ئىملا ۋە گۈزەللىك
ياسىن مىجىت
شېئىر- گۈزەللىكىدىن جان تەسلىم قىلدۇرغۇچى شەھلا كۆز جاناندۇر، مىسرا ۋە سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىن بالقىپ تۇرغان مەنە قۇياشى- ئۇنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىدۇر. سۆزلەر پاساھىتى ئۇنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنىڭ شاھانە جۇلاسىدۇر، بۇ گۈزەللىك ۋە پاساھەت، جاناننىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچى جان ئالغۇچى ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك پەللىسى پەقەت سۆزلەر بالاغىتى بىلەن جۇلالايدۇ، دەل جايىغا چۈشكەن سۆز ئول جاناننىڭ شەھلا كۆزلىرىدىن قۇياشتەك نۇر چاقنىتىپ، يۈرەكلەرگە ئاشىقى بىقارارلىقنىڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغۇچى ئوتىنى تۇتاشتۇرسا، قاش ۋە كىرپىكلىرىدىن يۈرەككە ئوق ياغدۇرۇپ، بىھۇشلۇقنىڭ مەڭگۈلۈك دۇرىسىنى ئىچتۈرگۈچىدۇر. ئول جاناننىڭ ئوتقاشتەك لەۋ، ئۈنچىدەك چىشلىرىدىن گۈزەللىك مۇقامىنى ياڭرىتىپ، سېھرى كۈيلىرى بىلەن قەلبنى بىھۇش قىلسا، ئالمىدەك يۈزى ۋە شەمشەردەك قاڭشىرى يۈرەكلەرنى تىلغىغۇچىدۇر، ئول جاناننىڭ جامالىغا گۈزەللىك تاجى كىيدۈرگۈچىدۇر، سەرۋى قامىتىنى ئەۋرىشىملەشتۈرۈپ، جىمى گۈزەللەرنىڭ يۈرىكىگە رەشىك چۈشۈرۈپ، باغرىنى ھەسەت بىلەن قىپقىزىل خۇن قىلغۇچىدۇر.
دەل جايىغا چۈشكەن سۆز ئول جاناننىڭ قاش، كۆز، قاڭشار ۋە لەۋلىرىنى بىر- بىرىگە ماسلاشتۈرۇپ، گۈزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزگۈچىدۇر. دەل جايىغا چۈشكەن سۆز ئول جاناننىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، ئەخلاق لىباسى بىلەن نازۇك تىنىنى ياپقۇچىدۇر، ئول جانانغا مىڭلاپ كۆزلەر مىقتەك قادىلىپ تۇرسىمۇ، جانان قەلبىنى ھايا ۋە ئەدەب گۈللىرى بىلەن بىزىپ، جانان قەلبىگە بىرلا مەشۇقنى سىغدۇرغۇزۇپ، ئول جاناننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىنى چىن گۈزەللىكنىڭ لاتاپىتى بىلەن ئورىغۇچىدۇر.
دەل جايىنى تاپقان ۋە دەل توغرا ئىشلىتىلگەن سۆز ئول جاناننى ئەيىب ۋە نوقساندىن ئازاد قىلىپ، گۈزەللىك ئاسمىنىنىڭ قۇياشىغا ئايلاندۇرغۇچىدۇر، گۈزەللىك مەملىكىتىدە ھەممىنى تازىم قىلدۇرغۇچى بىردىنبىر ئەڭ گۈزەل مەلىكە قىلغۇچىدۇر، گۈزەللىكى پەلەككە يېتىپ، بىر كۆرۈشكە تەقەززا قىلىدىغان ۋە بىر كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولغۇچىنى جان تەسلىم قىلدۇرغۇچى تىلسىم تېغىدىكى گۈزەللىك چوققىسىغا يەتكۈزگۈچىدۇر.
خاتا ئىشلىتىلگەن ۋە ياكى ئىملاسى خاتا يېزىلغان سۆز ئول جاناننىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغدۇر، ئايدەك جامالىنىڭ تاتۇقىدۇر، شەھلا كۆزلىرىنى يۇمۇق ياكى ئەماغا، ئوتقاشتەك لەۋلىرىنى تاتىراڭغۇ، قېنى قاچقان ئۆچكە تېرىسىگە، ھىلال ئايدەك ئەگىم قاشلىرىنى سۇرماققا، خەنجەردەك قاڭشىرىنى سۇنغان قىڭراققا، سەۋرىدەك قامىتىنى پور كۆتەككە ئايلاندۇرۇپ قويغۇچىدۇر، قەلبىدە پورەكلەپ ئېچىلغان ئەردەم گۈلىنىڭ بەرگىگە چۈشكەن قۇرتتۇر. ئىچكى گۈزەللىكى يوقىتىپ، ھايا ۋە ئەخلاق لىباسىنى كۆيدۈرۈپ، ھاياسىزلىق سەيناسىدا شەرمەندە قىلغۇچى دۈشمەندۇر، گۈزەلللىك لاتاپىتىدە ئەقىلنى لال قىلغۇچى جاناننى سۆپكۈچلەپ بىربەدبەشرە ئالۋاستىغا ئۆزگەرتكۈچى جادۇگەردۇر
ئىملانى خاتا يازغۇچى گۈزەللىككە مەڭگۈ قۇلى يەتمەيدىغان چولاقتۇر، گۈزەللىكنىڭ سېھرى قۇدرىتىنى كۆرەلمەيدىغان ئەمادۇر، جاناننىڭ گۈزەللىكى تونۇيالمايدىغان ئەقلى چولتا گالۋاڭدۇر، گۈزەللىكنىڭ نۇرلۇق سىماسىغا نىجاسەت سۈرتكۈچى مەينەت دەلدۈشتۇر، گۈزەل جاناننىڭ گۈزەللىكىنى گۇمران قىلغۇچى قاتىلدۇر.
2016- يىل 31- يانۋار كېچە
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 23:40