مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر
ھايات ھەققىدە
پەقەت ياشاشتىن ئىبارەت بىرلا يول قالدى
-بىر پەيلاسوپ ھېكمىتى
ئادەم ھايات ھەققىدە ئويلانغاندا، مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بىلەن نەتىجىلىنىدۇ:بىرى ساراڭ، يەنە بىرى پەيلاسوپ. ۋاھالەنكى مېنىڭ ھەر قانداق ئالاھىدىلىك بىلەنھەر قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولغۇم يوق. كۈتىدىغىنىم؛ قورسقىم ئاچقاندا تاماق،گۆشخورلىقىم تۇتقاندا كاۋاپ يىېەلىسەم، بىكار قالغان چاغلىرىمدا قايسىدۇر بىرئۇنتۇلغان ياكى كەلمەكچى بولغان جانانغا ئاتاپ شېئىر يازالىساملا بولدى.
ھاياتھەققىدە ئويلانساڭ بەكلا چارچاپ كېتىسەن. پۇت-قولى ساق، كاللىسى جايىدا، نۇپۇسىناھىيىدە بىر ياش يىگىتنىڭ كونا كېسەك تام تۈۋىدە قانداق قىلىپ جېنىنى بېقىش، پۇلتېپىش ھەققىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئولتۇرغىنىنى ۋە ھەر قانداق قىلىپمۇ ئېپىداقىلغۇدەك بىرەر ئىش تاپالماي بىكاردىن-بىكار كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرگىنىنىكۆرگىنىڭدە بولسا، ئىختىيارسىز يانچۇقىڭدىكى بىر كاللەك ئادەم سۈرىتى چۇشۈرۈلگەنقىزىل بولاقنى سىلاپ قويىسەن. ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسەن.
مۇھەببەت-شائىرلارنى كاللىسىدىن ئاداشتۇردى، ئۇلار ‹مۇھەببەت›نى ھەددىن زىيادە مۇبالىغە ۋەچېكىدىن ئاشقان رومانتىكا بىلەن تەسۋىرلەپ ئادەمننىڭ ئچىنى سىقىۋەتتى. مەنمۇشۇنداق يالغان ۋە ياسالما شېئىرلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسقۇدەك بۇلۇپكېتىمەن. ۋەھالەنكى، مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرسىنى ئاشكارلىدى. ئۇئۆزىنىڭ رېئاللىققا ئەڭ يېقىن رەھىمسىز ھالىتى بىلەن بارلىق رومانتىكىلىقنى،خام-خىيالنى رەت قىلدى. مۇھەببەتنى رېئاللىقتىن ياتلاشتۇرۋېتىدىغان بارلىق يالغانچى شائىرلار، ۋە رومانتىك كىنولارغا لەنەتلەر بولسۇن!
ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسەن. سەن بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى باشقىلار بىر تېلىفون بىلەنلا ھەل قىلىۋېتىدۇ. سەن بىر ئۆمۈر قولىنىڭ ئۇچچىنى تۇتۇشقا مۇيەرسسەر بولالمىغان قىزلارنى باشقىلار ئاسانلا ئەرزىمەس بىر نەرسىنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىدۇ.. سەن ئالدىڭدىكى گۈزەل قىزغائېرىشىش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارچە چىرايلىق سۆزلەرنى، بارچە ۋەدىلەرنى بېرىپ ئىككى سائەت قەسەم ئىچسەڭمۇ بىكار، ئۇ قىز باشقا بىر ئەبلەخنىڭ بىر قول ئىشارى بىلەنلا ئۈن-تۈنسىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قېشىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ... ئادەمنى ئەڭ ئازابلايدىغان يېرى شۇڭى، سېنىڭ ئۇ قىزغا قىلغان بارلىق ۋاپا-ساداقەت، ئەخلاق، مىللەت ئېڭى، قىزلىق ئىپپەت توغرىسىدىكى ئۇلۇغۋار نەسىھەتلىرىڭ،ئۇ قىزنىڭ شەھەردىكى ئەڭ كاتتا مىھمانخانىنىڭ ئايرىم ياتاقلىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشۈڭ بىلەنلا، بۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىڭگە پۇشايمان قىلىپ بۇ جېنىڭدىن جاق تويۇپ كېتىسەن.
كۆپلىگەن كىشى كۆزى چارچاش، كۆز قۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە كۆز دورىسى تېمىتىشقائادەتلەنگەن. جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسسىلرى يېقىندا كۆز يېشىنىڭ كۆز چارچاشقامەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا كۆز يېشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولىبار:
1- كۆزنى تازىلاش
2- سىلىقلاش
3- مىكروب ئۆلتۈرۈش
دېمەك،ئادەم قانچە كۆپ كۆز يېشى قىلسا، قانچە ئېچىنىشلىق يىغلىسا، شۇ ئادەمنىڭ كۆزى ساغلام بولىدىكەن. شۇڭا مەن يازغۇچىلار تورىدىكى مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر بارلىق يېقىن-يىراق، تونۇش- ناتونۇش، ئۇرۇق-سېمىز تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيەقىلىمەنكى، ھەددىن زىيادە شاد-خۇراملىققا بېرىلمەڭ، قاتتىق ئازابلىنىپ تۇرسىڭىزمۇ يالغاندىن ‹مەن بەخىتلىك› دەپ ھىجايماڭ، ئاز كۈلۈڭ، ئۆزىڭىزنى قاتتىق ئازابلىنىۋاتقان بىر ئاشىققا ئوخشىتىپ پەرھادتەك تاغلارنى تەشمىسىڭىزمۇ، ھەر كۈنى بۇ جېنىڭىزدىن جاق تويۇپ تەسىرلىك كىنولارنى كۆرۈپ ئۈنىڭىزنىڭ بارىچە ئېسەدەپ،ھاڭراپ يىغلاپ بېرىڭ، بەخىت، خۇشاللىق دېگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەمىليەتتە بۇ دۇنيادامەۋجۇت ئەمەسلىكىگە شەكسىز ئىشىنىڭ، ئەگەر مەۋجۇت دەپ قارىغان بولسىڭىز ئۇنەرسىلەرنىڭ ئەزەلدىن دوقا پىشانىلەرگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. پەقەت سىز كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ يىغلاپ بەرسىڭىز كۆزىڭىزنىڭ ئىككىلى دۇنيالىق ساغلاملىقىغا ئېرىشەلەيسىز..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 22:33