يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 17

ئا.ئا.سەئىدى: ئاشىق كوچا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى

                                                             ئاشىق كوچا

                                                              نەسىرلەر

                                                                  ئۆتۈنۈش

       چەكسىز سېغىنىش، چەكسىز ھەسرەتلەرگە جۆر بولغان بۇ كېچىلەر تولىمۇ، تولىمۇ ئوزۇن. ئەمما، مېنىڭ پەقەتلا چۈش كۆرگۈم يوق. گەرچە تاتلىق چۈشلەر كىشىگە خۇشھاللىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بەخىش ئەتسىمۇ، مەن چۈش كۆرۈشتىن يەنىلا قورقىمەن. چۈشلىرىمدە سېنىڭ ئاشۇ مۇھەببەتلىك، ئوتلۇق كۆزلىرىڭنى كۆرۈشنى، ئاتەش لەۋلىرىم بىلەن كۆزلىرىڭگە سۆيۈشنى مىڭ قېتىملاپ ئارزۇ قىلساممۇ، ئەمما كۆزلىرىڭگە يوشۇرۇنغان سوغۇق نۇرنىڭ سوغۇق ئۇچقۇنلىرىدىن چەكسىز، چەكسىز قورقۇنچ ھېس قىلىمەن. راستىنلا، راستىنلا قورقىمەن. ئارقاڭدىن بېچارىلەرچە قوللىرىمىنى سونۇپ يۈگۈرگىنىمدە يىقىلىپ چۈشۈشۈمدىن، مېنى رەھىمسىزلەرچە، تاش يۈرەكلەرچە تاشلاپ كېتىشىڭدىن قورقىمەن. يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭىنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما، ھەسرەتلىك ۋە ئاچچىق بېقىشلىرىڭغا، نەپرەت ئارىلاشقان رەھىمسىز نىگاھلىرىڭغا چىدىيالماي تىتىرەپ كېتىمەن. سەندىن ئۆتۈنەي جېنىم، چۈشلىرىڭدە بولسىمۇ ماڭا كۈلۈپ قارىغىن. سەن كىرگەن شۇ تاتلىق چۈشلىرىم بولسىمۇ ماڭا ھەمراھ بولسۇن. ئوڭۇڭدا نەپرەتلەنسەڭمۇ، چۈشلىرىڭدە بولسىمۇ ماڭا نەپرەتلەنمە. مېنى، مېنىڭ بېگانە ئاشىقلىقىمنى مەسخىرە قىلمىغىن. مېنىڭ ئىشىق ئوتىدا شېكەستە بولغان، ھەسرەت باياۋانىدا پۇچۇلانغان، ۋېسال دەقىقىلىرىگە ئىنتىزار  بولغان يۈرىكىم، سۆيۈلۈشكە  تەشنا قەلبىم ئېتىزى چاك-چاك قاغجىراپ قۇرۇپ كەتمىسۇن !...

                                                          ئاشىق كوچا

         ھەر كېچە ئاجايىپ  شېرىن، ئاجايىپ تاتلىق چۈشلەرنى چۈشەيسەن. ھەر بىر كۈنلەر، بۇ رېئاللىق خۇددى شېرىن چۈشتەك،  يەنە بىر قارىساڭ چۈشۈڭ ئەمەستەك تويۇلىدۇ.  بۇ ھايات ساڭا تولىمۇ گۈزەل، دۇنيا تۇلىمۇ سىرلىق ، تۇلىمۇ رۇمانتىك بولۇپ تۇيۇلماقتا. بۇ قېتىم ئۆزۈڭنىڭ بۇ دۇنيادىكى تەنھا مەۋجۈتلۇقۇڭغا، تىكەندەك يالغۇز ئىكەنلىكىڭگە ئاخىرى ئىشەندىڭ. ھەممە، ھەممىلا شەيئى ۋە مەۋجۇدات سەن ئۈچۈن خۇددى تىغدەك تەنھا،   يىتىم قۇشتەك يېگانە.  قەلبىڭنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا پىنھان ياشايدىغان، سېنىڭ شۇ ئۇزۇن، زېرىكىشلىك تۈنلىرىڭنى تاتلىق چۈشلەر قاينىمىغا ئېلىپ كىرىدىغان دىلبىرىڭنىڭ مەۋجۇدلۇقى سەن ئۈچۈن ئالەمچە تەسەللىي. تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرى گوياكى ئاپتاپ. ئۇ ساڭا قاراپ تاتلىق-تاتلىق  كۈلۈمسىرىگەندە ئاشىقانە مەۋجۈدلۇقۇڭنى، بۇ دۇنيانى، ھەممە-ھەممىنى ئۇنتۇيسەن.  ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىگە، ئاتەش نىگاھلىرىغا سىڭىپ كېتىسەن، سۆيگۈگە تەشنا يۈرىكىڭ گويا ئاتتەك چاپچىپ، نەپەسلىرىڭ يېتىشمەي، خۇددى ئوكسېگىىن يېتىشمىگەن بىماردەك  دېمىڭ كېسىلىدۇ.
        ئاھ، شۇ ئاسىي كۆزلىرىڭ  ئاشىقلىقىڭنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن سېزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى چىرمايدۇ. ھېسسىيات دولقۇنى ئەقىل توغانلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايدۇ. سېنى ئۆزىگە تەسلىم قىلغان قانداق كۈچتۇر ئۇ؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟... ئۆز ئۆزۈڭگە سۇئال قويىسەن، ئەمما، جاۋابىنى تاپالمايسەن. ھەرقېتىم ئۇنى ئۇچراتقىنىڭدا ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغاندەك، گويا سېنى سېھىرلەپ يىپسىز باغلىۋالغاندەك  مەستۇ-مۇستەغرەق بولغىنىڭچە قانماي-قانماي قاراپ كېتىسەن. قەدەملىرىڭ ئۆزۈڭگە بويسۇنمايدۇ، ئاشىق قەدەملەر سېنى قەيەرلەرگە ئاپىرار، سېنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندۇ؟...بۇنى بىلىشكە ئامالسىزسەن....

                                                               ئاھ، تۇرمۇش

             ئىنسان شۇنداق ئاجىز، بىراۋنىڭ كۆڭلىدىكىنى، يۈرىكىنىڭ قېتىدا نېمىلەر بارلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز. گەرچە سەن ھەركۈن، ھەر تۈن ئۇنىڭ بىلەن  بىللە ياشاۋاتقان؛ بىللە ئاش، تۇز يەۋاتقان بولساڭمۇ، گاھىدا بىر ياستۇققا باش قويغان شۇ ئۆمۈرلۈك جوراڭنى چۈشىنىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز قالىسەن. گاھىدا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ  چىن كۆڭلىدىكى سۆزلەر ئىكەنلىكىكىگە ئىشەنىچ قىلالمايسەن. بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئەمەس.  بەلكىم، ئۇنىڭ مىجەز خاراكتېرىدىن ساڭا ئىپادىلەنگەن تەرەپلىرىدىن ئىپادىلەنمىگەن تەرىپى بىر قەدەر چىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سەن بۇنى مەڭگە بىلىپ بولالمايسەن، تېگىگە يېتەلمەيسەن. بۇ خۇددى بىز سەھنىگە ئويۇن قويۇشقا چىققان ئارتىستلارنىڭ كىلىشكەن قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئىسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلانساقمۇ، ئەمما، سەھىنە ئارقىسىدىكى نۇرغۇن سىر-ئەسرالاردىن، جاپا-مۇشەققەتلىرىدىن` بىخەۋەر قالغىنىمىزغا؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىسىل نۇمۇرلارنى تەييارلاش جەريانىدا ئاققۇزغان قان-تەرلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش.
ئاھ تۇرمۇش، مەن ئارزۇلىغان تۇرمۇش، گاھى ئاچچىق، گاھى تاتلىق تۇرمۇش!...گەرچە تۇرمۇشۇم مەن ئويلىغىنمىدىنمۇ ياخشى ھەم كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، نېمىشقىكىن بىلمەيمەن، مېنىڭ روھى دۇنيايىم يەنىلا خۇددى گىياھسىز چۆلدىكى چاك-چاك يېرىلغان توپراققا ئوخشايدۇ. ئۇ نېمىگىدۇر تەشنا، نېمىنىدۇر كۈتىدۇ. ئەمما، بۇنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.  ئۇ يەنىلا ئېچىرقىغان ھالەتتە،  گۇيا تاغ باغرىدىكى ئوق تەككەن كىيىكتەك جان تالىشىدۇ .مانا بۇ – مۇھەببەت !...

                                                مېھىر- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات

           بىر كىتابتىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە : « مۇھەببەت- ئادەمنى ئۇششاق سۆز قىلىۋېتىدۇ. كۆڭۈلدىكى سۆز قايتا-قايتا دىيىلگەندىلا، يەنە بىر قېتىم، يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغاندىلا مۇھەببەتلىك قەلىب ئارام تاپىدۇ. ناۋادا كۆڭۈلدىكى سۆزلەر ئاز بولۇپ قالسا خۇددى بىر نەرسە كەم قالغاندەك خاتىرجەم بولالمايدۇ...». ئويلاپ باقسام، ئەسلىدە بىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان، كۆيۈنىدىغان قەدىرلەيدىغان، ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرلا بىزگە قەلب سۆزلىرىنى قايتا-قايتا ئېيتىدۇ، تەكرار-تەكرار سۆز قىلىدۇ، ئەپسۇس، كۆپىنچە ھالدا بىز ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي، ياكى خاتا چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي كۆڭلىگە  ئازار بېرىمىز. ھەتتا سەمىمىيىتىگە قوپاللىق قىلىمىز، پىكىر-تەكلىپىگە قارشى مۇقامدا ئىش قىلىمىز، بىلىپ- بىلمەي سىلكىپ سالىمىز. ئەڭ ئەقەللىيسى، بىزنى توققۇز ئاي، ئون كۈن قورساق كۆتۈرۈپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان جاپاكەش ئانىمىز ھەر كۈنى بىز تۇلا ئاڭلاپ، يادا بولۇپ كەتكەن گەپلارنى ئېرىنمەي،  زېرىكمەي-تېرىكمەي بىر نەچچە قېتىم دەيدۇ، قۇلىقىمىزغا قويۇپ قايتا-قايتا جېكىلەيدۇ. « تاماقنى ۋاقتىدا يە»، « قېلىنراق كىيىنىۋال»، « يولدا ئاۋايلا»، «ئۆزۈڭنى ئاسرا»، «بىخەتەرلىككە دىققەت قىل»، «باشقىلار بىلەن ئۇرۇشما»، « چوڭلارنى ھۆرمەتلە، كىچىكلەرنى ئاسرا»، «ئۇنى ئۇنداق قىل، بۇنى مۇنداق قىل» دېگەندەك...، ھەممىسى بىز پەرزەنتلەر ھەر كۈنى ئاڭلايدىغان، تۇلا ئاڭلاپ زېرىكىپ كېتىدىغان گەپلەر. ئەمما، ئەقىل كۆزىمىزنى ئېچىپ  ئوبدان ئويلانغان چېغىمىزدا شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئاشۇ ھەر بىر جۈملە سۆزگە چۇڭقۇر كۆيۈنۈش ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يۇغۇرۇلغان، يەنى بىر ئىنساننىڭ يەنە  بىر ئىنسانغا بولغان سەمىمىيىتى، مېھرىبانلىقى يۇشۇرۇنغان ئەمەسمۇ؟!... ئەسلىدە ئىنسان ئىنسانغا ئاتا قىلىدىغان، مىننەت-تامادىن خالىي چىن سۆيگۈ ۋە مېھرىبانلىقنى ھېچ نەدىن ئىزدەپ تاپالمايدىكەنمىز. ئەمما « ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەندەك ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ھەقىقىي مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىكەنمىز، خالاس. ئەمەلىيەتتە،  ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدىكەن، مېھىر- مۇھەببەت ئىنسانغا ھەقىقىي قانات ئىكەن ئەمەسمۇ؟ تىلىكىم شۇ؛ ھەر بىرىمىزگە ئەقىل كۆزى،  خالىس مېھرىبانلىق ۋە بېھىساب ياخشىلىقلار يار بولغاي!...

                                      2015-يىل 17-فېۋرال، ئۇچتۇرپان
                                ئاپتۇر : ئۇچتۇرپان  ناھىيە « سەئىدىيە » كىتابخانىسىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 17:44  


باھا سۆز

بۇ نەسرلەر ئاۋات ناھىيە يەرلىك ژۇرنىلى-«دولان» 2015-4-سانىدا ئىلان قىلنغان.  ۋاقتى: 2016-1-31 09:34 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-31 18:08:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن ئاكا ، گۈزەل لىرىكىلارغا تولغان ئەسەرلىرڭىز  تېخىمۇ قاناتلانسۇن

باھا سۆز

رەھمەت ، مۇرادىل ئىنىم. سىزنىڭمۇ قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي !...  ۋاقتى: 2016-1-31 09:29 PM
ۋاقتى: 2016-1-31 19:01:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                مېھىر- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات

بۇ تېمىنى نەسرىي شەكىلدە يۇرۇتۇپ بەرگىنىڭىزمۇ ئۆزگىچە بوپتۇ،بۇغرا ئەپەندى شىېئردا ئەكىس ئەتتۇرگەنىدى.

ۋاقتى: 2016-1-31 19:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇلىرىڭىزنى ناھايىتى نەپىس ئىپادىلەپسىز.....

ۋاقتى: 2016-1-31 21:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىكى سۈزۈك، جىلۋىدار تۇيغۇلاردىن زوقلاندىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 21:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ياسىن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 19:01
مېھىر- مۇھەببەت ئىنسانغا قان ...

ھاجى مۇختار بۇغرا ئاكىمىزنىڭ بۇ مىسراسى ماڭا بەك يارايدۇ، شۇڭا، بۇ يازمامغا ماۋزۇ قىلغۇم كەلدى. ئاددى يازمامغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 21:28:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىل يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 19:34
تۇيغۇلىرىڭىزنى ناھايىتى نەپىس ئىپادىلەپسىز.....

رەھمەت، پاسىل ئاكا. ياشلىق تۇيغۇلىرىمىزنىڭ قىسمەن خاتىرىسى دەڭە. گۈزەل ، لېرىك تۇيغۇلار ھەممىمىزگە يار بولغاي. سىزمۇ يازمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرارسىز، بىللە بەھىر ئالايلى.!...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 21:46:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت.م.كۈيزار يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 21:25
نەسىردىكى سۈزۈك، جىلۋىدار تۇيغۇلاردىن زوقلاندىم.

رەھمەت، بۇ ئاددىي يازمىلىرىمنىڭ سىزگە ئازراق بولسىمۇ بەدىئىي زوق بېغىشلىغىنىدىن سۆيۈندۈم. سىزنىڭمۇ قەلىمىڭىز قۇۋۋەتلىك، ئىجادىيتڭىز بەرىكەتلىك بولغاي !...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 22:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                             بەخىت  تىلەش

           دەرتلىك قەلبىمدىن، مۇھەببەتلىك يۈرىكىم قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان لەرزان، مۇڭلۇق كۈيلەر رەڭمۇ-رەڭ گۈل-غۇنچىلارنى، گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايرىغان ناۋاكەش بۇلبۇللارنى ئۆزىگەمەھلىيا قىلىدۇ. قەلبىمگە سىغمايۋاتقان ھىجران زەردابى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ھەسرەت- پېغان ۋە ئاچچىق ئازابنىڭ قىيانلىق دەرياسىنى پەيدا قىلماقتا.
     ئەي گۈلۈم، مەن ئۈچۈن سەن گوياكى سۆيگۈ ئىلاھى. ۋېسالىڭغا چەكسىز ئىنتىزار بولغان دەقىقىلەردە، شېرىن ۋېسال لەززىتىنى خىيال قىلىپ مەسىتخۇشلانغان مېنۇتلاردا مېنى ئىللىق قۇچىقىڭدا ئەللەيلەپ، ھېجران چۆلىدە سەرسانە قىلدىڭ. مەن سېنى سۆيگەن، ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرگەن بولساممۇ ئۆز ۋىجدانىمغا مۇخالىپ ھالدا يول تۇتۇشنى، ۋىجدانىم ئالدىدا بويۇن قىسقپ قېلىشنى خالىمايىتتىم. سةن گويا نېشاندىن ئاداشقان سۆيگۈ پەرۋانىسى، مەن بولسام سېنى غايىۋى سۆيگەن مەشۇقسىز ئاشىق ئىدىم. مەن ئۈچۈن گويا ئاسماندىكى ئايدەك گۈزەل، سۈزۈك ۋەجەلىبكار، قول يةتكۈسىز يىراقتا بولۇپ تۇيۇلىدىغان سەن كەبىي پەرى سۈپەت، رەھىمسىز دىلبەر ئۈچۈن بەلكىم مېنىڭ ئاشىقلىغىم كۈلكىلىك بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلار ؟!...ئەمما، مەن سېنى مەڭگۈ سۆيۈش، مەڭگۈ قەدىرلەش بىلەن بىللە ئۆزۈمنىمۇ مەڭگۈ سۆيىمەن ۋە قەدىرلەيمەن. ئۆزۈمنىڭ قەدىر-قىممىتىمنى يۇقىتىپ قويۇشنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيمەن. چۈنكى، مەن دائىم «ئۆز-ئۆزىنى سۆيمىگەن ۋە قەدىرلىمىگەن ئادەم ھەرگىز باشقىلارنى قەدىرلەپ سۆيەلمەيدۇ» دەپ ئويلايمەن.
       مەن بەخىت ئىزدىمەكتىمەن، سەنمۇ شۇ يولدا ئاۋارىسەن. ئەمما، بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسەن. بەلكىم پېشانەڭگە بەخىتسىزلىك پۈتۈلگەندۇر؟... مەن بەخىت ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلىۋاتقان بەخىتسىز ئىنسان، بەخىت شارابىدىن قانغۇچە ئىچكۈم كېلىدۇ. ئەمما، دائىم كۆزلىرىمدە ياش!...بىلسەڭ، مەن ئۈچۈن ساڭا بەخىت تىلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت. «سەن مېنىڭ ياشلانغان كۆزلىرىمگە قارىما، لېكىن، مەغرۇر روھىمغا كۆز سالساڭ مەيلى ! ئەي دىلبىرىم، سەن مەڭگۈ  بەخىتلىك ياشىغىن!...»

           1999-يىل   ئاپرىل        ئۇچتۇرپان

بۇ نەسىر «ئاقسۇ ئەدەبياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق3-ساندا «سۆيگۈ قەترىلىرى» ماۋزۇسىدىكى بىر يۈرۈش نەسىرلەر قاتارىدا ئېلان قىلىنغان.

ۋاقتى: 2016-2-1 00:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرنى تەشكىل قىلغان جۈملىلەرنىڭ قىسقا، مېغىزلىق تۈزۈلۈشى نەسىرگە ھۆسىن بېغىشلايدۇ. خاسلىق ئىچىدە يەنىمۇ ئالغا، دوستۇم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 01:07:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                              بولبۇل قونغان گۈل

      ئەي ئاشىق، سەن كىتابلاردىن «بۇلبۇل ئۆزى خالىغان   گۈلنىڭ شېخىغا قونالايدۇ، ئەمما، گۈل خالىغان بۇلبۇلنى ئۆز شېخىغا قوندۇرۇشقا قادىر ئەمەس!» دةپ ئوقۇغان ئىدىڭ. سەن گەرچە ئۆزۈڭ خالىغان گۈلگە قونالمىغان بولساڭمۇ، ئەمما، ياشلىقىڭدا ئۇچراتقان شۇ گۈل ئۆزگىچە خۇش ھىدى ۋە جازىبىدارلىقى، نازاكەت-خۇلقى بىلەن سېنى مەست قىلغان ئىدى.
      شۇ گۈل- شۇ پەرى سۈپەت گۈزەل قىز ئوتلۇق يۈرىكىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا تويۇقسىزلا بۈسۈپ كىرىپ، پاك ۋة غوبارسىز سۆيگۈسى بىلەن مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىڭنىڭ ئاپئاق بېتىگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرىدىن ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىك ۋە سۇلماس ئەقىدە كۈيلىرىگە جۆر بولغان چىن مۇھەببىتى ئارقىلىق مەجنۇن كەبىي يۈرىكىڭنى تەسلىم قىلىپ، سېنى ئىلگىرى سەن مەھلىيا بولغان سۆيگۈ گۈلىنىڭ يۇمران، نازۇك شېخىغا قوندۇردى. سەن بىر بەخىتلىك ئاشىققا ئايلاندىڭ!... خەستە دىلىڭ شادىيانىلىققا تولۇپ، ئوتلۇق يۈرىكىڭ شۇ بىرلا گۈلنىڭ پۇرىقىغا خۇشتار بولدى. سەن گۈل ۋۇجۇدىدىن تېمىپ تۇرغان چىن مۇھەببەت، ۋاپا-ساداقەتنىڭ ئابىي كەۋسەرلىرى بىلەن قاغجىراق قەلىب ئېتىزىڭنى سوغۇرۇپ، بۇلبۇل كەبى بىر ئۆمۈر گۈلنى كۈيلەپ ئۆتۈشنى ئۆزۈڭگەئىختىيار قىلدىڭ. ۋاپا- ساداقەت كەۋسىرىدە يۇغۇرۇلغان ئۈزۈلمەس مۇھەببەت سېمفونىيىسىنىڭ يېڭى بىر كۈيى جاراڭلىماقتا ئىدى، مەڭگۈ كونىرىمايدىغان، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈئوقۇلىدىغان مۇھەببەت داستانىنىڭ يېڭى بىر بېتى ئېچىلغان ئىدى !...

                                    1999-يىل 21-ئاپرىل    .   ئۇچتۇرپان

                                «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 01:08  


ۋاقتى: 2016-2-1 09:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكنىڭ تارىنى چېكىدىغان نەسىرلىرىڭىز توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىدەك ھەرۋاقىت مەۋۇج ئۇرۇپ تۇرسۇن. تېخمۇ بەركەتلىك بولۇڭ

ۋاقتى: 2016-2-1 22:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توققۇز بۇلاقنىڭ زىلال سۇلىرىدەك سۈزۈك ، تاغ شامىلدەك لەرزان ، باھار ئاپتىپىدەك يېقىشلىق ،بىر پارچە شېئىردەك لىرىك تۇيغۇلىرىڭىز كىشىگە ئاجايىپ بەدىئي زوق بېغىشلايدۇ ...  ھارمىغايسىز ،قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغاي ...!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 15:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 15:40  

                                                            سۆيگۈدېڭىزى

ئەي نېگار، قەلبىڭ گوياكى تېنىمسىز كۈۋەجەپ، دولقۇنلاپ تۇرغان سۆيگۈ-مۇھەببەت دېڭىزى. مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز شۈركەندۈرىدىغان ھەم ماگېنت كەبىي ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان سىرلىق قايناملىرىغا چۆكۈپ كېتىشتىن قورقمايمەن. ئەمما، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دولقۇنلارنىڭ مۇھەببەتكە تەشنا يىگانە جىسمىمنى كۆز يەتكۈسىز يىراقلارغا ئېقىتىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىمەن. مېنىڭ پەقەت دېڭىز كەبىي چۇڭقۇر، قۇياشتەك ئىللىق، مۇھەببەتلىك يۈرىكىڭنىڭ چوڭقۇر قايناملىرىغا چۆكۈپ، قەلىب خانەڭنىڭ ئىللىق بېغىدا تەسۋىرلىگۈسىز بەخىت شېرىنلىكىدە مەست ، ئالەمچە ۋېسال لەززىتىدە بېھۇشلانغۇم بار !...

بۇ نەسىر«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 23:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 11:27 PM  

سۇئال


   ئةي دىلبىرىم، سةن نةدة ؟ سةن تامان كېتىپ قالغان سةرسان روھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاچچىق ھىجران، ھةسرةت-پېغاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قورۇلماقتا. تةنلىرىم ئىختىيارسىزقىسىلماقتا. مۇزلىغان يۈرىكىمدىن قان تامچىلىماقتا...!  نازۇك دىلىڭغا ئازار بةرگةنلىكىم، سېنى رةنجىتكةنلىكىم ئۈچۈن ئاداققى بىر رةت مېنى كةچۈر !...
دىلبىرىم،مېنى چىن دىلىڭدىن كةچۈرۈش بىلةن بىللة، ئۆزۈڭمۇ كةچۈرۈلۈشنى خالامسةنكىن؟...بۇماڭا نامةلۇم، ئةمما، كةچۈرگۈچى بۇلۇشنى ئةسلا ئويلاپ باقمىدىڭ.
شۇنى بىلگىنكى،كةچۈرۈلۈشنى ئىستىگةن، ئارزۇلىغان ئىنسان ئالدى بىلةن كةچۈرگۈچى بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ؟...



1998-يىل   ئاپرىل      ،        ئۇچتۇرپان


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش