كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 1

فەيزى: «ساۋاب بۇلىدۇ، يامان بۇلىدۇ» دىن «36 ھىيلە» گە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
«ساۋاب بۇلىدۇ، يامان بۇلىدۇ» دىن »36 ھىيلە» گە نەزەر
                    
                                    تۇرسۇنجان لېتىپ
      
       ئاساسىي مەزمۇنى:  مەزكۈر ماقالىدا. تارىخىي دەستۈر «36 ھېلە» گە نىسبەتەن، ھازىرقى زامان ئىلمىي قارىشى نوقتىسىدىن لىللا باھا بېرىلىپ، كىشىلەرنى يامانلىقتىن قول ئۈزدۈرۈپ، ياخشىلىققا ئۈندەيدۇ.     
       ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «36 ھېلە»، ئىنسان پەزىلىتى، قۇۋلۇق-شۇملۇق، ئاقكۆڭۈل-مېھرىبانلىق.
           ******************************************
                                «مىللەت، ياخشى-يامانلىقنىڭ قاشقىسى ئەمەس.
                                بۇنى ئايرىيدۇ سىنىپ، باشقىسى ئەمەس»
                                                                      ____تىيىپجان ئېلىيۇپ.

        خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر مەرھۇم شائېرىمىز تىيىپجان ئېلىيۇپ يۇقىرىقى ئىككى مىسرا شېئىرىدا، گەرچە، ھەربىر مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئادەملەر توپىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بولسىمۇ، ئەمما، ئومۇمىي مەنادىكى «مىللەت» تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ياكى شەيئىنىڭ «ياخشى» ياكى «يامان» تىپىغا ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بۇ، پەقەت شۇ مىللەت ئىچىدىكى مەلۇم تەسىرگە ئىگە بىر گوروھنىڭ (سىنىپنىڭ ياكى بىر قاراشتىكىلەرنىڭ) خاراكتېرى بىلەنلا ئايرىلىدىغانلىقىدەك ماركىسىزىملىق ئىدىيىنى ئىنتايىن تىپىك ۋە رۇشەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
       مىنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، شائېرنىڭ نوقتىئىينەزەرى بۇيىچە، قايسىدۇر بىر مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىللىكىنى ئەمەس بەلكى، «مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىن ھالقىغان ھالدا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يامان ئىللەتلەرنى تەنقىت قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر.  
       ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، كىچىكىمدىن رەھمەتلىك مومام «ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ يولغا ئازراق سۇ چېچىپ سۈپۈرۈۋەت، ئەۋۇ تائىپە دىۋانىغا ناندىن بىرنى ئەپچىقىپ بەرگىن، يول بۇيىدىكى ئېرىقنىڭ يېنىغا بىر نەچچە تۈپ كۆچەت تىكىپ قوي، باشقىلارغا خەيرى-ساخاۋەتلىك بول، ساۋاب بۇلىدۇ. ئېرىق ئۆستەڭلەرگە سىيىپ سالما ۋە شاپاق-ئەخلەت تاشلىما، سۈتكە سۇ قوشما، تۇخۇم ئوغۇرلىما، گۈل-گىيا، دەل-دەرەخلەرنى سۇندۇرما، كىشىنىڭ رىسقىنى يىمە، يامان بۇلىدۇ» دەپ داۋاملىق جۇۋاپ تۇراتتى. مەنمۇ گەرچە، قانداق ساۋاب بۇلىدىغانلىقىنى، قانداق يامان بۇلىدىغانلىقىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ ئەمما، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ سۆزلەرنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئېھتىمال، باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش قىلسا كېرەك!...  ئۇ چاغلاردا ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنى خاتىرجەم دۈم يېتىپ ئىچەلەيتتۇق. ئۆينىڭ دەرۋازىسىنى قۇلۇپ سالماي يېپىپ قۇيۇپلا تالا-تۈزگە چىقالايتتۇق. بازارلاردىن نەرسە-كېرەكلەرنىمۇ خاتىرجەم سېتىۋالالايتتۇق. ئەندى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نىمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلالمايدىغان ۋە ھەرقانداق نەرسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بۇپقالدۇق!؟............
       مەن يېڭى ئەسىر ھالقىش ھارپىسىدا، شىنخۇا كىتابخانىنى ئارىلاۋىتىپ «36 ھېلىنىڭ يېڭى بايانى» (تەرجىمان «ھېلە» دېگەن سۆزنى خاتالاشقانلىقتىنمۇ؟ ياكى قەستەن پەردازلاش ئىستېكى بارمۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم، «تەدبىر» دەپ تەرجىمە قىلغان) دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ چۇچۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا، خۇددى جاھان بارغانسىرى قاراڭغۇلىشىپ كىتىدىغاندەك، ئىنسانلار بارغانسىرى ياۋۇزلىشىپ، جاھانغا ھېلە-مىكىر، قۇۋلۇق-شۇملۇق يېغىپ كىتىدىغاندەك ئاللىقانداق قورقۇنۇچلۇق خىياللار مېڭەمنى چۇلغاپ بىئارام بولغان ئىدىم. چۈنكى مەن، ئۇندىن كۆپ يىللار بۇرۇنلا بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى «ئۇنىڭ قۇلى بىلەن بۇنى بابلاش ھېلىسى»، «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلاش ھېلىسى»، «يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش ھېلىسى»، «قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش ھېلىسى»، «يەڭ ئىچىدە پىچاق ساقلاش ھېلىسى»، «ئارىنى بۇزۇپ دۈشمەنلەشتۈرۈش ھېلىسى»، «كۆزىگە توپا چېچىپ قېچىپ كىتىش ھېلىسى»، «تالا مۈشۈكى بۇلۇپ، ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپ چىقىرىش ھېلىسى»  دېگەندەك بىر نىمىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇپ كەتكەن ۋە دەرھال مومامنىڭ ئاۋازىنى ئەسلەپ، كىتابتىكى ئەشۇ قۇرلارغا شۆبېھلىك قارىغىنىمچە تۇرۇپلا قالغان ھەمدە خېلى بىر مەھەل قايسىسىنىڭ توغرا، قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم. مانا ئەندىلىكتە، ئۇنىڭ «يېڭى بايانى» دا «پەم-پاراسەت ئىلمى» دەپ چىرايلىق نام قويۇلغان بۇ ھېلە-مىكىرلەرنىڭ كۆپلەپ نەشر قىلىنىپ خەلقىمىز ئىچىگە تارىلىشىدىن پەيدا بۇلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئويلىغانسىرى، شائېرىمىز تىيىپجان ئېلىيۇپنىڭ شۇ شېئىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن قايتا ئىلھاملاندىم. ئاخىرىدا قەتئى ئىرادىگە كىلىپ، گەرچە كېچىككەن بولساممۇ، ئىنسان بولغۇچىنىڭ ياخشى پەزىلىتى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم.  ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! مەيلى توغرا ياكى خاتا دەڭ، بۇ پەقەت ئۆزەمنىڭ خۇسۇسىي كۆز قارىشى. بۇنى ھەرگىزمۇ سىزگە تاڭمايمەن.
        «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش» دېگەندەك گەپلەرنى خېلىدىن بېرى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز. ئۆتمۈشتە ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىنغان. بۇلۇپمۇ، تارىختا بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى «گۆھەر» بىلىپ مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ جان بېقىپ كەلگەن. ئۆتمۈشتىكى دانالار «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ» دېگەن بولسا، ھازىرقى دانالىرىمىز «خەلق ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ھەممە ئىنساننىڭ تەڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش» نى تەكىتلەۋاتىدۇ. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە، ئاقكۆڭۈللۈكنى سۈيىقەست بىلەن بابلاش، ئازغىنە «زەھەر» گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ «زەھەر» ئىشلەپچىقىرىش ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلەرنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىۋاتقان چاغدا، بۇ خىل قەدىمكى زاماندىن قالغان ناچار رىقابەت ئۈچۈن يەنە قايتىدىن ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىشنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش بەلكىم تەس بولمىسا كېرەك.
        ھېلىمۇ شۈكرى، دۇنيادا ئاقكۆڭۈل، ساپدىل كىشىلەر ئاز بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىك ياشاپ تۇرۇۋاتىمىز. ناۋادا، جاھان ھېلە-مىكىرغا تولۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا قانداق قىلغۇلۇق؟!........
كەڭ قۇرساقلىق، ئىجابىيلىكنى تەرغىپ قىلماي «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ» دېگەندەك سەلبىي ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلساق، خۇددى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە (جۈملىدىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىگە) ئوخشاش ئىنسانلار ئارىسىدىكى ماجرالار قاچان تۈگەيدۇ؟! ..........
         شانلىق 21 - ئەسىرگە قەدەم قۇيۇلغان بۈگۈنكى دۇنيادا، بۇ زاكوننى يالغۇز خۇسۇسىي نەپ ئۈچۈن «زەھەر» ياساۋاتقانلارلا ئەمەس بەلكى، شۇ «زەھەر» نى قايتۇرۇش ئۈچۈن بەس-بەستە «زەھەر» ياساۋاتقانلارمۇ چۈشىنىپ قالدى.  چۈنكى ئۇنداقلار كۈنسىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. دېمەك، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، ئەسىرنىڭ ھالقىشى بىلەن ئىسانىيەت ئارىسىدا تەدرىجىي مۇدىدىن قېلىۋاتقان «ھېلە-مىكىر» لەرنى يەنە قايتا بازارغا سېلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك!..... بۇنىڭسىزمۇ خەلقىمىز سىرتتىن يۇقۇۋاتقان ۋە ئۆز ئىچىمىزدە پەيدا بۇلۇۋاتقان جاھالەت مىكرۇپلىرىنىڭ دەردىنى ئاز تارتىۋاتامدۇ؟!.
         مىنىڭچە بولغاندا، ھەممەيلەن قانداق قىلغاندا تىيىپجان ئاكىنىڭ شېئىرىدا كۆرسۈتۈلگەن ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەربىيىلەپ، يامان يولدىن (ھېلە-مىكىردىن) قايتۇرۇش بىلەن، ئاتاقلىق ياۋرۇپا كلاسسىك كومپوزىتۇرى بېتخوۋىننىڭ «شاتلىق قەسىدىسى» ناملىق ناخشىسىدا مەدھېيىلەنگەن پارلاق گۈزەل كىلەچەكنى قانداق يارىتىش مۇمكىنچىلىكى بۇلىدىغانلىقى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدەنسەك، باش قاتۇرساق، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بۇلۇشىدا شەك-شۆبىھە يوق.
بۇندىن 200 يىل ئاۋال ئىشلەنگەن بېتخوۋىننىڭ «شاتلىق قەسىدىسى» ناملىق ناخشىسىدا مۇنداق دىيىلىدۇ:
                    پاك، گۈزەل شاتلىق پەرىسى نۇر چاچتىڭ كەڭ جاھانغا،  
                    يۈكسەك ئارزۇ-ئارمان بىلەن كەلدۇق سېنىڭ ئالدىڭغا.  
                    قۇدرىتىڭدىن بۇلۇپ خالاس، ماجرالار ئىنسان ئارا،
                    شانلىق نۇرۇڭ ئىلھامىدا قېرىنداش بولدۇق مانا!   

        ئاھ! ئۇلۇغ بوۋىمىز بېتخوۋىن، ئىنسانلار ئارىسىدا ھېلە-مىكىر، ئالدامچىلىقلار تۈگەپ، شۇ ئۇلۇق ئىستەكلىرىڭنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلىرىمۇ بولارمۇ؟؟!!...........
       خۇلاسىلاپ ئېيىتقاندا، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبانلىق،- ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى.   ھېلە-مىكىر، سۈيىقەست،- مەۋجۇت بۇلۇشنىڭ ئاساسى.
        تارىختا، ئادىمىيلىك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەقدىم قىلىشقان بارلىق ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ روھى مەڭگۈ ياشىسۇن!
        تارىختا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئادىمىيلىك ۋىجدانىنى ساتقان بارلىق سۈيىقەستچىلەرنىڭ روھىغا مەڭگۈ لەنەتلەر ئوقۇلسۇن!
        ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىنى ئارىلاپ كۆرگىنىمىزدە، ھەقىقەتەنمۇ، سانسىزلىغان ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان كىشىلىرىمىزنىڭ ھېلە-مىكىر ۋە سۈيىقەست ئالدىدا مەغلۇپ بۇلۇپ، باشقىلارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.  ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئادەم ھامان مەھكۈملۈكتە ياشايدۇ (گەرچە ئۇلار، ئوچۇق-ئاشكارە ئالقىشلانسىمۇ). ھېلە-مىكىر، سۈيىقەستلىك ئادەم ھامان غالىپ كىلىدۇ (گەرچە ئۇلار، ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىتلەنسىمۇ). چۈنكى، دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى خىل نامى بولغىنىغا ئوخشاشلا، ھېلە-مىكىر ۋە سۈيىقەستنىڭمۇ ئۆزلىرىنى پەردازلايدىغان «پەم-پاراسەت، تاكتىكا ۋە سىتىراتېگىيە» قاتارلىق چىرايلىق ناملىرى بار. ئۇنداقلار ھامان بۇچىرايلىق ناملارنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ.
          شۇڭلاشقا، مىنىڭ مۆلچەرىمچە دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا يول بار. بىرى، ھېلە-مىكىر، سۈيىقەستنى تۇپ يىلىتىزىدىن قۇرۇتۇپ، ھەممە ئادەم ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان، باراۋەر ياشايدىغان ھەقىقىي ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش. يەنە بىرى، ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئادەملەرمۇ  ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاز-تولا ھېلە-مىكىر، سۈيىقەست  ئۈگىنىش ئارقىلىق، دۇنيادا ھېلە-مىكىر، سۈيىقەستنى ئوموملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.  بىز ھازىر مانا مۇشۇ ئىككى ئاچا يولنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىمىز.  ئەھۋالغا قارىغاندا،  ئالدىمىزدىكى شانلىق 21- ئەسىر ئالدىنقى يولنىڭ ئەسىرىدەك قىلىدۇ. بىراق، بۇ يولدا مېڭىشمۇ  ئانچە ئاسانغا توختىمىسا كېرەك!
         ئەمىسە، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟.......   بۇ مەسىلىنى مەن ئۆزەمگە ئەمەس بەلكى، سىزگە قويۇپ قويدۇم. ئىشىنىمەنكى، سىز بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالايسىز. ئەمما، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، خۇددى ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا، يەنە ئونبەشى يۇرۇق بۇلۇدىغانلىقىغا ئوخشاشلا، باشقىلارغا ھېلە-مىكىر، سۈيىقەست ئىشلىتىپ ئۈگەنگەن ئادەم ھامان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىمۇ شۇ ھېلە-مىكىر ۋە سۈيىقەستنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قەتئى قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى، قار ئاستىدىكى ئۈلۈك (ئەپتى-بەشىرە) پەقەت مۇدھىش قىش پەسلىدىلا بىلىنمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، يەنە ياز كەلمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟؟!!.........         
                                          2010-يىلى 18-ئېييول، ئۈرۈمچى.

                     ئاپتۇر: تۇرسۇنجان لېتىپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.

        بۇ ماقالە «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 18:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشقان قەلەم  ، ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن.....تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەد!....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش