«ئىزگۈ» مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
مېنىڭ ئاۋازىم
بارات تۆمۈر
يامغۇردىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم،
شامالدىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم.
گۈركىرىمەس ئەمما بۇراندەك،
ھاۋادىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم .
ئۇچالماس ئۇ ئايرۇپىلاندەك ،
يەرتېگىدە ماڭماس يىلاندەك ،
شىۋىرلىغان مىسكىن غازاڭدەك،
توغراقتىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم .
قارىساڭ ھېچ كۆزگە كۆرۈنمەس،
بوپقالارسەن ئىچمەستىنلا مەس،
بىر ئاڭلىساڭ يېتەر بولدى-بەس،
ساتاردىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم .
يوقتۇر دېمە ئەسلا ھېچقاچان،
تاڭلارغا ئۇ نۇرىنى چاچقان ،
گۈمبەزلەردە ئاشىقلار چالغان،
ساپايىدۇر مېنىڭ ئاۋازىم.
2016-يىلى 30- يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 22:44
|