يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 9

ئەدىھەم ئىبراھىم: «جىن» ۋە ئادەم (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 13:13  

جىن ۋە ئادەم

(ھېكايە)
ئەدىھەم ئىبراھىم

‹‹تۇرسۇن گېنىرالغا جىن تېگىپتۇ››دىگەن گەپنىڭ گويا كۈز غازاڭلىرىدەك كوچا-كوچىلاردا ئۇچۇپ يۈرگىنىگە خېلى بولغان ئىدى.بەزىلەر‹‹ئۇنىڭ جىن خوتۇنى باركەن››دىسە،بەزىلەر ‹‹نۇرغۇن جىن بالىلىرى بار ئىكەن››دەپ يۈرۈشەتتى.بۈگۈن بىردەم-يېرىمدەم پاراڭلىشىپ كېلەي دەپ ئاغېنەم تۇرسۇن گېنىرالنىڭ ئۆيىگە بارسام،ئۇ تەكىيگە يۆلەنگىنىچە گويا قېتىپ قالغاندەك تامغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
-ۋوي ئاداش،تامدىن گۈھەر چىقىدىغاندەك نىمانچە پاڭقىيىپ قاراپ كەتتىڭ،ماڭقارا،تولا خىيال قىلىپ ئاۋۇ ياسىن قوتۇدەك ئىلىشىپ قالمىغىن يەنە!-ئۇ چۆچىگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ دىدى:
-شۇنى دىمەمسەن ئاداش،باينى كالا،نامراتنى بالا بېسىۋالغاندەك مېنىمۇ خىيال بېسىۋىلىۋاتىدىغۇ-تاڭ!
-نىمە تۈگۈمەيدىغان خىيال ئۇ،قېنى ماڭىمۇ دەپ بەرگىنە،مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقاي.
-ھەممىسى شۇ بەڭگىنىڭ خىيالى ئاداش ،نىمىسىنى دەي ئۇنىڭ!
-دىگىنە بىر،بەڭگىنىڭ خىيالى قىزىق بولىدۇ!
-دەپ بەرسەمغۇ دەپ بېرەتتىم،بىراق سەن باشقىلارغا دەۋىتىسەندە!
-ھوي بىرقىسمانلا گەپ قىلىسەنغۇ،سەنمۇ ياسىن قوتۇردەك بولۇپ قالمىغانسەن-ھە!
-ئۇ قانداق بوپتۇ؟
-تاغدىن-باغدىن ئالاتاغىل سۆزلەيدىغان بولۇپ قېلىپ،ئوقۇتۇپ ئاران ساقايتىپتۇ.
-نىمە دەيدىغانسەن ئاداش،مەن ئۇ ياسىن قوتۇر بولمىسام-يا!
-شۇنداقتىمۇ پەخەس بولغىن،زامان ئاخىرى جىنلار كۆپۈيىپ كېتىدۇ دەيدۇ،ئالىمادىس ساڭا بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن.
-گېپىم بار دەپ دەۋىرىدىكەنسەن،قىلىدىغان ئىشنىڭ تاينى يوق شۇ قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ياتتىمغۇ.
-ئەمسە شۇ خىيالىڭنى دىگىنە،ئۆزۈڭمۇ قىزىق،مېنىڭچە ئۇ خىيالىڭ تېخىممۇ قىزىق.
-قارا ئاداش،ساڭا دەپبەرسەم دەپ بېرەي،ئەمما ھېچكىمگە دىمەيسەن جۇمۇ!-ئۇ كۆزۈمگە بىر قاراپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى - ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر بالا بولغانكەن،يىگىتلىك يېشىغا يەتكەندە ئۇ بالا قانات چىقىرىپ ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۇچۇپ ئۆتسە كۆز ئالدىغا شۇنداق چىرايلىق بىر دۇنيا نامايەن بوپتۇ،قارىسا بوستانلىق ئىچىدىكى كۆل بويىدا سۇمبۇل چاچلىرى تېقىمىغا چۈشىدىغان،كۆزلىرى بۇلاقتەك،ئاي دىسە ئاي ئەمەس،كۈن دىسە كۈن ئەمەس شۇنداق بىر چىرايلىق قىز تۇرغىدەك...-سۆزلەپ مەشەگە كەلگەندە ئۇ بىردىنلا جىمىپ كەتتى.
-ۋاھ،تازا پەيزى يېرىگە كەلگەندە توختاپ قالدىڭغۇ،قېنى كەينىنى دىگىنە!
-تۈگۈدى.
-ھوي،موشۇنچېلىكلىما،يىگىتنىڭ ئۇ قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىشلىرىچۇ؟
-ئاستا گەپ قىل،خوتۇن ئاڭلاپ قالسا قويۇش-چىقىش قىلىۋېتىسەن بىكار!
-ساراڭدەك گەپ قىلمىغىنا ئاداش.بولە،ئاخىرىنى دىگىن!
-ئاخىرىنى ئۆزۈڭ ئويلاپ تېپىۋالغىن، نەچچە كۈننىڭ ياقى مېنىمۇ شۇ قىزنىڭ خىيالى قىيناۋاتىدۇ.
- كەچكىچە خىيال سۈرۈپ كاللاڭ ئىلىشىپ قاپتۇدە سېنىڭ، قوپە ماڭ،تالاغا چىقىپ ئانچە مۇنچە شامالداپ كىر!
-شۇ ئۈزۈممۇ بىرقىسمانلا بوپقالدىم،تۆۋۋا قىلدىم،قويغان تۇتقۇنىمنى بىلمەيمەن دىسە، كاللامدا شۇلا خىيال.
-ساڭا جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ،تازا بىر بەڭگىنىڭ خىيالىغا كىرىۋاپسەن،يېقىندا تەكسىز يەرلەردە يېتىپ قالمىغانسەن-ھە!
-توۋۋا دىگىنە ئاداش،بىراق ئۆزۈممۇ ھەيران،بالىلار ئىڭەككە تاقاشقاندا بۇ نىمە كارامەتتۇ ئەمدى!
-قانداق،ئۇ قىزنى ئالاي دەۋاتمايدىغانسەن؟
-ئاستا گەپ قىل،خوتۇن بىلىپ قالمىسۇن دەيمەن!ئالىدىغان ئىشنى ئويلاشمىدىم،ھازىرچە ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن شۇ.
-ساڭا ئەمىسە چىشى جىن تىگىپتۇ.قانداق،موللىغا كۆرۈنىپ باقامسەن يا؟
-موللام قانداق قىلىدۇ؟
-ئايەت ئوقۇپ ئۇ پەرىشتەڭنى يېنىڭدىن قوغلىۋېتىدۇ.
-ياق،ئۇ كەتسە ئۇنىڭ بىلەن يۈرىكىمنىڭمۇ بىللە كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن،ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرچە مۇشۇنداقراق ئۆتۈپ تۇرايمىكىن دەيمەن!
-ئىش-ئوقەت قىلماي كەچكىچە بىر تۆشۈككە تىكىلىپ يۈرەمسەن ئەمدى،بەكلا خيالپەرەس بولۇپ كېتىپسەن ،قوپە تالا-تۈزگە چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلەيلى!
-ئۇنداق دىمە ئاداش،مۇنۇ تامنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ھوجۇرىمىز بار،- ئۇ كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرغان ئاپئاق تامنى قولى بىلەن ئىشارە قىلىپ دىدى، -ئۇ كەلگەندە تام ئېچىلىپ شۇنداق ھەيۋەتلىك بىر ئايۋان-ساراي پەيدا بولىدۇ،شۇ چاغدا مەن ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئايلىنىپ،ئۇنى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ ئەشۇ ئوردا سارايغا كىرىپ كېتىمەن،بىز مانا موشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ،ئاشۇ ئوردىدا ياشاۋاتقىلى 40كۈن بولدى.
-قىرىق كۈن!بۇ تامنىڭ ئىچىدە قىرىق كۈن تۇردۇق دەمسەن!قىرىق كۈن ئۇ يەردە نىمە ئىش قىلغانسىلەر؟
-قىرىق كۈن تويىمىز بولدى،ئۇنىڭ دىيىشىچە ئەمدى بۇ ئوردىنى باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ كەتكۈدەكمىز.
-بۇ بولماپتۇ،موللامغا ۋاقتىدا ئوقۇتىۋەتكىن،بولمىسا سەنمۇ جىنغا ئايلىنىپ كەتكۈدەكسەن!
-ھازىر ئۇنىڭدىن بولغان18بالام بار،توققىزى بۆرە،توققىزى تۈلكە.
-پاتقاققا بەكلا پىتىپ كېتىپسەن،چاپسان ماڭايلى ئاداش!
-ئەنە ئۇ كېلىۋاتىدۇ،-ئۇ بىردىنلا ئىرغىپ تۇرۇپ غۇلاچلىرىنى كەڭ يېېيىپ تامنى قۇچاغلىدى، مەن قولىدىن تارتىپ ئۇنى تالاغا ئېلىپ قاچتىم.ھويلىغا چىقىپلا ئۇ ئاغزىغا كۆيۈك ئېلىپ يىقىلدى،ئۇ بارغانچە تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن بىرنەچچەيلەننى چاقىرىپ ئۇنى ماشىنىغا بېسىپ دۇختۇرخانىغا ئاپاردىم،ئۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئوڭشۇلۇپ دۇختۇردىن چىقتى.مەن ئۇنى يوقلاپ بېرىپ سورىدۇم:
-نىمە بوپسەن ئاداش؟
-ئىش قىلماي،قۇرۇق خيال قىلىپ يېتىپ زەئىپلىشىپ كېتىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن موشۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمەن.
-يەنە ھېلىقى پەرىشتەڭ ئاۋارە قىلىۋاتامۇ؟
-ھازىرچە يوق،بىراق تامدىن ئىشىك ئېچىلىپ يەنە كېلىدىغاندەكلا تۇرىدۇغۇ-تاڭ!
-يەنە كەلسە قانداق قىلاي دەيسەن؟
-بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتەيمىكىن دەۋاتىمەن!- مېنى بىردىنلا تەشۋىچ بېسىپ ئىختىيارسىز ھالدا تامغا قاراپ قاپتىمەن.بۇ چاغدا ئۇ:
-سەنمۇ ئېھتىيات قىلغىن،مونۇ تامدىن بىر قول چىقىپ سېنىمۇ سورەپ ئەكىرىپ كەتمىسۇن ،-دىدى.مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن گويا تامدىن ئىشىك ئېچىلىپ ھازىرلا مېنى ئەكىرىپ كېتىدىغاندەك كەينىمگە داجىدىم.نىمىشقىكىنتاڭ قورقۇپ تۇرساممۇ ئەشۇ ئوردىغا بىر كىرىپ باققۇم بار ئىدى.بىراق مېنىڭ تۇرسۇن گېنىرالدەك جىنىم يوقتە...
نەچچە  كۈندىن كېيىن ئۇ ئاشۇ ئۆيىنى‹‹جىنلىق ئىكەن››دەپ سېتىۋېتىپ،باشقا مەھەلىگە كۈچۈپ كەتتى.بۇ ئۆيدىن كەتكەندىن كېيىن ئۇ راستىنلا ئىلىشىپ قاپتۇ.ئاڭلىسام ‹‹تامنىڭ ئىچىدە ئوردىمىز بار ئىدى››دەپ ئالا-تاغىل سۆزلەپ يۈرگۈدەك.ئۆتكەندە كوچىدا ئۇچىراپ قالدى،قارىسام كۆزلىرى گىرتىيىپ،ئۆزىمۇ پۈۋ دىسە ئۇچۇپ كەتكۈدەك بىر تېرە،بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ،ئۇ مېنى كۆرۈپلا:
-خىيالىمنى بىلىپ قېلىپ چىرايلىق خوتنۇمنى تارتىۋالغان ئەبلەق موشۇ شۇ! -دەپ ماڭا قاراپ يۈگۈرەپ كېلىۋاتمامدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قاراپ قاچتىم،ئۇ كەينىمدىن قوغلاپ كېلىپ:
-توختا،تۇتىۋالسام پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن،-دىگىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە قارىماي تىكىۋەتتىم...
ئادەم دىگەن قىززىق بولىدىكەن،ھازىر ئۇنىڭ خىيالى ماڭا چاپلىشىۋالدى،تۇرسۇن گېنىرالنىڭ ئەشۇ كونا ئۆيىنى سېتىپ ئېلىپ ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ.نىمىشقا دەمسەن؟ قىززىق بىر يېرى بارغۇ شۇ!مەنمۇ ئەشۇ تامنىڭ ئىچىدە ھېلىقى قىز بىلەن بىللە ياشاپ باقاي دەيمەنغۇ ئاخىر.
-توختا،پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن!-بىر ئاۋاز مېنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى.يۈگۈرەپ بارغىنىمچە تۇرسۇن گېنىرالنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم،تامنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كۆز ئالدىمدا بىر ئايۋان-ساراي پەيدا بولدى،بىر قول،ئاپئاق بىر قول قولۇمدىن يېتلىدى-دە،مېنى ساراي ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى.ئىشىك يېپىلدى.كەينىمدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان‹‹توختا››دىگەن قورقۇنۇشلۇق ئاۋاز تامغا تاراققىدە تەگدى-دە،يىقىلدى. ‹‹ئۇھ››دەۋەتتىم ئىچىمدە،بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۇنىڭغا گىرە سېلىۋالغان ئىدىم.ئابىيامقى‹‹ئوھ››دىگەن ئاۋازىم تېشىغا چىقىپ كەتكەنمۇ  قانداق،ئايالىم مېنى نوقىدى.
-نىمىگە بويۇنىمنى سىقىسەن،يېرىم كېچە بولغاندا ئادەمنى ئۇخلاتماي نىمىگە غۇدۇڭشىيسەن!
-خاپا بولمىغىن خوتۇن،مېنى قارا بېسىپ قاپتۇ...-ئابىيامقى ‹‹توختا››دىگەن ئاۋاز خۇددى يوتقۇنىمنى قايرىم ئىچىمگە كىرىۋالىدىغاندەك  يوتقاننى بېشىمغا مەھكەم پۈركەپ يېتىۋالدىم.موشۇ تاپتا تۇرسۇن گېنىرال تامنى ئۆرۈپ كىرىپ خۇتۇنۇمنى ئېلىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

2016-يىلى31-يانىۋار


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-2 01:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ياقتۇردۇم ، مۇدېرنىزىم تۈسىنى ئالغان ياخشى ھېكايە ئىكەن . ‹‹ جىن ›› ماۋزۇ ئورنىغا ( تۇرسۇن ‹‹ گېنىرال›› غا جىن تېگىپتۇ  )  دەپ ماۋزۇ قويساق بولاتتىكەنتۇق .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-2 19:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىيان ئەپەندىم،ھېكايە ماۋزۇسى ھەققىدە ياخشى پىكىر بېرىپسىز،مەنمۇ خېلى ئويلۇشۇپ مۇۋاپىق ماۋزۇ تاپالماي ۋاقىتلىق شۇ ماۋزۇنى قويۇپ تۇرغان ئىدىم.ئۇنى كېيىنچە باشقا ماۋزۇغا ئۆزگەرتىۋىتىشىم مۆمكۈن.ھېكايەمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 11:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىز بۇئىچە ھېكايە ماۋزۇسىنى‹‹جىن ۋە ئادەم››دەپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم،كەڭ تۇرداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن....

ۋاقتى: 2016-2-5 16:01:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىۋاتامۇ؟-قېلىۋاتامدۇ؟قايرىم،-قايرىپ. ياسىن قوتۇ- ياسىن قوتۇر. قىرىق-قېرىق....
مۇشۇنۇڭدەك نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى باركەن.
ئەمما ھېكايە خېلى ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك ياخشى يېزىلغان.

ۋاقتى: 2016-2-6 00:25:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىنىم ئەدىھەم،‹‹جىن ۋە ئادەم››دېگەن ھىكايەڭنى ئوقۇپ چىقتىم.چۈشتىن ئۇيغىنىپ ياخشى قىپسەن...چۈش ئادەمنىڭ كاللىسىدا بىردەم ئۇنداق،بىردەم مۇنداق ،سەن ئويلاپ باقمىغان ھالەتتە باش-ئاخىرىسىز پەيدا بولۇپ .ئۆزگىرىپ بارىدۇ.شۇڭا ‹‹چۈش››تىكى‹‹گىنرال››ئاغىينەڭ بولسا مۇشۇ تەرەپنى ئويلىشىپ باقامسەن قانداق؟
    قەلىمىڭگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-6 00:31:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھىكايەڭنىڭ ماۋزۇسىغا مۇنداق ئويلىشىپ باقتىم،ياقتۇرامسەن بىلمىدىم.ھەممە ئىش شۇ ‹‹تام›،دىن كېلىۋاتىدۇ.ئۇ يەردە گىنىرال ئاغىينەڭنىڭ ‹‹ئوردا››سى بار.شۇڭا ‹‹گىنىرالنىڭ ئوردىسى››دېسەڭ قانداق؟...

ۋاقتى: 2016-2-6 17:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايەڭنڭ ئوقۇپ چىقتىم بۇرادەر،بۇنىڭدا كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىر مەزمۇن باركەن ،دىئالۇگ قىسمىدا يەرلىك شىۋە قوللىنىلغاچقا ئىملادا خاتالىق كۆرۈلگەن دەپتۇ،ئەمىلىيەتتە يەرلىك شىۋىنىڭ رولى ئەسەرنىڭ جانلىقلىقىنى يقىرى كۆتىرىدۇ،تىرىشچانلىقىڭغا كۆز تەگمىسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-6 17:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىدىكى خىياللاردىن قاسىم سىدىقكامنىڭ خىياللىرى ئەھمىيەتلىك تۈيۈلدى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 11:24:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...ئىنساك!قاسىمكامنىڭ ئۇ گۈزەل خىياللىرىغا بۇ ئەرزىمەس ھېكايەمنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش