يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 3

ھەسەنجان تىلىۋالدى: ناخشا تېكىستلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ناخشا تېكىستلىرى  


ھەسەنجان تىلىۋالدى


بىۋاپانىڭ يارى  بولغۇم يوق


بىر يار بىلەن يۈرسەم ناۋادا،
ياش تۆككەننىڭ زارى بولغۇم يوق،
سۆيگۈ ئىزدەپ ماڭغان يوللاردا،
بىۋاپانىڭ يارى بولغۇم يوق .

تاپسام دەيمەن ۋاپادار يارنى،
ۋۇجۇدىدا مۇھەببەت بارنى،
كۈتۈپ كەلدىم ئىللىق باھارنى،
بىۋاپانىڭ يارى بولغۇم يوق.

ئاسمانلاردا ئاي تولغان كېچە،
چىن سۆيگۈگە تەشنامەن شۇنچە،
باغلىرىمدا ئېچىلسۇن غۇنچە،
بىۋاپانىڭ يارى بولغۇم يوق .

ماڭا كۆيگەن يارىڭ مەن دىسۇن،
ئاشىق يۈرەك يايرىسۇن كۈلسۇن،
ۋاپاسىزلار قەدرىمنى بىلسۇن،
بىۋاپانىڭ يارى بولغۇم يوق .


گۇناھمۇ

يارىم ساڭا نەزەر سالسام گۇناھمۇ؟
گۈل ھۆسنىڭگە كۆيۈپ قالسام گۇناھمۇ؟
ئاشىقلىقنىڭ دەتلىرىگە چىدالماي ،
سېغىنغاندا ئەسكە ئالسام گۇناھمۇ؟

يۈرگىنىم راست ھېجرانىڭدا ئاھ ئۇرۇپ،
قالغىنىم راست سىنى دىلدىن ياختۇرۇپ،
ئىككى دۇنيا ساڭا كۆڭلۈم بار تۇرۇپ ،
ئۇچراشقاندا قىيا باقسام گۇناھمۇ ؟

مەجنۇن بولدۇم ۋىسالىڭغا يېتەلمەي،
چىن سۆيگۈمنى ساڭا ئېزھار ئېتەلمەي،
بۇ ياشلىقتا سىنىڭدىن ھېچ كېچەلمەي،
پىراقىڭدا ئوتتەك يانسام گۇناھمۇ؟

ساراڭ دىمە كۆرسەڭ ئەگەر ھالىمنى ،
چۈشەنمەيسەن تېخى ئاھۇ - زارىمنى،
چىن مۇھەببەت چەكسە يۈرەك تارىمنى ،
سىنىڭ ئۈچۈن كۈلپەت تارتسام گۇناھمۇ؟


مىنى سۆيگەنلەر

بۇلبۇللاردەك چىمەنزاردا گۈلگە شەيدامەن،
لېۋەن يارنىڭ ۋىسالىغا ھەرچاغ تەشنامەن،
گويا تۈندە ئېزىپ قالغان ئاشىق سەۋدامەن،
تاڭدا يۇلتۇز چولپان بولسۇن مىنى سۆيگەنلەر.

ئايلار ئۆتتى،كۈنلەر ئۆتتى ،كۈتتۈم بىر يارنى،
مەڭزى ئانار، تىلى شىكەر، كۆزى خۇمارنى،
ھەرئاخشىمى سېغىنارمەن كۆيگەن نىگارنى،
چۈشلىرىمدە ئايان بولسۇن مىنى سۆيگەنلەر.

ئايغا باقسام كۆرۈنمەيدۇ يارنىڭ سىياقى،
ئۆچتىمىكىن ھېچ بىلمىدىم يانغان چىراقى،
كۆيدۈرمەكتە بۇ يۈرەكنى سۆيگۈ پىراقى،
مەيلى كۆيەي گۈلخان بولسۇن مىنى سۆيگەنلەر.

ياخشىلارنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگۈم كەلمەيدۇ،
يامانلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرگۈم كەلمەيدۇ،
مەندىن قاچقان زىبانى يار دىگۈم كەلمەيدۇ،
پەقەت ماڭا جانان بولسۇن مىنى سۆيگەنلەر.


ئۇچۇرىڭنى بەر

تاڭ سەھەردە چىققان شامال سوغۇق شۇقەدەر،
غەمكىنلىكىم ئۆز-ئۆزۈمگە يېقىنلاپ كىلەر.
شۇنچە كۈتسەم يار سىنىڭدىن كەلمىدى خەۋەر،
سىنى بەكمۇ سېغىندىم يار ئۇچۇرىڭنى بەر.

باقمىدى يار قاراشلىرىڭ كۆزۈمدىن يۈتۈپ،
تەشنالىقىم كەتتى ئەجەپ جېنىمدىن ئۆتۈپ،
يۈرمەكتىمەن ئايغا بىقىپ يار سىنى كۈتۈپ،
بولدۇم ساڭا كۆپ ئىنتىزار ئۇچۇرىڭنى بەر.

