مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر
مۇراسىم
1
مەن سىلەرگەداۋەملىق ياشىماقچى بولغانلىقىمنى دىمەكچى،
چۈنكى ئۆلگەن ئادەمقانداقمۇ ياشىيالىسۇن.
مەن شۇنداقياشايمەنكى، ھېچقانداق بىر جانلىق گۈزەل ۋە ئىپلاسلىققا تولغان بۇ دۇنيادا مەندەكشادىمان ۋە شەرمەندىلەرچە ياشىيالمايدۇ.
2
مەن سىلەردىن شۇنىئۆتۈنمەكچى،
بولدى، بىزكوللىكتىپ ئۆلۈۋالغان پاقىلارنى كەچۈرۋېتەيلى.
مەڭگۈ ئېسىمىزدىنكەتمەيدىغان بار بىر جاناننى ئۇنتۇپ كېتەيلى.
ھەممە ئۆز مەيلىچەبولسۇن..
ھەممىگە خوش دەيلى!
3
بۈگۈن مەن ئۆيدىنتالاغا چىقمايدىغان كۈن،
بۈگۈن مەن بىرئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان كۈن.
بۈگۈن مەنقورسقىمغا توق يەپ ھاياتتىن زارلانمايدىغان كۈن،
بۈگۈن مەن بارچەنەرسىلەردىن قۇتۇلۇپ چىقماقچى
ياكى
مەھكۇم بولماقچى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 16:35