دىلىمدا لىققىدە ھىجران
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
نىگار،ئۇسسۇزلۇقۇڭ ۋەسلى ئۈچۈن كۆز ياش ئېلىپ كەلدىم،
ئىزىڭغا ئەگىزى مۆككەن كۆيۈك بىر تاش ئېلىپ كەلدىم.
قادالغان ھەسرىتىڭ جانغا،ئېگەر قەددىمنى ۋەيرانغا،
سۈكۈتتىن يەتكۈدەك ھەم شۇندىمۇ بەرداش ئېلىپ كەلدىم.
پەلەكتىن تامچىلاپ تەستەك،توزۇپ گۈل سۇندىلەر تەشتەك،
نادامەت بەرگىدە تۈنلەپ زەئىپ چاقناش ئېلىپ كەلدىم.
كېچەمنىڭ يۇلتۇزى يالغان،ئىچىمدە جىلۋىسى يانغان،
ئاسايىش ئۆكسۈگەن جىمجىتلىقىمدىن باش ئېلىپ كەلدىم.
يوقۇڭدىن بىداۋا بۇ جان،دىلىمدا لىققىدە ھىجران،
ۋىسالسىزلىق ئارا قاينارىدىن چارچاش ئېلىپ كەلدىم.
2015–يىل،3–سېنتەبىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاينارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 12:23