سىراشقۇم بار سىنىڭ بىلەن ئاي تولغان كېچە،
سۆزلىرىم بار تۈگىمەيدۇ ئىيىتساممۇ قانچە،
يارىم مىنى ھېجرانىڭدا قىينىما بۇنچە،
قۇچاق ئاچسۇن ئىللىق باھار ئۇچۇرىڭنى بەر.

مەجنۇن كەبى ئاشىقلارنىڭ ئىزناسىمەن يار،
ساڭا ئوخشاش لەيلىلەرگە يۈرىكىم زاز-زاز،
يالقۇنجايدۇ ۋۇجۇدۇمدا چىن مۇھەببەت بار،
مەن يېنىڭدا بولاي دىلدار ئۇچۇرىڭنى بەر.


قالمىغىن

بىر سۆزۈم بار يار ساڭا مەندىن يىراق قاچمىغىن،
ماڭغان ھايات يولۇڭدا ياتقا چىراي ئاچمىغىن .
يالغان ئەمەس كۆيگىنىم،سىنى دىلدىن سۆيگىنىم،
مىنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئۆزگىلەرنى تاپمىغىن .

سىنى سۆيگەن بۇيۈرەك ھېجرانلاردا قالمىسۇن،
ماڭا كۆيسەڭ بىرئۆمۈر ئەقىدەڭدىن يانمىغىن .
ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ، دىلغا ئازار يەتسىمۇ،
سىنىڭ ئۈچۈن بۇلبۇلمەن سۆيگۈمىزدىن تانمىغىن .

ئۆكۈنۈش يوق ھېچقاچان سىنىڭ بىلەن ياشىسام،
سەندىن بەخت كۈتكەندە دىلغا ئەلەم سالمىغىن .
گۈل ئېچىلسۇن باغلاردا، سىنى سۆيگەن چاغلاردا،
ماڭا كۆڭۈل بىرەلمەي ئارمان بولۇپ قالمىغىن .


بولۇپ قالما

سۆيسەڭ ئەگەر دوست يارەننى،قىرىنداشنى،
خۇيى ئوسال نامەرتلەردىن بولۇپ قالما.
ياقتۇرمايدۇ ئاقكۆڭۈللەر باغرى تاشنى،
ئەلگە يۇققان ئاپەتلەردىن بولۇپ قالما.

گەپ-سۆزۈڭگە قىلچە يالغان قېتىلمىسۇن،
يامان ئىللەت ۋۇجۇدۇڭدا يېتىلمىسۇن،
باغلىرىدا ئاق تىكەنلەر ئېچىلمىسۇن ،
قۇرۇق سۆلەت قامەتلەردىن بولۇپ قالما.

قولۇڭنى بەر،مېھرىڭنى بەر سۆيگەنلەرگە،
بەخت تىلە،نۇسرەت تىلە كۆيگەنلەرگە،
سەنمۇ شۇچاغ ئېرىشەرسەن كۈتكەنلەرگە،
ساۋابى يوق ئامەتلەردىن بوليپ قالما.

ساڭا بەخت-سائادەتلەر داۋام ئەتسۇن،
شەيتانلىرىڭ كۆرۈنمىسۇن، يىراق كەتسۇن،
بارچە خەلقىم دۇئالىرى ساڭا يەتسۇن،
توختاپ قالغان سائەتلەردىن بولۇپ قالما.


بولسۇن

ئات چاپتۇرساڭ بۇ ھاياتتا سەپەرلەردە،
ھەرقەدەمدە ئۇچراتقىنىڭ ئىلىم بولسۇن.
تېگى پارلاق بىرمەنزىلنى نىشان قىلغىن.
سىنى تاغدەك كۆكلەتكۈدەك بىلىم بولسۇن.

قۇرۇق سۆزدىن غەيۋەتلەردىن يىراق تۇرغىن،
مەرىپەتنى سۆيگەنلەرنىڭ گۈلى بولغىن،
ئاجىزلارغا، يېتىملارغا قولۇڭ سۇنغىن ،
ساخاۋەتكە يۈزلەنگۈدەك دىلىڭ بولسۇن.

سەنمۇ يەتكىن يۈكسەكلىكنىڭ پايانىغا.
جان قۇشۇلسۇن نىمجانلارنىڭ نىمجانىغا،
دەرمان بولغىن دەتمەنلەرنىڭ پەريادىغا.
ھەقنى ئېيتىپ سۆزلەنگۈدەك تىلىڭ بولسۇن.

ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادىسەن ئۇنۇتما دوستۇم،
سىنىڭ بىلەن گۈللەپ ياشنار ئانا يۇرتۇم،
دىگىن مەغرۇر مەن ياراملىق ئوغلان بولدۇم،
باشقا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك ئېلىڭ بولسۇن .


      بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 13:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-31 21:56:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاقتەك ئوقچۇپ تۇرغان كۈيلىرىڭىزنىڭ، مۇھەببەتكە تەشنا قەلبنى قاندۇرشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-2-1 20:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئاھاڭ ئىشلىگۈدەك ئسىل يېزىلغان تېكىستلەردىن زوق ئالدىم.
تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ.

ۋاقتى: 2016-2-3 09:33:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىستلەر ياخشى يېزىلىپتۇ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش