كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 3

ئالىمجان ياسىن:تەپەككۇردىن تامچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
000000000000.JPG تەپەككۇردىن تامچىلار

ئالىمجان ياسىن

1.ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئاۋۇپ كەتسە،چوقۇم چالىسى قالىدۇ.
2.پەقەت ئاز ئىشلىگەنلەر ياكى تۆھپە تالاشمايدىغانلارلا سەۋەنلىكلەردىن خالى بولىدۇ.
3.ئېھتىياجىغا يەتسە باشقىلارغا بويۇندىمايدىغان ئادەملا قانائەتچان ئادەمدۇر.
4.بىرى باي،يەنە بىرى ئۆكتەم كىشىلا بالا-قازاغا ئەڭ يېقىنمىكىن دەيمەن.
5.چېلەكنىڭ ئىچى بوش بولغاچقىلا،ئۇنىڭغا سۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ.
6.مېنىڭچە،باش-ئايىغى يوق مۇزىكا ئادەمنى ساراڭ قىلىشقا يارايدۇ.
7.كىشى،ئېسىل بويۇملارغا قانچە يېپىشىۋەرگەنسىرى شۇنچە ئاسان يولدىن چىقىدۇ.
8.ئېلتىپاتقا ئېرىشىشمۇ،خورلىنىشمۇ ئوخشاشلا كىشىنى چۆچىتىدۇ.
9.ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاسراشنى بىلىدىغان،يۈرتىنى سۆيىدىغان ئادەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئېشەنچىلىك ئادىمىدۇر.
10.رەھبەر سەمىمىيەتسىز بولسا خەلىقنىڭ ئېشەنچىسىدىن قالىدۇ،رەھبەر ئېسىل بولسا ئىشلار ئۆزلىگىدىن يۈرىشىدۇ.
11.ئائىلىدىن ئىناقلىق كۆتىرىلسە،ۋاپا،كۆيۈم،مېھرى-مۇھەببەت دەرىزىدىن سەكرەپ قاچىدۇ.
12.قەيەردە قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن پايدا-مەنپەئەت تۈگىسە،شۇ يەردە ئالدامچىلىق ۋە ئوغۇرلۇق بولمايدۇ.
13.شۇنچە چوڭقۇر ئازگالنىمۇ تولدۇرغىلى بولىدىكەن،ئەمما ئاچكۆز نەپسىنى ھەرگىزمۇ تولدۇرغىلى بولمايدىكەن.
14.ئادەم پەقەت چوڭچىللىقتىن خالى بولغاندىلا ئۆچمەس نامغا ئىگە بولامدىكىن دەيمەن.
15.يۇقۇرىغا يامىشىشنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان كىشىنىڭ ھەمىشە ئورنى ئىسسىمايدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-31 23:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈر دۇردانىلىرىدە ھايات سەپىرىدىكى تەسىرات تەرمەچلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ ، « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە سۇنۇپ باقايلى.

ۋاقتى: 2016-2-1 00:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈرنىڭ داۋاملىق تامچىلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-1 17:00:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇر دۇلدۇلىڭىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغاي·باشقا مەتبۇئاتلارغىمۇ ئ‍ە ۋەتپ بېقىڭ ·  سىزگە ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن ·   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەزەر0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 17:01  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش