچقانداق  سەنئەت تۈرى  «گۈزەل سەنئەت»  ۋە «سەت سەنئەت» دېگەن  كاتىگۇرىيىلەرگە  بۆلۈنمەيدۇ.   شۇنداق ئىكەن مېنىڭچە،  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرسى  ئۆزىگە  «گۈزەل سەنئەت» دەپ ئىسىم قۇيۇۋالسا، ئەلۋەتتە  لوگىكا جەھەتتە  باشقىلىرى «سەت سەنئەت» دېگەن مەنا كىلىپ چىقىدۇ.  مانا بۇ، بىر بىمەنىلىك.  بىراق،  بىزمۇ  رەسساملارنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ سەنئىتىنى «گۈزەل»،  باشقا بارلىق  سەنئەت تۈرلىرىنى «سەت» دەپ چۈشەنمەيدىغانلىقىغا  ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز  ھەمدە  ئۇلار نىڭ خاتا تەرجىمە تۈپەيلىدىن  بىر مەزگىل  باشقا سەنئەت تۈرلىرىدىن «گۈزەل سەنئەت» بۇلۇۋالغانلىقىغا داۋايىمىزمۇ يوق. بىزگە پەقەت بۇ خاتا چۈشەنچە تۈزۈتۈپ بىرىلسىلا كۇپايە. چۇنكى، بىزنىڭمۇ  كىشىلەرگە  يۈكسەك ئېستېتىكىلىق زوق  ئاتا قىلىدىغان «گۈزەل سەنئەت» بولغىمىز بار،خالاس.  دېمەك، «گۈزەل سەنئەت» دېگەن سۆز  خەنزۇچىدىن ئۆلۈك تەرجىمە  قىلىنغان ئىبارە بۇلۇپ، ئۇ نىڭدا  لوگىكىلىق چوڭ خاتالىق مەۋجۇت. «美术» ئەسلىدە «美的技术» نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، مەنىسى «نەفىس تېخنىكا» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.  ئۇ، ھەرگىزمۇ   «美的艺术 » نىڭ تەرجىمىسى ئەمەس.                                                                          
گەرچە، 美术 ئاتالغۇسى ھازىر خەنزۇ تىلى ئادىتىدە  رەسساملىق،          ھەيكەلتىراشلىق، خەتتاتلىق، قول ھۈنەر قاتارلىق  ئوبراز سەنئەتلىرىنىڭ  ئورتاق نامى  سۈپىتىدە  ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ  ئەمما،  مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت تىلى بۇيىچە،  تارىختىن بۇيان  ھەر قايسى ئوبراز سەنئەت تۈرلىرى ئۆز نامى بۇيىچە ئاتىلىپ كەلگەن. ناۋادا، خەنزۇلارنىڭ ئادەت تىلى بۇيىچە ئورتاق نام قوللىنىش زۆرۈرىيىتى بولسا، ئۇنى «ھۈنەر سەنئەت» دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈك.                                                                                          
5) «环球通» دېگەن سۆزنىڭ «ئالەم كېزەر» دەپ تەرجىمە قىلىنىشىمۇ غەلىتە بىر ئىش. چۈنكى،  ھازىرغىچە   سابىق سۆۋېت ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارىن بىلەن  ئامېرىكا قاتارلىق بىر نەچچە تەرەققىي  قىلغان دۆلەتلەر قويۇپ بەرگەن ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىلىرى ھەمدە تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىدىن باشقا   ھېچكىم تېخى ئايدا ياكى  مارىستا تۇرۇپ  يەر شارى بىلەن تېلىفوندا ئالاقىلىشىپ باققىنى يوق.  شۇڭلاشقا، ئۇنى  يەر شارىمىزنىڭ نامى بۇيىچە «جاھان كېزەر» دەپ ئاتىغىنىمىز مۇۋاپىقراق.  
6) «光滑油» دېگەن سۆزنىڭ «سىلىقلاشتۇرۇش مېيى» دەپ ئەزۋەيلىنىپ ئېلىنىشىمۇ، بىۋاسىتە خەت تەرجىمىسى ھەمدە ئۇشۇقچە ئاۋارىچىلىق. بىز  ھېچقاچاندا «汽油» نى «گاز مېيى»  دەپ  ئاتىمايمىز.  بەلكى  «بېنزىن» دەپ ئادەتلەندۇق.  شۇڭلاشقا،  بۇ ئىككى يېقىن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇنى ئادەتلەنگىنىمىز  بۇيىچە «ئافتۇل» دەپ ئاتىساق تۈگىمىدىمۇ؟!  
  7) «专卖店,销售店» دېگەن سۆزلەرنىڭ «سېتىش دۇكىنى»، «مەخسۇس سېتىش دۇكىنى» دەپ ئېلىنىشىمۇ ئادەمگە بىر قىسما ئاڭلىنىدىغان كۈلكىلىك ئەھۋال.  چۇنكى،  ئۇيغۇر تىلى  ئۆرپ - ئادىتىدە «دۇكان» دېگەن سۆز مەخسۇس تىجارەت ئورنىنىڭ نامى.  دېمەك ئۇ،  «مال ساتىدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ. شۇنداق ئىكەن ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بېشىغا «سېتىش، ساتماسلىق» نى قوشۇشنىڭ نىمە ھاجىتى؟.... پەقەت، ئۇنى «تىجارەت ئورنى»، «مەخسۇس دۇكىنى» دېسەكلا بولىۋەمەمدۇ؟!                    
  8)  «لەۋ سۇرۇخ». سۇرۇخ دېگەن سوز پەقەت، موھۇر (تامغا)  قاتارلىقلارغا  ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس بۇياق ماتىرىيالىنىڭ نامى بۇلۇپ،  ھازىرغىچە  ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لەۋلىرىگە سۇرۇخ سۇركىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  يۈكسەك دەرىجىدىكى  گۈزەللىك قارىشى تۈپەيلىدىن  گىرىم سەنئىتىمۇ  ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا  ۋە مول  ئەنئەنىلەرگە ئىگە ھالدا تەرەققىي قىلغاچقا،  گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ناملىرىمۇ ئېخچام،  چاققان ۋە  مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەن. مەسىلەن،  كۆزگە سۈركەيدىغاننى  «سۈرمە»،  چاچقا سۈركەيدىغاننى «يىلىم»،  قاشقا سۈركەيدىغاننى «قاشلىق»، يۈزگە سۈركەيدىغاننى «ئەنلىك»، دېگەنلەرگە ئوخشاش.  دېمەك، مۇشۇ قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن، سۆز ياساشقا توغرا كەلسە مۇناسىۋەتسىز  سۆزلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەسلى قانۇنىيىتى  بۇيىچە  كالپۇكقا  سۈركەيدىغاننى «لەۋلىك» دېسەك تېخىمۇ ئېخچام ۋە ئەينەن بۇلىدۇ.
9) «خانىش ئاماننىساخان» نىڭ «مەلىكە ئاماننىساخان» دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئويغۇن بولمىغان ئاتاش ئۇسۇلى بۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «مەلىكە» دېگىنىمىز پەقەت خان-ۋەزىر، ۋە ئاقسۆڭەك  ئېسىلزادىلارنىڭ  قىزلىرىنىڭ  خاس ئاتالغۇسى.  ئۇ، ئادەتتە تۆۋەن تەبىقە  قىزلىرىغا نىسبەتەن بىر ئەركىلىتىش ئىسمىلا، خالاس.  ۋەھالەنكى، ئاماننىساخان تۇغۇلىشىدىن غۇربەتچىلىكتە ئۆسكەن بىر ئوتۇنچىنىڭ قىزى. ئۇ، ئوردىغا بېرىپ مەلىكە بولمىغان (يەنى خانغا قىز بولمىغان) بەلكى، خانغا ياتلىق بولغان. شۇڭلاشقا، ئەشۇ قائىدە بۇيىچە «خانىش» دەپ ئاتىساق توغرا بۇلىدۇ. دېمەك، بۇ پاكىت  سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئوردا ئىچىدىكى ئالاھىدە تەربىيە مۇھىتىدا ئۆسكەنلىرىلا ئەمەس بەلكى، ئاددى ئوتۇنچىنىڭ قىزلىرىمۇ ئەنە شۇنداق ئېسىل خىسلەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە تالانتلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تارىختىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ يۈكسەك تەرەققىيات ئاساسىنى نامايەن قىلىدۇ.
   10) ئادەم ئىسمىدىكى «رەپىق» سۆزىنىڭ تېلىۋىزىيە ۋە ئېلانلاردا خاتا ھالدا «رەقىپ» ياكى «رېقىپ» دەپ ئاتىلىشىمۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. چۈنكى، «رەپىق» دېگەن سۆز ئەرەپ تىلىدىكى «يېقىن دوست»، «ھەمرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغان سۆز بۇلۇپ، ناۋادا ئۇ، «رەپىقە» دەپ ئاتالسا «ئايالى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ. ئەندى «رەقىپ» دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئۇمۇ ئەرەپ تىلىدىكى «رەقىب» دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بۇلۇپ، مەنىسى «دۈشمەن» دېگەنلىكتۇر. دېمەك، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى  دۇشمەن دىيىشى ياكى باشقىلارنىڭ بېكاردىن-بېكارغىلا بىراۋنى دۈشمەن دەپ ئاتىشىنى كىم ئەقىلغە سىغدۇرالايدۇ؟!.....                       
  11) «خانتەڭرى» دېگەن نامنىڭ قۇلاققا قوپاللا ئاڭلىنىدىغان «تەڭرىتاغ» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىمۇ «天山» دېگەن خەتنىڭ ئۆلۈك ھالدىكى بىرمۇ-بىر خەت تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  
  غەربتە قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدىن باشلىنىپ، تاكى شەرقتىكى مۇڭغۇلىيە چېگرىسىغىچە سوزۇلۇپ رايونىمىزنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان بۇ ئانا تاغ تىزمىلىرى تارىختىن بېرى «خانتەڭرى تاغ تىزمىلىرى»  ۋە  قىسقىچە «خانتەڭرى»  دەپ ئاتىلىپ  كەلگەن.  بۇ، ئۇنىڭ خاس ئىسمى بۇلۇپ، ئەسلىدە خۇددى «تارىم بۇيىغا كەتتىم» دېگەن تېكىستنىڭ كەينىگە «دەريا» سۆزى  قوشۇلمىسىمۇ بولغىنىدەك،  تارىختىن بېرى  «خانتەڭرى بويلىرى»، «خانتەڭرى ئەتراپى» دېگەنگە ئوخشاش  تەلەپپۇز قىلىنىپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ  كەينىگە  «تاغ» قوشۇشنىڭ  ھېچقانداق   زۆرۈرىيىتىمۇ  يوق  ئىدى.  بىراق، نىمە ئۈچۈندۇر  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ، گۈزەل قەدىمىي نام ئورنىغا قۇلاققا غەلىتە قوپال ئاڭلىنىدىغان  «تەڭرىتاغ» دېگەن تومتاق گەپ ئالمىشىپ قالدى.  مېنىڭچە،   يەر-جاي ناملىرى ئۇزاق ئېتنىك مەنبەگە  ئىگە بۇلۇپ، ئۇنى خالىغانچە يات تەرجىمە تىلغا ئايلاندۇرۇۋېلىش  ياكى ئۆزگەرتىش ياخشى ئىش ئەمەس.                          
12) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى «ئۈنئالغۇ لېنتىسى» دېگەن مۇۋاپىق ئىبارە تېپىلىپ  ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خەلقىمىز يەنىلا ئۇنى خەنزۇچە «دەي» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ  90-يىللىرىدىن باشلاپ VCD دېسكىسى مودا بولۇۋىدى  لېنتا بىلەن دېسكىنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدىغانلىقىغا  قارىماي  خەلقىمىز  يەنىلا  ئۇنى «دەي» دەپ ئاتاپ كىلىۋەردى. ئۇندىن باشقا، ھەتتا 60- يىللىرىدىكى قارا پلاستېماسسىدىن ياسىلىدىغان فاتېفون تەخسىسىنىڭ  «پلاستېنكا» دېگەن نامىمۇ بېۋاسىتە كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىپ،  ھازىرقى لازېر نۇرلۇق دېسكىغا ئىسىم قىلىنىپ قويۇلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ.  مېنىڭچە، بۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىققا نىمە ھاجەت؟!... ئۇنى خەلئارادا ئورتاق بولغان ھەم ئۆز تىلىمىزغىمۇ ماسلىشىدىغان «دېسكا» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن CD¸VCD¸DVD  دېسكىسى دەپ ئاتىساق بولمىدىمۇ؟!
13) ئۇيغۇر تىلى  پاساھەتلىك  گۈزەل تىل بولغىنى بىلەن،  گەپ يەنىلا ئۇنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىدە.  ئۆز تىلىمىزدا ئىمكان بۇلىدىكەن  ئەلۋەتتە  پرىنسىپ بۇيىچە  ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.  ئىشلىتىلىش قائىدىلىرىمۇ  ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتىگە  ماسلىشىشى لازىم.  مەسىلەن،ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلىدىغان مەلۇماتلاردا  «نولدىن يۇقىرى مۇنچە گرادۇس ئىسسىق، نولدىن تۆۋەن مۇنچە گرادۇس سوغۇق» دەيدىغان، ئادەم ئاڭلاپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان ئۇزۇندىن- ئۇزۇن  گەپلەرنى ئاڭلايمىز. بۇ سۆزلەر  باشقا تىلدا ناھايىتى ئاددى بولغىنى بىلەن تەرجىمە تىلىمىزدا ئىنتايىن بېپال.   
مەيلى فىزىكا ياكى مېترىئولوگىيە  ئىلمىدا بولسۇن،  ئىسسىق  بىلەن سوغۇقنىڭ چەك-چېگرىسى «0» بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ،  ھەممىگە ئايان  ئىش.  شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە نىمە ئۈچۈن ئاددىلا ھالدا «مۇنچە گرادۇس ئىسسىق، مۇنچە گرادۇس سوغۇق» دەپلا گەپنى تۈگەتمەيمىز؟!...                                       
يۇقىرىدا، بىر نەچچە  ئاساسلىق ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە قوللۇنىلىشى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. تازا ئىنچىكلەپ سۈرۈشتۈرسەك،  بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار  بارلىق ساھەلەردە  خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.  نۆۋەتتىكى  قوش تىل ئۈگىنىش سىياسىتىنىڭ تولۇق ئىزچىللىشىشى ۋە ئۆز تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ خىل ھالەتلەرنى تىزدىن ئۆزگەرتىشنى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.                                                                                 

                                          2005-يىلى 1-ئېييۇن. ئۈرۈمچى.

            ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى سەنئەت شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ  پروفېسسورى

                   بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
                        


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەيزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 21:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 12:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەم بىر تەرجىمە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇستازنىڭ بۇ ماقالىسىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم ، ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت ،ھەتتاكى مېنىڭدىمۇ مەۋجۇت ،  مۇبادا تەرجىمانلار ، تىل ئىشلەتكۈچىلەر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ماقالىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئاشۇنداق مەسىلىلەرگە سەل قارايدىغان بولساق ، ھەقىقەتەن سۆز - ئاتالغۇلاردا قالايماقانچىلىق كۆرۈلىدۇ ، مېنىڭچىمۇ بۇ مەسىلىلەرگە تەرجىمانلار ئالاھىدە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ، مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە تىل -يېزىقنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر دەپ قارايمەن . ئۇستازغا رەھمەت .

ۋاقتى: 2016-2-5 12:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەزى كۆز قاراشلارغا ئوخشىمىغان قارىشىم بولسىمۇ، لىكىن ماقالە خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ. ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن يەنە بىر ئىشلەپ باقسىمۇ بولغۇدەك. ئاتالغۇشۇناسلىق مەسىلىسىدە ئۆزگەرمەس مۇتلۇقلىقمۇ بولمايدۇ.  

ۋاقتى: 2016-2-5 21:34:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامام تۇرسۇنجان مۇئەللىم،
   سەنئەت ئاتالغۇسى جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ۋە دادىل پىكىرلىرىڭىز كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىكى بۇ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا تېلەكداشمەن.
  تەتىلىڭىز خەيرىلىك بولغاي!!!

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ « ئاتالغۇ ۋە تەرجىمان » ناملىق بۇ ماقالىسىنى بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن ، خىلى مول مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ . ھەقىقەتەن قۇياش قارىغۇ كىشىلەرگە كۆرۈنمىگەندەك، توغرا يول بەلگىلىرىمۇ جاھىللارغا كۆرۈنمەيدۇ ، ئەلۋەتتە !   
                                             

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ « ئاتالغۇ ۋە تەرجىمان » ناملىق بۇ ماقالىسىنى بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن ، خىلى مول مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ . ھەقىقەتەن قۇياش قارىغۇ كىشىلەرگە كۆرۈنمىگەندەك، توغرا يول بەلگىلىرىمۇ جاھىللارغا كۆرۈنمەيدۇ ، ئەلۋەتتە !  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش