يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 3

فەيزى: ئۈرۈمچى، سېنى سۆيىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    (بىر سىتودېنتنىڭ ئاغزىدىن)                           
                                              ئۈرۈمچى، سېنى سۆيىمەن              
                                                          (نەسىر )                                               
                                                     تۇرسۇنجان لېتىپ   
                                
          ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچى خەلقىمىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەدىنىيىتىنىڭ موھىم تەرەققىيات بۆشۈكى بولۇپ، بۇيەرگە توپلانغان پۈتكۈل رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزىگەخاس ئالاھىدىلىكلىرى بىر-بىرىگە ئۆز-ئارا تەسىركۆرسۈتۈپ، يېڭىچە ئورتاق مەدەنىيەت تۈسى شەكلىدە مەيدانغا كىلىش بىلەن، يەنىلا ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسۈتۈپ  كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرى مۇشۇماكانغا جەم بولۇشۇپ، مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. مانابۇ،-مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت ئونۋېرساللىقى.
          ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېقتىسادى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە رىۋاجلىنىپ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ناھايىتى زور يۆكسۈلۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۈرۈمچىدە ئاسمانغا تاقاشقان خىلمۇ-خىل ئۇسلۇبتىكى  ئىگىز بىنالار، كىچە-كۈندۈز ئادەملەرگە تولغان كاتتا سودا مەركەزلىرى، قاتمۇ-قات گىرەلەشكەن ئايلانما يول ۋە كۆۋرۈكلەر، كېچىلىرى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرۇپ تۇرۇدىغان كەڭ – ئازادە ئاسفالت يوللار، بۆك-باراقسان گۈزەل مەنزىرىلىك ۋە ھاۋالىق باغچىلار، ئادەملەرگە تولغان رەستىلەر، دۆڭگى-داراسلىق توي نەغمەناۋالىرى ياڭراۋاتقان رىستۇرانلار، ۋە ئۇيغۇرمىللى ئالاھىدىلىكى بىلەن جاھانغا تونۇلۇۋاتقان كاتتا خەلقارالىق سودا بازارلىرى خۇددى يامغۇردىن كىيىن بوي تارتقان يېشىل مايسىلاردەك كەينى-كەينىدىن قەدكۆتەرمەكتە.مانابۇلار،-مەركىزى شەھەر .ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۈزلۈكى.
           مەن، سىرىتتىن كىلىپ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئاددى بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولساممۇ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنى ياخشى كۆرىمەن ۋە چىن دىلىمدىن سۆيىمەن. مېنىڭچە، بىرەر شەيئېنى سۆيۈش پەقەتلا ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشنىلا ئۆزئىچىگە ئالماستىن بەلكى، ئۇنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئاسىراشتىن ئىبارەت مۇھىم تەرەپنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ياخشى كۆرۈش، سۆيۈشنىلا بىلىپ ئۇنى ئاسىراشنى، قوغداشنى بىلمىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۇنى ھەقىقى سۆيگەنلىك ھېساپلانمايدۇ.
           كونىلار ئىنتايىن توغرا .ئېيتقان «جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق» دۇرۇس، بىز ئەلۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلانغان چېغىمىزدا ئەنە شۇ گۈزەللىك ۋە مەدەنىيلىكنى قانداق قىلىپ قوغداپ قېلىشنى ۋە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلۇشىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاز-تۇلا ئەجرى سىڭدۈرۈشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىشىمىز كىرەك.
           قاراپ بېقىڭ !،ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى خۇددى ساھىپجامالنىڭ ئاي يۈزىنى ئۆمۈچۈك تورى باسقاندەك ئادەمنى ئەپسۇسلاندۈرۈدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. بۇخىل ھالەت ماددى ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى جەھەتتە ئوخشاشلا ئىپادە تاپقان. مەسىلەن، ماددى جەھەتتىن ئېيتساق، سەھرالاردا بىزگە كۈندە دىگىدەك نىسىپ بولۇۋاتقان كۆپ-كۈك ئاسمان، نۇرلۇق قوياش ۋە ساپ ھاۋا ئۈرۈمچى خەلقىگە نىسپەتەن پەقەت غىل-پاللا كۆرۈنۈپ يوقايدىغان قىممەتلىك سوغىغا ئايلانغان. قىش كۈنلىرى كاتتا سودا مەركەزلىرىنىڭ ئىچىدە ۋە ئاپتۇبۇسلاردا ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن دەسسىگىدەك ئورۇن بولمايلا قالماي بەلكى، ھاۋانىڭ سېسىقچىلىقىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىيدۇ،........چوڭ كۇچىلارپارقىراپ تۇرغىنى بىلەن ياندىكى تار كۇچا ۋە ئاھالىلار رايونلىرىدا دۆۋىلەگلىك ئەخلەتلەر ۋە تۆكۈلگەن يۇندىلاردىن چىققان سېسىقچىلىق پات-پات بۇرنىمىزغا پۇراپ تۇرىدۇ. ھەرقايسى ئىدارە جەمىيەت ۋە ئاھالىلار رايونىدىكى قىستاڭچىلىق ۋە قۇرۇلۇش تۈپەيلىدىن ھەر يىلى كۇرمىڭلاپ دەل-دەرەخلەر كېسىپ تاشلىنىپ قاقاسلىققا ئايلانماقتا.
         ئەنە قاراڭ !، 10-20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئادەم كىرىپ قالسا قورققىسى كەلگىدەك ۋە ئېزىپ قالغىدەك ئۇلانباي ئورمانلىقى قېنى!؟،.......پات-پات ئادەمنى ئېقىتىپ كىتىدىغان، قىرغاققا تولۇپ ئاقىدىغان ھەيۋەتلىك ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ سۈيى قېنى!؟.....بارغانلا جايدا ئەركىن - ئازادە ئېغىناپ ئولتۇرۇشقا بۇلىدىغان ياپ-يېشىل چىمەنزارلىق، بۆك-باراقسانلىق جەنوبى تاغ (نەنشەن) ئېتىگىدىكى كەڭرى يايلاقلار ۋە مۇھىتى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، پاكىزە بۇغدا كۆلىنىڭ ئەسلى قىياپىتى قېنى!؟.............. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نەگە كەتتى!!؟؟...............
ئەلۋەتتە كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇلار بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشنى ۋە ھوزۇرلىنىشنىلا بىلىپ، ئاسىراشنى، قوغداشنى بىلمەيدىغان كالتەپەم ئادەملىرىمىز تەرىپىدىن نابۇت قىلىندى.
       قاراڭ!، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ «جىيۇزەيگۇ» جىلغىسى ساياھەت ئورنىدا ھەرئون قەدەمدە «ئوت-چۆپكە دەسسەش مەنئى قىلىنىدۇ. بىر تال يۇپۇرماق ئۈزۈۋىتىلسە ياكى بىرتال كەمپىت قەغىزى تاشلانسا 50 سوم جەرىمانە قويۇلىدۇ» دىگەندەك ئەسكەرتىشلەر يېزىلغان تاختايلارنى ۋە يول-يولدىكى نازارەتچى خادىملارنى ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. ھەتتا ئوت-چۆپلەرنىڭ دەسسىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، پۈتكۈل ساياھەت ئورنىنىڭ بارلىق پىيادە يوللىرى تاختاي بىلەن كۆتەرمە قىلىنغان ياكى سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان. قېنى!،بىز سۆيۈملۈك شەھىرىمىز ۋە دىيارىمىزدا شۇنداق قىلالىدۇقمۇ!؟.
      مەنىۋى جەھەتتىن ئېيتساق،  شەھىرىمىزنىڭ كوچىلىرىدا تەربىيە كۆرمىگەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ھەدەپ چوڭ كۇچىغا يۇندا قاچىلىرىنى تۆكۈۋاتقانلىقىنى، خالىغان يەرگە قالايمىقان تۈكۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ھەتتا ئاشخانىدا تاماق يەۋىتىپمۇ بۇرنىنى تاشلاۋاتقىنىنى، كۆپ-كۈندۈزدە چوڭ كۇچىنىڭ چېتىدىكى بىنانىڭ بۇرجىكىگە ئۈرە تۇرۇپلا قويۇۋىتىۋاتقانلارنى ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. كۇچىلارغا چاپلانغان يىپ-يېڭى، كۆركەم ئېلان تاختىلارغا قالايمىقان خەتلەر يېزىلغان ۋە يىرتىلغان. بىر ئوبدان تېلىفۇن بوتكىلىرىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلغان، ئەخلەت ساندۇقلىرى مىجىلغان ئەھۋاللار دايىم دىگۈدەك بولۇپ تۇرۇدۇ. گەرچە، ئەخلەت ساندۇقلىرى ھەر دوقمۇشتا بولسىمۇ، كىشىلىرىمىز ئۇششاق –چۈششەك ئەخلەتلەرنى خالىغان جايغا تاشلىسا تاشلايدۇكى ئەمما، ئۇنى شۇ ساندۇقلارغا ئاپىرىپ تاشلاشتەك ياخشى ئادەت تېخى ئومۇملاشقىنى يوق.
توي-تۆكۈن،ئولتۇرۇشلارنىڭ رېستۇرانلاردىكى ئەھۋالىغا نەزەر سالسىڭىز تېخىمۇ ھەيران قالىسىز. تانسا بىزگە چەتتىن ئۆزلەشكەن بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ يات جىنىسلىقلار ئارىسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئوينىلىشى ئارقىلىق مەنىۋى ھوزۇر ئالىدىغان بىرخىل ئۇسسۇل پائالىيىتى بولسىمۇ بىراق، بۇنىڭدىن ئۆزگىچە چۈشەنچە ئېلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بۇنى ئەر-ئاياللارنىڭ قۇچاقلىشىش پۇرسىتى دەپ بىلىپ، مۇزىكىنى چۈشەنمىسىمۇ ياكى پۇتى كەلمىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈۋېلىپ ئىگىز-پەس دەسسەپ باشقىلارغا دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بىراۋلارنىڭ دوستى ياكى ئاياللىرىغا ئەيمەنمەستىن «كۆڭلىنى ئىزھار» قىلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياكى تۆت سەر ئىچىۋېلىپ قىنىغا پاتماي مۇتىھەملەرچە جىدەل چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇلارنى سۆزلىسەك گەپ تولا........ دىمەك، يۇقارقىلاردىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بۇلغىنىشى ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
         ئېخ!، ئۈرۈمچىلىكلەر (ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ۋاقىتلىق نوپۇسلارمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ)، سىلەر چوڭ كۇچىنىڭ دوقمۇشىغا «مەدەنىيەتلىك ئۈرۈمچى كىشىلىرىدىن بۇلايلى» دەپ يۇغان-يۇغان ۋېۋىسكىلارنى ئاسقىنىڭلار بىلەن، ئەمەلىيەتتە، شۇ ۋەدەڭلەرگە لايىق ئىش قىلالىدىڭلارمۇ؟!، سىلەر ھەقىقەتەن ئۆز شەھىرىڭلارنى ياخشى كۈرەمسىلەر؟، ياخشى كۆرسەڭلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل بېرەلىدىڭلار؟ ۋە سىرىتتىن كەلگەنلەرگە قانچىلىك ئۆلگە بۇلالىدىڭلار؟.
         ئەلۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت ئەتراپى دۆڭلۈكلەر بىلەن ئورالغانلىقتىن ھەمدە ئىگىز بىنالارنىڭ كۆپۈيىشى سەۋەبىدىن ھاۋا ئالمىشىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى، شۇنداقلا ماشىنا، ئاپتۇبۇسلارنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىدارە-جەمىيەتلەرنىڭ ئۇششاق پاراۋايلىرىدىن چىققان ئىس- تۈتەكلەر دەستىدىن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدەك ئەھۋاللارنى ئۆزەڭلارنىڭ خۇسۇسىي تەربىيلىنىشى ئارقىلىق كونترول قىلالمىساڭلارمۇ ئەمما، قالغان جەھەتلەردىكى بۇلغىنىشلارنى بولسىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن كونترول قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى خۇددى ئۆز ئائىلەڭلاردەك ھەقىقى ياخشى كۆرەلىگەن بولساڭلار بىز سىلەردىن پەخىرلەنگەن، سىلەردىن ئۈگەنگەن ۋە سىلەرگە ھۆرمەت بىلدۇرگەن بۇلاتتۇق، ھەمدە سىلەرنىڭ بۇخىل ئالىجاناپ خىسلىتىڭلارنى ئۆز يۇرتلىرىمىزدا ئۆرنەك قىلاتتۇق!
           ئېخ!، ئۈرۈمچىلىكلەر، ئۈرۈمچىنى خۇددى مەن سۆيگەندەك چىن ھەقىقى سۆيەلەمسىلەر!

                                              2003 -يىلى  18_ دېكابىر.

         بۇ نەسىر «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2004-يىلى 5-مارتتىكى سانىدىن ئېلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 00:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 00:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنىڭ تىلى دوكىلات خارەكتېرىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىردە چىنلىق، تەپەككۈرنى چالغىتىدىغان پارلاش بار.

ۋاقتى: 2016-2-1 14:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى  دەۋرنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇتۇقلۇق چىققان نەسىر ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 15:05  


ۋاقتى: 2016-2-2 03:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەي، ئۈرۈمچى سەن نەدە، بىز قايەردە، ئارزۇ- ئۈمىدلەر سەندە !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش