سەنئەت مەكتەپلىرى ۋە سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئۇسسۇل دەرسلىكى-«كاچۇڭ سەنىمى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى
ئالىي لىكتور، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ سېپىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر تۇردى يازغان «كاچۇڭ سەنىمى» ناملىق كىتاب 2015-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك نەتىجىسى بولۇپ، كىتابتا كاچۇڭ سەنىمنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى، ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، ئون ئىككى مۇقام بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى، كاچۇڭ سەنىمىنى سەھنىلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئورۇنداشتىكى كونكېرت تەلەپلەرئاپتورنىڭ يۇقىرى كەسپىي نەزەر بىلەن ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
«كاچۇڭ سەنىمى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ رايونىمىزدىكى كەسپىي سەنئەت مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇسسۇل دەرسلىكى بولۇپ تەسىس قىلىنىشى- «كاچۇڭ سەنىمى»نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك «ئىنسانىيەتنىڭ قوغدىلىدىغان شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسى» غا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
搜索
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 14:10